كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 15

ئۆزبېك:1962 -يىلى جۇڭگۇ-ھىندىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1962-يىلى جۇڭگۇ –ھىندىستان ئورىشىغا قاتناشقان بىر قىسىم كاماندىر- جەڭچىلەر

1962-يىلى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بىرىش ئۇرىشىغا قاتناشقان ،خەلق ئازاتلىق ئارمىيەمىز،ئۇزۈن يىللىق ئۇرۈش قىلىش تەجىربىسى ۋە ئولۈمدىن قۇرۇقماسلىقتەك ئىنقىلاۋى رۇيىنى جارى قىلدۇرۈپ ،ئۇرۈش غەلبىسىنى قۇلغا كەلتۇرىدۇ،خەلقىمىز بۇ سۆيۈملىك جەڭچىلىرىمىزنى مەىگۈ ياد ئەتمەكتە. شۈنداق؛ ئۇ سۆيۈملىك كىشىلىرىمىز خەلقىمىز قەلىپ تۆرىدە مەنگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەر ،
                       ئابلانۇر
     ئابلا نۇر 1942-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۇنى سابىق قۇمۇل ناھىيىسنىڭ توغۇچى يېزىسى دۆربەجىن كەنتىدە دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،1953-8ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان،1953-يىلى 8-ئايدىن 1957-يىلى 7- ئايغىچە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلانغان،
  ئابلا نۇر 1958-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئىشچى –دېھقانلار تىز پۇتتۇرۇش مەكتىپىگە  چىقىپ ،ئالدى بىلەن 12-ئايغىچە فۇكاڭدا رودا كولاپ پولات تاۋلاشقا، 12-ئايدىن 1959-يىلى 2-ئايغىچە جىجىسوۋزىدا تۆمۇريۇل ياساشقا قاتناشقان،3-ئايدا مەكتەپ ئۇرۇمچى 2-دارىمۇئەللىمنگە قوشىۋىتىلگەن،1960-يىلى 1-ئايغىچە 2-دارىلمۇئەللمىندە ئوقىغان
ئابلا نۇر 1960-يىلى 1-ئايدا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ئالتايدا تۇرۇشلۇق 3718-قىسىمنىڭ ئالتاي .ئاتلىق پولكى 3-رۇتا 3-ئىزۋۇر 4-ئودلىنيەدە ئەسكەر، 1960يىلى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە مەسكۇر قىسىم ئاچقان ئودلىنيە كوماندىرلىرىنى يېيىشتۇرۇش كۆرسىدا ئوقۇغاندىن كىيىن 4-ئودلىنيىسىنىڭ كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ،1962-يىلى 6-ئايدا 3718-قسىم ئالتاي ئاتلىق پولكنىڭ 2-3-رۇتىلىرىنى (2-3-رۇتىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر ئۇغۇر ،قازاق،4-رۇتىدىكى كوماندىر –جەڭچىلەر خەنزۇ ئىدى) يۇقۇرنىڭ بۇيرۇغى بىلەن قەشقەرگە يۇتكىلىپ كىلىپ 2-3-رۇتا بىرلىشىپ بىر رۇتا بۇلۇپ تەشكىللىنىپ ،قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەققىل3-ئاتلىق پولك(بۇ مىللى پولك بۇلۇپ پولك كوماندىرى ئېزىزۇف قاسىم،سىياسى كومىسارى يۈفۇگۇڭ ئىدى)نىڭ 3-رۇتىسى بۇلۇپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىدۇ،ئابلا نۇر 3- رۇتا 3-ئىزۋۇد9-ئوتلىيە(بۇ رازۋېدكا ئودلىنيە بۇلۇپ ،2نەپەر مۇئاۋىن ئود لىنيە كوماندىر بار ئىدى)نىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ.بۇ ئود لىنيەدە  ئاپتۇمات، مىلتىقتىن باشقا قوراللار يۇق ئىدى.1962-يىلى7-ئايدا مۇستەققىل 3-ئاتلىق پولك يۇقىرنىڭ بۇيرىقى بىلەن شىزاق ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كەسشىۋە ناھىيىسىگە يۆتكىلىپ 10-ئايغىچە تەلىم-تەربىيە مەشىقى ئىلىپ بارىدۇ،بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى شالاڭ بۇلغاچقا،تەلىم- تەربىيىنىڭ مەخسىتى كوماندىر –جەڭچىلەرنى  شۇ رايۇننىڭ ھاۋاسىغا كوندۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئىدى،10-ئايدا پولك قەشقەرگە قايتىپ كىلىپلا يەنە بۇيرۇق بىلەن كەينىگە قايتىپ شىزاڭ ئابتۇنۇم رايۇننىڭ تىيەن ۋىنتىيەن ناھىيىسىگە ئورۇنلىشىدۇ،ۋە شۇ يەردە بۇيرۇق كۇتىدۇ ،چۇنكى ،ھىندىستان ئارمىيەسى ئېلىمىز زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كرىپ ،بىر قىسىم جايلارغا پۇنكىتلارنى قۇررۇپ ئىغۋاگەرچىلىىك قىلۋاتقانىدى مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولكنىڭ ۋەزىپىسى باشقا قىسىملارغا ئوخشاش تاجاۋۇز قىلىپ كرگەن گۇشمەننى چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئىدى،
1962-10-ئاينىڭ20-كۇنى جۇڭگۇ –ھىندىستان چىگرىسىدا رەسمى ئۇرۇش  باشلىنىدۇ،ئابلا نۇر قۇماندانلىقىدىكى9-ئود لىنيە بىلەن .ئېغىر پىلىمۇت رۇتا 3-ئود لىنيسىنىڭ كوماندىرى ئىسمايىل مەمەت(قەشقەر يىڭساردىن) قۇماندانلىقىدىكى ئود لىنيەدىن  ئىبارەت  ئىككى ئودلىنيەنىڭ ۋەزىپىسى  پولك شىتاۋىنى قۇغداشقا مەسئۇل بۇلۇپ،10-ئاينىڭ 27-كۇنى پولك بۇيرۇق بۇيىچە كەچ سائەت9-10لار بىلەن بەلگىلەنگەن نىشانلارغا يۇرۇپ كىتىدۇ،بىر كىچە بۇرۇن كەتكەن رۇتىلاردىن خەۋەر كەلمەيدۇ،تاڭ ئېتىشقا يىقىن بىر جەڭچى كىلىپ ،پولك كوماندىرىغا «ئالدىمىزدىكى قىزىل تەغدىن 3نەپەر دۇشمەن ئەسكىرى تۆۋەندىكى جىراغا چۇشۇپ كەتتى» دەپ دۇكىلات قىلىدۇ ،پولك رەھبەرلىرى «ئۇنداق بۇلسا بىز ئىلگىرلەپ كەتكەن قىسىملارغا يىقىنلىشايلى» دەپ بۇيرۇق كۇتۇپ تۇرغان  قىسىمغا يۇرۇش بۇيرىقى بىرىدۇ، ئابلا نۇر ئود لىنيىسى بىلەن ئىسمايىل مەمەت ئود لىنيىسى ماشىنىلىق پولك شىتاپنى قۇغداپ ئىلگىرىلەپ،بىر تاغ ئېغىزىغا بارغاندا،پولك كوماندىرى ئىزىزۇف قاسىم بىلەى سىياسى كومىسارى  يۇ فۇگۇڭ ۋە بىر قىسىم كوماندىر-جەڭچىلەر تاغنىڭ باغرىدا قالىدۇ ،ئىسمايىل مەمەت ئود لىنيىسى ئالدىدىكى ماشىنىدا،ئابلا نۇر ئود لىنيىسى كەينىدىكى ماشىينىدا بولۇپ دۇشمەن ئەخۋالىنى رازۋىدكا قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرلەپ ،ماشىنىلار جىراىنىڭ بىشىغا بىرىپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ مېڭىشىغا جىراغا  ئالدىن ئورۇنلىشىۋالغان دۇشمەن ئەسكەرلىرى ماشنىلارنى كۆرۇپلا تۇپقا يۇتىدۇ،(قىزىل تاغدىن پەسكە چۇشۇپ كەتكەت دۇشمەن ئەسكەرلىرى بىزنىڭ ماشىينىلارنى  كۆرۇپ ،پەستىكى دۇشمەنلەرگە خەۋەر بەر گىلى چۇشۇپ كەتكەن ئىكەن،»ئىسمايىل مەمەت ئود لىنيىسى ئۇلتۇرغان ماشىنىدا 12جەڭچى بار ىدى،ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن ئابلا نۇر جەڭچىلەرگە دەرھال ماشىنىدىن چۇشۇش بۇيرىغى بىرىدۇ،جەڭچىلەر دەرھال ماشىنىدىن چۇشۇپ مۇداپىيەلىنىدۇ،ئالدىدىكى مەشىنىدىكى ئىسمايىل مەمەت ماشىنىنىڭ ئۇستىدە تۇرۇپ  دۇشمەنگە ئوق ئۇزىدۇ،ئەسەرنىڭ باش قىسىمىدا  ئىسمايىل مەمەت تۇغرۇلۇق بايان قىلىنىپ بۇلغانلىقى ئۇچۇن ،قايتىلىماي.
ئابلا نۇر قۇماندانلىقىدىكى  جەڭچىلەر ماشىنىدىن چۇشۋاتقاندا جەڭچى ئەخمەت سابىت(غۇلجىدىن) نىڭ سول پۇتىغا ئوق تىگىپ يارىلىنىدۇ،ئابلا نۇر ئودلىنيىسىدىكى جەڭچىلەر دۇشمەن ئاكوپىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقاندا  جەڭچى ئىبراھىم ئېلى(ئۇچ تۇرپاندىن)نىڭ سول قۇلىقىنى بىر پاي ئوق سۇرۇپ ئۆتۇپ كىتىدۇ،ئابلا نۇر تىزلىك بىلەن ئاكۇپنىڭ بىشىغا بىرىپ قارىسا  ئاكوپنىڭ ئىچىدە تۇت نەپەر  دۇشمەن بار  ئىكەن ئۇلارنىڭ بىرى پىلىمۇتتىن  ئوت  ئىچىۋاتقان ئىكەن ،شۇ ئارىدا كەينىدىن يىتېشىپ كەلگەن رۇتىدىكى نۇر ئېلى(يىڭساردىن) پىلىمۇت ئېتىۋاتقان دۇشمەننىڭ گەجگىسىگە مىلتىقنىڭ نەيزىسنى تىقىپ ئۆلتۇرىدۇ،       قالغان ئۇچ نەپەر دۇشمەى  ئەسكەر قول كوتۇرۇپ تەسلىم بۇلىدۇ،ئاكۇپنىڭ كەينىدىكى دۇشمەن ئىسكىلاتىدا ئىككى نەپەر دۇشمەن ئەسكىرى بار بولۇپ،ئۇلار ۋە جىرادا قىچىپ كىتىۋاتقان يەتتە نەپەر بۇلۇپ جەمىئي 12نەپەر  دۇشمەن ئەسكىرى ئەسىرگە چۇشىدۇ،جەڭ بەك دەششەتلىك بولغان بۇلۇپ،پەقەت 21مىنۇت داۋام قىلىدۇ،جەڭ كەڭرى كەتكەن تۈز سايدابۇلۈاچقا، ئىككى ماشىنىنىڭ شوپۇرى(خەنزۇ)مۇ قۇربان بۇلىدۇ، جەڭ ئاياغلاشقاندىن كىيىن ،پولك كوماىدىرى ئىزىزۇف قاسىم بىلەن پولىك سىياسى كومىسارى يۇفۇگۇڭ كىلىپ ھەرمىللەت كوماندىر –جەڭچىلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرىشىدۇ،ئۇزۇن ئۇتمەي 3-ئاتلىق پولكقا قاراشلىق روتىلارمۇ يىتىپ كىلىدۇ،پولك جىرادا بىر كىچە قۇنۇپ ئەتىسى 3-ئاتلىق پولك باشقا قىسىملارغا ياردەملىشىش ئۇچۇن يۇلغا چىقىپ،12-ئايدا پولك سىچۈەنخى دەرياسىدىن (دەريەنىڭ كەڭلىگى100مىتىر كىلىدۇ)ئۆتۇپ ئىلگىرلەۋاتقاندا،3-ئاتلىق پولك شىتاپ ئوفىنسىرى لى(خەنزۇ) ئىككى نەپەر دۇشمەن ئەسكىرىنى چەيدەپ كىلىدۇ،پولك رەخبەرلىرى بۇ ئەسىرلەرنى ئارقا سەپكە قايتۇرۇپ بىرىدۇ،3-ئاتلىق پولكتىكى كوماندىر جەڭچىلەر باشقا قىسىملارغا ياردەملىپ،ھىندىستان تاجاۋۇزچى ئارمىيەنى قۇغلاپ تىرەپىرەن قىلۋىتىدۇ،ۋە نۇرغۇن دۇشمەننى ئەسىرگە ئالىدۇ،دۇشمەن بەك قۇرقۇپ كەتكەنلىگى ئۇچۇن،جەڭچىلەرنى  كۆرۇپلا دەرھال قول كۆتۇرۇپ قورال تاشلاپ تەسلىم بۇلىدۇ،ئابلا نۇر قوماندانلىقىدىكى ئودلىنيە بەش نەپەر دۇشمەن ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالىدۇ ،قىسىملار قاچقان دۇشمەننى قوغلاڭ،يەنكوكىخى كۆلىگە بارغاندا دۇشمەن بىلەن يەنە ئۇرۇش قىلىدۇ،ئۇرۇش 11كۇن داۋام قىلىدۇ،بۇ ئۇرۇشتا 3-ئاتلىق پولك قاچقان دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بىرىش زەربە بىرىش ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ،11كۇندە جەمىئىي30دىن ئارتۇق دۇشمەن ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالىدۇ.
جۇڭگو-ھىندىستان چىگرىسىدىكى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بىرىش ئۇرىشى1962-يىلى 10ئايدىن 1963-يىلى 1-ئايغىچە ئۇچ ئاي داۋاملىشىدۇ،
ئۇرۇشتىن كىيىن يۇقىرنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئابلا نۇرنى «2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەكەن » ئابلا نۇر قۇماندانلىقىدىكى 9- ئود لىنيەنى«3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن» ئەخمەت سابىرى ،نۇر ئىلى قاتارلىقلارغا «3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن» دەپ ئەنگە ئالدى،
ئابلا نۇر قىسىمدا ئود لىنيە .ۋىزۋۇت مۇئاۋىن روتا كوماندىر مۇئاۋىن سىياسى يىتەكچى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ1970-يىلى يەرلىككە ئالمىشىپ 1992-يىلى 9-ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پولات تىمۇر زاۋۇتىنىڭ كادىرى ،بولۇم مۇدىر، زاۋۇت پارتىكۇم نىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ ئۇ 1997- يىلى دەم ئىلىشقا چىقىدۇ.   
                 ئىسھاق ئايۇپ
     ئىسھاق ئايۇپ 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۇنى قۇمۇل ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسى ئورداخى مەھەللىسىدە تۇغۈلغان، 1953-يىلى 8-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بۇلغان،1953-يىلى 8- ئايدىن 1957-يىلى 7-ئايغىچە قۇمۇل شەھەر ئىچى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىغان، 1957-يىلى 8-ئايدىن 1958-يىلى 12-ئايغىچە قۇمۇل شەھەر ئىچى دارىلمۇمۇئەللىمىندە ئوقىغان،
    ئىسھاق ئايۇپ 1958-يىلى 12-ئايدا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ،جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى ئىلى ھەربى رايۇنىغا بىۋاستە قاراشلىق ھەرەمباغ مۇستەقىل باتالىيۇن 3-رۇتا 3 –ئىزۇۋۇد5-ئود لىنيىسىدە ئەسكەر 1960-يىلى 2-ئايدىن 3-ئايغىچە ئىلى ھەربى رايۇنى ئاچقان ئود لىنيە كوماندىرلىرىنى تەربىلەش كورسىدا  ئوقىغاندىن كىيىن 3-ئود لىنيىىسنىڭ كوماندىرى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ،ئۇ1960-يىلى 10-ئايدىن 1961-يىلى 11-ئايغىچە ئىلى ھەربى رايۇن چاپچال ناھىسىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا بۇز يەر ئېچىش ئەمگىكىگە ۋە 1962-يىلى 3-ئايدىن 6-ئايغىچە 3-رۇتا تەركىۋىدە غۇلجا ئاقئۆستەڭ بۇيىدا دىھغانچىلىق ئەمەىگىكىگە قاتنىشىدۇ،1962-يىلى 6-ئايدا ھەرەمباغ مۇستەقىل باتا لىيئوننىڭ 3-روتىسى يۇقۇرنىڭ بۇيرىغى بىلەن  كەشقەرگە يۇتكىلىپ،قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەققىل 3-ئاتلىق پولكنىڭ 3-رۇتىسى بۇلۇپ تەشكىنلىنىدۇ،ئىسھاق ئايۇپ يەنىلا 3-ئود لىنيىسىنىڭ كوماندىرى (مۇئاۋىن  ئىزوۋۇد دەرىجلىك) بۇلۇپ تەيىلىندۇ.1962-يىلى 10-ئايدا مۇستەققىل 3-پولك بۇيرۇق بۇيىچە شىزاڭ ئاپيۇنۇم رايۇننىڭ چولاپۇلئوزىنلۇق. تىيەنۋېنتىيەن قاتارلىق جايلارغا يۇتكىلىپ بىرىپ،تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ.
   1962-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۇنى ھىندىستان تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى دۆلىتىمىز زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ،بىر قىسىم جايلارنى ئىگىلىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى قۇغداپ قايتارما زەربە بىرىش ئۇرىشى باشلىنىدۇ،قىسىملىرىمىز دۇشمەننىڭ «پۇلات ئىستھىكام»دەپ ئاتىلىدىغان ئىستىھكاملىرىغا ئومۇميۇزلۇك ھۇجۇم قىلىپ تۇپقا تۇتىدۇ،«پۇلات ئىستىھكام»ھىندىستان تەرەپنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ئىستىھكاملىرى بۇلۇپ،قىسىملىرمىز دۇشمەننىڭ بۇ ئىسىھكامىنى تۇپقا تۇتقان ئىدى،ئىسھاق ئايۇپ تۇرۇرۇشلۇق 3-رۇتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسسى تىيەنۋېتىيەندە تۇرۇپ ياردەمگە كەلگەن ۋە قاشقان دۇشمەنگە زەربە بىرىش ئىدى،بىر كۇنى دۇشمەننىڭ بىر قىسىم ئەسكىرى ياردەمگە كېلىدۇ،3-رۇتا دۇشمەنلەر يىتىپ كېلىشىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم  قىلىپ دۈشمىننى تارمار قىلىدۇ،ئىسھاق ئايۇپ ئۇرۇشتا بىر دۇشمەننى ئولتورۇپ بىرنى تىرىك تۇتىدۇ،ئۇ دۇشمەن بىلەن ئىلىشۋاتقاندا ،دۇشمەن ئىسھاق ئايۇپنىڭ سول بىلىگىگە بىچاق تىقىپ يارىلاندۇرىدۇ،ئۇرۇشتا ئىسھاق ئايۇپ زەربىدار ئود لىنيىسىنىڭ كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى،بۇ ئۇرۇش پەقەت تۇت سائەتلا داۋاملىشىدۇ، ئۇرۇش ئاياغلاشكاندىن كىيىن، شىنجاڭ ھەربى رايۇنى  ئىسھاق ئايۇپنى «3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆۇرسەتكەن» دەپ ئەنگە ئىلىپ مىدال، شەرەپ گۇۋانامىسى بىرىپ مۇكاپاتلايدۇ.ئىسھاق ئايۇپ 1963-يىلى 1-ئايدىن 1969-يىلى 10-ئايغىچە پولك سىياسى باشقارمنىڭ  ياردەمچىسى ،ئاقسۇ ناھىيىلىك خەلق قوراللىق بۆلىمى سىياسى كومىسارنىڭ ياردەمچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
    ئىسھاق ئايۇپ 1969-يىلى 10-ئايدا يەرلىككە ئالمىشىپ 1995يىلى 6-ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پولات تۇمۇر زاۋۈتىدا مۇئاۋىن باشلىق  قۇغداش بۇلۇم باشلىقى ،فىنسىيۇنىرلارنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ 1995-يىلى 6-ئايدا دەم ئىلىشقا چىقىدۇ.
                  
                    ئەمەت نىياز
      ئەمەت نىياز 1939-يىلى 10- ئايدا ھازىرقى قۇمۇل بىڭتۇۋەن 13-دىۋىزىيە راكىتا دىھقانچىلىق مەيدانى 1-شۆبە مەيدانىدا تۇغۇلغان .1953-يىلغىچە ئائىلە يەربىيىسىدە بۇلغان،1953-يىلى 8 -ئايدىن 1957-يىلى 7-ئايغىچە (يالاڭكارىز) باشلانغۇچ مەكتەپ (ھازىرقى راكىتا دىھقانچىلىق مەيدانى 1-شۆبە مەيدان باشلانغۇچ مەكتەپ)تە ئوقۇغان،ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىن دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.
ئەمەت نىياز1958-يىلى 12-ئايدا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ،جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى ئىلى ھەربى رايۇنى ھەرەمباغ مۇستەققىل باتالىيئۇن3-رۇتا 2-ئىزۋۇد 2-ئود لىنيەدە جەڭچى،1959-يىلى 6-ئايدىن 10-ئايغىچە  ئىلى ھەربى رايۇنى ئاچقان تەلىم –تەربىيە  كورسىدا  ئوقىغاندىن كىيىن،3-رۇتا 2-ئىزۋۇد 2-ئود لىنيەنىڭ كوماندىرى بۇلغان ،شۇ يىلى ئود لىنيەنى يىتەكلەپ، ئىلى ھەربى رايۇنىنىڭ دىھقانچىلىق مەيدانىدا تەلىم-تەربىيە ئەمگىكىگە قاتنىشىپ ،ھەربى رايۇن تەرىپىدىن «3دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن »دەپ ئەنگە ئىلىنغان،1961-يىلى 5-ئايدىن 12-ئايغىچە شىنجاڭ ھەربى رايۇن پىيادىلەر مەكتىبىدە ئوقىغان،ئو ئۇگۇنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ئىلغار باھالىنىپ،ئۇچ قىتىم تەغدىرلەنگەن،قايتىپ بارغاندىن كىيىن ،1961-يىلى 2-ئايدىن 1962-يىلى 6-ئايغىچە ھەرەمباغ باتاليئۇنى 2-رۇتا 2-ئىزۋۇدنىڭ مۇئاۋىن كوماىدىرى بولغان،
ئەمەت نىياز 1962-يىلى 6-ئايدا قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولكقا  يۇتكىلىپ بىرىپ 2-رۇتا 1-ئىزۋۇدنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى بۇلغان. 1962-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو –ھىندىستان چېگرىسىدا ئۆزىمىزنى قۇغداپ قايتارما ئۇرىشى باشلانغاندا ،ئۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان،ئۇرۇشتا ئىزۋۇدنى يىتەكلەپ ،ياخشى خىزمەت كۆرساتكەنلىگى ئۇچۇن ،يىل ئاخىرىدا پولك تەرىپىدىن تەغدىرلەنگەن.ئۇيىلى -4-ئايدىن 1985-يىلى 5-ئايغىچە ئۇچتۇرپان ناھىلىك خەلىق قوراللىق سياسى بۇلۇمدە بۇلۇم باشلىقى ،خەلىق قۇراللىق بۇلۇمنىڭ باشلىقى بۇلغان،
ئەمەت نىياز 1985-يىلى 5-ئايدا يەرلىككە ئالمىشىپ،1992-يىلى 3-ئايغىچە ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ،دائىمى كومىېىتنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرى ، سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،  ناھىيىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىشلەپ ،شۇ يىلى 1-ئايدا دەم ئىلىشقا چىقىدۇ.

                      ئىسمائىل ئەمەت
     ئىسمائىل ئەمەت 1938-يىلى 3-ئايدا قۇمۇل شەچەرنىڭ پالۋانيۇر يېزىسى ىۇاڭگۇڭ كەنىتىدە تۇغۇلغان 1950-يىلغىچە ئاىلە تەربىيىسدە بۇلغان،1950-يىلدىن 1958-يىلى 12-ئايغىچە دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىگىدىن ئۇگۇنۇپ ساۋاتىنى چىقارغان.
       ئىسمائىل ئەمەت 1958-يىلى 12-ئايدا ھەربى سەپكە قتنىشىپ ،جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى ئىلى ھەربى رايۇنى ھەرەمباغ مۇستەققىل باتالىئۇن3-رۇتا 2-ئىزۋۇدىدا ئەسكەر بۇلغان،1960-يىلى 2-ئايدىن 5-ئايغچە ئىلى ھەربى رايۇنى ئاچقان ئودلىنيە كوماندىرلىرىنى يىتىشتۇرۇشكۈرسىدائوقىغاندىن كىيىن،2ئىزۋۇد ئەدلىنيە كوماندىرى بولغان،ئو1960-يىلى10-ئايدىن 1961-يىلى11-ئايغىچەئىلى ھەربى رايۇننىڭ چاپچال ناھيسىدىكى دىھقانچىلىق مەيدانىدا بوز يەر ئېچىش ئەمگىكى ۋە 1962-3-ئايدىن 6-ئايغىچە غۇلجا ئاقئۇستەڭ بۇيىدا ئىشلەپچىقىرىش ھەركىتىگە قاتناشقان ،ئۇ بۇ ھەركەتتە «3-دەرىجىلىك خىزمەت  كۆرسەتكەن»ۋە تەلىم-تەربىيىدە 3-قىتىم «5تە ياخشى جەڭچى»بۇلۇپ باھالانغان.
   1962-يىلى 6-ئايدا ھەرەمباغ مۇستەققىل باتالىئۇننىڭ 3-رۇيتىسى  قەشقەرگە يۇتكىلىپ ،قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولكنىڭ 3-رۇيتىسى بۇلوپ تەشكىللىنىدۇ، ئىسمائىل ئەمەت 3-رۇتا تەركىۋىدە قەشقەرگە بىرىپ 3-رۇتا 2-ئىزۋۇدنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرلىقىغا تەيىنلىدۇ،1962-يىلى 10ئايدا جۇڭگۇ-ھىندىستان چىگىسىدا ئۆزىمىزنى قۇغداپ، قايتۇرما ھۇجۇم بېرىش  ئۇرۇشى باشلىنىدۇ،ئىسمائىل ئەمەت پولك تەركىبىدە ئۇرۇشقا كاتنىشىدۇ ،ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ،ئۇ1964-يىلى 3-ئايدا ئاخسۇ  كونا شەھەر ناھىيىلىك (ھازىرقى ئۇنسۇ ناھىيىسى) خەلق قۇراللىق بۆلىمىگە يۇتكىلىپ1971-يىلى 9-ئايغىچە قۇماندانلىق بۆلىمىنىڭ سىتاپ ئوفىتسېرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.  
   ئىسمائىل ئەمەت 1971- 10-ئايدا يەرلىككە ئالمىشىپ ،1974-3-ئايغىچە  سابىق كۇمۇل ناھىيە ئاستانە گۇڭشى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى 1980-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە پالۋانتۇر يېزىلىق تەمىنات كوپراتىپنىڭ مۇدىرى ھەم پايتىيە ياچىكا شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
    ئىسمائىل ئەمەت 1992-يىلى 7-ئايدا دەم ئىلىشكا چىقىدۇ،ئۇ2000-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۇنى كېسەل سەۋەۋى بىلەن 63 يىشىدا  قۇمۇلدا ۋاپات بۇلۇدۇ.

                      ئىسمائىل سىدىق
      1942-يىلى 6-ئايدا قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ شەرقى ئۆستەڭ رايۇنى يۇقىرى ئاقيەر كىەنىتىدە  تۇغۇلغان ،1956-يىلى 8-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بۇلغان.
1953-يىلى 8-ئايدىن 1956-يىلى 7-ئايغىچە يۇقىرى ئاق يەر باشلاىغۇش مەكتەپتە ئۇقىغان،1958-يىلى 12-ئايغىچە دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇلانغان.
1958-يىلى 12-ئايدا ھەربى سەپكە قاتنىشىپ ،جۇڭگو خەلق ئارمىيەسى ئىلى ھەربى رايۇنىغا بىۋاستە قاراشلىق ھەرەمباغ مۇستەقىل باتالىيئۇنغا  بىۋاستە قاراشلىق سىۋەز (ئالاقە)ئود لىندە ئەسكەر ،ئود لىنيە كوماندىر بولغان 1961-يىلى 5-ئايدىن 12-ئايغىچە  شىنجاڭ ھەربى رايۇنى كادىرلار مەكتىۋىدە وقۇغاندىن كىيىن ھەرەمباغ باتلىيئۇن 2-رۇتا 2-ئىزۋۇدنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ، ھەمدە ئىلى ھەربى رايۇننىڭ چاپچال ناھىيىسىدىكى مەيداندا بوزيەر ئېچىش ئەمگىكىگە قاتنىشىدۇ.
1962-يىلى 6-ئايدا ھەرەمباغ باتالىيئۇننىڭ 3-رۇتىسى يۇقۇرنىڭ بۇيرىغى بىلەن يۇتكىلىپ كىلىپ قەشقەردە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولكنىڭ 3-رۇتىسى بۇلۇپ تەشكىللىنىدۇ،ئىسائىل سىدىقمۇ قەشقەرگە يۇتكىلىپ كىلىپ 3-رۇيتا 2-ئىزۋۇدنىڭ موئاۋىن كوماندىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ .
1962-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو –ھىندىستان چىگىرىسىدا ئۆزىمىزنى قۇغداپ ،قايتارما زەربە بىرىش ئۇرىشى باشلىنىدۇ.ئىسمائىل سىدىقمۇ مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولك تەركىۋىدە ئۇۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ،مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولىك 3-رۇتىسى شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تىيەنۋېنىتىيەن دېگەن يىدە ئېگىز تاغنىڭ ئۇستىدە تۇرۇپ ،رۇيتا كوماندىرى ھۈسەيىننىڭ قۇماندانلىقىدا  دۇشمەنگە ياردەمگە كەلگەن ئىككى ماشىنائەسكىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ،ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى قۇلغا كەلتۇرىدۇ. ئۇرۇشتىن كىيىن 3رۇتا 3 كۇن دەم ئالىدۇ ،ئاندىن شىزاڭنىڭ جىنزون ناھىيىسىگە كىلىپ ئۇچ-تۇت كۇن تۇرغاندىن كىيىن پولك كوماندىرى ئىزىزۇف قاسىمنىڭ بۇيرۇغى بىلەن 3- رۇتا تاغ ئىچىگە كىرىپ ،چىدىر تىكىپ دۇشمەندىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىرگە ،ئۇرۇشتا قۇربان بۇلغان جەڭچىلەرنى دەپنە قىلىدۇ.
ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ،مۇستەقىل3-ئاتلىق پولك قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ.ئىسمائىل سىدىق 1963-يىلى 7-ئايدا يەرلىككە ئالمىشىپ،1981-يىىچلى 9-ئايغە ئاپتۇنۇم رايۇىلۇق قاتناش نازارىتى قەشقەر 6-شىركىتى 8-كالۇندا رېمۇتچى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ ،1981-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتى  تاشيۇل باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇمۇل باش ئۇچاستكىسىغا يۇتكىلىپ ،1988-يىلى 10-ئايغىچە ئىشلەپ دەم ئىلىشقا چقىدۇ.  
        
  ئابدۇرىھىم ئابدۇۋايىت
  
      ئابدۇرىيىم ئابدۇۋايىت 1943يىلى9-ئايد قەشقەر ۋىلايەت پەيزىۋات ناھىيە قىزىل بوي4-رايۇن ئاپپاغۇجا 14-دادۇيدە دىھقان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن،1950-يىلدىن 1958-يىلى 7- ئايغىچە پەيزىۋاتتا باشلانغۈچ ۋە  ئۇتتۇرا مەكتەپكىچە ئۇقۇپ 1958-يىلدى 1960 يىلى 1-ئايغىچە قىزىل بۇيا گۇڭشىدا سەنئەت ئۈمەكتە ئىشلىگەن. 1960-يىلى 1-ئايدا  جۈڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيەگە قاتناشقان،شۇ يىلى جۈڭگۇ –ھىندىستان چىگراسىدا باندىت تازلاش ئۇرىشىغا قاتنىشىپ «3-دەرىجىلىك»خىزمەت كۆرسەتكەن .شۇ يىللىرى بىر تەرەپتىن دولەت مۇداپىئە تاشيولى تاساپ، بىر تەرەپتىن باندىتلار بىلەن جەڭ قىلغان. ئابدۇۋايىت تۇرغان قىسىم تېراىسىپوت توگە يىڭ بولۇپ جۈڭگۇ –چىندىستان چىگىراسىدىكى قىسىمغا  ماشىينا بارالمىغانلىقى ئۇچۇن توگە بىلەن كار-مۇزتاغلاردىن ئېشىپ تەمىنات يەتكۈزۈپ بەرگەن.ئۇ1962-يىلى 7-ئايدا قەشقەردە يۈرۈشلۈق مۇستەقىل 3-ئاتلىق پولك ئىغىر پىلىمۇت لىيەنگە يۇتكىلىپ ئىسمايىل مەمەت بىلەن بىرگە ئىشلەيدۇ.1962-يىلى 10-ئايدا جوڭگو-ھىندىستان ئۇرۈشىغا قاتنىشىپ «2.دەرىجىلىك»خىزمەت كۆرسىتىدۇ،.ئۇرۈشتىكى ئالدىدا بايان قىلىنغانلىقى ئۇچۇن قايتا تەكرارلىمىدىم.
ئابدۇرېھىم ئابدۇۋايىت سەبدىشى ئسمايىل مەمەت قۇربان بولغاندىن كىيىن، ئسمايىل مەمەتنىڭ ئورنىغا ئۈچىنچى ئودلىيە كۇماندىرى، ئىزىۋۇت، رۇتا،باتالىيۇن، پولىك كوماندىرى بۇلۇپ، 29 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۇزۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى. ئۇ قىسىمدا روتا باتالىيۇن دىۋىزىيە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايۇن، شىنجاڭ ھەربىي رايۇن، ھەتتا ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئىلغار نەمۇنىچى بۇلۇپ باھالىنىپ، قىسىمغا زور شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ئىلغار شەخس. ئۇ 1969-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان پارتىيەنىڭ 9-قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بۇلۇپ، سايلانغان پارتىيە 9-قۇرۇلۇتىيىغا قاتنىشىپ ماۋجۇشىنڭ ۋە مەركەز رەھبەرلىرىنڭ قۇبۇل قىلشىغا مۇييەسسەر بولغان. ئابدۇرېھىم ئابدۇۋايىت 1989-يىلى قسىمدىن كەسىپ ئالمىشىپ قەشقەر ۋىلاتلىك سىياسى قانۇن خىزىمتىنى ئون بەش يىل ئىشلەپ 2003-يىلى پىنسىيىگە چىققان ئۇ ياشىنپ قالغىنغا قارىماي قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق ساقلاش  خىزمىتىدە  پىدائىي بۇلۇپ ئىشلەپ سەككىز يىلدىن بۇيان قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق 12 ناھىيە شەھەرگە بىرىپ ئىزچىل تۈردە مۇقۇملىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلۋاتىدۇ.




غۇجا   ئەخمەت ئىسمايىل
1959-يىلى 10-ئايدا ئالتايدا تۇرۇشلۇق 3718قىسىم ئېغىر پىلمۇت  روتىسىدا ئەسكەر بولغان. 1962-يىلى قەشقەردە تۇرۇشلۇق 7994-قىسىم 3-روتىغا يۆتكىلىپ بارغان. غوجا ئەخمەت ئىسمايىل كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەمەت تۇرغان بىرىنچى ئىزۋوت 3- ئوتدېلىيەگە تەقسىم قىلىنغان ئۇ 62-يىلى 10-ئايدا ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇرۇشتا 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. غوجا ئەخمەت ئىسمايىل 62-يىلدىن 77-يىلغىچە قىسىمدا ئىشلىگەن. 1977-يىلى قىسىمدىن كەسىپ ئالمىشىپ تۇرپان ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدا ئىشلىگەن 1985-يىلى پوچتا ئىدارىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان.


ياقۇپ روزى
ياقۇپ روزى 1959-يىل 10-ئايدا ئالتايدا تۇرۇشلۇق 3718 قىسىم 3-روتىدا ھەربى خىزمەت ئۆتىگەن.
1962-يىلى قەشقەردە تۇرۇشلۇق 3-ئاتلىق قىسىمغا (يەنى 7994 قىسىم) غا يۆتكىلىپ بارغان. 1962 يىلى 10-ئايدا جوڭگو ھىندىستان ئۇرشىغا قاتناشقانئۇ دىڭىز يۇزىدىن 5000مىتىر ئېگىزلىكتە سەبداشلىرى بىلەن مۇرىنى مۇرى تىرەپ ھەربىلەرگە خاس جەسۈرلىغىنى جارى قىلدۇرۈپ ئۇرۇش غەلبىسى ئۇچۇن بىركىشلىك رۈلىنى جرى قلدورىدۇ ،قسىم ئۇنۇڭغا«3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى»دەپ ئەنگە ئالىدۇ.
1965-يىلى كادىرلىقىغا ئۆستۈرۈپ كورلا بۈگۈر ناھىلىك خەلق قۇراللىق بۆلمىدە ئىشلەيدۇ،. 1981-يىلى كەسىپ ئالمىشىپ تۇرپان شەھەرلىك ھاراق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن 1982-يىلدىن 85-يىلغىچە شەھەرلىك ئىشچىلار تېخنىك مەكتەپتە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. (88-يىلدىن 98-يىلغىچە شەھەرلىك ھۆكۈمەت خۇجلىق بۆلمىدە ئىشلىگەن. 1998-يىلى پىنسىيەگە چىققان.


ئابدۇللا ئېزىز
ئابدۇللا ئېزىز 1942-يىلى 8-ماي تۇرپاندا تۇغۇلغان تۇلۇقسىز مەدەنىيەت سەۋيىگە ئىگە.
ئابلا ئېزىز 1960-يىلى ئالتايدا تۇرۇشلۇق 3718 قىسىمدا ئەسكەر بولغان. 1962-يىلى قەشقەردە تۇرۇشلۇق(7994) مىللى 3-ئاتلىق قىسىمغا يۆتكەلگەن. 1962-يىلى جوڭگو ھىندىستان ئۇرشىغا قاتناشقان. (يەنى ئۆزمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بېرىش ئۇرشىغا قاتناشقان) ئابدۈللا ئېزىز ئۇرۇش مەزگىلىدە قەھرىمان ئىسمايىل مەمەت بىلەن تىيەن ۋىن تىيەن چاڭ شاكۇ جەڭ رايۇنىدا ئۇرۇش قىلىپ «3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.»
ئابدۇللا ئېزىز 1965-يىلى قىسىمدىن يەرلىككە ھەربىدىن بوشاپ 5 يىللىق ھەربى خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرپان شەھرىگە قاراشلىق يېزىدا دىققان بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ يېزىغا كېلىپ ئارمىيمىزنىڭ ئىسىل ئىستىلنى  جارى قىلدۇرۇپ كەنىتنىڭ يىساۋات  ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ھەم خەلىق ئەسكەرلەر روتا كوماندىرى بولغان. 1982-يىلدىن 1994-يىلغىچە ماي زاۋۇتقا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ يېزىدىكى دىھقانلانىڭ زور ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پىشقەدەم جەڭچى.


موللا نىياز
موللا نىياز 1940-يىلى شىنجاڭ قورغاس ناھىيسىدە تۇغۇلغان. ئۇ تولۇقسىز مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە بولۇپ 1956-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇنىكىتىدا مەخسۇس 6 ئاي تەربىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان. 6 ئايلىق تەربىلەشتىن  كېيىن ئاپتونۇم رايوننىڭ بىر تۇتاش تەخسىماتى بىلەن شىنجاڭ بۆرتالا ئوبلاسلىق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 1960-يىلى 3-ئايدا بۆرتالا ئوبلاسلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىدىن ھەربى سەپكە قاتنىشىپ غۇلجا ھەرەم باغ 3824 ئىككىنچى روتىدا جەڭچى بولۇپ ئىشلىدى. 1962-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو ھەندىستان چىگىرا ماجىراسى بولغاندا قەشقەر خاڭدىدا تۇرۇشلۇق 3-ئاتلىق پولىك (7994) قا يۆتكەلدى. ئەسلىدىكى 3824-قىسىم 2-روتا قەشقەرگە يۆتكۈلۈپ بارغاندا 7994-قىسىمنىڭ 3-روتا قىلىپ ئۆزگەرتتى.
1962-يىلى ئاۋغىستتا بۇيرۇق بويىچە شىزاڭنىڭ  داخۇڭلۇتەن، شاۋ خۇڭلۇتەن، تىيەنۋىنتىيەنلەردىكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ ۋەتەنگە تۆھپە قوشقان. دۈشمەنلەرنىڭ 6-، 17-31-ۋە نامەلۇم پوتەيلەرگە قايتارما كۈچلۈك زەربە بېرىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، پوتەيلەرنى ۋەيران قىلىپ ئۇرۇش غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا قاتناشقان. ئاخىرقى ئۇرۇش غەلبىسىگىچە جەڭلەردە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان. ،ئۇرۈشتىا ئۇنىڭغا «3-دەرىجىلىك» خزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالىدۇ،
1963-يىلى 8-ئايدا ھەربەدىن بوشاپ غۈلجا قورغاس ىاھىيەگە يەخسىم قىلىدۇ ،



ئابدۇجاپپار ساتتار
ئابدۇجاپپار ساتتار (1944-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ بۆرتالادا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن بۆرتالا شۈيىڭپەن بازار تاۋىن سالا كەنتىدە دىھقان بولغان.
1960-يىلى 3-ئايدا جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتناشقان. ئۇ 1960-يىلى 3-ئايدىن 1962-يىلغىچە غۇلجا ھەرەمباغ 3718-قىسىمدا ئىشلىگەن. 1962-يىلى جوڭگو-ھىندىستان چىگرا ماجراسى يۈز بەرگەندە قەشقەر خاڭدى 7994-قىسىم يەنى (3-ئاتلىق پولىققا) يۆتكەلگەن. 1962-يىلى يۇقۇرنىڭ بۇيرىقى بىلەن شىزاڭنىڭ ئالى رايۇنىغا بېرىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قايتارما زەربە بىرىش ئۇرشىغا قاتناشقان ھاۋا شالاڭ قاتتق-سوغۇق تاماقلىنىش-ئسسىنىش شارائىتى ئىنتايىن ناچار تىيەنۋىنتىيەن سچۇەنخى رايۈندىكى  جەڭلەردە ئۇزىنىڭ مەرگەنلىگىنى جارى قىلدۇرۇپ قاشقان دۇشمەننىڭ بىرنىمۇ قاچۇرماي يەر چىشلىتىدۇ،دىڭىز يۇزىدىن 5000مىڭ مىتىردىن ئىگىز ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكتەك جاپالىك ئەھۋالدا ئارمىيمىزنىڭ جاپاغا باش ئەگمەس روھى بىلەن ئۇرۇش غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشقان.ئۇ ئۇرۈشتا «مەرگەن» دىگەن نام بىرىلگەن ھەمدە «2-دەرىجىلىك خىزمەت كورسەتكەن»دەپ ئەنگە ئالىدۇ،1963-تىلى  شىنجاڭ ھەربى رايۇن بويىچە قارغا ئىتىش مۇسابىقىدا 2-بولۇپ زۆر شان-شەرەپكە ئىرىشىپ گىنىرال خىلۈڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا نايىل بولىدۇ.
ئۇ 1964-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشاپ بۆرتالاغا قايتىپ يېزىدا كەنىتنىڭ خەلق ئەسكەرلەر روتىسنىڭ روتا كوماندىرى بولۇپ 1978-يىلغىچە ئىشلىگەن

        تۇرسۇن ھوشور
   تۇرسون ھوشور 1942-يىلى 12-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتې پەيزىۋات ناھىيە قىزىل بويى  يىزا قارا يانتاق كەنىتتە دىھقان ئائىلىدە تۇغۇلغان.1950-يىلى 9-ئايدىن 1958-يىلى 7-ئايغىچە يېزىلىق بازاردا  باشلانغۇچ ،ۋە يولوقسىز ئۇتتورا مەكتەپلەرنى پۇتتۇرگەن 1958-يىلى 11-ئايدىن 1959-يىلى12-ئايغىچە  قىزىل بۇيا يىزا قارا يانتاق باشلانغۇچ مەكتەپتە خەلق ئوقوتقۇچى بۇلغان.1959-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ مۇستاققىل 3-ئاتلىق پولك ئالەقە رۇتا 2-ئىزۋۇد 6-ئودلىنيەدە جەڭچى ،ئۇ قىسىمغا قىرگەن تۇنجى قەدىمىىدىن باشلاپ بارلىغىنى قىسىم قۇرلۇشغا بىغىشلاپ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئېشلىگەنلىگى ئۇچۇن 1961-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيە ئەزالىققا قوبۇل قىلىدۇ،1960-يىلى كوئىلۇن ئىگزلىگىدە  تاشيۇل ياساش جەريانىدا ھاۋا كىلىماتى ناچار ئەخۋال ئاستىدا جاپالىق  ئىشلەپ يۇقۇرنىڭ ئالاھەدە تەغدىرلىشىگە نايىل بولىدۇ،كوئلۇن ئىگىزلىگىدە باندىت تازلاش ئۇرۇشىغا قاتنىىشىدۇ.1962 –يىلى 10ئايدا جۇڭگو –ھىندىستان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ دىڭىز يۇزىدىن 5000مىتىردىن يۇقۇرى ئېگىزلىكتە ھاۋا شالاڭ ئوكسىگىن يىتىشمەيدىغان ئىنتايىن ناچار شارائىتتا  سەبداشلىرى بىلەن ئاققار-كوك مۇزلاردا ،قارلىق شىۋىرغانلاردا جاپادىن قوقماي ھاردىم-چارچىدىم دىمەي ئالدىنقى سەپلەرگە بىرىپ تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇلىنىدۇ ،ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا  يۇقۇرنىڭ تەغدىرلىشىگە نائىل بولىدۇ.ئۇ40 يىللىق ھەربى ھاياتىدا ئودلىنە،ئىزۋۇد رۇتا  مۇئاۋىن باتالىيۇن كوماىدىر ،پولك تەشكىلات-تەشۋىقات بولۇم مۇدىر ،دىۋىزىيەنىڭ مۇئاۋىن سىياسى باشقارما باشلىقى،دىۋىزىەنىڭ موئاۋىن  سىياسى كومىسارى ، ئاقسۇ شۆبە ھەربى رايۇننىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ،جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايۇنى سىياسى باشقارمنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئوتىگەن .  مۇئاۋىن پولك كوماندىرى.بولغان. ئۇپارتىيە ئىچىدە ياچىكا شۈجىسى،  باتالىيۇن-پولىك پارتىكومدا شۈجى قاتارلىق ۋەزىپىلەنى ئۆتىگەن.شۆبە ھەربىرايۇن پارتىكۇمنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى قۇشۇمھە ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتىتنىڭ شۇجلىق ۋەزىپىلەرنى  ئۆتىگەن.ئو ئىلگىر- ئاخر بولوپ 1975-يىلدىن 1990-يىلى 9-ئايغىچە پارتىيە مەكتەپتە، جۇڭگو خلق ئازاتلىق ئارمىيە سىياسىي ئونۋىرستتا تولۇق كورسا مەلۇمات ئالغان ئۇ قىسىمدىكى 40 يىل جەريانىدا تىبەت ئېگىزلىگىگە 15 قىتىم چىققان،  5 يىل مۇقۇم تۇرغان،  40 يىللىق ھەربى ھاياتىدا 25 بەش قىتىم «بەشتە ياخشى »جەڭچى،ئېلغار خىزمەتچى ،مۇنەۋەر كومپارتىيە ئەزاسى 2 قىتىم 3-دەرىجىلىك ،1 قىتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالغان .1987-يىلى (سىتارشى پولكورنىك)ئىنۋان بىرىلگەن .ھەم( دىۋىزىيە كوماندىرى) ۋەزىپىدە ئېشلەپ 1999-يىلى 1-ئايدا دەم ېلىشقا چىققان.   
سۇلايمان ئىمىن
سۇلايمان ئىمىن 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ قەشقەر ناھىيە لەڭڭەر سۇللۇغ تۈگمەن بېشى مەھەللىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. 43-يىلدىن 50-يىلغىچە ئائىلە تەربىيسىدە بولغان. 1950-يىلدىن 1961-يىلغىچە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. (شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە) 1961-يىلى شەرەپ بىلەن جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتناشقان. ئۇ قەشقەر خاڭدى 3-ئاتلىق پولىك پىلموت روتا 1-ۋىۋزوت 3- ئوتدېلىيەدە ئىشلىگەن. يەنى كۆرەش قەھرمانى ئىسمايىل مەمەت تۇرغان ئوتدېلىيەدە
1962-يىلى 10-ئايدا مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومتىتىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن جوڭگو-ھىدىستان چىگرا ماجراسىدا ئۆز خىزمىتىنى قوغداپ قايتارما زەربە بىرىش جىڭىغا قاتناشقان سۇلايمان ئىمىن 3-ئاتلىق پولىك ئېغىر پىلموت روتىسىدىكى كوماندىر جەڭچىلەر بىلەن بىرگە 1-قېتىملىق جەڭگە دېڭىز يۈزىدىن 5000 مىتىر ئىگىز بولغان تىيەنۋىن تىيەن رايونىدىكى شىڭشاۋەندە جەڭگە قاتنىشىدۇ. ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ تىمپىراتورا 0 دىن تۆۋەن 38 سىلسىيە گىرادۇس ئىدى. پاختىلىق چاپان، جۇۋىلار ھېچنىمگە دالدا بولمايتى. پولىك كوماندىرلىرىنى قوغداش پارلاش ۋەزەپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 3-ئوتدىلكۇم تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ دۈشمەننىڭ پىستىرما چەمبىركىگە يىقىنلاپ قالغان، ھىلىگەر دۈشمەنلەرنىڭ بۇ جايغا سىرىتتىن كۆرۈنمەيدىغان ئۆزلىرى ئەپچىل ھەركەت قىلالايدىغان يوشۇرۇن ئاكوپقا كىرۋېلىپ3- ئوتدېلىيەگە كىرۋىلىپ ياندىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇدۇل كېتۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ ئۈچ چاقىغا ئوق تېڭىپ ئاپتوموبىل توختاپ 3- ئوتدېلىيە قىيىن ئەخۋالغا دۇچ كىلدۇ. جىددى ئەھۋال قوللانمىسا مىنۇتقا قالماي بارىلىق جەڭچىلەر قۇربان بولۇشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ئىدى. روتا كاماندىر ئوبۇل مۇسا قايتارما زەربە بېرىش بۇيرىقىنى بىرىدۇ. بۇ چاغدا ئىسمايىل مەمەت ئاپتۇمات بىلەن ئوت ئاچىدۇ. ماشىنىدىكى جەڭچىلەر ماشىنىدىكى سۇ قاچلانغان باكلارنى دالدا قىلىپ دىسكىلارغا تىزلىكتە ئوق قاچلايدۇ. ئېغىر پىلموتنى ماشىنا ئالدىدىن كوزۇپ ئىچىگە چۈشرۈپ دۈشمەنگە قارشى شىددەت بىلەن ئوق ئۈزىدۈ. دۈشمەن ئوت كۈچۈ پەسىيدۇ. شۇ ئەسنادا ئوتدىليە كوماندىر ئىسمايىل مەمەتنىڭ سول بىلكىگە ئوق تىگىپ بىرتال سۆڭەك ساڭگىلاپ قالىدۇ. سۇلايمان ئىمىن تىزلىك بىلەن يارسىنى تاڭىدۇ. سۇلايمان ئىمىن بىر تەرەپتىن ئېغىر پىلموت لىنتىگە تىز ئوق قاچىلاپ رىكوت يارتىدۇ.
3-ئوتدىليەدىكى جەڭچىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئىسمايىل مەمەتنىڭ توغرا قومانداللىقىدا ۋە ئۆلۈمدىن قوقىماي جەڭ قىلىش روھىدا ئون مىنۇتتا جەڭنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇردىدۇ. ۋە جەڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ دۈشمەننىڭ 17 ئادىمىنى ئېتىپ يەر چىشلىتىدۇ. يەتتە ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. ئوتدىليە كاماندىرى ئىسمايىل مەمەت ۋە شوپۇر قۇربان بولىدۇ. روتا كوماندىرى ئوبۇل مۇسا ۋە تۆت جەڭچى ياردار بولىدۇ. ئۇرۇشتىن خۇلاسە چىقارغاندا ئىسمايىل مەمەتنى دۆلەتلىك كۆرەش قەھرىمانى سۇلايمان ئىمىننى 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ نام بىرىدۇ. سۇلايمان ئىمىن 1962-يىلدىن تارتىپ ئىسمايىل مەمەت تۇرغان ئوتدېلىيەدە        مۇئاۋىن كوماندىر، كوماندىر، ۋىۋزوت كوماندىر، روتا ئورۇن باسارى، روتا كوماندىرى بولۇپ ئىشلەپ 1973-يىلى 8-ئايدا 8-ئايدا كەسىپ ئالمىشىپ قەشقەر يېزا ئېگىلىك ئوتتۇرا تېخنىكۇمدا رەھبەر بولۇپ ئىشلەپ 1979-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسىدە سوت كاتىۋى، ياردەمچى سوتچى، سوتچى بولۇپ ئىشلەپ 2003-يىلى 3-ئايدا دەم ئېلىشقا چىقتى.
داۋامى با

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-6 18:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 19:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ماتىرياللار ئىكەن

باھا سۆز

ماتىرياللار-ماتېرىياللار...  ۋاقتى: 2016-2-27 10:52 AM
ۋاقتى: 2015-11-7 02:45:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى داۋامىنى كۈرەيلى.

باھا سۆز

كۈرەيلى-كۆرەيلى...  ۋاقتى: 2016-2-27 10:51 AM
ۋاقتى: 2015-11-7 09:40:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ماتېرىيال ئىكەن، ئەپسۇس ئىملاسىدا ئېغىر مەسىلە باركەن، بولسا تۈزىتىپ يوللانسا .....

ۋاقتى: 2015-11-9 15:17:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان ئەپەندىم ياخشىمۇسىز، بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم. مېنىڭ رەھمەتلىك بوۋاممۇ مۇشۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان پېشقەدەم جەڭچى ئىدى. مېنىڭ مۇشۇ تېمىلاردا  قەلەم تەۋرىتىپ بېقىش ئىستىكىم خېلى كۈچلۈك، مومكىن بولسا جۇڭگو -ھىندىستان ئۇرۇشىغا ئائىت ماتېرياللارنى كۆپرەك يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەكەندىن: ئابدۇمىجىت قاھىر مۇڭلان  

ۋاقتى: 2015-11-9 15:48:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتېرىياللار تولىمۇ قىممەتلىكەن....

ۋاقتى: 2015-11-9 15:53:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامنى كۈتىمەن

ۋاقتى: 2015-11-9 21:32:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام بولماسمىدى؟



ۋاقتى: 2015-11-9 21:33:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت ناملىق كىتاۋىمغا ماتىريال تاپالماي شۇنچە قىينالغان ئىدىم. ، بۇ ماتىرياللار بولغان بولسا ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-10 12:25:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADALAT يوللىغان ۋاقتى  2015-11-9 21:33
كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەت ناملىق كىتاۋىمغا ماتىر ...

ئىنىم ئارزۈيىڭىزغا يەتكەيسىز ،1962-يىلى جۇڭگۇ-ھىندىستان ئۇرىشىغا قاتناشقان ،سۆيۈملىك ئوغلانلىرىمىزنى دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىزدەپ ماتېرال توپلاۋاتىمەن ،قانچىلىك يېغىلسا شۈنچىلىك يۇللايمەن ،بارلىق تورداش ئۈستازلارغا رەخمات

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-10 12:31:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزبېك يوللىغان ۋاقتى  2015-11-10 12:25
ئىنىم ئارزۈيىڭىزغا يەتكەيسىز ،1962-يىلى جۇڭگۇ-ھىندىستا ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆزبېك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 22:12  


ۋاقتى: 2016-2-27 01:33:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamatkurban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 01:44 AM  

مەن قاراقاش ناھىيەسىدىن جۇڭگۇ ھىندىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارنىڭ ماتىريالىنى يىغماقچى بولغان ئىدىم ، بىراق بالدۇر ئىزدىنىپ باقماپتىمەن، ئەمدى بولسا ئۆيدىكى تىرىك شاھىت بولغان دادام تۈگەپ كىتىپ يىپ ئۇچى ئۈزۈلۈپ قالدى، لېكىن تىرىشىپ ئامال بار ماتىريال توپلاپ يوللاپ بىرەي، ھازىرچە دادامنىڭ ماتىيالىنى يوللاي : ئەخمەت موللىشا 1938-يىلى قاراقاش ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە  توغۇلغان، 1959-يىلى ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ  قەشقەر 0287-قىسىمدا تۇرغان، 1962-يىلدىكى سوقۇشتا 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن 1963-يىلى 12-ئايدا كەسىپ ئالمىشىپ قاراقاش ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئىشلەپ 1989-يىلى 10-ئايدا سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن  پىنسىيگە چىقىپ 2012-يىلى 6-ئاينىڭ13-كۈنى ۋاپات بولغان.

ۋاقتى: 2016-2-27 09:58:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتۇرپان ناھيە ئ‍اقيار يېزا تۈۋەنكى كۈچۈرمە كەنت(11-كەكەنت1-مەھەلىدە ))ئ‍ولتۇرۇشلۇق مىجىت ئ‍ىسىملىك بىر كىشىكىشى بار ئ‍ىدى. ھىندىستان ئ‍ۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئ‍ىسمايىل مەمەت دېگەن كىشىنىڭ روتىسىدا تۇرغان، مېدال ئ‍الغان ئ‍ادەم ئ‍ىكەن، ئ‍ۇ كىشى تۈگەپ كەتتى لېكىن ئ‍وغۇللىرى بار، ئ‍ۆزى ئ‍ۇقۇمۇشلۇق ئ‍ادەم بولغاچقا بالىلىرىغا جىق ئ‍ىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتىكەن، بىر چاغدا مەن ئ‍ۇنىڭ ئ‍ۆيىدە شۇ چاغلاردا چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلەرنىمۇ كۆرگەن.مېنىڭچە كىتاپ ئ‍ىشلەيدىغانلار ئ‍ۈچۈن ئ‍اشۇ سۈرەتلەرمۇ قىممەتلىك ماتىريال بۇلۇپبۇلۇپ قالغۇسى. ئ‍ۇ ئ‍ىشلارنى قەلىمى ياخشىراق بىرەيلەن يېرك ئ‍ەسەر قىلىپ يېزىپ چىقسا بۇلاتتى.مەن ئ‍ىسمايىل مەمەت دېگەن كىتاپنى كۆردۈم، لېكىن ياخشى يېزىلماپتۇ. باشقىلار داۋاملىق ئ‍ىزدىنىپ ، پۇختىراق بىر ئ‍ەسەر يېزىلسا بۇلاتتى. ئ‍ەگەر بۇ كىشى توغرىسىدا د

ۋاقتى: 2016-2-27 10:05:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەھۋال ئ‍ىگىلىمەكچى بولغانلار ماۋۇ نۇمۇر بىلەن ئ‍الاقىلىشىڭلار13565110530، بۇ كىشىكىشى ئ‍اشۇ ئ‍ادەمنىڭ تۇغقىنى، ئ‍ۇقۇمۇشلۇق ئ‍ادەم،مىجىت دېگەن كىشىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئ‍الاقە باغلاپباغلاپ بېرىدۇ، مېنىڭچە ھازىر ئ‍ۇنداق تارىخىي سۈرەتلەرنى تاپماق تەس، ھەم ئ‍ۇ ئ‍ادەم بالىلىرىغا سۆزلەپ بەرگەنلىرى ئ‍ىچىدە ماتىرياللاردا يېزىلمىغانلىرى بۇلىشىمۇ مۈمكىن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش