ئا.جۇدۇن :
‹‹ چاي ››
[ ئىككى كىشىلىك ئېيتىشىش ]
[ پۇزۇر كىيىنگەن ئىككەيلەن سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن كىرىپ كېلىپ سالاملىشىدۇ ]
ئا: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ب:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئا: ئۇزۇن بولدى ئاداش ھېچ كۆرىشەلمەي كەتتۇققۇ، ئىشلىرىڭ بەكلا ئالدىراشمۇ، قانداق ؟
ب: شۇنى دېگىنە ئاداش، سەنمۇ يوقاپلا كەتتىڭ، بىرە يەرلەرنى چۆگىلەپ كەلدىڭمۇ-يا ؟
ئا : نەدىكىنى دەيسەن،مۇشۇ چاي، تويلارنىڭ جىقلىقىدىن نېرى بولالماي شۇ.
ب:مەنمۇ شۇ ئاداش، ئادەم جەمئىيەت ۆە كىشىلەرگە كۆپ ئارىلىشىپ كەتسە شۇنداق بولامدۇ،يا.
ھەممىسىگە يۈز كېلەلمەي، تەڭ چېپىپ، كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقېنىنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەنغۇ.
ئا : ھە، بۈگۈنمۇ بىرە ئىش بار ئوخشىمامدۇ ؟
ب :يەنە شۇ، بىر ساۋاقدىشىم تويغا تەرەددۇت قىپتىكەن، ‹‹ قوپتۇم چاي›› بېرىپتۇ، شۇنىڭغا كېتىۋاتىمەن.سەنچۇ ؟
ئا : مەنمۇ شۇ ئاداش، قوشنام ئەتە ئوغلىنىڭ تويىنى قىلماقچىدى، بۈگۈن ‹‹ سۆڭەك چاي ›› بېرىپتۇ،ئاڭلىسام، قوينىڭ بېشىدىن 40 نى قويارمىش.
ب : ياپىرىم، ئوغلىنىڭ تويىغا شۇنچىۋالا جىق قوي سويۇپتىما،ئۇ بىر چارۋىدار ئوخشىمامدۇ ؟
ئا :ياقەي، شەھەردەچارۋىدار نېمىش قىلسۇن، توي مەرىكىسىگە 4 قوي سويىدىكەن،لېكىن، بۈگۈن كەچتە 20 ئۈستەللىك چاي بەرمەكچىكەن،بىر ئۈستەلگە ئىككى باش، ئالتەخىل قورۇما چىقىرىدىكەن.
ب : پاھ، پاھ، بىزلەر توي-پوي قىلىپ قالساق، بۇنچىۋالا ‹‹ چوققا ›› نى نەدىنمۇ تاپارمىز-ھە.
ئا : شۇنى دېگىنەئاداش، بۇرۇنقىدەك ‹‹ تاپقېنى گۈل كەلتۈرەر ، تاپمىغېنى بىر باش پىياز ›› دەپ قاراپ ئولتۇرغېلى بولماس .
ب : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇئاشلىرىمىز ئاز-تولا ئۆسۈپ، قورساق توق،كىيىملەر پۈتۈن بولۇپ قېلىۋىدى، توي-چايلىرىمىز ئاۋۇپ، تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ كېتىۋاتمامدۇ، مانا.
ئا : شۇ، مۇشۇ يىللاردىن بېرى قانچىلىغان توي-چايلارغا بېرىپ كەتتۇق،ئەستىمۇ قالماپتۇ. لېكىن، ئالماقنىڭ- بەرمىكى بار، دېگەندەك، بىر كۈنلەردە بىزمۇ قايتۇرىمىز، دېگىنە، ئاداش.
ب:ئۇغۇ شۇ، يېگەننىڭ يۈزى ئۇيىلىپتۇ. دېگەندەك ، خەقنىڭ چېيىنى ئىچكەندىكىن، چاي بەرمىسەك ئوغۇلبالىلىق بولماس.
ئا:: ۋاقتى كەلگەندە، توي-چايلارنىغۇ بېرىمىز،ئەلۋەتتە، لېكىنزە، ھېلىقى...ھېلىقى ...
ب: نېمە،ھېلىقى، ھېلىقى... دەپ دەپ تىلىڭنى چايناپ قالدىڭغۇ، بىرە-يېرىم قىيىنچىلىق ئىشلار بامۇ، يا ؟
ئا : نېمە قىيىنچىلىق بار دەيسەن، بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە ۋاقىت قىيىنچىلىقى شۇ. ‹‹ ۋاقتىڭ كەتتى- بەختىڭ كەتتى ›› ، بۇ چايلارنىڭ ئايىغى چىقمىسا، يا.
ب: ئايىغى چىقىش بۇياقتا تۇرسۇن، يېڭىدىن-يېڭى ‹‹ مەرىكىلەر ›› ئىجاد بولىۋاتمامدۇ،تېخى.
ئا : مەسلىھەت چېيى، چوڭ چاي، كىچىك چاي، ئاقچاي، ‹‹ قوپتۇم چاي ››لارغۇ بولىۋاتىدۇ، يەنە قانداق چايلارنى دەۋاتىسەن، ئاداش؟
ب: مەن يېقىندىن بېرى ئويلاپ قالدىم، قارا، سۇدەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھاياتىمىزغا، تۇرمۇشىمىزغا زەڭ سالسام، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ‹‹ مەرىكىلەر ›› جاھان ئەھلىنىڭكىدىن ھەسسە-ھەسسە كۆپكەن ۋە بەكمۇ رەڭداركەن. بۇنىڭلىق بىلەن پەخىرلەنسەك بولغېدەك [ سەل-پەل گىدىيىدۇ ] .
ئا: شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز خېلى كۆپ چايلارغا بوغۇلۇپ قاپتۇق- ھە؟ [ كۈلىشىدۇ ] مەسىلەن :
مەسلىھەت چېيى،.. ئاقچاي، كۆكچاي...
ب: توختىغېنا، كۆكچاي دېگىنىڭ قانداق چاي ئۇ ؟
ئا: نورۇزدىكى كۆك مەشرىپىنىڭ چېيى بولمامدۇ، ئۇنىڭدىن قالساق بولماس.
ب: راست دەيسەن، بەزى چايلاردىن قالساق بولمايدۇ،ئۇ چايلارغا بارمىساق، ئەل-جامائەتتىن يىراقلاپ كېتىدىغان گەپ.
ئا: يەنە تېخىى توي چېيى، ئۆي چېيى - يېڭى بىناغا كۆچۈپ كىرگەنلەرمۇ چاي بېرىۋاتمامدۇ [ خۇددى قورۇ-جاي سالغاندەك ]
ب: ئۇندىن باشقا، ئەرز چېيى- قەرز چېيىمۇ بار تېخى.
ئا: بۇ قانداق چاي ئەمدى، شۇمۇ چاي بولدىمۇ ؟
ب: قىززىق گەپ قىلىدېكەنسەن، ھەممە ئادەمنىڭ ئىشلىرى سېنىڭكىدەك ئوڭۇشلۇق بولامتى، ئەرز چېيى- ئەرز- شىكايىتىنىڭ ئېقىپ، ئىشىنىڭ ھەل بولغانلىقىغا بەرگەن چېيى. قەرز چېيى - شەخس ۋە بانكىلارنىڭ قەرزىنى ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن ‹‹ ئۇھ ! ›› دەپ بەرگەن چېيىدە.
ئا: تورت چېيى ، ‹‹ كورت ›› چېيىمۇ بارىكەن تېخى.
ب: تورت چېيىغۇ ‹‹ تۇغۇلغان كۈن ›› گە بەرگەن چېيى، كورت چېيىچۇ ؟
ئا. بۇمۇ بىر گەپ دېگىنە، قىشىچە قىلىدىغان ئىش، بارىدىغان يەر يوق، بىكارچىلىقتىن ئىسسىق
ئۆيلەرگە كىرىۋېلىپ، ‹‹ قەرت ›› ئويناپ، كىم يېڭىلپ قالسا، شۇنىڭ ئۆيىدە ‹‹ چاي ›› بېرىدىغان
گەپكەن.
ب: بىزلەردىمۇ بانكىت چېيى ، ‹‹ ئانكىت چېيى ›› بار .
ئا: ئانكىت چېيىما بارما ؟
ب: ئارىمىزدا ‹‹ ئۇنۋان ›› ئالغانلار چاي بەرمىسە ئۇلارغا كۈن يوق، دېگىنە.
ئا: بىزلەردىمۇ ‹‹ قىش چېيى ›› ،چىش چېيى›› دېگەندەك چايلار بولۇپ تۇرىدۇ. قىش چېيمىزغۇ
قىش كىرىشى بىلەنلا باشلىۋالىدىغان يېڭى يىللىق چېيىمىز . چىش چېيىنى دېسەم، بىرەر بۇرادەر
بىرە ئالتۇن چىش سېلىۋالسا، بايلىقىنى ‹‹ يۇيۇپ ›› بەرمىسە بولامدۇ، دەيسەن.
ب: يەنە ‹‹ مال چېيى ›› ، ‹‹ پال چېيى ›› مۇ بار . مال چېيى - قىشلىق ‹‹ سوقۇم ›› چېيى ، ‹‹ پال چېيى ›› - بىرە بويتاق ئاغىينىلەر ‹‹ پال ›› ئاچقۇزۇپ ، ‹‹ توغرا ›› چىقىپ قالسا ، ىۇشلىقىدىن بېرىۋېتىدىغان چاي.
ئا: ھازىر بارغۇ، ئات چېيى-ئىسىم قويغاندا، ‹‹ كات چېيى ››- ئۆيىگە سافا - كرسلو ئالغاندا،
‹‹ بىڭشاڭ [توڭلاتقۇ ] چېيى››، ‹‹ يىڭشاڭ [ ئاڭلاتقۇ ] چېيى ›› ،...
ب: ھەي گەپ قىلما، ئۇزىتىش چېيى، كۈتىۋېلىش چېيى، ھاردۇق چېيى، رەھمەت چېيى، باراۋەت چېيى، تىلاۋەت چېيى، باغ چېيى، تاغ چېيى... خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنىدە ساماندەك ‹‹ چاي›› لار بولىدىغان بوپ كەتتى، ئەييۇ-ھەنناس !
ئا.: ھا،ھا،ھا،.. راست دەيسەن، بۇ چايلارنى ‹‹ چوت ›› لاپ بولغېچە چايلىرىمىغا كېچىكىدىغان ئوخشايمىز ،خەيرخوش ئاداش.
[ ئىككەيلەن ئىككى تەرەپكە ماڭىدۇ ]
2015.11.3
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-5 22:46
|