كۆرۈش: 602|ئىنكاس: 6

ياقۇپجان ياسىن: سەنئەت ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                                             سەنئەت ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

                                                          ياقۇپجان ياسىن

يېقىنقى  بىرقانچە يىلدىن بۇيان سەنئەت توغرۇلۇق ھەرخىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مۇھاكىمە، مۇنازىرىنىڭ بولۇشى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. ساغلام مۇنازىرە جەريانىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئۆزئارا زەرەتلىنىدۇ. ھەرقايسى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا مۇنازىرىنىڭ رولى تەسۋىرلىگۈسىز چوڭ بولۇپ كەلگەن. لېكىن مۇنازىرە ئىلمىي ئېنىقلىقتا، پاكىتلىق، پەنلەرنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنغان، نوپۇزغا ئەگەشمىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلمايدىكەن، بۇ خىل مۇنازىرىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشى شۈبھىسىز. ئۇقۇم ساۋاتسىزلىقى ئېغىر، مەسىلىلەرنى ئەقلى كاللا بىلەن تەپەككۇر قىلىشقا ئاجىز، نوپۇزغا چوقۇنىدىغان، مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئەمەلىي پاكىتتىن كۆرە ئۆزى ئەگىشىپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ ئېغىزىدىن ئىزدەيدىغان، نوپۇزلۇق شەخسنىڭ خاتا، ئىلمىيلىككە يات قارىشى جەمئىيەتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە ئىلمىي مۇنازىرە ۋە رەدىيە ئېلىپ بېرىش كىشىگە ئازاب ۋە ئازار ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. يېقىندىن بېرى  بولۇنۇۋاتقان سەنئەت توغرىسىدىكى مۇھاكىمە، مۇنازىرىلەر يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىلمىيلىككە يات، دەلىللىرى يېتەرسىز بولغان خاتا ئۇقۇم، خاتا چۈشەنچە ۋە ناتوغرا مۇنازىرە خاھىشىدىن خالى ئەمەس.  شۇڭا سەنئەت ھەققىدە ئىلمىي، پاكىتلىق، لوگىكىلىق مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نۆۋەتتە ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان زۆرۈر ھەم تەخىرسىز مەزمۇنلارنىڭ بىرى.
مېنىڭچە يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان مۇھاكىمە، مۇنازىرىلەر ۋە مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، سەنئەتكە بېرىلگەن تەبىر. ئىككىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ساھەسى راستىنلا تەرەققىي قىلىپ كەتتىمۇ؟ ئۈچىنچى، سەنئەت تەرەققىياتى مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق سىگانلارنى مىسال كەلتۈرۈشنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ئاساسى بار؟
مەن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھەر بىر مەزمۇن توغرىسىدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى، سەنئەتكە بېرىلگەن تەبىر. مەن يېقىندىن بېرى مەتبۇئاتلاردا، تېلىۋېزىيە پىروگىراممىلىرىدا، توردا ۋە ئاشكارا سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلغان سەنئەت ھەققىدىكى رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي مۇھاكىمە، مۇنازىرىلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم، كۆردۈم، بەزىلىرىگە ئىشتىراك قىلدىم. لېكىن بۇ جەرياندا سەنئەتكە بېرىلگەن  ئىلمىي ئېنىقلىققا ئىگە بولغان تەبىرلەرنىڭ يوقنىڭ ھېسابىدا ئىكەنلىكىدىن ئەپسۇسلاندىم. بۇ بايانىمغا بەلكىم سەنئەتكە بېرىلگەن تەبىرنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق رەدىيە بېرىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. لېكىن سەنئەت تەرەققىياتى، سەنئەتنىڭ مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتقان، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتقان، ھەتتا بۇ توغرىسىدىكى يازمىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىۋاتقان كشىلەرنىڭمۇ سەنئەتكە بىر قەدەر ئېنىق، ئىلمىي تەبىر بېرەلمەسلىكى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. ھېس قىلىشىمچە، بىزدە مۇنازىرىگە ئالدىراش خاھىشى ئېغىر، لېكىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېمىلار توغرىسىدىكى ئۇقۇملارنى ئىلمىي شەرھىيەلەشكە ئاجىز. ئۆزىمىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان تېمىلار توغرىسىدىكى ئۇقۇملارنى ئېنىق ئايرىيالماسلىق ۋە تەبىر بېرەلمەسلىك نۆۋەتتىكى ئىلمىي كەيپىياتنىڭ ئېچىنارلىق ھالىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى سۈپىتىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنئەت توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ھېچبولمىغاندا سەنئەتنىڭ ئۆزىمىز بىرقەدەر توغرا ھەم مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش مۇنازىرىگە كىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىلىشىمچە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سەنئەتنى نوقۇل ناخشا – ئۇسسۇل، ئىتوت – كۈلدۈرگە دەپ چۈشۈنىۋېلىش خاھىشى بىرقەدەر ئېغىر، ياكى سەنئەتنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرىنى ناخشا – ئۇسسۇل، ئىتوت دەپ چۈشىنىۋېلىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. تولىمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە بولغان «سەنئەت» سۆزىنى «ناخشا – ئۇسسۇل» دېگەن سۆز بىلەن، تولىمۇ چوڭقۇر ھەم كەڭ مەنىلەرگە ئىگە بولغان «سەنئەتكار» دېگەن سۆزنى «ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، ئارتىس» دېگەن سۆزلەر بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ قويۇش نۆۋەتتىكى ئۇقۇم ساۋاتسىزلىقىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
«سەنئەت» دېگەن سۆز ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن بولۇپ، ئەسلى مەنىسى «ھۈنەر»، «ماھارەت» دېگەنلىك بولىدۇ. لېكىن ھازىر خەلقئارالىق ئىلىم ساھەسىدە «سەنئەت» دېگەندە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى «گۈزەللىك» بولىدۇ. ھازىر بۇ سۆز ئىنگىلىزتىلىدىدىكى  «art»  دېگەن سۆز بىلەن تەڭداش ئىشلىتىلمەكتە. ئىنگىلىزتىلىدىكى «art»  دېگەن سۆز گىرىك تىلىدىكى «tekhnē» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ سۆز ئىككى خىل مەنىسى بار دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، بىرى «ھۈنەر»، يەنە بىرى «تېخنىكا». مېنىڭ قارىشىمدا ئەينى چاغدا بۇ سۆزنىڭ «ھۈنەر» دېگەن مەنىسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. «tekhnē» سۆزى ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان «تېخنىكا» دېگەن ئۇقۇمنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. غەرب پەلسەپە تارىخىدا «tekhnē» (تېخنىكا،ھۈنەر) دېگەن سۆز «گۈزەللىك سەنئىتى» دېگەن مەنىنى ئاڭلاتقىچە بولغان ئارىلىقتا 2000 يىلدىن ئارتۇق ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن. ئارىستوتىل دۇنيانىڭ ئۆزى سەنئەتلىك، تېخنىكىلىق يارىتىلغان، ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرگەن سەنئەت ۋە تېخنىكا تەبىئەت تاماملاپ بولالمىغان تېخنىكىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان. مەسىلەن، داۋالاش تېخنىكىسى، ھەرخىل ھۈنەر – سەنئەت، ناخشا، مۇزىكا... قاتارلىقلار. ئەپلاتون «ھەرقانداق كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس تېخنىكىسى، سەنئىتى بولىدۇ» دەيدۇ. ئارىستوتىل بولسا «ھۈنەرنىڭ ئۆزى بىلىم» دەپ قارايدۇ. ئەپلاتون سەنئەتنى ناھايىتى كەڭ مەنىدە چۈشەنگەن. بۇ خىل كۆز قاراش غەرب ئىدولوگىيىسىنىڭ سەنئەتكە بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. غەربنىڭ ئېتىراپ قىلىنغان پەلسەپە ئەسەرلىرىدە «سودا سەنئىتى»، «ئۇرۇش سەنئىتى»، «كىشىلىك مۇناسىۋەت سەنئىتى»، «ئىپادىلەش سەنئىتى»، «تىل سەنئىتى»... قاتارلىق ئۇقۇملار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن ۋە ئومۇملاشقان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا يۇقىرى ماھارەت ۋە تېخنىكىنىڭ گۈزەللىكنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئىپادىلىنىشى ۋە ھاسىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى «سەنئەت» دەپ قاراشقا بولىدۇ. گۈزەللىك ــ ماھارەت، تېخنىكىنىڭ ئىپادىسى ۋە ھاسىلاتىغا تەۋە بولغان تېخنىكىلىق كەشپىيات ۋە پەن – تېخىنىكا نەتىجىلىرىنى سەنئەت ئەسەرلىرىدىن پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسىي ئۆلچەم.  شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىز ھازىر «سەنئەت» دەپ قاراۋاتقان ناخشا – ئۇسسۇل، مۇزىكا دېگەن تۈرلەر سەنئەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنىڭ بىر قىسمى. نۆۋەتتە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن سەنئەتنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىلىرى بولسا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق،  ئەدەبىيات، ناخشا، ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دېمەك بىز ھازىر «سەنئەت» دەپ قاراۋاتقان ناخشا – ئۇسسۇل، ئىتوت، مۇزىكا قاتارلىقلار سەنئەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى سەنئەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنىڭ بىر قىسمى. ناخشا – ئۇسسۇلنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ بىر مىللەتنىڭ سەنئىتىنى تەرەققىي قىلىپ كەتتى دېيىش ئېغىر دەرىجىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، بۇ بىر تەرەپلىمىلىك ئۇقۇم ۋە ھۆكۈم جەھەتتىكى خاتالىققا يول ئاچىدۇ.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ساھەسى راستىنلا بەك تەرەققىي قىلىپ كەتتىمۇ؟
بۇ يېقىندىن بېرى سەنئەت توغۇلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇھاكىمە، مۇنازىرىلەردە كۆپ ئۇچراۋاتقان مەزمۇن. كۆزىتىشىمچە بىر قىسىم كىشىلەردە ھازىرقى ناخشا – ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان سەنئەت نومۇرلىرى ۋە سەنئەت پىروگىرامملىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە تەكرارلىنىشىغا قاراپلا ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى تەرەققىي قىلىپ كەتتى دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە، خاتا قاراش بىرقەدەر ئېغىر ئىكەن. مېنىڭچە نوقۇل ناخشا – ئۇسسۇل پىروگىرامملىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەرەققىي قىلىپ كەتتى دېيىش ئېغىر دەرىجىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە خاتالىق. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇر سەنئىتىدە تەرەققىياتتىن كۆرە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە ئېچىلمىغان ساھەلەر تېخىمۇ كۆپ. ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەرەققىياتى ئاستا، تەڭپۇڭسىز، نەزەرىيىۋى ئاساسى ئاجىز دەپ ئېيتىش مۇمكىن. كونكىرت ئاساسلىرىم تۆۋەنچىكىچە:
1. ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە، رەڭگارەڭ سەنئەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت. لېكىن ھازىرقى سەنئەت تەرەققىياتىدا دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالماسلىق ئېغىر. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:
1) بىرىنچى، سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا بولۇشى. روشەنكى، سەنئەت ئۆزىگە خاس نەزەرىيەسى ۋە تەتقىقات مىتودىغا ئىگە. ھازىرقى سەنئەت ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. سەنئەت تارىخى، دۇنيا سەنئىتىدە يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان نەزەرىيە ۋە شەكىللەر، يېڭى ئۇقۇملار... قاتارلىق ساھەلەردە مۇنتىزىم، كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق تەتقىقات يوقنىڭ ھېسابىدا.
2) سەنئەت ئوبزورچىلىقىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى: خۇددى ئەدەبىي ئوبزور ئەدەبىياتنىڭ ئايرىلماس بىر قانىتى بولغىنىدەك، سەنئەت ئوبزورچىلىقىمۇ، سەنئەت تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. لېكىن ھازىر ئۇيغۇرلاردا سەنئەت ئوبزورچىلىقى شەكىللەنگىنى يوق. بۇنىڭمۇ بىرقانچە خىل سەۋەبلىرى بار. مېنىڭچە ئاساسلىق سەۋەبلەرنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.  بىرىنچى سەۋەب، ھازىر ئىلىم ساھەسىدە ئومۇمەن ساقلىنىۋاتقان ئىلمىي كەيپىياتنىڭ تۆۋەن بولۇشى، تەنقىدنىڭ نورمال بولماسلىقى، نورمال تەنقىدنىڭمۇ قارشى ئېلىنماسلىقى، ھەقىقەتنى، ھەرىكەتنى ئەمەس، بەلكى نوپۇزنى ئۇلۇغلاش قاتارلىق ئامىللار. خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە ئىنتايىن نورمال ھەم زۆرۈر دەپ قارالغان ئىلمىي تەنقىدنىڭ بىزدە «كۆتىنى كولاش»، «سېسىتىش»، «كۆرەلمەسلىك» دېگەن ئۇقۇملار بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ قويۇلىشى، نۆۋەتتىكى ئىلمىي كەيپىياتنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر ھازىرقى بىرقىسىم سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قىلىۋاتقان بىمەنىلىكلەر، چاكىنىلىقلار، سەنئەتكە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكلەر مەسىلىلەرنى ئەقلى تەپەككۇر قىلىشقا كۆنۈك، ئىلمىي كەيپىياتى يۇقۇرى ئەللەردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولسا، ئاقىۋىتى چاۋاك بىلەن ئاخىرلاشمايدىغىنى ئېنىق. ئىلمىي كەيپىياتنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئۇقۇم ساۋاتسىزلىقى ۋە تەنقىدنى قوبۇل قىلماسلىق تاماشىبىنلارنىڭ تەلەپ، ئۆلچىمىنى ئىلمىيلىكتىن زىيادە يىراقلىتىۋەتتى. «ئاز – تولا تالانتى بار ئادەملەرنى سەنئەت مەكتەپلىرىدە بەش يىل تەربىيەلەپ، سەنئەتكار قىلىپ چىقىش مۇمكىن، لېكىن 50 يىلدىمۇ ساپالىق تاماششىبىن قوشۇنىنى تەربىيەلەپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس»، (قۇددۇس غوجامياروف) دېمەك، سەنئەت ئوبزورچىلىقى شەكىللەنمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، نۆۋەتتىكى ئىلمىي كەيپىياتنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە تەنقىدكە تۇتقان مۇئامىلىنىڭ توغرا بولماسلىقى.
ئىككىنچى سەۋەب، ئەدەبىيات – سەنئەتتە بىر قەدەر مول بىلىمگە ئىگە بولغان بىر قىسىم زىيالىلىرىمىزنىڭ سەنئەت تەتقىقاتى ۋە سەنئەت ئوبزورچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، تاماششىبىن قوشۇنىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ۋە تەلىپىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولۇشى بۇ ساھەنى ئوبزوردىن ئايرىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ساھە باشسىز يىلاندەك تولغانماقتا. سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بولسا ھە دېگەندە «كەسىپ ئەھلى ئەمەسلەر بۇ ساھەنى قالايمىقان قىلىۋەتتى» دەپ ۋايساش بىلەن ئۆزىدىكى ئىقتىدارسىزلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنى يېپىشقا ئەخمەقلەرچە ئۇرۇنماقتا.
ئۈچىنچى سەۋەب، نوپۇزغا چوقۇنۇشتىن كەلگەن بېسىم ۋە ئىلمىيلىككە يات تەتۈرلۈك.
قايسىبىر ئىتوت ئارتىسىنى «پۈتۈن ئۇيغۇرلانى ئويغاتتى»، قايسىبىر ناخشىچىنى «پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتتى»، ئېكراندا ئاز – تولا كۆرۈنۈپ قالىدىغان ھەۋەسكارلارنى «مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى» دېگەنگە ئوخشاش نامۇۋاپىق سۈپەتلەر بىلەن ئۇلۇغلاپ، ئۇلارغا نورمال تەنقىد بەرگەنلەرنى «كۆرەلمىدى»، «سېسىتتى»، «نوچى بولساڭ ئۆزۈڭ قىلىپ باقمامسەن»... دېگەنگە ئوخشاش تەتۈرلۈكلەر بىلەن كاجلارچە، ھاماقەتلەرچە زەربە بېرىش، ئىلمىيلىك ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇردىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. روشەنكى، ئۇلۇغلايدىغان شەخس يوق بەلكى ئۇلۇغلايدىغان پەزىلەت ۋە ھەرىكەت بار. بۇ خىل بىمەنە ئۇلۇغلاش ۋە نوپۇزغا چوقۇنۇش، مەيلى مەشھۇرسىراش سەۋەبىدىن بولسۇن، ياكى بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن بولسۇن، نورمال پىسخىكىلىق ھادىسە ئەمەس. ئەڭ يامان يېرى بۇ خىل ھادىسىنىڭ جەمئىيەتلىشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
3) سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردىكى بىلىم كىرزىسى.
  مەيلى دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىن بولسۇن، مەيلى دۆلىتىمىزدىكى سەنئەتكارلار ئارىسىدىن بولسۇن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەتنىڭ مەلۇم بىر تۈرىدىكى ماھارەتنى ئىگىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆزىدە بىر قەدەر پۇختا بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە يۇقىرى ساپا ھازىرلىغانلىقىنى، ئىزدىنىش روھىغا باي ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەشھۇر مۇزىكانت موزارت شۇنداق دېگەنىكەن: «نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ مۇزىكىدىكى پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارىمنى تۇغما تالانتتىن كەلگەن دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇلار مېنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلارنى قانچىلىك تەتقىق قىلغىنىمنى بىلمەيدۇ». ھازىر سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ چولتا، ئىزدىنىش روھىنىڭ كەمچىل بولۇشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۆتكەندە بىر بۇرادىرىم بىر - ئىككى پىلاستىنكا چىقارغان بىرىنىڭ مەن بىلەن ھەمكارلاشماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كۆرۈشكەن چاغدا ئۇل تولىمۇ مەغرۇر ھالدا ئۆزىگە بىر قىسىم ناخشا تېكىستى كېرەك ئىكەنلىكىنى، ئۆزى يازغان ناخشا تېكىستلىرىنى ئىشلىتىپ بولغانلىقىنى، كىتاب كۆرۈپ ناخشا تېكىستى ئىزدەشكە «ۋاقتى يەتمەيدىغان»لىقىنى، يەنە كېلىپ كىتاب ئوقۇش بىلەن خۇشى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ گەپ – سۆزلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىدىن ناھايىتى چولتا بىلىمى ۋە ئىزدىنىش روھىنىڭ يوقلۇقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئەڭ ئېچىنىشلىقى، ئۇنىڭغا ئوخشاش تۈزۈك كىتاب ئوقۇمايدىغان، شېئىر ۋە مۇزىكا نەزەرىيەسىدىن خەۋىرى يوق بىرىنىڭ يازغان شېئىرنىڭ، ناخشا تېكىستىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان «ناخشا تېكىست»لىرىنىڭ خېلى كەڭ كۆلەمدە بازار تېپىشىدىن تاماششىبىن قوشۇنىنىڭ ئىشتىھاسى ۋە تەلىپىگە ئېچىنماي تۇرالمىدىم. يەنە بىر مىسال، ئۆزىنى ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن سانايدىغان «چولپان»دىن بىرى، يېڭى بىر ئاكتىيور توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇ قىز بالاڭزا روللارغىمۇ چىقىدۇ» دېگەن باھانى بەردى. ھەر بىر كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كەسپىي ئاتالغۇلىرى بولىدۇ، كەسىپ ئەھلىلىرى شۇ كەسىپنىڭ ئاتالغۇلىرى ۋە قانۇنىيىتى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئۆز كەسپى توغرۇلۇق ئەڭ ئەقەللىي ئاتالغۇ، ئۇقۇملارنىمۇ بىلمەسلىك ۋە ئىشلىتەلمەسلىك، سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردا بىلىم كىرزىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
  روشەنكى، سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئۆز كەسپى ھەققىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەرنىمۇ بىلمەسلىكى، كىتاب ئوقۇماسلىقى، دۇنيادىكى سەنئەت يېڭىلىقلىرىدىن بىخەۋەر قېلىشى، ئۇنىۋېرىسال بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقى سەنئەت ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلمىغانلىقى ۋە دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمىغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى سۈپىتىدە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
دېمەك، سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە تەتقىقاتىنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا بولۇشى، سەنئەت ئوبزورچىلىقىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى ۋە سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردىكى بىلىم كىرزىسى، سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلمىغانلىقنىڭ، دەۋرىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمىغانلىقىنىڭ يېتەرلىك دەلىللىرى دەپ قارايمەن.
ئۈچىنچى، سەنئەت تەرەققىياتى مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق سىگانلار بىلەن يەھۇدىلارنى مىسال كەلتۈرۈشنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ئاساسى بار؟
بۇ يېقىندىن بېرى سەنئەت توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇنازىرىلەرنىڭ ئىچىدىكى خاتالىق ئەڭ ئېغىر، ئەڭ كۆپ كىشىلەر قوبۇل قىلغان مەزمۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلەر سەنئەت تەرەققىياتىنى مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى بىلەن تەتۈر تاناسىپ دەپ چۈشىنىدۇ ھەم بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە سىگانلارنى مىسال ئېلىش ئارقىلىق بۇ خىل قاراشنى قۇۋۋەتلىمەكچى بولىدۇ. مەن ھازىر بۇ مەزمۇن توغرۇلۇق قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن. ئۇنداقتا سەنئەت تەرەققىياتى ياكى سەنئەت مىللەت تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولامدۇ؟ جاۋابى، ياق! كونكىرت ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە.
شۇنچە ئىزدىنىپمۇ سانائەت، ئىقتىساد ۋە مائارىپى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرەرسىدە مىللەت سۈپىتىدە سەنئەتكە، ناخشا - مۇزىكىغا ئۆچلۈك قىلىدىغان خاھىشنىڭ بارلىقىنى بايقىمىدىم، پەقەت قىزغىنلىق  ۋە كۆز قاراشنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ياۋرۇپادىكى گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋسىتىرىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىكەنلىكىنى، سەنئەتنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى بايقايمىز. 13 – ئەسىردە ئىتالىيەدىن باشلانغان ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ، ياۋرۇپا تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشى، ياۋروپانىڭ پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى مىسلىسىز تەرەققىياتقا باشلىشى سەنئەتنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى تەسىرى ۋە رولىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى. روشەنكى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھازىرمۇ سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدە ۋە سەنئەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى كۆز يۇمغۇسىز پاكىت.
شۇنىسى ئېنىقكى، سەنئەت ۋە سەنئەت تەرەققىياتى مىللەت تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئامىل ئەمەس، پۇتلىكاشاڭ بولىدىغىنى سەنئەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلماسلىقى ۋە پاخاللىشىشى، سۈپەتسىزلىشىشى. يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە پاخاللىشىشىنى تەرەققىيات دەپ چۈشىنىۋالغان؛ خاتا ھالدا سەنئەتنى ۋە مىللەت تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئامىل دەپ چۈشىنىۋالغان.
خوش، ئۇنداقتا بۇ ھەقتە سىگانلارنى مىسال ئېلىش، يەنى، سىگانلارنى ناخشا – ئۇسسۇلغا ئامراق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ھازىرقىدەك سەرگەردان، بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان دېيىش توغرىمۇ؟
بۇ خىل قاراش دەسلەپتە، قاچان، كىملەردىن پەيدا بولدى، ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. لېكىن مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممىتىمىننىڭ بىر قىسىم يازمىلىرىدا بۇ توغرۇلۇق مەزمۇنلارنى كۆرگىنىم ئېسىمدە. يەنە يالقۇن روزىنىڭ 2006 – يىلى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسسى «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» پىروگىراممسىدا سۆزلىگەن لىكسىيەسى ۋە بىرقىسىم ماقالىلىرىدا بۇ مىسالنى ئالغانلىقىنى كۆردۈم. كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر توردا ياكى ئاشكارا سورۇنلاردا سەنئەت توغرۇلۇق گەپ بولغاندا سىگانلارنى مىسال كەلتۈرۈشنىڭ قېلىپلىشىش دەرىجىسىدە ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. مەلۇم بىر شەخىستە خاتا كۆز قاراشنىڭ بولۇشى تۈزىتىپ كەتكىلى بولىدىغان نورمال ئەھۋال، لېكىن بۇ خىل خاتا كۆز قاراشنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلەر سەۋەبىدىن، جەمئىيەتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ۋە قېلىپلىشىپ قېلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ھادىسە. سىگانلارنىڭ سەرگەردانلىق سەۋەبى ۋە تارىخىدىن قىلچىلىك خەۋىرى يوق كىشىلەرنىڭ بۇ خىل خاتا كۆز قاراشنى خۇددى ئىلمىي مىتود بىلەن ئىسپاتلاپ چىققاندەك ئىشەنچىلىك ھالدا سۆزلەپ يۈرۈشى نوپۇزغا چوقۇنۇش، بىلىمسىزلىك ۋە تەپەككۇر نامراتلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە مېنى ئازابلاپ كەلدى.
سىگانلارنى ناخشا – ئۇسسۇل ئۈچۈن سەرگەردان بولغان مىللەت دەپ كەمسۇندۇرۇش پوزىتسىيىدە تىلغا ئېلىشنىڭ بىزدىكى تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولدى ،كىشىلەر ھېلىھەم ماقالىلىرىدا ،گەپ - سۆزلىرىدە ھەم مۇنبەرلەردە دائىم سىگانلارنى مىسالغا ئېلىشقا، بۇ ئارقىلىق ناخشا - ئۇسسۇلنىڭ بىر مىللەتنى سەرگەردانلىققا، خار – زارلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە مايىل. كۆپىنچە كىشىلەرگە ئۇلارنى چۈشىنىش پۇرسىتىمۇ يوق،بىزنىڭ سىگانلارغا بولغان بىردىنبىر تەسىراتىمىز ئۇيغۇرلار زىيالىيلىرى ماقالىلىرىدە كۆپ تىلغا ئالىدىغان «ناخشا - ئۇسسۇل سەۋەبىدىن سەرگەردان بولغان مىللەت سىگانلار» ھەم بىرنەچچە يىل ئىلگىرى خەلقئارا خەۋەرلەردە كۆپ بېرىپ كەتكەن سىگانلارنىڭ فىرانسىيەدىن قوغلىنىشىدىن ئىبارەت.
خوش، نەق گەپكە كەلسەك، سىگانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك سەرگەردان، نامرات تۇرمۇش كەچۈرىشىگە راستتىنلا ناخشا – ئۇسسۇل سەۋبچىمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، ناخشا – ئۇسسۇل ئامىلى بار دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس، بەلكى قوشۇمچە سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشقىلا يارايدۇ. مەن يېقىندىن بېرى سىگانلار توغرۇلۇق كىتاب – ماتېرىيال كۆرۈش، ئىزدىنىش جەريانىدا  بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، «سىگانلارنى ناخشا – ئۇسسۇل خارلىقتا قويدى» دەۋاتقانلارنىڭ، سىگانلار توغرۇلۇق ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، پەقەت پىكىر ئېقىمىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمدى بىز سىگانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك سەرگەردان، نامرات، ۋەتەنسىز كۈنگە قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى.
  سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى  تەخمىنەن 10مىلىيۇن ئەتراپىدا،  ئەمما سىگانلار تەشكىلاتى دۇنيادا 30 مىلىيون، ياۋروپادا 15 مىلىيون سىگان بار دەپ قارايدۇ. سىگانلار شەرقى ياۋروپادا روما، جەنۇبى ياۋروپادا كالې دەپ ئاتىلىدۇ، سابىق ئوسمان ئىمپىرىيىسى زېمىنىدا ياشىغان بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىپتىدائى دىنىغا، ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خىرىستان دىنىنىڭ مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ. 500 مىڭدىن ئارتۇق سىگان ئولتۇراقلاشقان فرانسىيە، رومىنىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەر ھەتتا ئۆز دۆلىتىدە سىگان ئاتلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى پەقەت تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى كىشىلەر توپى دەپ قارايدۇ.
   سىگان تىلى ئاللىبۇرۇن شالغۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى شۇ جايدىكى سىگان تىلى لېكسىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ئاساسەن شەرقى ياۋروپادىكى تەخمىنەن ئىككى مىلىيوندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى - ئىران تىل تۈركۈمى، ھىندى ئارىيان تىل ئائىلىسىگە تەۋە سىگان تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەسلى يۇرتى ھىندىستان پاكىستان چېگرىسىدىكى راجاستان بولغان سىگانلار مىلادى 5-ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ پەنجاپقا كەلگەن، مىلادى 10- ئەسىردىن كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى قوشۇنلىرىنىڭ قەتلىئامىغا ئۇچراپ ئۇزۇن يول بېسىپ ياۋروپانىڭ شەرقى دەرۋازىسى بولغان شەرقى رىم  ئىمپىرىيىسىگە بېقىنغان ۋە تەدرىجى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. سىگانلارنىڭ ياۋروپادىكى نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى نەچچە مىليۇنغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن. باشقىلار ئۇلارنى ئوغرى، مەينەت، ھورۇن دەپ سۈپەتلىگەن. سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ.
    مىللەتچىلىك باش كۆتەرگەن  15- ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغرىلىق قىلدى ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن ناملار بىلەن ئارقا-ئارقىدىن دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقاردى.
        ئۇلاردا ئوغرىلىق بەك ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن، ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش.
يىغىپ ئېيتقاندا سىگانلارنىڭ سەرگەردانلىق، خارلىقتا ياشىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
سىگانلارنىڭ كەمسىتىلىشكە  ئۇچرىشىشىنىڭ  ئاساسلىق سەۋەب بىرىنچدىن ،دىنى ئېتىقاد. سىگانلار بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىدە ئورتاق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ ،قەيەردە ياشىسا شۇ يەردىكى ئاساسىي ئېقىم بولغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، لېكىن دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك ئەمەس، ھەتتا شەكىل ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار ياۋروپاغا كەلگەن ئوتتۇرا ئەسردە دىنى ئېتقادى  بولماسلىق قوبۇل قىلغىلى، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن دېيىشكە بولىدۇ سىگانلار دەسلىپىدىلا  ياۋروپالىقلارغا ناچار تەسىر قالدۇرغان.
ئىككىنچىدىن، سىگانلار ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى، مائارىپنى قۇبۇل قىلمايدۇ. ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ سەرگەردان كىشىلەرنى باشقۇرۇپمۇ بولالماي، ئاخىرى باشقۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن. قانۇن – تۈزۈمنىڭ باشقۇرۇشىدىن مۇستەسنا سىگانلار تېخىمۇ كۆپ خاتالىق ۋە جىنايەتكە يول ئاچقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ سەت كۆۈنگەن.
ئۈچىنچىدىن، سىگانلار پالچىلىق، پىرە ئويناشقا زىيادە ھېرىس. بىز سىگانلارنىڭ  بىرىنچى ئالاھىدىلىكىنى ناخشا - ئۇسسۇل دەپ قارايمىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار توغرۇلۇق يېزىلغان ماتىرىياللاردا ئۇلارنىڭ پىر، سېھرىگەرلىكىنى ئەڭ  گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. بىر مىللەتتە  ئانچە - مۇنچە پېرىوخون ياكى پالچىنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، لېكىن مىللەت بويىچە پېرىخونلۇققا زىيادە ھېرىسمەن  بولۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ياۋروپالىقلار ئۇلارنى پېرىخون  ھەم شۇنداق ۋەھىمىلىك  نەرسىلەر  بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغاچقا ئۇلاردىن ئۆزىنى تارتقان.
تۆتىنچى، سىگانلار ئۆز مەدەنىيىتىگە جاھىللارچە ئېسىلىۋالىدۇ، تەرەققىياتنى، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېشلىكى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكا ھەم ئاۋسترالىيەدەك كۆچمەن ئەللەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئۆز دۆلىتىگە كۆچمەن بولۇپ بارغانلارنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەتتا مەجبۇرلايدۇ. لېكىن سىگانلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىدىكى تۇيۇق، چۈشكۈن ئەنئەنىلەرگە جاھىللىق بىلەن چاپلىشىۋېلىشى، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلماسلىقى ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرماسلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇلار ئوغرىلىقنى نومۇس دەپ قارىمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ
ھازىرقى دەۋردىمۇ   ئۇلاريەنىلا ئويغانماي مائارىپقا دىگەندەك  ئەھمىيەت بەرمىگەن ، (ئەلۋەتتە ئۇلاردىنمۇ بەزىبىر  ئىلىم ئەھلىنىڭ چىققانلىقى ئېنىق ،لېكىن بۇ بۇدەۋردە يېتەرلىك ئەمەس، بولۇپمۇ ئاساسىي گەۋدىسى ياۋروپادا ياشايدىغان مىللەت ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس)  ساۋاتسىزلىق، قالاقلىق سەۋەبىدىن ئۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىشسىزلار سانى ئەڭ كۆپ توپلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان  ،ھۆكۈمەتكە ۋە جەمىيەتگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن
شۇنىسى ئېنىقكى، سىگانلارنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلغا ئامراقلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى يۇقۇرىدا  بايان قىلىنغان تارىخى، ئىجدىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىگانلارنى ناخشا – ئۇسسۇلغا ئامراقلىقى تۈپەيلىدىن ھازىرقىدەك كۈنگە قالدى، شۇڭا «ناخشا – ئۇسسۇل، سەنئەت بىر مىللەتنى خارلىققا باشلايدۇ» دېگەن قاراش پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. يەنە شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل قاراشنى ياقلاۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى سىگانلارنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغان، سەنئەتنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە خاراكتېرى توغرۇلۇق ئاددى چۈشەنچىلەردىنمۇ خەۋەرسىز، پەقەت باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەتكەنلەردۇر.
  سەنئەت توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش، خاتا كۆزقاراش، خاتا پىكىرلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىش، سەنئەت ساھەسىدە سىستېمىلىق، كۆپ قاتلاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى تەخىرسىز زۆرۈرىيەت. يۇقىرىدا سەنئەت توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇھاكىمىلەر توغرۇلۇق قىسقىچە ئىزدىنىشىمنى سۇندۇم. بۇ تېما توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ پىكىر، ساغلام مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى، بۇ جەرياندا تېخىمۇ كۆپ ناتوغرا كۆز قاراش ۋە ھۆكۈملەرنىڭ تۈزىتىلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-4 17:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-3 16:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى چوڭقۇر ئىزدىنىپسىز، تەتقىقاتىڭىزنىڭ يەنىمۇ چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تىلەكداشمەن...

ۋاقتى: 2015-11-3 16:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى چوڭقۇر ئىزدىنىپسىز، تەتقىقاتىڭىزنىڭ يەنىمۇ چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تىلەكداشمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-3 19:09:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت. تېمىدىكىسى ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە ئىزدىنىشلىرىم. بۇ تېمىدا تولۇقلىما پىكىر ۋە مۇنازىرىنى قارشى ئالىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-4 01:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                              سەنئەتكار


                                                                يارغول      



-ئەي گېتارچى،سازىڭنىڭ تارلىرىنى ئۇچلاپ كۈي تۆكۈۋاتقان چېغىڭدا كۆزۈڭنى يۇم،كۆڭلۈڭ كۆزگە ئايلانسۇن،ئاندىن ئالدىڭدىكى نازىنىننى ئەمەس،ئۇنىڭ ئېگىسنىڭ قۇدرىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باق.ماھىيەتكە يېقىنلىشىسەن.

-ئەي گۈزەل رەققاس،يول بويىدىكى موزدوز بوۋاينىڭ مۇكچەيگەن قىياپىتى،تىترەۋاتقان ساقاللىرى، ھالاللىقى قايسى سەنئەت ئەسىرىدىن تۆۋەن ھېسابلىنا؟

-ئەي ماشىنىساز،ئەي ئىنژىنېر،چۈمۈلىنىڭ قۇرۇلمىسى ساڭا يۈكسەكلىكنى ئېيتىپ بېرىشقا يېتىپ ئاشمامدۇ؟

  
-ئەي رەسسام، ئەڭ گۈزەل كارتىنىلارنى سىزغىنىڭ راسىت، شۇ كارتىنىنىڭ مەنبەسىنى تونۇدۇڭمۇ؟

  
-ئەي سازەندە،سەن پەدىلەرگە ئىشقى مۇھەببەت بىلەن شۇڭغۇيسەن،مەن بارماقلىرىڭنىڭ ئېگىسىگە ھەيران.


-ئەي سەنئەتچىلەر،غايىۋىي يۈكسەكلىككە ياماشقۇچىلار. سىلەر ئاۋۋال ئۆزۈڭلارنى تونۇۋېلىڭلار، ئەينەكتىكى سىلەر سىلەر ئەمەس، سۈرەتتىكى سىلەر سىلەر ئەمەس.يۈرەكتىكى سىلەرنى دەۋاتىمەن.ئەي سەنئەتچىلەر.سىلەر ئاۋۋال ئۆزۈڭلارنى داۋالاپ ساقايتىڭلار بولمىسا كېسەل روھىڭلار بىگۇناھلارنى زەھەرلەپ تاشلايدۇ.

-ئەي سەنئەتچىلەر، قىچىشقان يەرلەرنى قاشلاڭلار،قىچىشمىغان يەرنى قاشلىسا قان چىقىدۇ....

-ئەي سەنئەتچىلەر بىزگە ئاۋۋال ھەقىقىي يىغلاشنى بىر كۆرسۈتۈپ قويۇڭلار،ئاندىن كۈلۈشنى چوقۇم ئۆگۈنەلەيمىز.

-ئەي سەنئەتچىلەر،ئىنساننىڭ بەرىبىر تەنھا بولىدىغانلىقىنى تەن ئېلىڭلار،بىزگە ئومۇمىي شوئارلارنى توۋلاۋەرمەڭلار.
-ئەي سەنئەتچىلەر،ئەسەرلىرىڭلاردىن ئۇزۇن ياشىماڭلار.
ئەي سەنئەتكار سەن نەدە؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يارغول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-4 02:29  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-4 15:13:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارغول يوللىغان ۋاقتى  2015-11-4 01:50
سەنئەتكار

ئېسىل يازما ئىكەن.

ۋاقتى: 2015-11-4 15:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسىلىگە ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىپ باھا بېرىپسىز ، پىكىردە يېڭىلىق بار ، ئىزدىنىش روھىڭىزنى ياقتۇردۇم ، قوللايمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش