شىنجاڭ ماناس تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىلانلىشى ۋە مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىشى بىلەن ئاتاقلىق ماناسچى يۈسۈپ ماماي ۋارىيانتىدىكى »ماناس«ئەپوسى »ماناس«بۆلىكىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 2015-يىلى ئوغۇز ئېيىدا شىنجاڭ ياش—ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى.
مەزكۇر كىتاب شىنجاڭ ماناس تەتقىقات مەركىزى ماناس ئەپوسى تەرجىمە پىلانى »ماناس ئەپوسى«نەشىر قىلىش تۈرى )1-تۈر( بويىچە پىرافېسسور مامبەت تۇردى ئەپەندىنىڭ لايىھىسى بىلەن بېسىلىپ چىقتى.بۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى تىلشۇناس نورۇز ھۈسەنئالى،ئەدەبىي ئوبزورچى،قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكولتىتىدىن سايىپبەك ئالى،ئەدەبىي ئوبزورچى،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبىلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئاكبار مامەت قاتارلىقلار ئىشلىگەن.
قاراڭغۇ بولمىسۇنكى،ماناس ئەپوسىنىڭ يۈسۈپ ماماي ۋارىيانتىدىكى »ماناس«بۆلىكى شىنجاڭ ماناس تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەشكىلىي پىلانلاشتۇرۇشى بىلەن 2014-يىلى ئېنگىلىس،نېمىس،قازاق تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-4 17:14