كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 2

ئەزىز ئەيسا: ئەڭ گۈزەل مېھىر-شەپقەت مېلودىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-10 07:09:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەڭ گۈزەل مېھىر-شەپقەت مېلودىيەسى
(راست ئىشلار خاتىرىسى)
ئەزىز ئەيسا

ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز-ئارا مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بۇ ھاياتلىق ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ بەكمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بىراق ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز-ئارا مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن باشقىلارغا خۇشاللىق، يېڭى ھاياتلىق، بەختىيارلىق ئاتا قىلىش ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىدىن ئاسانلىقچە كېلىۋەرمەيدۇ .
2015-يىل 5-نويابىر ئاقسۇ شەھىرىدە ھاۋا بىردىنلا سوۋۇپ كەتكەن بولۇپ كېچە سوغۇقى كىشىنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرەتتى. كۈندۈزى ئارقا-ئارقىدىن دەرس ئۆتۈش، دەرس تەييارلاش، ئۆزى يېتەكچى بولغان سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ھەلەكچىلىكىدە خېلىلا چارچىغان ئاقسۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئېلىجان يۈسۈپ، ھېرىپ چارچىغىنىغا قارىماي يەنە مەكتەپ دىجورنىخانىسىدا كەچلىك دىجورنىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. شىنجاڭ ۋاقتى سائەت ئون ئەتراپىدا ئېلىجان يۈسۈپنىڭ يانفونى بىردىنلا سايرىدى. ئۇنىڭ يانفۇنىدا ئۆز ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر مۇختەرنىڭ يىغلامسىرىغان تەلەپپۇزدىكى ئۆتۈنۈش ئاۋازى ئاڭلاندى:«مۇئەللىم ئانام بولالمايۋاتىدۇ ...ئانام ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ...ئانامنى قۇتۇلدۇرۇپ قالسىڭىز!» ئېلىجان يۈسۈپ سەگەكلىك بىلەن ئەھۋالنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ۋە جىددىيلىكىنى شۇئان ھېس قىلدى-دە دىجۇرنىلىك ۋەزىپىسىنى باشقا خىزمەتداشلىرىغا تاپشۇرۇپ دەرھال ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر مۇختەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى.
ئەكبەر مۇختەر ئۆز ئانىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قان يۇقۇش كېسىلى بىلەن ئۆلۈم گىردابىدا ھۇشىسىز ياتقان مۇشۇنداق ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ جىددىي پەيتتە باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا، قوشنا قۇلۇملىرىغا ياكى خالىغان ھۆكۈمەت مەخسۇس تەسىس قىلغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئانىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بۇلاتتى. ئەمما ئەكبەر مۇختەر پەقەت مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئۆز ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئېلىجان يۈسۈپكىلا تېلېفون قىلدى. چۈنكى ئوقۇتقۇچىسى ئېلىجان يۈسۈپلا ھەرقانداق بىر ئامال –چارە قىلىپ ئۆز ئانىسىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى.
ئەكبەر مۇختەرنىڭ ئەنە شۇنداق ئۆز ئوقۇتقۇچىسىغا بولغان تاغدەك ئىشەنچىسىدىن يولداش ئېلىجان يۈسۈپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان، ۋەتەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان بالىلارنى چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقى بولسا ئىككىلەنمەي ھەل قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشتىنمۇ يانمايدىغان ئېسىل كەسپى ئىستىلى، قىممەتلىك ئەخلاق پەزىلىتى ئۆزلۈكىدىن نامايان بولۇپ تۇراتتى، ھەم قايسى بىر پەيلاسوپنىڭ.«ئۆز پەرزەنتىنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما پەقەت ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلا باشقىلارنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى كۆرەلەيدۇ. شۇڭا ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەردۇر.»دېگەن يەكۈنىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
ئېلىجان يۈسۈپ تېزلىك بىلەن ئوقۇغۇچىسى ئەكبەر مۇختەرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ باردى. ئەكبەر مۇختەرنىڭ ئانىسى ئامىنىخان، كۆپىيىش ئەزاسى قان تۇمۇر يېرىلىش كېسىلى بىلەن نەچچە كۈندىن بۇيان ئىزچىل كۆپلەپ قان يوقۇتۇپ مۇشۇ دەمدە كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ يۈزلىرى ساماندەك سارغىيىپ تامامەن بىھوش ھالدا ياتاتتى.
ئېلىجان يۈسۈپ ئەكبەر مۇختەر، ۋە ئامىنىخاننىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇۋاتقان ئاياللارغا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى-دەپ مۇراجىئەت قىلدى. ۋە ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن شۇلارنى بىلدىكى-ئەكبەر مۇختەرنىڭ ئانىسى ئامىنىخاننىڭ بۇ كېسىلىنى نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋالاتقان بولسىمۇ زادىلا ياخشى بولالمىغاننى ئاز دەپ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۇ كېسىلىنى ئىز چىل داۋالىتىش جەريانىدا بۇ ئۆيدىكى تاپقان-تەرگەن پۇل-پىچەكلەر تۈگەپ، تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ئورنىدىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ كۈن ئېلىۋاتقان ئەكبەر مۇختەر بىلەن ئامىنەخاندا يەنە دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل داۋالاتقۇدەك پۇل قالمىغان ئىدى.
ئېلىجان يۈسۈپ ئازاب بىلەن ئويلاندى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر ئادەم كېسەل سەۋەبلىك ئۆلۈم گىردابىدا جان تالاشماقتا، نامراتلىق ئەتكۈچىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئېلىجان يۈسۈپكە شۇ ئايانكى يەنە ئويلىنىپ ھەر خىل باھانە سەۋەب ئىزدەپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشكە، شۇنداقلا پۇل يوق بۇلۇش سەۋەبلىك ئامىنىخاننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا بولمايتتقى، ئەڭ مۇھىمى دادىسىدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ قالغان ئەمدىلا 15ياشقا كىرگەن ئەكبەر مۇختەرئەمدىلىكتە  ھاياتىدىكى بىردىن بىر جان كۆيەرى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالسا زادىلا بولمايتتى.
ئېلىجان يۈسۈپ ئەكبەر مۇختەردىن سۈرۈشتۈرۈپ ئامىنىخاننىڭ ئىككى نەپەر قېرىندىشىغا تېلېفون قىلىپ ئۇلاردىن ئامىنىخاننىڭ كېسىلى تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپارمىسا بولمايدىغانلىقى، شۇڭا داۋالىنىش ئۈچۈن جىددىي ھالدا ئازراق بولسىمۇ پۇل قەرز بېرىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندى. ئەپسۇس ئۇلار تولىمۇ پەرۋاسىز سوغۇق ھالدا بۇ ئەھۋاللارنى بىلىدىغانلىقى،ئامىنەخانغا بىرتىيىنمۇ ياردەم قىلغۇدەك پۇلىنىڭ يوقلىقىدىن ئىبارەت ئوخشاش بىر جاۋابنى بەردى. ئېلىجان يۈسۈپ دۇنيادا مۇشۇنداق كۆيۈمسىز، رەھىمسىز قېرىنداشلارنىڭمۇ بارلىقىغا ھەيران بولدى، ئېچىنىپ ئەپسۇسلاندى ... ئاخىرى ئېلىجان يۈسۈپ ئەھۋالنى ئېيتىپ ياردەم سوراپ خىزمەتداشلىرىغا تېلېفون قىلدى ...بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشى گۈلنىساخانىم ھېچ ئىككىلەنمەي شۇ تۈن قاراڭغۇسىدا يېتەرلىك پۇل ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىجان يۈسۈپ يانچۇقىدا بار پۇلنى قوشۇپ جەملەپ جىددىي ھالدا «120» قۇتقۇزۇش تېلېفونىنى چاقىرىپ قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلدى. ئۇزۇنغا قالمايلا ئامىنىخان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىپ دەرھاللا ياتاققا ئېلىنىپ ئارقا ئارقىدىن قان تولۇقلاندى ۋە باشقا زۆرۈر داۋالاش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى. شۇكېچىسى تاڭ سەھەردە ئامىنىخان ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئىزچىل قان يوقىتىشتەك خەتەرلىك باسقۇچ ئاخىرلىشىپ بەش سائەتتىن كىيىن ھوشىغا كېلىپ ئىللىق بۇ ھاياتلىققا قايتىدىن كۈز ئاچتى...مەسئۇل دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشتىن كىيىنكى خۇلاسىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئەگەر ئامىنىخان يەنە 10مىنۇت كېچىكىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلنگەن بولسا ئېغىر قانسىراشتىن شۈك بولۇپ ئاللىقاچان ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇلاتتىكەن...بۇ خەۋەر 6-نۇيابىر ئېلىجان يۇسۇپ ئىشلەيدىغان شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچىلارغا ئاڭلانغاندا ئېلىجان يۈسۈپنىڭ پىداكارلىقى، ئالىجاناپلىقىدىن تەسىرلەنگەن ئۇقۇتقۇچىلار ئامىنىخانغا چۇڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ يەنە بەسبەستە ئۆزلىكىدىن ئىئانە يىغىشىپ ،ئامىنىخاننىڭ كىيىنكى داۋالىنىشى ئۈچۈن 4200يۈئەن پۇل يەتكۈزۈپ بىرىشتى.
بۇ دۇنيادا مېھىر شەپقەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ ...مەسىلەن ئاتا ئانالارغا، قېرىنداشلارغا،يىتىم يېسىر، ئاجىز مېيىپلارغا مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش، خەيرلىك جامائەت مەنپەئەتىگە كۈچ چىقىرىش...مېنىڭچە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۈزەل مېھىر شەپقەت ئەڭ خەتەرلىك ئەڭ جىددىي پەيتتە تونۇشمىغان كىشىلەرگە يەتكۈزگەن، ھېچنېمىنى تاما قىلمىغان بەدەلسىز مېھىر شەپقەت بولسا كېرەك. ئېلىجان يۈسۈپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ياشلىق ھايات كارتىنىسىدا، يېڭى دەۋىر ياشلىرىغا خاس  ئالىجاناپ ئەخلاقى پەزىلىتى، بارلىقىنى باشقىلارنىڭ بەخت سائادىتى خۇشاللىقى ئۈچۈن ئاتايدىغان كومۇنىستىك خىسلىتى،مائارىپنى بالىلارنى قىزغىن سۈيىدىغان قىممەتلىك  كەسپى ئىستىلى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق گۆر ئاغزىغا بېرىپ قالغان ئامىنە خاننى قۇتقۇزۇپ ئامىنىخانغا يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلىپ ئۆز مەكتىۋىدە ئەنە شۇنداق ئەڭ گۈزەل مېھىر-شەپقەت مېلودىيەسىنى ياڭراتتى .


ئېلىجان يۈسۈپ مېھىر شەپقىنى يەتكۈزمەكتە






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-10 17:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-10 15:33:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز . دۇنيا مېھرى - مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ، دېگەننى ئۈشبۇ يازمىڭىز بىلەن يەنە بىر قېتىم يۇرۇتقانلىقىڭىزغا تەشەككۈر !يازمىلىرىڭىز ئۆكسۈپ قالمىغاي . تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئىجادىي ئەمگىكىڭىزگە بەركەت مەڭگۈ يار بولغاي!

ۋاقتى: 2015-11-10 15:39:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىي ئەمگىكىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت تىلەيمەن. ئېلىجان يۈسۈپنىڭ گۈزەل ياشلىق ھايات كارتىنىسىدا، يېڭى دەۋىر ياشلىرىغا خاس  ئالىجاناپ ئەخلاقى پەزىلىتى، بارلىقىنى باشقىلارنىڭ بەخت سائادىتى خۇشاللىقى ئۈچۈن ئاتايدىغان كومۇنىستىك خىسلىتى،مائارىپنى بالىلارنى قىزغىن سۈيىدىغان قىممەتلىك  كەسپى ئىستىلىغا تەشەككۈر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش