كۆرۈش: 1330|ئىنكاس: 0

تەلئەت قادىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
talat qadir 02.jpg

    تەلئەت قادىرى 1961-يىلى11- ئاينىڭ 7-كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. تېجەن باشلانغۇچ مەكتەپ، ئازاق ئوتتۇرا مەكتەپ (تولۇقسىز) ۋە ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ (تولۇق) لەردە ئوقۇغان. 1979-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.  1984- يىلى 7–ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ يىلى 9– ئايدىن باشلاپ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1994-يىلى 1- ئايدا قىزىلسۇ پېداگوگىكا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ 1996– يىلى 10– ئايغىچە بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1996-يىلى 10–ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ پەن-تەتقىقات ئاكادېمىيەسىگە يۆتكەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە شۇ ئورۇندا مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. 2014-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالانغان.  
   تەلئەت قادىرى 1982-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «بىخ» ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، بەش پارچە داستان ۋە بىر تۈركۈم نەسرلىرى ئېلان قىلىنغان. «دۇئېلدىكى شائىر» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998–يىل)، «يارىلانغان قۇش» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000  –يىل)، «بىز ئىزدىگەن ئوت» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004–يىل) قاتارلىق شېئىر–داستانلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. 20 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرى خەنزۇ، قىرغىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ تەرجىمىھالى «جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ياش يازغۇچىلار قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن. 1987-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
   تەلئەت قادىرى يەنە مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدىمۇ تېگىشلىك ئەمگەكلەرنى رۇياپقا چىقارغان. ئۇنىڭ مائارىپ تېمىسىدىكى نۇرغۇن ماقالىلىرى «شىنجاڭ مائارىپى»، «تەڭرىتاغ»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. 2009–يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئون نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىسى بولغان «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان. شۇنداقلا، ئۇ تۈزگەن «بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002–يىل)، «ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا دىئاگنوز» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002–يىل)، «ماقالە يېزىقچىلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 –يىل)، «تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باھالاش» (شىنجاڭ پەن–تېخنىكا نەشرىياتى، 2006–يىل)، «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى قانداق يېتىلىدۇ» (شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2013-يىل) قاتارلىق كىتابلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان.
   يۇقىرىقىلاردىن باشقا، تەلئەت قادىرى 2003-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ (7~ 9–يىللىقلار) ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (زۆرۈر دەرسلىك 1~4 گىچە)لەرنىڭ «تىل–ئەدەبىيات» دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش