«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق سانلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!
+ B n* O/ R2 ?3 R) m9 @
$ l: _" t' M; T" \. a: V$ ^1 K
$ b# c0 u( }8 ]
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلار، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سىلەرنىڭ سىرداش دوستۇڭلارغا ئايلىنىپ، چاڭقىغان چېغىڭلاردا بىر پىيالە سۇ، مۇڭسىرىغان چېغىڭلاردا مۇڭداش، يالغۇزلۇق جېنىڭلارغا پاتقاندا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ 37 يىللىق ھايات مۇساپىسىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن بىرگە، سىلەرگە يېڭى يىللىق سالام يوللايدۇ. شۇنداقلا 2016- يىلىمۇ سىلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئۆزىنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرى، نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق مەنىۋى تەشنالىقىڭلارغا مەلھەم بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال كۈچ چىقىرىدۇ.
& B. Z4 f8 a0 r" w( O* L; m2 ]& O6 C
«يېڭى قاشتېشى» - خوتەن دىيارىدا نەشر قىلىنىدىغان، ئەسەر قوبۇل قىلىش جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭغا، ھەتتا مەملىكەتكە يۈزلەنگەن، ئوقۇرمەنلىرىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت-شەھەرلىرىگە، يېزا قىشلاقلىرىغا تارالغان، جۇڭگو كىتاب سودىسى باش شىركىتى ئارقىلىق چەتئەللەرگە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ئەدەبىي ژۇرنال. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ ئەدەبىيلىك خاسلىقىنى ساقلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇھىتىدا بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى قاراشلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، يازغۇچى-شائىرلار ئىجات قىلغان نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق دەۋر روھىنى نامايان قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈنسېرى ئۆسۈپ بېرىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىدىن چىقىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى كۈچلەرنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بېرىش ئۈچۈن پائال ئىزدىنىپ كەلمەكتە.
, r" u# E6 m0 t8 v) M, E. \
ژۇرنىلىمىزدا «پوۋېستلار»، «ھېكايىلار»، «نەسرىي ئەسەرلەر كۆزنىكى»، «نەزمىي ئەسەرلەر»، «ئەسەر ۋە باھا»، «مۇھاكىمە ۋە تەقرىز»، «كەچمىش-كەچۈرمىشلىرىم»، «فىليەتونلار تەكچىسى»، «تەرجىمە كۆزنىكى»، «دۇنيا ئەدەبىياتىدىن»، «يادنامە» قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يەنە ۋىلايىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىنىپ، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئۆزىنى سىنايدىغان، ئۆز-ئارا مۇسابىقىلىشىدىغان بەيگە مەيدانى ھازىرلانغان.
, A2 c$ B# s. Y+ I ژۇرنىلىمىزنى ھەر ساھە، ھەر قاتلام ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر قىلىش بىزنىڭ نىشانىمىز، سىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىڭىزدىن چىقىش بىزنىڭ شۇئارىمىز! بىز 2016-يىلى ژۇرنال خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئەسەر سۈپىتى ۋە باسما سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، قەلەم ھەققىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئەڭ نادىر ئەسەرلەر بىلەن سىلەرگە مەنىۋى زوق بېرىشكە تىرىشىمىز.
* K5 E: D$ ^, rئانا تىل ئىجادىيىتىنى قوللاش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل بايلىقىنى قوغداش، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتە بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىڭىزغا، بىزنى قوللايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.
0 K4 m- o7 U: B4 N
ئەسەر ئىبەرتىڭ، مۇشتەرى بولۇڭ، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە خالىس تەشۋىق قىلىڭ، سىزنىڭ ژۇرنىلىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەنلىكىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن قىلغان خالىس خىزمىتىڭىز بولۇپ قالغۇسى.
" J: s: Q3 h" G2 U' Y* y
ژۇرنىلىمىزنىڭ 2016-يىللىق سانلىرىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دەرھال ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق پوچتا ئورۇنلىرىغا بېرىپ ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.
4 I6 M( v, Q: t- G* _
ژۇرنىلىمىزنىڭ يەككە باھاسى 8 يۈەن، پۈتۈن يىللىق باھاسى 48 يۈەن.
1 p) h5 y. D6 a( ~+ K0 `2 g پوچتا ۋاكالەت نومۇرى: 26-58، سىز ھەر قايسى پوچتىخانىلارغا بېرىپ مۇشۇ نومۇرنى دەپ بەرسىڭىزلا ژۇرنىلىمىزغا قەرەلسىز مۇشتەرى بولالايسىز. ئالدىراڭ، پۇرسەت غەنىيمەت!
) S% @+ @/ p0 X% E9 G
5 A$ z0 O% h. ?; M1 e4 [9 Gخوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
3 J7 ~7 Q0 I: F6 z+ k* E K
& ], K6 _. f! ?+ D2 a) U