ئەھەدى ئەپەندىگە مۇشائىرە مامۇت ئۆمەر
يىنىۋاتقان يۈرەك پايىدا،
چىراق بولۇپ ئېچىلدى گۈللەر.
شېئىر يېزىپ ئولتۇرغان ئاخشام،
يۇلتۇز قونۇپ نور ئالدى كۆللەر.
ساددىلىقنىڭ ئىپاردەك ھىدى،
قالدى مەڭگۈ نەپەسكە ئورناپ.
چېچەكلىدى ئارزۇ پېلىكىم،
يەنە شۇنداق بىر كۈننى ئويلاپ.
ئارلىقىمىز يىراقتىن يېقىن،
رىشتىلەردىن ئاقىدۇ ۋاپا.
تۇغۇلماستا تېپىشقان روھنى،
رىياللىقتا قىلدىممۇ خاپا؟
2012 -يىلى 20- دېكابىر گۇما
چاقچاقنامە
(ئىنىم مامۇت ئۆمەرنىڭ مۇشائىرىسىگە جاۋاپ چاقچاق)
ئەھەدى
سالام سىزگە مامۇتۇم،
ئېتى‹جىمغۇر› ئادىشىم.
(خاپا بولماڭ ياقمىسا ،
سىزنى مۇنداق ئاتىشىم)
خىيال سۈرۈپ ئاخشىمى،
سىزنى ئەسلەپ قاپتىمەن.
قارلىق تاشلاپ قاچاي دەپ،
قولغا قەلەم ئاپتىمەن.
قار ياغماقتا خوتەندە،
ئۇيەردىمۇ ياغدىمۇ؟
ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭىز،
تاغدىمۇسىز ، باغدىمۇ؟
قاردەك ئاپئاق كۆڭۈلدىن،
سىزگە قارلىق تاشلىدىم.
ئۇزۇن گەپنى قىسقارتىپ،
چاقچاق بىلەن باشلىدىم.
***
ئەھۋال نىچۈك بۇرادەر،
سالامەتمۇ تېنىڭىز؟
ئۇرغۇپ، تېشىپ تۇرامدۇ،
تۇمۇرلاردا قېنىڭىز؟
نەچچە كېلىپ خوتەنگە،
كېتىپ قاپسىز يوقلىماي.
(ئەسلى ئەيىپ ئۆزەمدە،
بولدى، ئەمدى داتلىماي)
مىھمانخانا ، سارايلار،
ئالدىمۇ يا كۆندۈرۈپ؟
(ئۈچتە ھەمرا خېنىملار،
كەتتىمۇ يا ئازدۇرۇپ).
سىزغۇ ئۇنداق جايلارغا،
بارمىغانسىز ئېزىقىپ.
(ئازدۇرارمىش شەيتانلار،
قالسا ئەگەر قىزىقىپ)
توردا ‹ جىمغۇر› ئېتىڭىز،
ئەمما ‹ياۋاش›ئەمەس سىز.
قىپ يۈرۈپسىز ئاڭلىسام،
تاماشاغا ھەۋەس سىز .
بىرسى دېدى : كۇچىدا
قاش ئاتىدۇ قىزلارغا.
بىر سى دېدى: سەپ سېلىپ،
ماڭار يولدا ئىزلارغا.
بىرسى دېدى: دۆڭلۈكتە
تۇشقان قوغلاپ يۈرۈدۈ.
بىرسى دېدى : كېچىسى
ئۇخلىماي چۈش كۆرۈدۈ...
مەنغۇ بۇنداق گەپلەرگە،
ئىشەنمىدىم ئالدىراپ.
ئالتۇن دېگەن ئالتۇن-دە،
تۇرار ھامان پاقىراپ.
مېنىڭ چىچەن مامۇتۇم،
ئىزدەپ يۈرەر ئۆزىنى.
يۈكسەك گۈزەل پەللىگە،
تىكىپ ئوتلۇق كۆزىنى.
يۈرگەن بىلەن جىممىدە،
ھامان بىركۈن پارتلايدۇ.
ئاسمىنىدا ئىجاتنىڭ،
يۇلتۇز كەبى چاقنايدۇ.
قانداق دېدىم،مامۇتۇم
دېگەنلىرىم راستمۇ – يا ؟
دەپ بېقىڭا ئۆزىڭىز ،
گۆھەرمۇ يا،تاشمۇ-يا؟!
***
ئېغىر – بېسىق،خۇشپېئىل،
پاراڭلىرى يۇمۇرلۇق .
مامۇتۇمنىڭ ئىشلىرى،
ئۆزىدەكلا ئورۇنلۇق.
قارلىقىمغا جاۋاپنى،
چاقچاق بىلەن قايتۇرۇڭ.
كۆنمىسىڭىز بۇ شەرتكە،
داۋراڭ قىلماي ئولتۇرۇڭ.
نىسىپ بولسا كۆرۈشمەك،
مۇلاقەتتە بولغايمىز.
ھىساۋىنى شۇچاغدا،
ئالمىغىچە قويمايمىز ...!
2013-يىل19-دىكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-8 13:38