ئىلاۋە : شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىدا ئىشلەۋاتقان قېرىندىشىمىز سەيپۇللا مۇتەللىپ ئەۋەتكەن يازما ئۇچۇر
10-ئاينىڭ 29-30-كۈنلىرى شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىدە «رايونلار ۋە ئەدەبىيات» خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، بىرىنچى كۈنى «جا پىڭۋا ئەدەبىي ئىجادىيىتى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»، ئىككىنچى كۈنى مەمتىمىن ھوشۇر قاتارلىق ئوخشىمىغان رايونلاردىن كەلگەن داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن يۇرت بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋېتى ھەققىدە «بەش يازغۇچى، بەش تەرەپ سۆھبىتى» ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىننى تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنىڭ بىرى، شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى ياڭ خۇييىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچىلار بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالايدىكەن، پىكىرلىشىش بولسا ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈپ شەرتى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.» پىراففىسورى ياڭ خۇييى شاڭگاڭدىكى ئېرلاندىيە تەۋەلىكىدىكى مۇتەخەسىس بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇ شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قارايدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ شاڭگاڭدىكى بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىشقا شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سەيپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئالاھىدە ياردىمىگە ئېرىشىپتۇ. سەيپۇللا مۇتەللىپ ئەپەندى شىنجاڭ بۆرتالادا تۇغۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوپىراتورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەزكۇر ئۇنۋېرسىتىتتا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ ھەم شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىپ كېلىۋېتىپتۇ.
تۇنجى كۈنىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامىرىكا ئىندىئانا ئۇنۋېرسىتىتى سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە شارقى ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ پىراففىسورى Eugene Eoyang ، جۇڭگو ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادىمىيەسى چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ چېن جوڭيى، ئامىرىكا Duke University نىڭ پىراففىسورى، بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىنى ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغۇچى Carlos Rojas، ئامىرىكا Fairfield University نىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە كېنو مۇتەخەسىسى شاۋ جىۋېي، ئامىرىكا غەرپ شامىلى نەشرياتىنىڭ باشلىقى Christopher Mattison، ئىسپانىيە بارسلونا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى Manuel Pavon-Belizon، ياپونىيە كامازاۋا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى مۇتەخەسىسى شىنىچىرو شىئوخاتا قاتارلىق شاڭگاڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىلارنى ئوقىدى.
ئىككىنچى كۈنىدىكى پائالىيەت ــ «بەش يازغۇچى، بەش تەرەپ سۆھبىتى» دە بىرىنچى بولۇپ جا پىڭۋاغا سۆز بېرىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەنشى يېزىلىرى ۋە شىئەندىكى تۇرمۇش تەجىربىلىرى ئاساسىدا ئۆز ئىجادىيەت تەجىربىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئىككىنچى بولۇپ، مەمتىمىن ھوشۇر سۆزگە چىقىپ، ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەبىئى مۇھىتى، مەنزىرىلىرىدىن سۆز باشلاپ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەدەبىي قاراشلىرى، ئىجادىيەت تەجىربىلىرى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە مەسىلىلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتتى. يىغىندا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزى شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى تەتقىقاتچىسى، پىراففىسور خۇاڭ چۈەنفېڭ بىۋاستە ئۇيغۇرچىدىن ئېنگىلىزچىغا، تەرجىمە پەنلىرى پىراففىسورى Jessica Yeung ئېنگىلىزچىدىن خەنزۇچىغا ئەگەشمە تەرجىمە قىلىپ يىغىن قاتناشچىلىرىغا يەتكۈزدى. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سۆزى شىئېرى تۇيغۇغا تويۇنغان، مول ئىلھاملاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇپ ئاڭلىغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى ۋە جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە قىزىقىشلارنى قوزغىدى. تىل جەھەتتىكى چەكلىمىلىكلەر سەۋەبىدىن خەلقارالىق ئەدەبىي پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى ئانچە چېلىقتۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزى كەڭ ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت ـــ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چۈشىنىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت بولۇپ قالدى. ئۈچۈنچى بولۇپ يازغۇچى سۇ توڭ، ئاندىن زاڭزۇ يازغۇچى ۋەنما سەيدەن، تەيۋەن ۋە شاڭگاڭلىق يازغۇچى بادەي، چېن گۇانجوڭ قاتارلىقلارغا سۆز بېرىلدى.
ئاخىرىدا ئەدەبىيات پەنلىرى مۇتەخەسىسى لوڭ رېنچىڭ، ئىسپانىيەلىك پىراففىسور Maialen Marin-Lacarta، فىرانسىيەلىك پىراففىسور Sabastian Veg، ئاۋىستىرالىيەلىك پىراففىسور Martin Merz قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە تەقرىز ۋە باھالارنى بېرىشتى. يازغۇچىلار يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپلارنى بېرىپ يىغىن تاماملاندى.
سۈرەتتە: مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزىنى ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغۇچى، شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى تولۇق بىلىدىغان خۇاڭ چۈەنفېڭ ئەپەندى مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن بىللە
سۈرەتتە:
شاڭگاڭ جىنخۇي ئۇنۋېرسىتىتىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سەيپۇللا مۇتەللىپ، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن بىللە