كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 2

بۇژغۇن:ئىناق جەمئىيەت (دىرامما)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىناق جەمئىيەت

  (بىر پەردە،بىر كۆرۈنۈشلۈك بالىلار دىراممىسى)

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

قاتناشقۇچىلار:
ئەقىدە :13ياش،قىز،8-يىللىق ئوقۇغۇچىسى              شەھەر قىزى
ئەدىبە :13ياش،قىز،8-يىللىق ئوقۇغۇچىسى             شەھەر قىزى
سۈبىنۇر :14ياش،قىز،8-يىللىق ئوقۇغۇچىسى             سەھرا قىزى
گۈلمىرە :14ياش،قىز،8-يىللىق ئوقۇغۇچىسى            سەھرا قىزى

ۋاقتى:7-ئاي ،تەتىل ۋاقتى،
ئورنى: مەلۇم يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق تەرەققىيات  ساياھەت رايۇنى

سەھنە ئىكرانىدىن:ماھىرە مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ساياھەتكە چىققان بالىلار، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا شەھەر قىزلىرىدىن
                             ئەقىدە بىلەن ئەدىبەلەر ئۆزلىرى ئەركىن بازاردىن سېتىۋالغان ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى پاكىزە يەپ،ئاتا-
ئانىسىنىڭ  ئالاھىدە تەييارلاپ بەرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمىنى يەپ،بىر قىسمىنى چېچىپ-سورۇپ،يەنە بىر قىسمىنى ئەخلەت بىلەن قوشۇپ تاشلاپ،ئىسراپخورلۇق قىلىۋاتقان؛يەنە بىر تەرەپتە-سەھرا قىزلىرىدىن سۈبىنۇر ۋە گۈلمىرەلەر ئۆزلىرى
تەييارلاپ كەلگەن نان،سامسا،مېغىز ۋە جىگدە-قاقلارنى پاك-پاكىزە يەپ،قۇرۇق خالتىلارنى چىرايلىق قاتلاپ سومكىلىرىغا سېلىۋاتقان كۆرۈنۈش كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ.......پەردە ئېچىلىدۇ....)

ئەدىبە:-ھەي ئەقىدە، ئاۋۇ سەھرالىق تومپايلارغا قارىغىنە.....! تولىمۇ ئاچ كۆزكەن...قورساقلىرىنىڭ تويغىنىنىمۇ-تويمىغىنىنىمۇ بىلىشمەي، ھەلەپ يېگەن كالىدەك ئالدىدىكى يېمەكلىكلەرنى بىردەمدە يەپ بولدى-يا...؟!سەھرالىق
دېگەن ھامان سەھرالىقىنى قىلىدىكەن....ھا...ھا...ھا...!

گۈلمىرە :-ھۇ   ئېسراپخورلار.....،ئۆزلىرىڭگە قاراپ بېقىپ گەپ قىلىشە....!؟
ئەقىدە :-ۋېييەي...ماۋۇ سەھرالىق تومپايلارنىڭ دېگەن گېپىنى قارا...مانا ئەمىسە... سەھرالىق تومپاي...( ئەقىدە گۈلمىرەنىڭ گېپىگە چىدىماي،گۈلمىرەنىڭ ئۇرۇپ كېتىدۇ...)

گۈلمىرە :-قۇتقۇزۇڭلار...! ۋايجان...قۇتۇلدۇرۇڭلار....ماۋۇ لۈكچەك مېنى ئۇرۇۋاتىدۇ.....ماھىرە مۇئەللىم....ۋايجان....!
سۈبىنۇر :-ئەدىبە ،ئەقىدەنىڭ بۇ قىلغىنى قەتئىي قاملاشمىدى....سىلەر بىزنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭلار؟
ئەدىبە :-ۋېييەي تىخى، قارا ماۋۇ مەينەتنىڭ دېگەن گېپىنى...؟! كىيىملىرىڭگە قاراپ بېقىشە...، كەيگەن كىيىمىڭنى
شەھەرگە ماكانلاشقان دىۋانىلارمۇ   كەيمەيدۇ...يەنە دېگەن گەپلىرىنىڭ يوغانلىقىنى...؟!

گۈلمىرە :-ھەي ئاقنانچىلار، ئۆزلىرىڭنىڭ كەيگەن كىيىملىرىڭگە بىر قاراپ بېقىشە...!ئۆزلىرىنىڭكىنى پىشانىسىگە ئېلىپ
قويۇپ،بىزنى دەيدا تىخى...! ئۇ يەر،بۇيەرلىرىنى ئىت تالىۋەتكەندەك يىرتىق،تىلەپ كەيگەندەك بەدىنىگە چاپلىشىپ
تۇرغان...ئاۋاق بەدەنلىرىڭنى كىمگە كۆز-كۆز قىلىشماقچىدىڭ...؟تىخى بىزنى كەمسىتىۋاتامسىلەر...؟ۋاي ئەقىلسىزلەر...!
ئەقىدە :-ھەي،قارا-قارا ماۋۇ قەلەندەرنىڭ قىلغان گىپىگە....مۇشۇ دېگەنلىرىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ئاغزىڭنى يىرتىۋەتمەيدىغان
بولسام.....

سۈبىنۇر :-ھەي بولدى قىل ئەقىدە...!ھېلىمۇ گۈلمىرەنىڭ چىرايىنى قىلىۋەتكىنىڭ ئازدەك.....ئۆپكەڭنى بېسىۋال.....توغرا،بىز
             سەھرالىق.....سەھرالىق بولغانلىقىمىزدىن  چەكسىز  پەخىرلىنىمىز...چۈنكى، بىز ھەممىمىز مۇشۇ تۇپراقنىڭ بالىلىرى...
            شەھەرلىك،سەھرالىق دەپ ئۇرۇشۇپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى بار ؟شەھەرلىكلەرنىڭ ئەسلى يىلتىزىمۇ سەھرا بولغىيتتى ؟
            سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ كىندىك قىنىمۇ شۇ سەھراغا تۆكۈلگەن بولغىيتتى؟ سىلەر يەۋاتقان ئۇن،گۇرۇچ،سەي-  
           كۆكتات،گۆش ۋە مىۋە-چىۋىلەر يەنىلا شۇ سەھرادىن چىقىدىغاندۇ...؟  ئۇنداق يۇرتۋازلىق،گورۇھۋازلىق قىلىشمايلى...
ماھىرە مۇئەللىم :-ھەببەللىي...!ساۋاقداش سۈبىنۇر توغرا ئىيتتى....سىلەرچە مۇشۇ قىلغىنىڭلار توغرا بولدىمۇ ئەقىدە...؟سىلەر
           بىر سىنىپتا بىر ئائىلە بالىلىرىدەك بىرگە ئوقۇيسىلەر،بىر-بىرىڭلارغا بولغان مۇھەببىتىڭلار ئىنتايىن چۇڭقۇر...شۇنداق
           تۇرۇقلۇق،سەن سەھرالىق،مەن شەھەرلىك دەپ ئايرىشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ تازا ئولتۇرۇپ ،ئەستايىدىل ئويلىنىپ
           بېقىڭلار قىزلىرىم...!؟  (بۇ چاغدا ھەر ئىككى تەرەپ نېمە قىلىشلىرىنى بىلەلمەي،قىزىرىپ تۇرىشىدۇ...)
ئەقىدە :-ئەدىبە ئاداش،بىزدىن ئۆتۇپتۇ،بىز خاتا قىلىپتىمىز....ئۆزىمىز ئىسراپخورلۇق،يۇرتۋازلىق ۋە گورۇھۋازلىق قىلغان
            تۇرۇقلۇق يەنە گۈلمىرەلەرنى كەمسىتىپ،ھاقارەتلەپ ،كۆڭلىگە ئازار بېرىپتىمىز...!دېمىسىمۇ ھەممىمىز بىر سىنىپتا
            ئوقۇيمىز،بىر ئائىلە بالىلىرىغا ئوخشاش تۇرۇقلۇق...ھەي...«بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ،قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي»
            ئەمدى بۇلارنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارايمىز؟ دېمىسىمۇ،بىزنىڭ يىلتىزىمىزمۇ شۇ گۈزەل سەھرا تۇرسا...!؟

ئەقىدە :[-
ئەدىبە :[-(بىرلىكتە)-ماھىرە مۇئەللىم،گۈلمىرە...سۈبىنۇر بىزنى كەچۈرۈڭلار....خاتالىق بىزدىن ئۆتۈپتۇ...بىز ئالدىڭلاردا
               تولىمۇ خىجىلمىز،   گۈلمىرە، سۈبىنۇر بىز ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالايلى...بىزگە تۈزىتىش پۇرسىتى بەرگەن
              بولساڭلار...!؟


گۈلمىرە :[
سۈبىنۇر :[-(بىرلىكتە)-بىزدىنمۇ ئۆتكەن يەرلەر بار، بىزنىمۇ كەچۈرۈڭلار....بىزنىڭ ئەشۇ گۈزەل سەھراغا بېرىپ،ساپ ھاۋا-
                 سىدىن،مول نىممەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ كېلىڭلار....! بىز تەتىلدە سىلەرنى سەھرايىمىزغا بىللە ئاپىرىپ ،تازا
                 قانغۇچە ئوينۇتۇپ كېلەيلى بولامدۇ؟

ماھىرە مۇئەللىم :- ھە...بۇ قىلغىنىڭلار ئەمدى توغرا بولدى.بىز ھەممىمىز مۇشۇ تۇپراقنىڭ سۇيىنى ئېچىپ تۇرۇغلۇق،ئۆزئارا
                  ئازارلىشىپ يۈرسەك قەتئىي بولماس....بىز ھەممىمىز مەنمەنچىلىكنى تاشلاپ،ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇپ،
                  يۇرتۋازلىق،گورۇھۋازلىق قىلىشمايلى.....ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ،تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئىناق جەمئىيەت
                  قۇرۇپ چېقىش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشايلى.....!قىنى،شۇنداق قىلالامسىلەر ؟

ئوقۇغۇچىلار :-(بىرلىكتە)- قىلالايمىز....قىلالايمىز.....رەھمەت مۇئەللىم....!
                                         (كوللىكتىپ دىكلىماتسىيە  )
                                         

                                       ئىناق بولۇپ تەبىئەتنى قوغدايلى،
                                       يۇرتۋازلىققا نەپرەت ئوتى چاچايلى.
                                        بىز ھەممىمىز بىر نىيەتتە ئىلگىرلەپ،
                                       جەننەت مىسلى ئىناق جەمئىيەت قۇرايلى....!


                                                                                           -پەردە يېپىلىدۇ....

                                           2015-يىلى 11-ئاي  ئۈرۈمچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-5 20:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-6 15:01:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر.....!

ۋاقتى: 2015-11-12 13:28:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتە بالىلار سەھنىدە ئوينىغىدەك ياخشى ئەسەركەن، تەربىيىۋى ئەھمىيىتىمۇ يۇقىرىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش