يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 479|ئىنكاس: 2

ئازىق: تۇغۇلغان كۈنۈمدە (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇغۇلغان كۈنۈمدە
(ھېكايە)

قۇربانجان توختى ئازىق


10-ئاينىڭ 18-كۈنى،بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى.دادام ئىشقا مېڭىشىتىن ئاۋۋال مەندىن:
ـــ بالام،بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىكەن،نېمە ئارزۇيۇڭ بار،ئېيتقىنە،مەن چوقۇم ئورۇنداپ بېرىمەن،-دەپ سورىدى.
ـــ بۈگۈن سەن ۋە چوڭ دادام،چوڭ ئاناملار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تورت يىگۈم بار،-دېدىم مەنمۇ تارتىنىپ يۈرمەي.
دادام چىرايلىق كىيىمدىن بىر يۈرۈش سېتىۋىلىپ،تورتتىن بىرنى ياسىتىپ،ئىشتىن چۈشۈپلا بالدۇر كېلىدىغان بولۇپ ماڭا ۋەدە بىرىپ ئىشقا ماڭدى.دېمىسىمۇ دادام ئانام بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن بىرى،ماڭا ھېچقانداق بىر سوۋغات ئېلىپ بەرگەن ئەمەس.ئۇ ھەمىشە خىزمەت، دوست-يارەنلەر يىغىلىشى،توي-تۆكۈن،ئولتۇرۇش دېگەندەك تۇتۇرۇقسىز ئىشلار دەستىدىن ماڭا قانغۇدەك مېھىرمۇ بېرەلمىگەن.دادام مېنىڭ سېغىنىشلىرىمغا پەرۋاسىز قاراپ،ئاتا-ئانام بېقىۋاتىدىغۇ دەپ مەندىن خاتىرجەم بولۇپ كەلدى.دادامنىڭ باغرى تاشلىقىغا قاراپ،بەزىدە كۆڭلۈمدە«ئانام ياخشى ئىكەنتۇق»دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.
كەچمۇ كىرەي دەپ قالدى،دادامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى يىقىنلاشقانسىرى ھاياجانلار مىنى جىم ئولتۇرغۇزمىدى،سىرتقا نەچچە قېتىم چىقىپ دادامنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ تۇردۇم.لېكىن دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.«يەنە ئىشى چىقىپ قالمىغاندۇ-ھە!بۈگۈنكى كۈندە ئىشىمۇ چىقىپ قالماس»دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرىۋىدىم،تۇيۇقسىز ئۆينىڭ تېلفۇنى سايراشقا باشلىدى.ئىچىمنى ئەنسىزلىك قاپلىدى،دادامنىڭ يەنە ئىشى چىقىپ قالغانلىقى ئىنىقلا ئىدى.چوڭ ئانام تېلفۇن ئۇرغۇچىنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى،تېلفۇن ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ماڭا تېلفۇننى تۇتقۇزدى.
ـــ ۋەي!
ـــ ئوغلۇم،بەكمۇ ئەپسۇس.ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسام ئىدارە باشلىقىمىز سېمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى،ئەتە تەكشۈرۈش بار ئىكەن.ئەمما كەچرەك بارساممۇ،چوقۇم تورت ياسىتىپ ئاپپىرىمەن،خاتىرجەم بول،-دەپ تېلفۇننى قويىۋەتتى دادام مەندىن ئىنكاسمۇ كۈتمەي.
«تازغا تاڭ ئاتقان نەدە بار»،باشقا كۈندە دادامنىڭ ئىدارىدا ئۇنچىلىك ئالدىراشمۇ ئىشى يوق ئىدى،بۈگۈن ئەجەپ قېيىشقاندەكلا ئىش بولدى.بوپتىلا كەچرەك كەلسىمۇ نېمە بوپتۇ،مۇھىمى تورتنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا بولدى،دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ كۆڭلۈمنى تىنىچلاندۇردۇم.
ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتتى،بەك كەچمۇ بولۇپ كەتتى،لېكىن دادامنىڭ كېلىشىدىن ھېچبىر سادا يوق ئىدى.چوڭ دادام،چوڭ ئاناملارمۇ بىرنېمىلەرنى دەپ كۇسۇلدىشىپ دادامغا ئاچچىقلاپ ئولتۇرۇشاتتى.مەن بارغانسىرى بىئارام بولۇشقا باشلىدىم،«بۈگۈنكى كۈن مۇشۇنداقلا جىمجىت ئۆتۈپ كىتەرمۇ»دېگەننى ئويلاپ دادامغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭ قاچان ئىشتىن چۈشىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقماقچى بولدۇم.
ـــ ۋەي،دادا!قاچان ئىشتىن چۈشىسەن؟
ـــ بالام،مەن ئىشتىن چۈشۈپ بولدۇم.بۈگۈن ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ سايلانغىنىمنى تەبرىكلەپ....
دادامنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى تىڭشىمايلا تېلفۇن كوروپكىسىنى قويىۋەتتىم.ئۇنىڭ گەپ ئورامىدىن قارىغاندا،دادامنىڭ ئىشخانا مۇدىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ دوستلىرى بىلەن بىر يەردە سورۇن راسلاپ ئولتۇرۇپتۇ.شۈنچىلىك قىزغىن كۈلكە-چاخچاقلاردىن دادامنىڭ بۈگۈن قايتىپ كېلىشىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى.ئۇلارنىڭ گىپى بۈگۈن كېچە تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.چوڭ دادام،چوڭ ئاناملار ماڭا تولا تەسەللىي بىرىپ ھېرىپمۇ قالغانىدى.
كەچ سائەت ئون بولدى،دادامنى كىلىدۇ دەپ تورت ساتىدىغان دۇككانلار ئوچۇق تۇرماس ھەقىچان.مەن نېمە دېگەن شور پىشانە،بىچارە بالا.ئەجىبا،دادام مېنىڭ تورتنى ساقلاپ ئۇخلىمايۋاتقانلىقىمنى بىلەمدىغاندۇ؟ماڭا قايسى باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۈمىدسىزلىككە تولغان قەلبىمگە مەلھەم بىرىدىغاندۇ؟ دادامنىڭ بۈگۈنكى قىلغانلىرىنى ئويلىساملا دادامغا ئاچچىقىم كېلىدۇ.دادامنىڭ باشقا چاغدىكى كۆيۈنمىگەنلىكىنى قويۇپ تۇرايلى،بۈگۈنكىدەك كۈندە ئوغلىنىڭ كىچىككىنە بىر ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بىرەلمىگەن دادا،قانداقمۇ... مۇشۇ تاپتا تالاي سۇئاللار مېنى قيناپ،دادامنى دارغا ئاسماقتا ئىدى.
كەچ سائەت 12 بولغاندا دادام ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدى،بۇ چاغدا چوڭلار ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ كەتكەنىدى.دادام پۇتىنڭ ئۇچىدا ئاستا دەسسەپ كىرىپ ياتماقچى بولىۋىدى،ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ساقلاپ ھازىرغىچە ئۇخلىمىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچى بولۇپ،دادامغا:
ـــ دادا،كەلدىڭمۇ؟-دېدىم.
دادام تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتتى ۋە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ سورىدى:
ــ بالام،سەن تېخى ئۇخلىمىدىڭمۇ؟
ــ ياق،تورت ئەكەلدىڭمۇ؟
سۇئالىم دادامنىڭ يۈرىكىگە تىغدەك قادالغان چېغى دادامنىڭ ئۆپكىسى ئاغزىغا قاپسىلىپ قالغاندەك دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.
ــ بالام،تورت ساتىدىغان ئادەم ئۆيىگە كېتىپ قاپتۇ، ـ دادام قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە مۇشۇ گەپنى ئارانلا دېيەلىدى.
ــ نېمىشقا بالدۇرراق بېرىپ ئالمىغانىدىڭ؟
شۇ گەپنى دەپ بولۇپلا دادامغا قېيداپ دۈم يېتىۋالدىم.دادام بېشىمغا بېشىنى قويۇپ،ئۆز خىجالىتى ئارقىلىق ئۆزىنى جازالىماقتا ئىدى.دادام گۇناھكارلارچە قىياپەتتە مېنىڭ قۇلىقىمغا:
ـــ ئوغلۇم،مېنى كەچۈر!داداڭ بەك ئەسكى،- دەپ ئاستا پىچىرلاپ قويدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-4 17:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-4 10:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىلىق خۇسۇسىيەتكە قارىغاندا بايانلىق خۇسۇسىيەت يوقۇرى بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟ بايان ماقالىسى ئوقۇغاندەك بولۇپ قالدىمغۇ؟!

ۋاقتى: 2015-11-12 13:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يېزىپ  تۇرۇڭ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش