يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1279|ئىنكاس: 12

پېشقەدەم يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ رومانى: «ئىسمايىل ھاجى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-6-7 07:28:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ‹‹ ئىسمايىل ھاجى›› رومانىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى ۋە بۇ روماننىڭ يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر سادىر ئاكىمىزنىڭ قەلىمىدە پۈتۈلگەنلىكى ھەقىقەتەن مۇبارەكلەشكە، سۆيۈنۈشكە تىگىشلىك ئەمگەك.
تارىخى تىما ۋە تارىخى شەخسلەر ھەققىدە بەدىئىي ئەدەبىياتتا قەلەم يورغىلاتماق ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇ، خالىغان چاخچاق ۋە يىنىكلىك بىلەن قىلىنغان تۇقۇلمىلارنى كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ مەنىدىن ئابدۇقاردىر سادىر ئاكىمىزنىڭ پىشقان قەلىمى، ئەستايىدىل مىجەزى، مول تارىخى بىلىمى، توپلىغان مىراس پۈتۈك ۋە ھېكايەتلىرى ئاپتورغا بۇ تىمىدا ئەسەر يېزىز ھوقۇقىنى بەرگەن.
      ئىلاھىم، ئۆمرى نۇرانە ئۆتكەن كىلاسسىكىمىز ئىسمايىل ھاجىمنىڭ روماندىكى تەسۋىرىمۇ شۇ نۇرانىلىققا يانداشقان بولۇپ چىققاي!

ۋاقتى: 2012-6-7 10:15:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روماننىڭ تىلى گۈزەل، يېقىملىق، راۋان، مىللىي پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرىدىكەن. ئىنتايىن قىزىقىش ئىلكىدە ئوقۇۋاتىمەن. نې - نې كاتتا رومانلارنى ئۇنىڭدا تۈزۈكرەك بىر پارچە شېئىرنىڭ، بىرەر - ئىككى كۇبلېت خەلق قوشاقلىرىنىڭ بولماسلىقىدىن مەيۈسلىنىپ ئوقۇغان ئىدىم. لېكىن «ئىسمائىل ھاجى»نىڭ ماڭا شىۋىرلىغان شېئىرلىرىدىن شۇ قەدەر مەمنۇن بولدۇم.
   ئاپتورنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت، تېنىگە سالامەتلىك، ھاياتىغا خەيرلىك كۈنلەر تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2012-6-7 12:24:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە تۈمەنمىڭ بارىكاللا!! مەن شائىر ئىسمائىل ھاجى تۇنجى ھۇلىنى سالغان، ئۇنىڭ مۇبارەك يۇرتى- گۇما ناھىيەسىنىڭ ئىسمىسالا دىيارىدىكى ئىسمىسالا مەكتىپىدە ساپساق 8 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.( 1972- يىلدىن 1980- يىلغىچە) شائىرنىڭ ھاياتى بىلەنمۇ شۇ چاغدا تونۇشقان. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئىككى قىزى ۋە نەۋىر- چەۋىرلىرىدىن خېلى كۆپ كىشىلەر بار ئىدى. خۇسۇسەن، شائىر ھۇزۇرىدا غوجدارلىق قىلغان ئەمەتخان ئىسىملىك بىر بوۋايمۇ بار ئىدى. شائىر ھاياتىغا دائىر نۇرغۇن ئەمەلى ھېكايەتلەرنى بىلىدىغان ئاۋاممۇ كۆپ ئىدى. مەن شۇ چاغلاردا تۇنجى ماتىرىيالنى تۇرغۇزغان. كېيىن ئۇنىڭ بالايى- قازادىن ئامان قالغان قوليازمىرىنىمۇ كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇنداق قىلىپ روماننى كاللامدا 10 يىل «يازدىم». ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلغۇدەك يېزىشقا قۇربىم يەتمەيدىغاندەك قىلاتتى. شۇنداق بولغاچ قەلەمگە تولىمۇ كېچىكىپ ئالدىم. رۇما تاكى قەلەمگە ئېلىنىشقا باشلىغانغا قەدەر ماتىرىيال يىغىپ تۇردۇم. ئىمكانقەدەر ھەقىيقى ھايات بويىچە چىقىرىشقا تېرىشتىم. ئەمما، مېنىڭ دېگىنىم شەخسىي ھېسىيات. رومان ھەققىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېگىنى ھېساپ!

ۋاقتى: 2012-6-7 12:36:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنىڭ ئەسەرگە بولغان ئەستايىدىل پۇزىتسىيسى ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ . ئۇستازنىڭ بارلىق ئىجادىيەتلىرىدە بىر خىل ئەستايىدىللىق پۇراپ تۇرىدۇ . بۈگۈن رومانىنىمۇ قولۇمغا ئىلىپ ئۇزاق سۈكۈتتە تۇرۇپ كەتتىم .قالدى گەپلەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن دېيىشەرمىز .ئامان بولۇڭ ئۇستاز .

ۋاقتى: 2012-6-7 12:47:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەلقىمىز ئىچىدە« ئىخلاسنىڭ قۇدرىتىنى چەكسىز » دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. ئىخلاس بىر مىللەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك بىر روھ . ئىخلاس ھاياتنى قەدىرلەپلا قالماستىن، كۆمۈلۈپ قالغان ئۇلۇغۋارلىقنى، يوقۇلۇپ كېتىش گىردابىغا برىپ قالغان مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ، قايتا نامايەن قىلالايدۇ، روناق تاپقۇزالايدۇ.
شائىر ئىسمايىل ھاجى مول ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق شائىر بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى ئۆزئارا باغلاپ تۇرىدىغان شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان مۇھىم شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى رېئالىزىملىق خاھىشقا گەۋدىلىك ھەسسە قوشقان. ھەربىر يازغۇچى شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىدە كىمگە مۇھەببەت باغلاپ كىمگە نەپرەت ياغدۇرغانلىقى، نېمىنى قوللاپ نېمىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.شائىر ئىسمايىل ھاجىنىڭ شائىرلىققا بولغان ئەقىدىسى كۈچلۈك ئىدى، ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا باشتىن ئاخىر ۋەتەن-خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببەت، ياخشى ئارزۇ تىلەكلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مىللىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئوتتۇرغا قويغان ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش دۈشمەننى ۋەتەن تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش شوئارىنى ھېمايە قىلدى،قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
ئىسمايىل ھاجى ـــ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىر بولۇپ 1867-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسى قوشتاغ يېزىسىغا قاراشلىق ئىسىم سىلاھ كەنتىدە دۆلەتمەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كىلاسسىك ئەدەبىيات دەۋرىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرىگە ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بىر شائىرنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ يېتىلىشى ئائىلىنىڭ مەدەنىيەت تەربىيىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇ ئىسكەندەر موللامنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، ئىزگۈ ئارزۇ-تىلەكلەر ، ياخشى قائىدە-يوسۇنلار بىلەن تەربىيەلەنگەن، مەنسەپنى ئىلم ۋە بىلىمدىن يۇقىرى بىلىدىغان ئاشۇ ئادالەتسىزلىك قاپلاپ كەتكەن جەمئىيەتتە، شائىر ئىسمايىل ھاجى بايلىق ۋە ئەمەلنى دوست تۇتماي،ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمرانلارغا خۇشامەت قىلىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەي،پاك دىيانەتلىك بۇلۇپ ،ساپ ۋىجدان بىلەن ياشىدى ،ئۈزلۈكسىزئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى،ئانا تىلدىن باشقا ئەرەپ،پارىس تىللىرىدىمۇ كۆپلەپ ئەسەرلەرنى يازدى.ۋەتەن ،خەلق تەقدىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى،جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەيرانچىلىقنىڭ ئۆزيۇرتىغا يىتىپ كىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدى.

يەتمەسۇن ئاسىب دەۋانىدىن ۋۇجۇدۇڭغە نەزەر،
تەندۇرۇستۇ ئافىيەت بول ئىي ئەلەمداز گۇمە .

شائىر گۇمىدىن ئىبارەت بۇ ساپسېرىق قۇم دېڭىزى ئىچىدىكى كىچىككىنە بوستانلىقتا تۇرۇپ ،كەڭ دۇنياغا،ۋەتەنگە نەزەر ئاغدۇرىدۇ،ئۆتكۈر زېھنى كۆزى بىلەن ۋەتىنىمىز زېمىنىدايۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى كۆرىدۇ ،«18-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن مەملىكىتىمىزگە ياپۇن جاھانگىرلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ،پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەزەپ پىلتىسىگە ئوت ياقتى .ئۇلارنىڭ زورلۇق –زومبۇلۇقلىرى ،كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئازاپ –ئوقۇبەتلىرى شائىرنىڭ ئىلھامىنى قوزغىدى .ئۇنىڭ تۈۋەندىكى شېئىرىدىن بۇنى كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇ :
ياپون قانخور خىيالىدۇر جان يوق ئەتمەك
شەھەر-سەھرا،ئۆلكىمىزنى نابۇت ئەتمەك
غارەت تاراج بۇلاڭچىلىق رەسمىن تۈزمەك
بىز ياپوننى بەربات ئەتمەك خىيالىمىز ،

شائىر قايسى دەۋردە ،قايسى جايدا ياشىغان بولسا،ئۇنىڭ ئوي-خىيالى غەم-قايغۇسى،پىكىر-ھېسىياتى شۇدەۋر،شۇ جاينىڭ قىسمەتلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلىدۇ،ئادىمىچىلىكى پىشىپ يېتىلگەن شائىر ۋەتىنى .خەلقى ئازاپ چەكسە ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ.يىغلىسا يىغلايدۇ،كۈلسە كۈلىدۇ.خەلىقنىڭ ئازابى ،شائىرنىڭ ئازابىدۇر. ئىسمايىل ھاجى گەرچە باياشاتچىلىق تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن شائىرنىڭ ئىزچىل ھالدا تۆۋەن قاتلامدىكى نامرات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان كەڭ خەلق ئاممسى تەرەپتە تۇرغانلىقىنى كۆرىۋىلالايمىز. ئۇ خەلقنىڭ ئاھ-زارى، دەرد-ھەسرەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ،دەردىگە دەرمان بولغان.
شائىر گەۋدىلىك ئىپادىلىگەن يەنە بىر مۇھىم تېما ئىلىم مەرىپەت تېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ سىنىپىي ۋە مىللىي زۇلۇم ئاسارىتىدە قالغان، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان خەلقنى ئويغىتىش، ئىلىم بىلەن قوراللىنىپ ئۆزتەقدىرىنى،پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئۆزەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت دېموكراتىك ئىدىيىنى ئۆزشېئىرلىرىدا مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويغان .
بىلىمسىز، جاھىل ئولساڭ توڭغۇزۇ خەرسۇ بەھايىمدەك،
بۇ دۇنيا چاھىدا يىلان – چايانغە مىزبان ئۇلغىل.
سۆزۈمنىڭ خەتمى دانا، ئاقىل بولماققە ئېرۇر ھۇججەت،
ئوقۇپ فەننى زەرافەت بەخت ئىلە دەۋلەت نىشان ئۇلغىل.

بۇ مىسرالاردا ئوقۇش ئىنساننى ياخشى پەزىلەت، خۇش سائادەتكە يىتەكلەيدىغان ئۇلۇغ، خاسىيەتلىك ئىش، ئوقۇش ئارقىلىق تەرەققىياتقا، بەخت-سائادەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. نادانلىق كىشىنى بەئەينى توڭگۇزغا ئوخشىتىپ قويىدۇ ......دەيدىغان مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىددىيىسى ئىپادىلەنگەن .
ئىسمايىل ھاجى شېئىرلىرىدا بىرسۆزنى رادىف قىلىپ تاللىۋېلىپ شېئىر مەزمۇنىنى ئىپادىلەش، ئۆز تۇيغۇ-ھىسىياتى، كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ئۇنىڭ بىر مەسنەۋىسىدە « كەلدىم » دېگەن سۆزنى رادىف قىلىپ تاللىۋېلىپ گەپنى ئۆزمەھبۇسىغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىش بىلەن باشلايدۇ. ئىنسان ۋۇجۇدىنى نۇرلاندۇرىدىغان يېقىملىق، سېخىي ساخاۋەتلىك ، مىھرىبانلىق ، ۋاپا-شەپقەت، ئۈمۈدۋارلىق، چىدام-جاسارەت، قەيسەرلىك، جۈرئەت قاتارلىق پەزىلەتلەر چىن دىل بىلەن مەدھىيلىنىلىدۇ، ئادەملەرنى ياخشىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ .
ئىسمايىل ھاجى ئەسەرلىرىدە ئەينى دەۋردىكى ئىجادىي پىكىر، ھېسىيات، فېئوداللىق دۇنياقاراشنىڭ چەكلىمىسىدىن خالىي بولالمىغان. بۇ تەرەپلەرگە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشقا ، توغرا ئىلمىي نۇقتىئىينەزەردە چۈشۈنىشكە ۋە شەرھىلەشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن:

ئەمىن بولماساڭ خەلق بولماس ئامان ،
ئامانلىق ئەمىن ئۈستىگە قويدى جان ،
ئامان قىل خۇديا مىنى ۋە ئانى ،
بەھەققى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام،
شىنجاڭ ئامان بولغاندا بولۇر فۇقرا باي
ھەركىمگە ئەمىن ئولماس ۋاي ئۈستىگە ۋاي

بۇ شېئىردا گەرچە دىنىي كۆز قاراش ئارلشقان بولسىمۇ لېكىن بۇ شېئىردا شىنجاڭدا ياخشى ۋەزىيەت بەرپاقىلىش خاتىرجەملىك، مەمۇرچىلىقنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ، خاتىرجەملىك، ئەمىنلىك، ئىجىل- ئىناق تۇرمۇش ئالەم گۈزەللىكىنىڭ ئاساسىدۇر دېگەن كۆزقاراشنى شەرھىيلىگەن، شائىرنىڭ قەلبىدە مانا مۇشۇنداق ئالىي تىلەكلەر يالقۇنجاپ تۇرغان، تەبىئەت قانۇنىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆلمەيدىغان ھېچنەرسەيوق كەلمەكنىڭ كەتمىكى باردۇر . يارىتىلىش تەبەئەتتىن بولسا يارىلىشىمىز ئۆزىمىزدىندۇر ،تۇرمۇش سىناقلار بىلەن تولغان، بەزىلەرىڭ كۈلكىسى بەزىلەرنىڭ قان يېشىغا ئارلاشقان، بەزىلەرنىڭ ھاياتى راھەت-پاراغەتتە ئۆتسە بەزىلەرنىڭ تۇرمۇشى جاپا-مۇشەققەت يوقسىزلىقتا ئۆتىدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ ھاياتى ۋەتەب خەلق ئۈچۈن ئۆزمىللىتى،يۇرتى ئۈچۈن تەر تۆكۈش ئەجىر-مىھنەت قىلىش بىلەن، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا بايلىق يارىتىش بىلەن ئوتىدۇ، بۇكىشىلەر ئۆلۈپ كەتسىمۇ نامى مەڭگۈ تىرىكتۇر. ئىسمايىل ھاجى باياشات مۇھىتتا ياشىغان بولسىمۇ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خارابلىشىپ كىسەلجان بولۇپ قالىدۇ ھەتتا ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۆيدە يەيدىغان ئوزىقىمۇ تۈگەپ ئاشلىق سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئاينىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ ئونبەشى يۇرۇق ، سەندە تۇرمايدۇ بۇ بايلىق،مەندەتۇرمايدۇ گادايلىق. ئۇ بىردىنلا مۇشۇنداق خارابلىشىشىقا يۈزلەنگەن ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر بەدىئىي تەپەككۇرى قالتىس ماھارەت- ئىقتىدارى، زور شىجائىتى بىلەن تىرىشىپ- تىرمىشىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجادقىلىپ كىيىنكى ئەۋلادلارغا قىممەتلىق مەنىۋىي بايلىق قالدۇرۇپ 1950-يىلى كۈز پەسلىدە ئانا يۇرتىدا ئالەمدە ئۆتتى .
ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى باشقا نامايەندىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىلىم – پەن، ۋەتەنپەرۋۋەرلىك، خەلىقچىللىق روھىي بىلە ئۆچمەس يۇلتۇز بولۇپ كىشىلەرقەلبىدە نۇر چاچقۇسى .





پايدىلانغان ماتېرىياللار
⑴ كېرەمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىستىتى نەشىرىياتى 2008-يىللىق 3-ئاي 1-نەشىرى
⑵ نۇرمۇھەممەت زامان تۈزگەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى
⑶ بۇلاق ژۇرنىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى




ۋاقتى: 2012-6-7 12:48:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئابدۇقادىر ئاكا. سىلىگە ساقلىق يار بولغاي.

ۋاقتى: 2012-6-7 18:29:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر سادىر ئاكىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ، بىزگە تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2012-6-7 21:03:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر سادىر ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-6-8 18:46:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇقادىر سادىر ئاكامنىڭ يېڭى رومانىغا مۇبارەك بولسۇن. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە ئابدۇقادىركامنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن...

ۋاقتى: 2013-3-29 19:18:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «ئىسمائىل ھاجى» يالغۇز بىر ئادەمنىڭ ھايات پائالىيتى بولۇپلا قالماي گومىنى، قاغىلىقنى مەركەز قىلغان قېرىنداشلىرىمزنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى تۇرمۇشى ئاجايىپ نەپىس تىل، تەسۋىرلەر بىلەن يېزىلغان ياخشى رومان ئىكەن. بولۇپمۇ تەجەللىنىڭ تارتقان رىيازەتلىرى، ئىسمائىل ھاجىنىڭ ئايىماي ياردەم قىلىشى ئەينى يىللاردىكى قەلەمكەشلەرنىڭ چىن دوستلىقى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ... ئەگەر گومىغا بېرىپ قالسام ئىسمىسلاغا چوقۇم بارىمەن.

ۋاقتى: 2013-3-29 19:35:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ روماننىڭ تەرىپىنى بەك ئاڭلىدىم ،لېكىن زە سېتىۋېلىپ بىر ئوقۇشقا پۇرسەت چىقمايۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2013-3-30 09:38:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ روماننى شۇنداق تېتىملىق، ئىسىل رومان دەپ قارايمەن. ئابدۇقادىركام بىلەن ‹‹ئىسمايىل ھاجى›› رومانى توغرىسىدىكى سۆھبەت يېڭى قاشتېشىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدا ھوزۇرۇڭلاردا بولدى. ئابدۇقادىركامنىڭ ئەجرىگە مىڭلاپ تەشەككۈر، بۇ بالا يازغۇچىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي.

ۋاقتى: 2013-4-17 12:26:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتۇقلۇق چىققان ئىسىسل رومان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش