كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 4

ئەلتۇغ: «قۇتادغۇبىلگ»تىن ئۈنچىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈسۈپ خاس ھاجىپ


«قۇتادغۇبىلىگ»تىن ئۈنچىلەر


(نەسرىي يەشمىسى)



كىتابنىڭ نامى، مەنىسى ۋە ئاپتورنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

350. كىتابنىڭ نامىنى «قۇتادغۇبىلىك» قويدۇم،
ئوقۇغانلارنى بەختلىك قىلسۇن ۋە يول كۆرسەتسۇن.

351. مەن سۆزۈمنى سۆزلىدىم ۋە بۇ بۇ كىتابنى يازدىم،
بۇ ئىككى دۇنيانى تۇتۇشقا سۇنۇلغان قول بولسۇن.

352. كىشى ھەر ئىككى دۇنيانى بەختلىك ھالدا قولىدا چىڭ تۇتالىسا، بەختلىك بولىدۇ. بۇ سۆزۈم ھەق، راستتۇر.

353. كۈنتۇغدى ئەلىگنى سۆز بېشى دېدىم،
ئەڭ ياخشى كىشى، ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلاي.

354.        ئۇنىڭدىن كېيىن ئايتولدىنى سۆزلىدىم،
ئۇنىڭدىن مۇقەددەس بەخت كۈنى يورۇيدۇ.

355.        بۇ كۈنتۇغدى دېگىنىم قانۇن، ئادالەتتۇر،
ئايتولدى دېگىنىم بەخت – سائادەتتۇر.

356.        ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۈگدۈلمىشنى سۆزلىدىم،
ئۇ ئەقىل –ئىدراكنىڭ نامى بولۇپ، كىشىلەرنى يۈكسەلدۈرىدۇ.

357.        بۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئۇدغۇرمىشتۇر،
ئۇنى ئۆزۈم ئاقىۋەت دەپ تەرپلىدىم.

358.        سۆزۈمنى شۇ تۆت نەرسە ئۈستىدە سۆزلىدىم،
ئوقۇساڭ ھەممىسى ئېچىلىدۇ، كۆزۈڭنى ئۆتكۈر قىل.

359. خۇشال – خۇرام ھايات كەچۈرگەن، ئەي ياخشى يىگىت،
سۆزۈمنى زايە قىلماي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا.

359.        تىرىشقىن، ئادالەت يولىدىن ئاداشما،
يىگىتلىكىڭنى زايە قىلما، ئۇنىڭ پايدىسىنى ئال.

360.        يىگىتلىكىڭنى قەدىرلە، ئۇ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ،
قانچىلىك مەھكەم تۇتساڭمۇ، تىرىكلىك سەندىن قاچىدۇ.

361.        سېنىڭدە يىگىتلىك كۈچ – قۇۋۋىتى بار ئىكەن،
ئۇنى زايە قىلما، داۋاملىق تائەت، ئىبادەت قىل.

362.        يىگىتلىكىمخى قايغۇرىمەن، ئۆكۈنىمەن،
ئەمما ئككۈنۈشۈمنىڭ پايدىسى يوق، سۆزۈمنى توختىتىمەن.

364. كىمنىڭ ئۆمرىدە يېشى قىرىققا يەتسە،
يىگىتلىك ئۇ ئەر بىلەن خوشلىشىدۇ.

363.        ماڭا ئەللىك يېشىم قولىنى تەگكۈزدى،
قوزغۇن تۈسىدەك قارا بېشىمنى ئاق قۇدەك قىلدى.

371. قەددىم ئوقتەك تۈز، قەلبىم يادەك ئەگرى ئىدى،
قەلبىمنى ئوقتەك قىلغۇچە، قەددىم يادەك ئىگىلدى.


ئىنسان بالىسىنىڭ قەدىرى بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

148.خۇدا ئىنساننى خىللاپ، تاللىدى ۋە ياراتتى، ئۇنىڭغا پەزىلەت، بىلىم، ئەقىل ۋە پاراسەت بەردى.

149. ئۇنىڭغا قەلب ئاتا قىلدى ھام تىلىنى راۋان قىلدى، ھايا ھەم گۈزەل خۇلق ۋە قىلىق بەردى.

150.بىلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىنسان بۈگۈنكى بۈيۈكلۈككە ئېرىشتى، پاراسەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۈگۈنلەر يېشىلدى.

151. خۇدا كىمگە ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىم بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ قولىدىن كۆپ ياخشىلىقلار كەلدى.

152. بىلىمنى بۈيۈك، ئىدراكنى ئۇلۇغ دەپ بىل، بۇ ئىككىسى خىللانغان قۇل (بەندە)نىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

153. بۇ سۆزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مۇنۇ سۆز كەلدى، بۇ سۆزنى ئاڭلىغىن – دە، سۆزۈڭنى شۇ يەردە توختات.

154. قەيەردە ئىدراك بولسا، ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىدۇ، بىلىم كىمدە بولسا، ئۇ بۈيۈكلۈككە ئىگە بولىدۇ.

155. پاراسەتلىك ئۇقالايدۇ، بىلىملىك بىلەلەيدۇ، بىلىملىك، پاراسەتلىكلەر تىلىكىگە يېتىدۇ.

156. بىلىمنىڭ مەنىسىنى بىل، بىلىم نېمە دەيدۇ:
بىلىم بىلگەن ئەردىن ھامان كېسەل يىراقلىشىدۇ.

157. بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بارچىسى كېسەلچان كېلىدۇ، كېسەلنى داۋالىمىسا كىشى تېزلا ئكلۈپ كېتىدۇ.

158. يۈر، ئەي بىلىمسىز، كېسىلىڭنى داۋالا،
ئەي ئالىم، بىلىمسىزلىكنىڭ داۋاسىنى سەن ئېيتىپ بەر.

159. پاراسەت بىر چۇلۋۇردۇر، ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشى تۈمەنلىگەن ئارزۇسى بولسىمۇ، تىلىگىنىگە يېتەلەيدۇ.

160. قارا، پاراسەتنىڭ كىشىگە پايدىسى كۆپ، بىلىم بىلگەندىن كېيىن كىشى ئەزىز بولىدۇ.

161. ھەر قانداق ئىشنى پاراسەت بىلەن ئىشلە،
ئېرىشكەن ۋاقىتلىرىڭنى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملە.


تىلنىڭ پەزىلىتى ۋە قۇسۇرى، پايدىسى ۋە زىيىنى توغرىسىدا

162. تىل بىلىم، ئەقىل – پاراسەتكە تىلماچتۇر، بۇ راۋان تىلنى كىشىنى يورۇتقۇچى دەپ بىل.

163. تىل كىشىنىڭ قەدىرىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كىشى بەختكە ئېرىشىدۇ.

تىلى كىشىنى خورلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئەرنىڭ بېشى كېتىدۇ.

164. تىل گويا ئىشىكتە ياتقان ئارسلاندۇر،
ئەي، ئۆي ئىگىسى، ئېھتىيات قىل، بېشىڭنى يەيدۇ.

165. تىل ئازابىدىن قىينالغان كىشى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا،
بۇ سۆزگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىل:

166. تىل ماڭا قانچىلىك كۆپ جاپا چەكتۈردى،
بېشىمنى كەسمىسۇن ئۈچۈن، تىلىمنى كېسەي.

167. سۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل، بېشىڭ كەتمىسۇن،
تىلىڭنى كۆزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن.

168. بىر ئالىم تىل ھەققىدە پۇختا بىلىم بەرگەنىدى:
ئەي تىل ئىگىسى، بېشىڭنى قوغدىغىن.

169. سۆزن ئۆزۈڭگە ئېسەنلىك تىلىسەڭ،
تىلىڭدىن يارامسىز سۆزلەرنى چىقارما.

170. سۆزنى بىلىپ سۆزلىسەڭ بىلىمگە ياتىدۇ،
بىلىمسىزنىڭ سۆزى ئۆزىنىڭ بېشىنى يەيدۇ.

171. كۆپ سۆزدىن ئارتۇق پايدا كۆرمىدىم،
تەكرار سۆزلەشتىن نەپمۇ ئالمىدىم.

172. كۆپ سۆزلىمە، زۆرۈر بولغاندا ئاز سۆزلە،
تۈمەن سۆزنىڭ تۈگۈنىنى بىرلا سۆز بىلەن يەش.

173. كىشى سۆز بىلەن يۇقۇرى ئۆرلەپ پادىشاھ بولىدۇ،
كۆپ سۆز باشنى يەرگە ئەگدۈرىدۇ.

174. كۆپ سۆزلىسە، قۇرۇق گەپ ساتتى دېيىشىدۇ،
ئەگەر سۆزلىمىسە، كېكەچ ئىكەن، دەيدۇ.

175. شۇنداق ئىكەن، ئۇستىلىق بىلەن ئىش قىل،
ئۇستىلىق بىلەن قىلىنغان ئىش كىشىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.

176. تىلىڭنى قاتتىق ساقلا، بېشىڭ ساقلىنىدۇ،
سۆزۈڭنى قىسقارتقىن، يېشىڭ ئۇزۇرايدۇ.

177. تىلنىڭ كۆپ پايدىسى بار، زىيىنىمۇ نۇرغۇن،
تىل بەزىدە ماختىلىدۇ، بەزىدە مىڭ تۈرلۈك سۆكۈش ئالىدۇ.

178. دېمەك، شۇنداق ئىكەن، سۆزنى بىلىپ سۆزلە،
سۆزۈڭ كۆزسىز قارىغۇغا كۆز بولسۇن.

179. بىلىمسىز، ئېنىقكى، قارىغۇدۇر،
يۈر، ئەي بىلىمسىز، تېگىشلىك بىلىم ئال.

180. قاتا، تۇغۇلغان ئادەم ئۆلىدۇ، سۆزى بەلگە بولۇپ قالىدۇ،
سۆزۈڭنى ياخشى سۆزلە، ئۆزۈڭ ئۆلمەيسەن.

181. ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قېرىمايدۇ:
بىرى-ياخشى ھەرىكەت، بىرى- ياخشى سۆز.

182. ئادەم تۇغۇلىدۇ، ئۆلىدۇ، باققىنكى، ئۇنىڭ سۆزى قالىدۇ.
ئىنسان ئۆزى كەتسىمۇ، نامى قالىدۇ.

183. سەن ئۆلمەيدىغان بىر ھايات تىلىسەڭ،
خۇلق – مىجەزىڭ بىلەن سۆزۈڭنى ياخشى قىل، ئەي دانا!

184. تىلنى خېلى ماختىدىم، بەزىدە سۆكتۈم،
مەقسىتىم تىلنى ساڭا چۈشەندۈرۈش ئىدى.

185. ھەممىلا سۆزنى يىغسا ئەقىل ماقۇل كۆرمەيدۇ،
كىشى ھاجەتلىك سۆزنى سۆزلەيدۇ، يوشۇرمايدۇ.

186. ئەي دانا، سۆزۈمنى ئوغلۇمغا سۆزلىدىم،
ئوغۇل مەندىن تۆۋەن تۇرىدۇ، ماڭا قانداق تەڭلەشسۇن.

187. ئەي ئوغۇل، سۆزۈمنى ساڭا سۆزلىدىم،
ئەي ئوغۇل، ساڭا ئۆزۈمنىڭ بۇ نەسىھىتىنى قىلدىم.

188. مەندىن ساڭا ئالتۇن – كۈمۈش قالسىمۇ،
سەن ئۇنى بۇ سۆزلەرگە تەڭ كۆرمە.

189. كۈمۈشنى ئىشلەتسەڭ تۈگەيدۇ، يوقۇلىدۇ،
سۆزۈمنى ئىشقا سالساڭ كۈمۈش تېپىلىدۇ.

190. كىشىدىن كىشىگە قالىدىغان مىراس سۆزدۇر،
ۋەسىيەت قىلىنغان سۆزنى ئېسىڭدە تۇتساڭ پايدىسى كۆپتۇر.

191. ئەي دانا ئالىم، بۈگۈن قاپىقىڭنى تۈرمە،
ئۆز ئۆزرىمنى ئەيمىنىپ ئېيتىۋاتىمەن.

كىتاب ئىگىسىنىڭ ئۆز ئۆزرىسى

192. ئەي ئالىم دانا، تىلىكىم: كەلگۈسى ئەۋلادلارغا
تېگىشلىك سۆزلىرىمنى قالدۇرۇش ئىدى.

193. لېكىن بىر پىكىر قارشى چىقىپ دېدىكى: «دىققەت قىل،
سۆزۈڭ خاتا بولسا، ساڭا زىيان – زەخمەت يېتىدۇ.

194. خەلقنىڭ تىلى يامان، ئۇ گېپىڭنى قىلىدۇ،
كىشىلەرنىڭ قىلىقى ھەسەتخور، گۆشۈڭنى يەيدۇ».

195. سەپسېلىپ قارىسام، يۈكۈم يەڭگىللىدى،
ئۆزۈمگە دېدىمكى، سۆزلە، ھەممە سۆزۈڭنى تۆك.

196. نېمە ئۈچۈن دېسەڭ، ساڭا ئېيتاي،
ئەي جەسۇر قەھرىمان، سۆزۈمنى ئاڭلىغىن:

197. ئىنسان يېڭىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى «ياڭلۇق» بولغان،
يېڭىلىش (ياڭلۇق) ئىنسان ئۈچۈن بېرىلگەن.

198. كىم يېڭىلمەيدۇ، ماڭا ئېيتىپ بەرگىنچۇ؟
ساڭا ئېيتايكى، يېڭىلىدىغان كىشىلەر تۈمەنمىڭدۇر.

199.        بىلىملىكلەر ناھايىتى ئاز، بىلىمسىزلەر كۆپ،
بىلگىنكى، ئىدراكسىزلار كۆپ، ئىدراكلىقلار كەم ئۇچرايدۇ.

200.        بىلىمسىزلەر بىلىملىككە دۈشمەن بولدى.
بىلىمسىزلەر بىلىملىككە ھەسەت قىلدى.

201.        كىشى بىلەن كىشىنىڭ زور پەرقى بار،
بۇ پەرق بىلىمدىلا كۆرۈلىدۇ، دەيمەن.

202.        ئۇشبۇ سۆزۈمنى بىلىملىكلەر ئۈچۈن سۆزلىدىم،
بىلىمسىزنىڭ تىلىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.

203.        مېنىڭ بىلىمسىز بىلەن قىلىدىغان ھېچ سۆزۈم يوق،
ئەي دانا، مەن سېنىڭلا خىزمەتكارىڭ.

204.        ساڭا سۆزۈمنى سۆزلەشكە ئەيمىنىپ،
ئۇشبۇ ئۆزرىمنى بايان قىلدىم.

205.        سۆزلىگۈچى ئازىدۇ ھەم يېڭىلىدۇ،
ئىدراكلىقلار ئاڭلىسا، ئوڭلايدۇ، تۈزىتىدۇ.

206.        سۆز تۆگە بۇرنىدەك چۈلۈكلۈك نەرسىكى،
تۆگىنى قاياققا يېتىلىسە، شۇ ياققا كېتىدۇ.

207.        سۆزنى بىلىپ سۆزلىگۈچىلەر كۆپ،
بۇنى چۈشەنگۈچىلەر مەن ئۈچۈن بەك ئەزىزدۇر.

208.        ھەممە ياخشىلىقلار ئىلىمنىڭ پايدىسىدىندۇر،
مىسالى بىلىم بىلەن كۆككىمۇ يول ئېچىلىدۇ.

209.        ھەممە سۆزۈڭنى بىلىم بىلەن سۆزلە،
ھەممە كىشى بىلىمى بىلەن بۈيۈك بولىدۇ، دەپ بىل.

210.        سۆز كۆك ئاسماندىن بوز يەرگە چۈشتى،
ئىنسان سۆز بىلەن ئۆزىنى قەدىر – قىممەتكە ئىگە قىلدى.

211.        كىشىنىڭ كۆڭلى گويا تۈپسىز دېڭىزغا ئوخشايدۇ،
بىلىم بولسا ئۇنىڭ تېگىدە ياتقان ئۈنچىدۇر.

212.        كىشى دېڭىزدىن ئۈنچىنى چىقارمىسا، ئۇ مەيلى ئۈنچە بولسۇن، مەيلى ساينىڭ تېشى پەرقسىز بولىدۇ.

     213. بوز يەر قېتىدىكى ئالتۇن بىر تاشتۇر،
ئەگەر قېزىپ چىقىرىلسا، بەگلەرنىڭ بېشىغا بېزەك بولىدۇ.

214.        بىلىملىك كىشى بىلىمنى تىل بىلەن بايان قىلمىسا،
ئۇنىڭ بىلىمى يىللاپ ياتسىمۇ ئەتراپنى يورۇتالمايدۇ.

215.        ئىدراكلىق، بىلىملىك بولۇش ناھايىتى ياخشى نەرسىدۇر،
ئەگەر ئۇنىڭغا ئېرىشسەڭ ئىشلەت، ئۇچۇپ كۆككە يەت.

216.        ئىدراك ۋە بىلىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە ئەقلى يەتكەن
ئەل –يۇرت بېگى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا:

217.        جاھان تۇتۇشقا ئىدراكلىق ئەر كېرەك،
خەلقنى باشقۇرۇشقا ئەقىل ھەم جاسارەت كېرەك.

218.        جاھان تۇتقۇچى جاھاننى ئىدراك بىلەن تۇتتى،
خەلقنى باشقۇرغۇچى ئىلىم بىلەن باشقۇردى.

219.        دۇنياغا ئادەم زاتى تۆرەلگەندىن تارتىپ،
ئىدراكلىقلار ياخشى قانۇن تۇرغۇزۇپ كەلدى.

220.        بۈگۈنگە قەدەر قايسى زاماندا بولسۇن،
بىلىملىككە يۈكسەك ئورۇن تەگدى.

221.        كىشىلەرنىڭ يامىنى ئەقىل تاپسا تۈزۈلىدۇ،
خەلق ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق بىلىم بىلەن بېسىلىدۇ.

222. بۇ ئىككىسى كار قىلمىسا، بىلىمنى قوي – دە،
ئاندىن قولۇڭنى قىلىچقا ئۇزاتقىن.

223. ئالىم، دانا بەگلەر خەلققە باش بولۇپ،
بىلىمسىزلەرنىڭ ئىشىنى قىلىچ بىلەن ھەل قىلدى.

224. جاھاننى قولدا تۇتماقلىق ئۈچۈن، كىشى ناھايىتى ئىدراكلىق بولۇشى كېرەك،
خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن كىشى بىلىم بىلىشى كېرەك.

225. بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەن كىشى كامالەتكە يېتىدۇ،
كامىل ئەر دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولىدۇ.

226. ئەگەر ھەر ئىككى دۇنيانى تىلمەكچى بولساڭ،
قولۇڭدىن كەلسە، ئۇنىڭ چارىسى ياخشىلىق قىلىشتۇر.

227. ئەگەر ئۆزۈڭ ياخشى بولۇشنى تىلىسەڭ،
يۈر، ياخشىلىق قىل، باشقا سۆزگە ھاجەت يوق.

228.كىشى مەڭگۈلۈك ياشىمايدۇ، نامى مەڭگۈ ياشايدۇ،
ئۇنىڭ ياخشى نامى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.

229. ئۆزۈڭ مەڭگۈ ئەمەس، بەلكى نامىڭ مەڭگۈدۇر،
نامىك مەڭگۈ بولسا، ئۆزۈڭمۇ مەڭگۈلۈك بولىسەن.

ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەدھىيىسى ۋە پايدىسى

230. ئەگەر خەلققە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىكەنسەن،
بارلىق سۆز – ھەرىكىتىڭ بىلەن ياخشىلىق قىل.

231. يىگىتلىك ئۆتۈپ كېتىدۇ، تېرىكلىكمۇ تۈگەيدۇ،
سەن بۇ چۈش كەبى دۇنيادىن تېزلا ئۆتۈپ كېتىسەن.

232. ھاياتىڭنى سەمايە قىلكى، ئۇنىڭ پايدىسى – ياخشىلىقتۇر،
بۇ ئەتە ئاخىرەتتە ياخشى يېگۈلۈك ۋە كىيگۈلۈك بولىدۇ.

233. كىشىلەرنىڭ ياخشىسى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا:
نەپەس ئېلىپ يۈرىدىغان جانلىقلار ئاخىر ئۆلگۈسى.

234. نەزەر سال، دۇنيادا نى – نى ئەرلەر تۇغۇلدى،
ئۇلار بىر مۇددەت ھايات كەچۈرۈپ، ئاخىر ئۆلدى.

235. مەيلى بەگ، مەيلى قۇل ياكى ياخشى، يامان بولسۇن،
ئۆزى ئۆلگەن بولسا، ئىز – نامى قالدى.

236. ئەمدى بۇ ئورۇن نۆۋىتىدە ساڭا تەگدى،
ھەممىدىن ئاۋۋال ياخشىلىق قىل، ياخشى بول.

237. تىرىك ئادەم ئاخىر ئۆلگۈسى ۋە يەرنى تۆشەك قىلغۇسىدۇر،
قارا، كىشى ياخشىلىق بىلەن ئۆلسە، نامى ھايات قالىدۇ.

238. ئىككى تۈرلۈك نام تىللاردا ياشايدۇ:
بىرى – ياخشى نام، بىرى – يامان نام دۇنيادا قالىدۇ.

239. يامان سۆكۈش ئالىدۇ، ياخشى ماختاشقا ئېرىشىدۇ،
ئۆزۈڭگە قاراپ كۆرگىن، قايسىسىنى خالايسەن؟

240. ئۆزۈڭ ياخشى بولساڭ، نامىڭ ماختىلىدۇ،
ئەگەر يامان بولساڭ، سۆكۈلىسەن، ئەي پاك كىشى.

243. ساڭا يامانلىق لايىقمۇ ياكى ياخشىلىقمۇ؟
سۆكۈشنى خالامسەن ياكى ماختاشنىمۇ؟

244. قايسىسىنى خالىساڭ، بىرىنى تاللا،
تاللىغىنىڭ ياخشى بولسىمۇ، يامان بولسىمۇ كېيىن ئۆكۈنمە.

245. تەجىرىبىلىك كىشى بۇنىڭغا بىر تەمسىل سۆز ئېيتتى،
تەجىربىلىك كىشى كىشى ئەل – يۇرت ئىشىنى بىلىدۇ.

246. كىشى ياخشى نام بىلەن ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.
يامان نام چىقارغانلار ئۆلگەندە قارغىش تاپىدۇ.

247. يامانلىق قىلغانلارنى كۆپ سىنىدىم،
كۈنلەر ئۆتكەنسېرى كۈچتىن ئۈزۈلدى.

248. ئەي بىلىملىك كىشى، قانچىكى كۆزەتسەم،
يامانلارنىڭ ئىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

249. يامانلىق بىر ئوتدۇر، ئوت كۆيدۈرىدۇ،
يولىدا ئۆتۈشكە بولىدىغان كېچىك يوقتۇر.

250. بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرگە قاراپ كۆرسەك،
مەيلى قارا خەلق، بەگ ياكى دۇنيا سورىغۇچى بولسۇن،

251. بۇلارنىڭ قايسىسى بىلىمگە ئېرىشكەن بولسا،
ئۇلار زامان ۋە دۇنيانى قولىدا تۇتالىدى.

252. دۇنيا بەگلىرىنىڭ قايسىسىنىڭ بىلىمى بولسا،
ياخشى قانۇن تۇرغۇزدى، ئوبدان كىشىلەردىن بولدى.

253. بۈگۈنمۇ كىمىكى ياخشى دەپ ئاتالغان بولسا،
ئەڭ ئاۋۋال شۇلار ياخشىلارغا باش بولدى.

254. قايسى بەگ دانا، بىلىمگە يېقىن بولغان بولسا،
ئۇ، بىلىملىك كىشىلەرنى يېقىن تۇتتى.

255. ئۇ قولىغا ئالغان ھەربىر ئىشنى دىققەت بىلەن ئىشلىدى،
ئىلىمنى ئىشقا سېلىپ، خەلقنى باشلىدى.

256. ئېلىنى تۈزەتكەنلىكتىن خەلق بېيىدى،
خەلقنىڭ بايلىقىنى ئۆزىگە قورغان قىلدى.

257. سېخىي دەپ ياخشى نام چىقارغان،
سېخىي ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ نامىنى تىرىك دەپ بىل.

258. ئۆلۈشنى بىلىپ، ئۆزىگە ھازىرلىق قىلغانلار
تىرىكلەر ئۈچۈن نامىنى كىتابقا پۈتۈپ قويدى.

259. بۈگۈن كىم ئۇنى ئوقۇسا، بىلىمگە ئىگە بولىدۇ،
ئۇلارغا ئەگىشىپ، ياخشىلىق قىلىدۇ.

260. دۇنيادا بىلىمدىن ئەزىز يەنە نېمە بولسۇن؟
«بىلىمسىز» دېگەنلىك ئەر ئۈچۈن سەت، ھاقارەتتۇر.

261. دۇنيادا كۆپ نەرسىلەرنى سىناپ، ئۇزۇن ياشىغان
بىلىملىك كىشىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا:

262. بىلىمسىزگە تۆردىن ئورۇن تەگسە، قارىغىنكى،
بۇ تۆر پەگاھ ھېسابلىنىدۇ، پەگا بولسا تۆرگە ئېرىشىدۇ.

263. ئەگەر داناغا پەگادىن ئورۇن تەگسە،
بۇ پەگا تۆردىنمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.

264. بۇنچىلىك قەدىر – قىممەتنىڭ ھەمىسى بىلىم ئۈچۈندۇر،
دۇنيادا ئۇنىڭ ئورنى مەيلە تۆردە، ياكى پەگادا بولسۇن، بەرىبىر.

265. قارا، بۇ ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرى – بەگ، بىرى – دانا، بۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر.

266. بۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھايۋان ھېسابلا،
خالىساڭ، بۇ تەرەپتە تۇر، خالىساڭ، ئۇ تەرەپتە.

267. سەن قايسى تەرەپتە تۇرىسەن، ماڭا ئوچۇق ئېيت،
ئىككىنىڭ بىر تەرىپىدە بول، ئۈچىنچىسىدىن قاچ.

268. بىرى قولغا قىلىچ ئېلىپ خەلقنى ئىدارە قىلىدۇ،
بىرى قەلەم ئېلىپ ياشاش يولىنى كۆرسىتىدۇ.

269. ئۇلاردىن ياخشى قانۇن مىراس بولۇپ كەلدى،
بۇ مىراس كىمنىڭ قولىغا تەگسە، يۇقۇرى ئۆرلىدى.

270. ئكلۈكتىن تىرىككە مىراس قالىدىغان نەرسە سۆزدۇر،
مىراس قالغان سۆزنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ كۆپ پايدىسى بار.

271. ئېنىقكى، بىلىمسىز بىر قارىغۇدۇر،
ئەي كۆزسىز قارىغۇ، بىر ئۈلۈش بىلىم ئال.

272. كىشى كۆركى سۆزدۇر، سۆزنىڭ تۈرى كۆپ،
يۈر، ئەي تىلىم، ياخشى سۆزلۈك كىشىنى ماختا.

273. بۇنىڭغا تەقلىدتەن تۈركچە بىر مەسەل كەلتۈرۈپ،
بۇنى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ سۆزلىدىم:

274. ئەقىل كۆركى تىلدۇر، تىلنىڭ كۆركى – سۆز،
كىشىنىڭ كۆركى يۈزدۇر، يۈزنىڭ كۆركى – كۆز.

275. ئىنسان سۆزىنى تىلى بىلەن سۆزلەيدۇ،
سۆزى ياخشى بولسا، يۈزى يورۇق بولىدۇ.

283. جەسۇر، باتۇر كىشى ناھايىتى ياخشى ئېيتقان:
جەسۇر كىشى چىگىش تۈگۈنلەرنى يېشىدۇ.

284. جاھان سوراش ئۈچۈن مىڭ تۈرلۈك پەزىلەت كېرەك،
قۇلاننى بېسىش ئۈچۈن ئارسلان كېرەك.

285. جاھان سورىغۇچىغا مىڭ تۈمەن پەزىلەت كېرەككى،
ئۇنىڭ بىلەن ئەل – يۇرتنى سورايدۇ ۋە تۇماننى سۈزۈلدۈرىدۇ.

286. جاھان سورىغۇچى قىلىچ ئۇرۇپ دۈشمەن بوينىنى كەسسۇن،
قانۇن بىلەن ئېلى ۋە خەلقىنى تۈزىسۇن.

بىلىم ۋە ئىدراك – پاراسەتنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىسى توغرىسىدا

287. تىلىكىم سۆز ئىدى، ئەي بىلىمدان دانا،
پاراسەت، بىلىم ھەققىدە ئۆزۈم سۆزلىگەيمەن.

288. پاراسەت – قاراڭغۇ تۈندىكى مەشئەلگە ئوخشايدۇ،
بىلىم – يورۇقلۇق بولۇپ سېنى يورۇتىدۇ.

289. كىشى پارسەت بىلەن ئۆرلەپ، بىلىم بىلەن يۈكسىلىدۇ،
بۇ ئىككىسى بىلەن ئەر قەدىر – قىممەت تاپىدۇ.

290. بۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭ نۇشىرۋانغا قارا،
ئۇ جاھاننى پاراسەت كۆزى بىلەن يورۇتتى.

292. بىلىملىكنىڭ مۇنداق بىر سۆزى يادىمغا كەلدى:
بىلىملىك دەۋزەخى بولسا، دەۋزەختىن يىراقلىشىدۇ.

293. كىچىك ئوغلاننى كۆر، ئىدراكقا يېتىپ،
يېشىغا تولمىغۇچە قەلەم يۈرگۈزمەيدۇ.

294. كۆرگىنكى، ئىدراكلىق كىشىلەر قېرىسا ئازىدۇ،
ئىدراك كەتتى، دەپ قەلەمنىمۇ توختىتىدۇ.

296. نېمىشقا دېسەڭ ئۇ ئىدراكسىزدۇر،
ئىدراكسىز كىشىلەرنىڭ ھېچنېمىدە ھەسسىسى بولمايدۇ.

297. قەدىر – قىممەت ئىدراك ئۈچۈندۇر،
ئەقىل – ئىدراكسىز كىشى بىر ئۇچۇم لايدۇر.

298. سەپسېلىپ قارىساڭ، بۇ سۆز ياخشى ئېيتىلغان:
ئەقىل – ئىدراكسىز، بىلىمسىزلەر ئۆزىنى يۈكسەلدۈرەلمەيدۇ.

299. نەزەر سالساڭ، بارچە كىشى كىيىم كىيىدۇ،
ئىدراكلىق، بىلىملىكلەر كىيىم بىلەن ئەمەس، ئەسلى بىلەن قەدىرلىكتۇر.

300. ئىدراكلىق كىشى ئېسىل ئەر بولىمەن دېسە بولالايدۇ،
بىلىمى بولغان ئەر بەگلىك قىلسىمۇ قىلالايدۇ.

301. كىمدە، ئەقىل – ئىدراك بولسا، ئۇ ئېسىل ئىنسان بولىدۇ.
كىمدە بىلىم بولسا، ئۇ بەگلىككە ئېرىشەلەيدۇ.

302. بوز يەر ئۈستىدە ئىنسان بالىسى قول كۆتۈردى،
ھەممىنى بىلىم بىلەن بەرپا قىلدى.

303. كىشى ئەقىل – ئىدرال بىلەن ئېسىل ئاتىلىدۇ،
بەگلەر ئەل ئىشىنى بىلىم بىلەن يۈرگۈزىدۇ.

304. تۈمەنمىڭ خىل پەزىلەتلەر، كۆپ مەدھىيەلەنگەن ئىشلار،
ئەقىل – ئىدراك بىلەن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ماختالغاندۇر.

305. ئىراك ئازلىقنى ئاز دېمە، ئۇنىڭ پايدىسى كۆپتۇر،
بىلىم ئازلىقىنى ئاز دېمە، ئۇ ئەر ئۈچۈن قىممەتلىكتۇر.

306. دانا سۆزلىگەن مۇنۇ تۆت نەرسىنىڭ ئازلىقىنى ئاز دەپ سانىما،
بۇ سۆزنى زېھنىڭ بىلەن ئاڭلا:

307. بۇ تۆتنىڭ بىرى ئوت، بىرى ياۋدۇر،
ئۈچىنچىسى، تىرىكلىكنىڭ كۈشەندىسى بولغان كېسەلدۇر.

308. بۇلاردىن ئاخىرقى بىرى بىلىمدۇر،
بۇ تۆت نەرسىنى سەل چاغلىما، قىممىتى يۈكسەكتۇر.

309. بۇلاردىن ھەربىرىنىڭ پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ كۆپ،
بەزىسى يېرىمدەك، بەزىسى ئېلىمدەك زۆرۈر.

310. بىلىم گويا كىميادۇركى، پۈتۈن نەرسىنى ئەتراپىغا يىغىدۇ،
ئۇنى ئۆزۈڭدە يوشۇرۇپ ساقلاشقا بولمايدۇ.

311. سەن ئىپارنى يوشۇرساڭ ئۇنىڭ ھىدى بىلىنىپ قالىدۇ،
بىلىمنى يوشۇرساڭ، تىلىڭ ئاشكارا قىلىدۇ.

312. بىلىم بىر بايلىقدۇركى، ئۇ زادى كەمبەغەللەشمەيدۇ،
ئوغرى، ھىيلىگەرلەرمۇ ئوغرىلاپ ئالالمايدۇ.

317. ئەقىل – ئىدراك ساڭا ياخشى ۋە ئىشەنچلىك ئاداشتۇر،
بىلىم ناھايىتى مېھرىبان قېرىنداشتۇر.

318. بىلىمسىزگە بىلگىنى ۋە قىلىقى دۈشمەندۇر،
باشقىسى بولمىغاندىمۇ، بۇ ئىككى جېدەل يېتەرلىكتۇر.

319. بۇنىڭغا تەقلىدتەن تۈركچە تەمسىل ئېسىمگە كەلدى،
بۇنى سەن ئوقۇغىن، ئەس - يادىڭدا تۇت:

320. ئىدراكلىق كىشى ئۈچۈن ئىدراكنىڭ ئۆزى چىن دوستتۇر،
بىلىمسىز كىشىگە ناملا يېتەرلىك ھاقارەتتۇر.

321. بىلىملىككە بىلىمى يېتەرلىك كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەكتۇر،
بىلىمسىزگە ئۆز قىلمىشى ياۋۇز قولداشتۇر.

322. ئەي، ئىدراكلىق ياخشى ئادەم غەزەبنى ئۆزۈڭدىن يىراقلاشتۇر،
بىلىملىك بەگ، قەھرلەنمە، نامىڭنى ياخشى قىل.

323. بۇ ئىككىسى بىلەن ئىشقا ئالىراپ يېقىنلاشما،
ئەگەر يېقىنلاشساڭ ئۆمرۈڭنى زايە قىلىسەن.

324. غەزەب بىلەن قىلىنغان ئىش دائىم پۇشايمانلىق بولىدۇ،
كىشى قەھرلەنسە ئىشتا ئادىشىدۇ.

325. كىشى ئېغىر – بېسىق، سالماق مىجەزلىك بولۇشى كېرەك،
بەگ ۋەزمىن بولسا كۈنلىرى يورۇق بولىدۇ.

326. مۇلايىم ھەم خۇش پېئىل بولۇش كېرەك،
ئەقىل – ئىدراكلىق ھەم بىلىملىك بولۇش كېرەك.

327. كىشىنى ياخشى تاللاش ئۈچۈن ئىدراكلىق بولۇش كېرەك،
ئىشنى ياخشى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇش كېرەك.

328. يارامسىز، ياراملىقنى ئېنىق كۆزىتىپ،
كېرەكلىك، كېرەكسىزنى ھەقىقىي سۈرۈشتۈرۈپ،

329. ئۆزى ئايرىپ – تاللاپ، پەرقلەندۈرسە،
ھەممىلا ئىشتا كۆزىنى ئۆتكۈر قىلسا،

330. ئاندىن ئىشلار مۇكەممەل ھەم پىششىق بولىدۇ،
چۈنكى، بىلىملىك كىشىلەر ئاشنى پىششىق يەيدۇ.

331. بۇ خىل كىشىلەر تىلىكىگە يېتىدۇ،
ئىككىلا دۇنيادا ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

332. قەھرلىنىش بىلەن غەزەب ئادەم ئۈچۈن ياۋۇز نەرسە،
بۇ ئىككىسى بىلەن ۋۇجۇد داۋاملىق ئەرزىيەت چېكىدۇ.

333. بىلىملىك، دانا نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا،
بۇ سۆزگە ئەمەل قىل، ئەي مەڭزى قىزىل كىشى:

334. ئىنسان قەھرلىك بولسا، ئەقىلدىن ئازىدۇ،
ئەگەر غەزەب كەلسە، پاراسەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ،

335. قەھرلىنىش كىشى ئۈچۈن ياۋۇزدۇر، ئۇ بىلىمنى يوقىتىدۇ،
ئالىيجاناب كىشىلەرمۇ قەھرلەنسە قوپاللىق قىلىدۇ،

336. بىلىملىك كىشى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا،
بىلىملىكنىڭ سۆزى – ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك جانغا ئوخشاشتۇر.

337. قارا، بۇ بىر قانچە نەرسە كىشى ئۈچۈن ياۋۇزدۇر،
ئىنسان ئۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالسا، ۋۇجۇدى بۇلغىنىدۇ.

338. بۇلاردىن بىرى – يالغان سۆزلەش،
ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى – سۆزىدە تۇرماسلىق.

339. ئۈچىنچى بىرى – ئىچىملىككە بېرىلىش،
بۇنداق ئادەم، شۈبھىسىزكى، تامامەن بىھۇدە ياشايدۇ.

340. ئادەم ئۈچۈن يەنە بىرى جاھىل قىلىقتۇر،
جاھىل مىجەز ئادەمدە خۇشاللىق بولمايدۇ.

341. يارىماس ئادەتنىڭ يەنە بىرى پەسكەش قىلىقتۇر،
بۇنداق ئادەم كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە سورۇقچىلىق سالىدۇ.

342. يەنە بىرى، تىلى يامان، قەزر- غەزەبلىك بولۇش،
بۇنداقلار ئېغىز ئېچىپ سۆكسە، كىشىنى ئازابلايدۇ.

343. بۇ بىر قانچە نەرسە بىر ئادەمدە يىغىلسا،
ئۇنداقلاردىن مۇقەددەس بەخت تېزىپ يىراقلىشىدۇ.

344. پەلەك ئاڭا باقمايدۇ، بېشى گاڭگىراپ قالىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن بىللە خۇي – پەيلىمۇ ئاينىيدۇ.

345. يۈر، ئەي ياخشى كىشى، ياخشىلىق قىل،
ياخشى كىشىنىڭ ئىشى دائىم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

346. ئەمدى، سىناقلار ئارقىلىق يۈكسىلىپ، ئەل ئىشىنى
باشقۇرغان، خۇش پېئىل كىشىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلا:

347: ياخشىلىق نەچچە مىڭ يىللار ياشىسىمۇ قېرىمايدۇ،
يامانلىقنى قانچە پەرۋىش قىلسىمۇ تۈزەلمەيدۇ.

348. ياماننىڭ يېشى قىسقا، ئۇ پۇشايمان بىلەن قېرىيدۇ،
ياخشىلىقنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، ئۇ پۇشايمانسىز يۈرىدۇ.

349. ياخشى ھەر كۈنى يېڭى – يېڭى تىلىكىنى تاپىدۇ،
ياماننىڭ غېمى كۈندە مىڭلاپ ئاشىدۇ.

ئەقىل – ئىدراك توغرىسىدا

1850. ئۈگدۈلمىش جاۋاب بېرىپ دېدى: ئىدراكنىڭ،
قىلمىشى توغرا، شادلىقى كۆپتۇر.

1851. ھۆسنى – چىرايى كۆركەم ۋە يېشى كىچىك،
ئۇ بارلىق ياخشىلىققا ئۆتكەلدۇر.

1852. ئۇ تەمكىن، خۇش پېئىل ۋە مۇلايىم،
جىمى جانلىقلارغا رەھىمدىلدۇر.

1853. ئۇ قاياققا قول ئۇزارتسا ئىش راۋاج تاپىدۇ،
سۆزى قەيەرگە يەتسە ئېتىبارلىق بولىدۇ.

1854. قارا، ئۇنىڭ چىرايى ئىللىق، ھەممىگە يېقىملىق،
كىشىلەرگە ئۇنىڭدىن پايدا تېگىدۇ.

1855. كۆزى ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەلەيدۇ،
ھەر قانداق ئىشنى پۇختا قەدەم بىلەن قىلىدۇ.

1856. ھەر قانداق بۇزۇلغان ئىشنى ئوڭشايدۇ،
ھەر قانداق چىگىش تۈگۈننىمۇ يېشىدۇ.

1857. ھەر ئىشنى سولدىن، ئوڭدىن، ئالدىدىن ۋە ئارقىدىن كۆزىتىدۇ،
ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتىنى ۋە چارىسىنى بىلىدۇ.

1858. قاچقانغا يېتىشىدۇ، ئۇچقاننى تۇتىدۇ،
سۇنغاننى ئۇلايدۇ، بۇزۇلغاننى تۈزەيدۇ.

1859. ئەقىل – ئىدراكسىزلار ئۆكۈنۈپ دەيدۇكى: ئەي ئەقىل،
سەن بولمىساڭ ھەسرەت چېكىمەن، ئۆكۈنىمەن.

1860. سەندىن ماڭا بىر ئۈلۈش تەگمىدى،
سېنىڭسىز كىشىنىڭ كۆڭلى گويا ئۆلۈكتۇر.

1861. قارا، ئەقىل – ئىدراك بىر مەسئەل، قارىغۇغا كۆز،
ئۇ، ئۆلۈك تەنگە جان، كېكەچ تىلغا سۆزدۇر.

1862. ئەقىللىق ئەقىلگە دەيدۇكى، ئەي دوستۇم،
ئىشىمنى ئوڭشايدىغان بەك ياخشى دوست سەن.

1863. ئىدراك دائىم ئوڭ ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭ سولى يوق،
ئۇ چىن ۋە ئىشەنچلىك، ھېچبىر ھىيلىسى يوق.

1864. كىمدە ئىدراك بارلىقىنىڭ بەلگىسى ئەنە شۇ،
بۇ بەلگە بىلەن ئەقىل – ئىدراكنى بىلگىلى بولىدۇ.

1865. ھەممىدىن ئاۋۋال، ئىدراكنىڭ ھەركىتى مۇۋاپىق بولىدۇ،
ئايلار، يىللار ئۆتسىمۇ توغرا يولدىن تايمايدۇ.

1866. ئىدراكلىق توغرا، سۆزدە مۇلايىم بولىدۇ،
ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى ئىشەنچىلىكتۇر.

1867.ئۇ تەمكىن، مۇلايىم ۋە ناھايىتى سەۋرچاندۇر،
ئىشنىڭ تېگى – تەكتىگە يېتىپ، ئالدىرىماي ئىشلەيدۇ.

1868. قىلغان ئىشىغا قارىساڭ قېرى، يېشىغا قارىساڭ يىگىت،
دانىشمەنمۇ، بەگزادىمۇ ئارزۇ بىلەن ئۇنىڭغا موھتاجدۇر.

1869. بۇنىڭغا تەقلىد قىلىنغان مۇنۇ سۆزنى ئوقۇغىن،
چۈشەنگەنسىرى مەنىسى تېخىمۇ ئېچىلىدۇ:

1870. «ئەقىلنىڭ ھەرىكىتى قېرىدەك، ئۆزى ياش ئوغلاندەك،
ئەقىل – ئىدراك قەيەردە بولسا، بېرىپ ئۇنىڭغا يېپىشقىن.

1871. ئۇنىڭ كىچىكلىكى- ئوماق، قېرىلىقى – تەمكىن،
ئۆزى كەمتەر، سالماق، بېرىدىغان پايدىسى كۆپ.»

دانا ئالىملار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش توغرىسىدا

4341. يەنە بىر تەبىقە- دانالار ۋە ئالىملاردۇر،
ئۇلارنىڭ ئىلمى خەلقنىڭ يولىنى يورۇتىدۇ.

4342. ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ، سۆزىنى قەدىرلە،
ئاز – كۆپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىلىمىنى ئۆگەن.

4343. ئۇلار يارايدىغان ۋە يارىمايدىغان ئىشلارنى ئايرىپ،
چۈشىنىپ، توغرا يول تۇتىدىغان پاك كىشىلەردۇر.

4344. زېھىن قويۇپ ئىلىملىرىنى ئۆگەن، بىلگەنلىرىنى بىلىۋال،
ماددىي نەرسىلەر بىلەن ياخشىلىق قىل، قوغدا، تىل تەگكۈزمە.

4345. بۇلار ھەقىقەت، دىننىڭ تايانچىدۇر،
ئۇلارنىڭ بىلىمى چىن شەرىئەتنىڭ ئاساسىدۇر.

4346. دۇنيادا ئالىم – دانالار بولمىغان بولسا،
يەردە مېۋە تىكىلىپ، زىرائەت ئۈنمىگەن بولار ئىدى.

4347. ئۇلارنىڭ ئىلمى خەلققە مەشئەل بولدى،
كېچىدە مەشئەل يورۇسا، يولۇچى ئازمايدۇ.

4348. ماللىرىڭدىن بەھرىمەن قىل، شېرىن سۆزلە،
ئاش – تائام يېگۈزگىن، كۈلۈپ خىزمىتىنى قىل.

4349. قوپال سۆز قىلما، كايىما، ئەيمىنىپ مۇئامىلە قىل،
قوپال سۆز ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى زەھەرلىگۈچى ئوغىدۇر.

4350. تىلىڭ بىلەن قوپاللىق قىلما، كايىما، ئاش – تائام يېگۈز،
ئۇلارنى قەدىرلە، ئىززەت، كۆتۈر.

4351. ئىلىملىرىنى ئاڭلا، ئەمەلدە ئىشلەت، غەيۋەت قىلما،
مىجەز – خۇلقىنى، ئىش – ھەرىكەتلىرىنى يامان دېمە.

4352. ئۇلاردىن ساڭا كېرەك بولىدىغىنى ئىلىمدۇر،
ئۇلار ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

4353. بۇلارنى گويا قوي پادىسىنىڭ سەركىسى، دەپ ھېسابلا،
سەركە قوي پادىسىنى باشلاپ، توغرا يول بىلەن ماڭىدۇ.

4354. بۇلار بىلەن ئارىلاشقىن، ياخشى ئۆت،
ئىككى دۇنيالىقتا ساڭا بەخت يار بولىدۇ.

توغرىلىققا توغرىلىق، ئادەمگەرچىلىككە ئادەمگەرچىلىك قىلىش توغرىسىدا

5762. يۇقۇرىقىلار بىر خىلدۇر، يەنە بىر خىلنى
چۈشەندۈرۈپ ئېيتاي، سەن ئۇنى ئاڭلا:

5763. ئۇنتۇدۇڭمۇ ياكى چۈشىنىلمەسلىك بولدىمۇ،
نېمە پايدىنى كۆزلەپ بۇ ئىشنى قىلماقچى بولدۇڭ؟

5764. بىلىسەنكى، دۇنيادا كۆپ مەدھىيەلەنگەنلەر
ۋاپالىق كىشىلەردۇر، ئۇلار ئالقىشقا ئىگە، ئەي ئەزىز.

5765. دۇنيانىڭ قانۇن – قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا،
ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.

5766. كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ،
بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.

5767. كىمنىڭ ئۇرۇقى دادىسىدىن تارتىپ ئېسىل بولسا،
ئۇنىڭدىن ياخشىلىق، ئەلگە پايدا كېلىدۇ.

5768. ئانا ئوغۇرلۇقچە شەھۋەت سۈيىدىن
ئوغۇل تۇغسا، ئۇ ئەلگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ.

5769. ئەلىگنىڭ ياخشىلىقلىرىغا نەزەر سال،
سەن ئۇنىڭ نېمەتلىرىگە، مەئىشەتلىرىگە ئېرىشتىڭ.

5770. بۇ پەزىلەتلەر، بىلىم – پاراسەتلەرنىڭ ھەممىسىگە،
ئەلىگ سەۋەب بولدى، ئىشىكلەر ئېچىلدى.

5771. سېنى نام ۋە ئۇنۋان بىلەن ئۇلۇغ قىلدى،
ياخشىلىق قىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئىشىك ئېچىپ بەردى.

5772. بۇ ياخشىلىقلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟
بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش كېرەك ئەمەسمىدى، ئەي دىلكەش؟

5773. ئەي قېرىنداش، مەن سۆزنى قوپال سۆزلىدىم،
رەنجىمە، خاپا بولما، كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما.

5774. توغرا سۆز قوپال بولىدۇ، كۆڭۈلگە ئاچچىق تېگىدۇ،
ھەزىم قىلسا، ئۇنىڭ پايدىسى لەززەت بېرىدۇ.

5775. قاتتىق تەگسىمۇ، قوپال سۆزگە غەزەپلەنمە،
توغرا سۆز قوپالدۇر، بۇنىڭدىن رەنجىمە.

5776. بۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ، مۇنۇ سۆزنى ئېيتاي،
بۇنى سەن ئاڭلا، ئەي خۇش چىراي.

5777. «توغرا سۆز ئاچچىق بولىدۇ، ئۇنى ھەزىم قىل،
پايدىسى كېيىن بولىدۇ، سېنى لەززەتلەندۈرىدۇ.

5786. كىشىلەر سېنى كۆرگەندە ئالقىشلاپ ماختىسۇن.


مىللەتلەر نەشرىياتى 2006 – يىلى 6-ئايدا نەشر قىلغان «قۇتادغۇبىلىگ» ناملىق كىتابنىڭ نەسرىي يەشمىسىدىن ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تاللاپ تەييارلىدى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-8 14:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-8 19:10:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ئەمگەكنى باشلاپسىز، قۇتلۇق بولسۇن، مېنىڭچە « قۇتادغۇ بىلىك » نى تەتقىق قىلىپ باقسىڭىز، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تەرەپلەرنى بايقىيالايسىز...

ۋاقتى: 2015-11-9 10:32:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە بۇ ئەسەرنى ھەممەمىز ئوقۇپ تۇرغان بولساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى...

ۋاقتى: 2015-11-9 14:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ يوللىغان بۇ مەزمۇنلىرىڭىز قۇتادغۇبىلىكنى تەپسىلى،ئەستايدىل ئوقۇشىمىزغا يىتەكچى بولغۇسى.

ۋاقتى: 2015-11-10 18:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراش تۇرۇپ قايارلاردا تەييارلاپ بولغانسىلەر ئۇكام. لىكىن بەك ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىلەر،ياردەم كىرەك بولسا ھايىت دەۋىتىڭلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش