كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 5

ئابدۇراخمان سادىق: قەھرىماننىڭ روھى مەڭگۇ ياشنايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەھرىماننىڭ روھى مەڭگۇ ياشنايدۇ
(ئەدەبىي خاتىرە)
ئابدۇراخمان سادىق
  ئاپتورنىڭ ئىزاھاتى :   
مەن 1970-يىلى ئارمىيەگە قاتنىشىپ كۈرەش قەھىرمانى ئىسمايىل مەمەت ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمغا تەقسىم قىلىندىم. مېنى بەكلا خوشال قىلغىنى كۈرەش   قەھىرمانى ئىسمايىل مەمەت تۇرغان 3-ئوە لىنيەگە     تەقسىم قىلىنش بولدى. بۇ چاغدا ھەيران بولدۇميۇ، چۈشۈم رىئاللىققا ئايلانغاندەك ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلدىم.
مەن 3-ئوەلىنيەگە كىرىپ بىرىنچى بولۇپ ئاڭلىغان دەرىسىم ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئۇلۇغ ئىش ئىزلىرى بولدى، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى قەلبىمگە خۇددى مۆھۈر باسقاندەك ئورنالغان ئىدى.
مەن 1970-يىلىدىن 1975-يىلى مايغىچە قەھرىمان تۇرغان 3- ئود لىنيەدە ئۈچ يىل جەڭچى، ئىككى يىل  ئود لىنيە كاماندىرى بولۇپ ئىشلىدىم. يەلكەمدىكى يۈكمۇ ئېغىرلىدى، مەن زور تىرىشچانلىق بىلەن ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۇنىڭ ئىنقىلاۋى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇرۇنىقدەكلا روتا، باتالىيون، پوللىك دەرىجىلىك ئىلغار ئورۇن، ھەم كوللىكتىپ 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىشقا نائىل بولدۇم.
دېمەك 1962-يىلىدىن قەھرىمان تۇرغان روتىدىكى 3-ئود لىنيەدىكى بارلىق كوماندىر جەڭچىلەر، قەھىرماننىڭ ئىزىنى ئىزچىل بېسىپ، ئۇ قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ قىسىم قۇرۇلىشى، «4نى» زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مۇقۇملۇقنى ساقلاش جەھەتلەردە ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.
پارتىيىمىز تەربىيلىگەن ئۇلۇغ جەڭچىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم، سېغىنىشىم سەۋەپ 2012-يىلى ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغلىق ناھىيەسىدىكى قەھىرمانلار قەۋرىستانلىقىغا بېرىپ، دۆلەتلىك «كۈرەش قەھىرمانى»،«1-دەرىجىلىك كۈرەش قەھرىمانى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلانى، كومىنىستىك پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى ئىسمايىل مەمەتنىڭ قەۋرەگاھىنى زىيارەت قىلدىم، قاغىلىقتىن قايتىشىمدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىدىن دەم ئېلىشقا چىققان، مەرھۇم ئىسمايىل مەمەتنىڭ سەبدىشى، جەڭگاھتا قان كېچىپ جەڭ قىلغان ھايات قەھىرمان ئابدۇرىھىم ئابدۇۋايىت ئاكىنى يوقلاپ ئۆتتۈم، ئۇ ناھايىتى تەمبەل، ھېلىمۇ ھەربىيلەرگە خاس جەسۇر تۇرۇپتۇ، مەن ئابدۇرىھىم ئاكىغا كېلىشتىكى مەقسىدىنى ئېيتقاندىن كېيىن، خوشال بولۇپ «بەك ئوبدان بوپتۇ، رەھمەت سىزگە» دەپ ئىككى قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسمايىل مەمەت بىلەن ئۆگىنىش، خىزمەت، جەڭ مەيدانىدىكى قەھىرمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى، بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردى. مەن بۇ پىشقەدەمنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ خۇددى كىنو كۆرۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇقۇملۇق خىزمىتىنىڭ پىدائىي بولۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ مېنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بەخىتلىك ئۆمىرىنىڭ  ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن.
                «مىكىماخۇن سىزىقى.
1914-يىلى ئەنگىلىيە دائىرىلىرى دارۇي مىكماخۇننىڭ مەسئۇللىقىدا ھېمالايا تېغىنىڭ تۇتاش جايىنى چىگرا پاسىلى قىلىپ بېكىتكەن، بۇ پاسىلنى «مىكماخۇن» چگرا پاسىلى دەۋالغان،بۇ قانۇنسىز چىگرا پاسىلنى  جۇڭگو ھۆكىمىتى بۇ ئاساسسىز چىگرا پاسىلىنى ئېتراپ قىلمىغان قانۈنسىز چېگرا پاسىل
جۇڭگو-ھىندىستان چىگراسىدىكى جەنۇپ تەرەپ تەخمىنەن 90000 مىڭ كۇۋادىرات كېلومىتىر بولۇپ بۇ شىزاڭنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو زىمىنىغا تەۋە بولۇپ، ئەزەلدىن چىگرا ئېنىق ئايرىلىپ كەلگەن بولۇپ جۇڭگوغا تەۋە زىمىن ئىدى. يۇز يىلدىن بىرى ھىندىستان ھوكۇمىتى 90000مىڭ كۇۋادىرات كېلومىتىر زىمىنىمىزنى بىسىپ يىتىۋاتىدۇ،
مىكماخۇن ئويدۇرۇپ چىقارغان قانۇنسىز چىگرا پاسىلى ئىككى دۆلەتكە بالايى-قازا ئېلىپ كەلدى.
      - جۇگۇ-ھىندىستان ئۇرۇشنىڭ كېلىپ چىقىشى-
1962-يىلى ھنىدىستان ئارمىيىسى ئامېرىكا ھوكومنتىنىڭ يىقىندىن قوللاپ ياردەم بىرىشىدە ئۆكتەملىك قىلىپ ۋەتىنىمىزگە بىسىپ كىردى،شۇ چاغدا ئامېرىكا ھۇكۇمىتى ھىندىستانغا يان –تاياق بولوپ «بۈركۈت چۈجىسى»ناملىق ئاۋياماتكىنى بىنگال قولتۇقىغا ئەۋەتىپ ھىندىستاننىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۈس قېلىپ كىرىشىنى قوللاپ ھەمدەم بۇلغان، ئاممېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى كىننىدى ھىندىستانغا يار-يۇلەك بۇلغانلىغى ئۇچۇن ھىندىستانلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇلار جۇڭگونى ئوڭايلا بويسۇندۇرىمىز دېگەن خىيالى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرىشىدا ناھايىتى تېزلا بەرپات بولدى. بۇ ھەقتە ئەينى چاغدىكى ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش شىتاپ باشلىقى گىنىرال ۋ ك سىنگى ؛«بىز ئۇرۇش ھازىرلىىقىمىزنىڭ ناچارلىقى جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ يۆلىنىشىنى ئىگەللەشتىن خاتالاشقانلىقىمىز ئۈچۈن 1962-يىلدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدۇق»دېگەن.
كۆرەڭلەپ كەتكەن ئامېرىكا،ھىندىستان رەخبەرلىرى ئۇرۇشتىن كىېيىن بىشىنى كۆتۈرەلمەي قالغان.   
ھىندىستان ھۆكىمىتى «مىكماخۇن» چىگرا پاسىلىنى دەستەك قىلىپ، بۇ زىمىنىمىزنى نەچچە ئون يىل بېسىۋالدى، ھەم شۇ يەرگە مۇداپىئە قاراۋۇلى قۇرۇپ 70 نەچچە مىڭ ئەسكەرنى تۇرغۇزدى. ئۇلار ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراقۇرۇم، ئالىي رايۇنىنىڭ ئايرىم جايلىرىغىچە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
دۆلىتىمىز سوغۇق قانلىق بىلەن قايتا-قايتا سىياسي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ بارغانچە ئەسەبىلىشىپ ياۋۇز نىيىتىدىن يانماي ئەسلى ئۆزى بېسىپ ياتقان زىمىنىمىزدىن ئىچكىرلەپ كىرگەندە ئامالسىز «باشقىلار بىزگە چېقىلمىسا بىزمۇ باشقىلارغا چېقىلمايمىز، باشقىلار بىزگە چېقىلسا بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە 1962-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئارمىيىمىز ئومۇميۈزلۈك قايتارما زەربە بېرىشكە ئۆتىدۇ.
  ئىنسانىيەتكە، خەلققە بەخىت ياراتقان، ۋەتەنگە تۆھپە قوشقان، ئۇلۇغ كىشلەرنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئۇلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ئەلۋەتتە.ئەنە شۇ ئۇلۇغ كىشلىرىمىزدىن بىرى بولغان، جۇڭگۇ كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ مۇنەۋەر ئەزاسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرلىك ئوغلانى، مەملىكەتلىك كۈرەش قەھرىمانى ئسمايىل مەمەتنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز.
1

            -  كۆرەش قەخرىمانى ئىسمايىل مەمەت-

ئسمايىل مەمەت ئارمىيەمىز، خەلقىمىز، پارتىيەمىز ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيەلەپ يېتۇشتۇرگەن خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئۇلۇغ جەڭچى.
ئسمايىل مەمەت 1941-يىلى 6-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنڭ يېڭسار ناھىيە ئوچا يېزا ياۋاغ كەنتىدە دېھقان ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن.
1955-يىلى ئسمايىل مەمەت باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەڭ بىپايان يېزىسدا يىلتىز تارتىش ئۈچۈن مەكتەپتىن چېكىنىپ يېزىغا قايتىدۇ. ئۇ، ئۇقۇش، ئەخلاق تەرەپلەردىن ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇقۇتقۇچىلىرى ئۇنى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئۇقۇشنى دەۋەت قىلىدۇ. لىكىن ئو كەڭ بىپايان زىمىندا چېچەكلەپ يىلتىز تارتىپ ئشلەشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدى.
ئۇ ئۆز قۇلى بىلەن گۈزەل سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتى،-ھە. ئۇ ئۆيىگە قاتىپ كىلىپ ئائىلسدىكلەر بىلەن بىللە ئالى كوپوراتسىيگە كىرىپ ئەمگەك قىلدى، ئۇ ئۇقۇۋاتقان چېغىدا ئوقۇتقۇچىسى قەھرىمانلار ھەققىدە ھىكايە سۆزلەپ بىرۋېتىپ، قەھرىمان، دوڭسۇڭرۇينىڭ ئۆز ھاياتتتى ئارقىلىق غەلبە يولى ئاچقانىلىقىنى ئېيتقاندا كىچىكىنە ئسمايىل ئورندىن دەس تۇرۇپ مۇنداق دىگەن. مەن چوڭ بولغاندا جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيسىگە قاتنىشىپ پارتىيە، ۋەتەن خەلقىنى قوغدايمەن، بىزنىڭ قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ قان بەدىلگە كەلگەن بۈگۈنكى بەختىيار دەۋىرنى قوغدايمەن.
مەن دۇڭسۇڭرۇي، خۇاڭ جىگواڭلاردەك باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ چىقىپ جەڭ مەيداندا ئۈلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق دەيدۇ.
ئۇ ئەنە شۇنداق ئۇماق سەبىي بالىنىڭ مەردانە سۆزى مىڭلىغان سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىدىن شوخ قاناتلىنىپ ئۇچۇپ مەكتەپ ئۇستدە پەرۋاز قىلدى، ئۇقۇتقۇچسى تەسىرلىنىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ :«ئەزمەت يىگىت  سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك سۈزىڭىز ئارقىلىق بىزنىڭمۇ يۈرەك سۆزىمىزنى ئىپادىلدىڭىز.بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئسىسق قېنى، ياشلىق ھاياتى ئارقىلىق بىزنىڭ مۇشۇنداق بەختىيار دەۋىرىمزگە يول ئېچىپ بەردى. ھەربىر ياش، ھەربىر پۇخرا ئەنە شۇ ئەجداتلاردەك ۋەتەننى جان تىكىپ قوغدايدىغان، ۋەتەن خەلقنى، پارتىيەنى سۈيىدىغان ئىز باسارلاردىن بولشىمىز كېرەك.»
ئسمايىل مەمەت ئۆزىنىڭ مەسۈم قەلبىدە ئوقۇتقۇچىسىنڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى مەھكەم ئورنتىۋېلىپ جۈملىمۇ جۈملە تەكرارلايتتى.
ئسمايىل مەمەت كوپراتسيە قۇرلىشى ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش جەرياندا ئۈلگىلىك رول ئۇينىغانلىقى ئۇچۇى 1955 يىلى جۇڭگۇ كوممونىستىك ياشلار ئىتتپاقىغا ئەزا بولۇپ كىردى. شۇ چاغدا ئۇ ئون بەش ياشقا كىرگەن ئىدى.
گۇڭشىلاشقاندىن كىيىن ئۇ ئاممىنىڭ قىزغىن ھېمايە قىلىپ، كۆرسىتىشى ئارقىلىق ئۇ كەنىتنىڭ بوغالتىرلىقنى ئۇستىگە ئالدى. ئسمايىل مەمەت بۇ خىزمەتنى سۆيۈپ ئەستايدىل ئشلىدى. ئۇ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى ئشلەش جەرياندا كېچىسى ھېسابات قىلىپ، كۈندۇزى ئامما بىلەن بىرگە  دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.
1958-يىلى ئۇ كەنىتىنڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىنڭ كىچىكلىكىگە قارىماي دادىللىق بىلەن خىزمەت ئىشلدى. ئۇ كەنىتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە چىققاندا، دەل پولات-تۆمۇر تاۋلاش دولقۇنى باشلانغان جىددىي مەزگىل ئىدى. ھەم كۈزلۈك زىرائەتلەرنى  يىغىۋېلىش پەيتى بۇلۇپ، ۋاقىت چىڭ تۇتۇلمىسا بىر يىللىق مەھسۇلات بىكار بولۇپ كېتەتتى. يېزىدا بىر قىسىم قېرىلار ۋە بەزى ياشلار قالغان .بولۇپ ئەمگەك كۈچى بەكلا ئاز ئىدى، لېكىن ئسمايىل مەمەت بۇ ئەھۋالدىن قىلچە قايغۇرمىدى. ئۇ قېيىنچىلىق ئالدىدا ۋايسىماي، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ئەمگەك كۈچىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ كۈزلۈك يىغىۋېلىشنى ھەم پولات-تۇمۇر تاۋالاش ۋەزىپسىنى غەلبلىك ئورۇنلىدى، ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدار كەتىت ناھىيە رەھبەرلىرىنى ھەيران قالدۇردى.

2
1960-يىلى 2-ئايدا ئسمايىل مەمەت ماۋجۇشىنىڭ «خەلىقنىڭ ئارمىيسى بولمىسا، خەلىقنىڭ ھېچنەرسىسى بولمايدۇ» دېگەن تەلىمگە ئاساسەن سوتسيالستىك ۋەتىنىمىزنى قوغداشتىن ئىبارەت ئەڭ ئۇلۇغ غايسى بىلەن جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيسگە شەرەپ بىلەن قاتنىشىدۇ. ئۇ ماشرەڭ ھەربى كىيىمنى كىيىپ مەيدىسگە قىزىل گۈلنى تاقاپ ئانسى گۈلنارخان ۋە تۇققانلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ،ئوغلى ئسمايىلنى ئۇزۇتىش ئالدىدا گۈلنارخان ئوغلىغا مۇنداق دەيدۇ:« ئوغلۇم سىنىڭ ھەربىي بولىشىڭ ئائىلىمز ھەم كەنتىمىز ئۈچۈن شەرەپ، سەن قسىمغا بېرىپ پارتىيە، ماۋجۇشىنڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ماركىسسىزىم-لېىننىزىم ئىدىيسى بىلەن ئىدىيەڭنى قورلاللاندۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلشنى ئۇنتۇپ قالما، بىزنىڭ كېلىپ چىقىشىمىز ئاددىي بىردېھقان، شۇڭا سەن ھەرقاچان ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۇشىڭ كېرەك، ئەگەر ياۋلار ۋەتەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە، ئەجدادلاردەك باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىل، ئەگەر جەڭدە كەينىڭدىن ئۇق تەگسە بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس، ئالدىڭدىن ئۇق تەگسە ئىككىلا دۇنيادا سەندىن رازى، قورقۇنچاق قاچقۇنلارغا ئارقىسدىن ئوق تېگىدۇ، سەن ئۇ ئۇلارنى دوراپ قالما،  سەن بىزنىڭ پەخرىمىز. باتۇرلادەك بولغىن، بالام!» دەپ ئۇزۇتىپ قۇيغان ئىدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئانىسىنڭ نەسھەتى بويىچە جەڭدە  ياۋلار بىلەن جەڭ قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ پەخرى بولدى.
ئسمايىل مەمەت قسىمغا كىرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تۇرغان قسىم تاشيول ياساش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.بۇ ۋەزىپىنى ئاڭلىغان ئسمايىل مەمەت ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ، پارتىيە ياچىكىسغا قايتا-قايتا ئۆز ئىرادىىسنى بىلدۈرۈپ، شىزاڭ تاشيول ياساش قۇرۇلۇشىغا بېرىشقا ئىرادە بىلدۈرىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن سەبداشلىرى بىلەن جاپالق تاشيول ياساش جېڭىگە ئاتلىندۇ،بىركۈنى تاش چۇقۇپ ئشلەۋاتقاندا، بىر يولداشنىڭ پۇتىغا تاش چۈشۈپ كېتىپ ناھايىتى ئېغىر يارلىنىدۇ.ئەھۋال ئېغىر بولۇپ قان توختىما ئېقىۋاتاتتى. ئسمايىل مەمەت سەبدىشىنىڭ يارسىنى تېڭىپ قاننى توختىتىپ دەرھال ئۆزىنىڭ ھېرىپ-چارچىشىغا قارىماي، سەبدىشىنى يۈدۈپ تاغ جىلغىلاردىن ئېشىپ جاندىن ئۆتىدىغان مۇزلۇق سۇلارنى كېچىپ ئۆتۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ.ئۇ ئۈششۈپ قالغان پۇت-قوللىرىغا قار سۈرتۈپ قىزىتىپ ئىشلىدى، يول ياساش قۇرۇلۇشىدا قەيەر جاپالىق بولسا شۇ جايغا بېرىپ ئىشلىدى.ئۇھەرگىز ھاردىم-تالدىم دېمىدى.بۇقېتىمقى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ھەرمىللەت ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلش نەتىجىسدە ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇرۇندالدى
يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئسمايىل مەمەتىنڭ تاشيول قۇرلۇشىدا ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى پۈتۈن قىسىمغا تەشۋىق قىلدى.ھەم ئۇنى 2-دەرىجىلك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئالدى. قىسىم تاشيول ياساش ۋەزىپىسنى ئۇرۇنداپ قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپسنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بۇدەل 12-ئاي مەزگىلى بولغاچقا، سۇغۇق ئىنتايىن قاتتىق ئىدى. ئىشلەپ چىقىرش مەيدانىدا ئەڭ ئىغىر ئىش سۇ تۇشۇش ئىدى. ئسمايىل مەمەت  3-ئدىلكوم نامىدىن پارتىيە ياچىكىسىغا ئىرادە بىلدۇرۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئۆزىگە بېرشنى تەلەپ قىلىدۇ، پارتىيە ياچىكا قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەلىۋىگە قۇشۇلىدۇ.
قەھرىتان قىشنىڭ ئاخرىقى كۈنلىرى سۇغۇق ئەڭ قاتتىق بولغان بىر كۈننى ئسمايىل مەمەتنىڭ ئود لىنيىسىدىكى بىر يولداش سۇ تۇتىۋاتقاندا، ئۆستەڭ يار ئېلىپ كېتدۇ. ئۇ يارنى ئېتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ،  بەڭۋاش سۇ تېخىچە ئۇلغىيىپ ئاساۋ ئاتتەك ھەر ياققا ئۇرۇلۇپ يار ئېلىپ كەتكەن يەرنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا ئسمايىل مەمەت ياردەمگە كېلىپ، قارسا ئەھۋال ئېغر. ئەگەر سۇ ئۆزۋاقىدا توختىلمىسا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئېتىز-ئېرىقلار خەۋىپ ئاستىدا قالىدۇ، «قانداق قىلش كېرەك؟» ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن،  «مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، دەرھال مېنىڭ ئۇستىمگە شاخ-شۇمبۇلارنى، ئاندىن توپا تاشلاڭلار» دەپ يار ئېغىزغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. بەڭۋاش سۇ ئۆز ھەيۋىسنى كۆرسەتكەندەك دولقۇن-دولقۇن بۇلۇپ ئۆزىنى ئۇرىدۇ، لېكىن ئسمايىل مەمەت قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان مۇزسۇيى ئىچىدە تۇرۇپ سوغۇق بىلەن ئېلىشىدۇ. يار بارغانچە ئۇلغىيىپ تاشلانغان توپا شاخلارنى ئېقىتىپ كېتىدۇ.ھېلقى جەڭچى ئسمايىل مەمەتىنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىپ باشقىلارغا:«تېزدىن شاخ- شۇمبۇلارنى تاشلاڭلار!» دېگىنىچە سۇغا سەكرەپ چۈشىدۇ،ئىككەيلەن يار ئېلىپ كەتكەن ئېغىزدا قانچە كۈرەش قىلسىمۇ، سۇ بارا-بارا ئۇلغىيىپ يار ئېلىپ كەتكەن ئېغىز بەك چوڭىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن باشقا ئامال قوللانماقچى بۇلىدۇ. دەل شۇچاغدا چوڭ بىر دولقۇن تەلۋىلەرچە ئۈسسۈپ كېلىپ ھېلقى جەڭچىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ. ئسمايىل مەمەت دەرھال سەبدىشى ئاققان تەرەپكە قاراپ تېز ئۈزىدۇ، تېز ئېقىۋاتقان سۇ بەزىدە قاينام ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئسمايىلنى قاينام چۆكۈرۋېتەتتى، ئۇ ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، ھېلقى سەبدىشى بەش-ئالتە مېتىر يىراقلىقتا بىردە سۇغا چۆكۈپ، بىردە بېشىنى كۆتىرىپ، «قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ توۋلىدى. ئسمايىل مەمەت بار كۈچىنى ئشقا سېلىپ ئۈزەتتى، مۇز پارچىلىرى كېسۋەتكەن بەدەنلىرىدىن قىپقىزىل قان ئېقىۋاتاتتى، ئۇ ئاغىرۋاتقان بەدەنلىرىنى ئۇنتۇپ غەيرەتكە كېلىپ ئۇنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىدۇ. ئاندىن چەڭچىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنى ھۇشىغا كەلتۈرىدۇ. 3-ئود لىنيەدىكى  جەڭچىلەر ئسمايىل مەمەتنىڭ بەدىنىدىكى يارا ئېغىزىدىكى قانلارنىڭ قېتىشىپ قالغىنى ھەم جالاقشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كېيملىرىنى سالدۇرۇپ، قۇرۇق كېيىملىرىنى كېيدۈرۈپ تېزلىك بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ.ئۇ دوختۇرخانىدا بىركېچە-كۈندۈز ھۇشسىز ياتىدۇ. ئۇھۇشىغا كېلىپ:«سۇ يار ئالغان... سۇ قانداق بولدى؟» دەپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىدۇ. رۇتا كوماندىرى ئۇنىڭ ئىككى مۆرىسدىن ئاستا بېسىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ:«خاتىرجەم ياتقىن، ئاخشام پۈتۈن روتىدىكى كادىر- جەڭچىلەر يار ئېغىزىنى ئېتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. سەن خاتىرجەم داۋالان» دېدى. قىسىم بۇ قېتىم ئسمايىل مەمەتكە بىرىنچى دەرىجلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ نام بەردى،ھەم پۈتۈن قىسىمدىكى كوماندىر جەڭچىلەرنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنشكە چاقىردى. ئسمايىل مەمەت ھەردائىم جەڭچىلەرگە ئاچىچىقلانماستىن ھامان سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيە بىرىپ، سۆز ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلق قايىل قىلش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى، ئۇ يەنىلا جەڭچىلەرگە ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ھەربي مەشىقلەردە قاتتىق تەلەپ قۇياتتى. جەڭچىلەرنى يالغان ھەركەت قىلشقا ھەرگىز يول قويمايتتى. ئۇ قورالنى ئۇقلاش مەشقىنى ئشلىگەندە، جەڭچىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەركەت بىلەن ئشلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. پەقەت راستىنلا ئۇق قاچىلىغىننى بىلگەندىلا ئاندىن تېزلىكنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇ ئۆز ئىدىلكومدىكى جەڭچىلەرنى قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆدىسدىن چىقىش ئاساسىدا تەربىيلىگەنلكى ئۈچۈن 10-چازىدىكى بولغان ئۇرۇشتا ئۇق تۇشۇغۇچىلار باشتىن-ئاخىرى ئوق دورلارنىڭ تولۇق تەقسىم قىلشقا كاپالەتلىك قىلالىدى. بەزى جەڭچىلەر مىنۇتىغا 50 تالدىن ئۇشۇق ئۇق قاچىلاش سۈرئىيتى بىلەن ئېغىر پىلىمۇتنىڭ ئۇزلۇكسىز ئېتش تېز ئېتش ئەۋزەلىكنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ دۈشمەن ئوت كۈچىنى باستۇردى.
ئۇ جەڭچىلەرگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىمۇ ھەرۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، باشلامچىلىق بىلەن جاپاغا چىداپ مەشىق قىلدى. ئۇ ئادەتتە ئېغىر پىلمۇتنى ئككى كۆزىنى ئېتىپ قۇيۇپ چۇۋۇپ قوراشتۇراتتى ھەم لىنتىغا ئوق قاچىلاشنى مەشق قىلاتتى، گىرانات ئېتىش مەشىقىدە بىلەكلىرى ئششىپ كەتسە تۇز سۇيى بىلەن يۇيۇپ مەشىقنى داۋاملاشتۇراتتى،شورلۇق قاتتىق يەردە تاكتىكا مەشىقىنى ئۆلچەم تىزلىگى بويىچە مەشىق قىلىپ، بەدەنلىرى ئاغىرىپ تىز-جەينەكلىرى سۇرۈلۈپ، قاناپ كەتسىمۇ مەشقنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.ئسمايىل مەمەتتەك ئالاھىدە چېنقتۇرۇش تەربىيسىنڭ نەتجسىدە ئۇمۇمىي ھەربىي مەشىق مۇسابىقىلەردە روتا،باتالىيون، پولىك دەرىجىلك ئالاھىدە تەغدىرلەشكە ئېرشكەن. ئسمايىل مەمەت ۋە ئايرىم جەڭچىلەر دىۋىزىيە بويىچە قارغا ئېتىش مۇسابىقسدە ئالاھىدە نەتىجىلەرنى يارتىپ تەقدىرلەشكە ئىرشكەن. ئسمايىل مەمەت تەربىيلىگەن ئود لىنيە ئالاھىدە چېنىقش ئالاھىدە مەشىقنىڭ نەتىجىسى جىددىي پەيتتە كۆپ خىل ماھارەتلەرنى ئىشقا سېلىپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلغان.  ئسمايىل مەمەت ئارمىيىگە قاتناشقاندىن تارتىپ تاكى قۇربان بولغانغا قەدەر ئۆز تۇرمۇشىنى ناھايتتى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزگەن، مەيلى ئورۇنباسار ئود لىنيە مۇئاۋىن  كاماندىرى ياكى ئودلىنيە كوماندىرى بولغان مەزگىلەردە ئالاھىدە بۇلۋالمىغان، ئۇ جەڭچىلەرگە خۇددى ئۆزىدەك ئاددىي-ساددا ياشاش جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەش ئىستىلى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسىتىپ تەغدىرلەنگەن بولسىمۇ، قىلچە مەغرۇرلانماي، ئۆز ۋەزىپسىدە كەمتەر بولۇپ ئۆزىدىن نۇقسان ئىزدەپ ئۆگىنىش، مەشىق قىلشنى قەتئىي داۋام ئەتكەن. ئسمايىل مەمەت قىسمدا تۇرغان مەزگىلدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، جەڭچىلەرگە ئالاھىدە جەڭ قىلش ماھارتىنى ئۆستۇرۇپ:«مەن قىسمدا بىر كۈن بولدىكەنمەن قىسىم قۇرۇلۇشغا، ۋەتەننى قۇغداش سوتسيالستىك قۇرلۇشىغا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قۇشىمەن» دەيتتى. دېمەك، ئۇ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ بىر نەچچە يىلنى بىر يىلدەك ئۆتكۈزدى، ئۇ جاپالىق ئەمگەكنىڭ نەتىجسىنى كۆردى. 1962-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈننى ئسمايىل مەمەتنىڭ ھاياتىدا ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولغان ئىدى. ئۇ شۇ كۈنى جۇڭگۇ كومۇنستىك پارتىيە ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسغا شەخسىي مەنپەئەتىمنى ئۇمۇمنىڭ مەنپەتىگە شەرتسىز بويسۇندۇرىمەن تاكى ئاخىرقى بىر تامچە قېنىم قالغىچە ۋەتەننى قۇغدايمەن، خەلق ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن ئشلەيمەن، دەپ يازغان ھەم ۋەتەنگە، خەلققە بولغان قەلبىنى ئىپادىلگەن.قىسىم رەخبەرلىرى ئىسمايىل مەمەتنى ئۇرۇشقا مىڭىشتىن بۇرۇن يىڭساغا بىرىپ ئائىلىسىنى يۇقلاپ كىلىشكە  ئەۋەتىدۇ ئۇ ياشىنىپ قالغان ئانىسى ۋەئايالى ،ئەندىلا ئىككى ياشقا تۇشقان ئۇماق قىزىنى كۆرگىلى بارىدۇ، ئۇ ئائىلىسى بىلەن جەم بۇلغان ئىككىنچى كۇنى قىسىم ئۇرۇشقا مىڭىش بۇيرىغىنى تاپشۇرۋالىدۇ، بىرىنجى ۋىزۋۇت قەشقەردىن يىڭساغا كىرىپ ئىسمايىل مەمەتنى ئېېلىپ ئۇتۇپ كىتىش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، گۇلنەرخان ئانا ئۇغۇلىغا «بارغىن بالام ياۋلارنى ۋاتەندىن قۇغلاپ چىقار»دەپ رازىلىق بىرىدۇ، ئايالى ئۇنى ئۇرۇشقا بىرىشقا زىنھار ئۇنىمايدۇ ،قىزى ئانارگۇلنى كۆتەتىپ قۇيۇپ ئۆزى پۇتىغا ئېسىلۋالىدۇ،  ئىسماتىلمەمەت قايتا-قايتا تەربىيە بەرسە جايىللىق قىلىپ تۇرۋالىدۇ،قىزىنىڭ پىشاينىسىگە سۇيۇپ ئانىسىغا بىرىپ «ئاكا سەن مەن ئۇچۇن ئايالىمنىڭ خىتىنى بىرۋەت دەپ جەڭگە ماڭىدۇ.
ئۇ جەڭدە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدىكى قەسىمى بويىچە، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ۋەتەننى قۇغداش جىڭىدە بىر تامچە قېنى قالغۇچە جەڭ قىلدى.
3
جۇڭگۇ-ھېندىستان چېگىرسى شىنجاڭ ھەربىي رايۇن باشقۇرۋاتقان مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيسىدە يەتمىش نەچچىدىن ئارتۇق چېگىرا قوغداش پونكىتلىرىغا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھيىسى سانجو گوڭشىدا چېگىرا قوغدايدىغان قىسىمىغا يىمەك-ئىچمەك ئۇق-دورالارنى تۇشۇيدىغان تۆگە باتالىيۇن بۇلۇپ، ئۇلار 300يۈز تۆگىگە يۈك ئارتىپ ئالدىنقى  سەپتىكى قىسملارغا يەتكۈزۈپ بىرەتتى، ئوتتۇز تۆگىگە ئارتىلغان ئۇزۇق، يىمەك-ئىچمەكنىڭ %20نى ئالدىنقى سەپكە بىرىپ، قالغان %80نى ئۆزىنىڭ بېرىپ كىلشگە ئاران يېتەتتى، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ-كېلىشگە ئالتە ئاي كېتەتتى.
1958-يىلىدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولنى ياساش قۇرلۇشى ئېلىپ-بېرىلىپ، قىسىم تاش چۇقۇش، تاغ پارتىلتىش بىلەن شۇغۇللانغان. ھاۋا شالاڭ، كۈن سوغۇق، شارئىت ناچار ئەھۋال ئاستىدا ئارمىيمىزنىڭ جاپاغا چىداش ئېسىل ئەنئەنسنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇرۇنلاپ، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيول ياساپ، تۆگە بىلەن يۈك توشۇشقا خاتىمە بېرىلىپ، توگە باتالىيون ماشىنلاشقان باتالىيونغا ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن تىرانسپورت ئشلىرى ئىلغارلاشتى.  شۇچاغدا ئارمىيمىز بىر قۇلىدا قورال، بىر قولىدا گۈرجەك، جوتو ئېلىپ، دۆلەت مۇداپىيە تاشيولنى ۋە چىگىرا-پونكىتلىرىغا يول ياساپ ھەرقايسسى چېگىرا-پونكىتلارغا ماشىنا تېز بارالايدىغان بولدى. جەڭچىلەر بىر ياقىتىن يول ياساش، بىر ياقتىن دالاينىڭ باندىتلىرنى تازلاش ئۇرۇشى ئېلىپ-بېرىلدى. قىسىم ياسغان دۆلەت مۇدپىئە لىنىيسىدە مىڭ كىلومېترىدىن ئارتۇق، چېگىرا لىنىيسدە يەتمىشتىن ئارتۇق چېگىراقوغداش پونكتلىرىغا ماشىنا بىمالال بارالايدىغان بولدى. ئۇ ئۇرۇن دېڭىز يۈزىدىن بەش مىڭ مېترىدىن سەككىزمىڭ مېترغىچە ئېگىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇرۇننىڭ ھاۋاسى شالاڭ تۇرمۇش كەچۈرۇش قېيىن ئىدى،سەككىز مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۇڭخۇا سەنكو دېگەن جايدىن تيەن ۋىنتيەن دېگەن جايغا ئادەم ياشاش.[چەكلەنگەن رايۇن دەپ نام بەرگەن جايدا دۆلەت مۇداپىيە جەڭچىلىمىز يول ياساش باندىن تازلاشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپلەرنى ئۈستگە ئېلىپ، جاپالىق ئشلەپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ھېدىستان ھۆكۈمىتى چىگىرا مۇداپىئە قۇشۇنىنى كۆپەيتىپ مىڭ كىلومتىردىن ئارتۇق چېگىرا لىنيسدە 70مىڭ كىشلىك قۇشۇن توپلاپ ھەركۈنى چېگىرا مۇداپىيە قىسىم پوستا تۇرۋاتقان جايغا كېلىپ ئوق چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت چېگىرسىدا جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. 1962-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە بىزنىڭ پوستا تۇرۋاتقان چېگىرا جەڭچىمىزگە ئوق ئېتىپ، چېگىردا قۇراللىق ئېغۋاگەرچىك پەيدا قىلپ چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان كەسكىن ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. بىزنىڭ چېگىرا قوغداش جەڭچىلەرگە يېقىن كېلىپ ئوق چىقىرىپ ئېتىپ ئۆلتۇردى. يەنى، ئۈچ ئەسكەرنى ئۆلتۇردى، سەككىز ئەسكەرنى ئېغىر يارلاندۇردى. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگىرا مۇداپىئە ئوفىتسىر-جەڭچىلەر سەۋىرچانلىق بىلەن تەربىيە بەرسىمۇ قىلچە تەپ تارتماستن بارغانچە غالجىرلىشىپ كەسكىن ۋەزىيەت پەيداقىلدى. ھۆكۈمىتمىز كۆپ قېتىم سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلايلى دېسىمۇ پىسەنت قىلماي ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقە تۇغدۇرۇپ، چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان قانلىق ۋەزىيەپ پەيدا قىلدى.
ھېندىستان ھۆكۈمىتى چېگىراغا توپلغان70مىڭ ئەسكىرى بىز بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولدى، بىزنىڭ تەييارلىقىمىز ئۇلاردىن ئۈستۈن بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئەسكىرى كۈچىدىن ئىككى ھەسسە قۇشۇن قاغىلقنىڭ كۆك ياردىن شىزاڭ ئالى رايۇنىغىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ تىغمۇتىغ تۇردى، ۋە بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى، بىزنىڭ مۇستەقىل ئاتلىق 3-پولك كەنشۇۋە دېگەن جايدا تەلىم-تەربىيەگە قاتنىشىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى، 1962-يىلى10-ئايغا كەلگەندە ھىندىستان قۇشۇنى تېخىمۇ ئەسەبىلەشتى، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگرامۇداپىئە جەڭچىلەرنى ئۆلتۇردى، ۋە ئون نەچچىسنى يارلاندۇردى، ئۇلار كەسكىن ۋەزىيەت پەيدا قىلىپ تىيەنۋىنتىيەن ، كۇڭخۇا سەنكو شىزاڭ ئالى رايۇنى بۇلۇپ مىڭ كىلومتىردىن ئارتۇق ئۈچ رايۇنغا ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى. بىز ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بىرىپ ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇشنى باشلاپ 1962-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن 70 نەچچە پولىك ئۇرۇنلىرىدىن بىرۋاقىتا قايتۇرما زەربە بېرشنى باشلاپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقىسنى ئۈزۈپ ھەممىسنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇمۇميۈزلۈك مەغلۇپ قىلدى، ئۇرۇش باشلىنىپ ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرغان جايلرغا بېسىپ كىرگەندە ئۇلار نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، 70 نەچچە پۇنكىت ئىككى سائەتتلا قولغا چۈشتى، ئۆلگەن ھىندستان ئەسكەرلىرى يىگىرمە مىڭغا يېقىن ياردار بولغىنى ئالتە مىڭدىن ئارتۇق، ئەسىرگە چۈشكىنى يىگىرمە نەچچە مىڭ قالغانلىرى قېچىپ كەتتى، دىمەك ئككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقتتا جەڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ غەلبىگە ئېرشتى.
ھىندى ئەسكەرلىرى بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن يىراق جايدا پوستا تۇرغانلار ئۆز ئۆيلىرىگە ئوت قۇيۇپ قېچىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق تەييارلىقى ئككى سائەتكە بەرداشلىق بىرەلمىدى، كېينىكى قېتىملىق ئۇرۇش ئاساسەن قوغلاپ قورشاپ يوقۇتۇش ۋە ئەسىرگە ئېلىش بولدى، بىرىنچى باسقۇچلۇق ئۇرۇشنى دېڭىز يۈزىدىن 5273مېتر ئىگىزلىكتە ئېلىپ بارغان بولۇپ ھىندستان ئارمىيسى زىمىنىمىزغا كىرىپ ئون يىلدىن ئارتۇق بېسىپ ياتقان، ئۇلار شۇ مەزگىلدە ئۆزلىرىنى قوغداش شارائىتىنى ياخشىلاپ ئۇرۇنلاشقان جايلىرىغا يول ياساپ ھەربى ئەشيالارنى ماشنا بىلەن تۇشۇپ بەزى خەتەرلىك يول يوق جايلارغا  ماددى ئەشيالارنى ئايرۇپىلان بىلەن تاشلاپ مۇداپىيە رايۇننى مۇستەھكەملىگەن، مەسلەن: دۈشمەن ئشغال قىلۋلغان تىيەنۋىنتىيەن دېگەن جايىغا 6-چازىدىن بىرنى قۇرۇپ، ئۇلار جايلاشقان 12 جازىغا 6-جازىدىن ھەربى قۇراللارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن،دۈشمەننىڭ 6-جازىسى بىزگە ئىنتايىن قۇلايسىز بولۇپ 6،چازىنى ئىنتايىن مۇستەھكەم قىلپ مۇداپىئەلەنگەن، قىسىم دۈشمەنگە يېقىنلىشدىغان ئالتە يەتتە كىلومىتىر جايلارنىڭ ھەممىسىگە مىنا كۆمۈپ قىسىمنىڭ ئىلگىرلەش يولىنى توسۇپ قويغان.بىزنىڭ چېگىرا قىسمىلرىمىز تەپسلى تەكشۈرۈپ، بىزگە پايدىسز شارائىتنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلمسا، بىزدىن بولىدىغان چىقىم كۆپ بولاتتى، بىزنىڭ مىنامۇت، زەمبىرەك قسىمىمىز دۈشمەنىڭ مىنا كۆمگەن جايلىرىغا مەزكەزلەشتۈرۈپ ئون مىڭ پايدىن ئۇشۇق زەمبىرەك ئوق ئېشىپ بىز ماڭىدىغان يولنى توپ ئوقى بىلەن پارتىلىتىپ ئۇلارنىڭ مىنالىرىنڭ ھەممىسنى دېگۈدەك پارتىلتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن قىسىم ناھايتى تىزلىك بىلەن ئىلگىرلەپ تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن ئۇرۇنلاشقان جاينى بىر نۇقتا قىلىپ، ھەممە جاينى مۇھاسىرگە ئىلىپ ئۇلار ماڭىدىغان لىنىيەنىڭ ھەممىسنى ئىگىلەپ بولدى.  زەمبىرەك قىسىمىز دۈشمەن بىلەن بىزنىڭ ئارلىقمىزنى توغرا ھىساپلاپ ئۈچ تەرەپتىن توپقا تۇتۇپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۈشمەن ئستكامنى ۋەيران قىلۋەتتى، دۈشمەننڭ يەتمىش پىرسەنتى توپ ئۇقىدا ۋەيران بولدى،قالغىنى پىيادە قىسملارغا ئەسىرگە چۈشتى،ھېندستان ئارمىيسى ئون يىل بېسۋالغان زىمىنمىزنى ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا پۈتۈنلەي قايتۇرۋالدۇق، ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدە ئېغىر يىنك يارلانغانلارنى داۋالاپ ساقايتتۇق.
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قايتا كېلىشى مۇمكىن دەپ ھۇشيارلىق بىلەن قىسىم جەڭگە تەييار تۇردى. بەشىنچى كۈننى جىددىي سىگىنال چېلىنپ دەرھال يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ يىغىلىپ تۇردى. باشقىلار بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقنى ئېلان قىلدى ھەم ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئۇرۇش شىزاڭ ئالىي رايۇنىدا بولىدۇ، قىسىم ئالىي رايۇنغا ئۇرۇشقا بارىدۇ، دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن قىسىم ئىككى كۈن تۇرۇپ قورال ياراقلارنى تۇلۇقلاپ، ماشىنا بىلەن ئالىي رايون تەۋەسىگە مىڭىپ بەنگوڭغا كۈلنى بويلاپ ئون سائەت مېڭىپ رىيتۇ ناھىسى بىلەن ئالى رايۇن ئارلىقدىكى چاڭشاڭكۇ دېگەن تاغ ئارسىدا ئۇرۇنلىشىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى. روتا ئۇرۇنباسارى ئوبۇل مۇسا كېلىپ ۋەزىپىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكنى ئېيتتى، بۇ قىسىم چاڭساكۇدا تۇرغان مەزگىل ئىدى. ئىزىزۇپ قاسىم سياسىي كۇمسار يوفۇگۇڭ كېلىپ جەڭچىلەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈپ سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، ئاندىن تۇرمۇش سالامەتلىكىنى سوراپ، ئارقاسەپتىن ئېلىپ كەلگەن ھەرخىل ئېسىل يىمەكلىكلەرنى بەردى. جەڭچىلەردىن ئالاھىدە ھال سوردى، جەڭچىلەر ناھايتىى تەسىرلەندى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى كىچىك ماشىنا كەلدى. ماشىندىن ئەزەلدىن كۈرۇپ باقىمغان بىر باشلىق چۈشتى، ئالدى بىلەن پولىك باشلقى سىياسى كومساربىلەن قسقىلا پاراڭلىشىپ ئۈچىنچى ئود لىنيەگە كېلىپ جەڭچىلەر بىلەن قىزغىن قول ئېلشىپ كۈرۈشتى ھەم:«سىلەر جاپا چەكتىڭلار، قەھرىمانلاچە ئۇرۇش قىلدىڭلار، پارتىيە خەلىق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ» دېدى. جەڭچىلەر رەھبەرلەر جاپا چەكتى دەپ سالام بەردى. بۇ چاغدا:«سىلەرنىڭ قوماندانلىق شىتاپتا قانچە ئادەم بار،تاماقنى قانداق قىلدىڭلار؟»دەپ سوراۋاتاتتى، روتا كوماندىرى:« بىر قوغدىغۇچى بىر ئودلىنيە، ئىككى ئاشپەز بار» دېگەندە:«بۇ سىلەرگە ئازلىق قىلىدۇ. ئېغىر پىلمۇت ئودلىنيەدىن بىرنى تۇلۇقلاڭلار» دېگەندە رەھبەرلەر ئۈچىنچى  ئوەلىنيەنى  قوماندانلىق شىتاپنى قوغداشقا بەلگىلدى.يىڭى ۋەزىپىگە بەلگىلەنگەندىن كېيىن ئودلىنيەدىكى  جەڭچىلەردە ھەر خىل ئىنكاس پەيدا بولدى، باشلىقلار بىلەن بىرگە يۈرۇپ دۈشمەن بىلەن تىغمۇ تىخ ئىلشقان بولساق دېسە،  بەزىلەر باشلىق بىلەن يۈرۈپ دۈشمەنگە زەربە بېرەلمەيدىغان بولدۇق دەيتتى، ئسمايىل مەمەت:« يولداشلار بىز ھازىر جەڭ مەيدانىدا جەڭ قىلىۋاتىمىز، رەھبەرلەر بىزگە نېمىلا خىزمەت تەقسىم قىلسا ئوخشاشلا شەرەپلىك ھەم مۇھىم ۋەزىپە شۇڭا ئىدىيەدە دىلغۇل بولماي، بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىمىز كېرەك» دەپ ئىدىيە خىزمەت ئىشلىدى.  ئسمايىل مەمەت قوماندانلىق شتابنىڭ ۋەزىپسنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئالدىنقى سەپنىڭ مەسلىھەتچسىى كېلىپ سىلەر بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتا ناھايتتى باتۇرلۇن بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭلار، قوماندانلىق شىتابنى قوغداش ناھايتى شەرەپلىك، مۇھىم ۋەزىپە بىز ھازىر ئۇرۇش سېپىدە تۇرۋاتىمىز.
بىز ئالدىنقى سەپتىكگە ئوخشاش بىزمۇ بىۋاستە ئۇرۇشقا دۇچ كېلشىمز مۇمكىن، سىلەر ئالاھىدە ھۇشار تۇرۇشۇڭلار كېرەك، دەپ جەڭچىلەرنى خاتىرجەم قىلدى.
چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن جەڭچىلەر 30 كىلومتردىن ئارتۇق يولنى مېڭىپ بىر داۋاندىن ئاشتى.يول ئېگىز داۋان، قارلىق تاغ-داۋان، ئاق قار،كۆك مۇزنى بويلاپ مېڭىپ ئەتسى سائەت ئۈچ بولغاندا بىر جىرانىڭ قېشغا ئورۇنلاشتى.
پولىك باشلىقى ئېزىزوف قاسىم ۋە پولىك سىياسى كومسارى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى روتىنڭ باشلىقنى چارقىرىپ ۋەزىپە تاپشۇردى، «دۈشمەن تەخمىنەن ئالتە كىلومىتر ئالدىمىزغا ئۇرۇنلاشقان ئۇ يەردە دۈشمەننىڭ ئالتىنچى چازىسى بۇلۇپ، ئۇرۇنلاشقان جايلىرى ناھايىتى مۇستەھكەم، ئاكۇپ- پوتەيلەر بىر قەدەر كۈچلۈك ئەسكەرلەر ئىستكامدا مۈكۈپ مۇداپىئەدە تۇرىدۇ، ئۇلار بۇ يەرنى بېسىپ تۇرغىلى يەتتە سەككىز يىل بولدى، مۇداپىيە شارائىتى كۈچلۈك بىزنىڭ ھۇجۇم قىلشىمىزغا قۇلايسىز، تاكتىكا قولىنىپ دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇش، ئالداش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پايدىلىق شارائىتنى تاللاپ يۇشۇرۇن مېڭىپ دۈشمەننى قورشۋالغاندىن كىيىن كۆپ ئۆلتۈرمەي ئەسىرگە ئىلىڭلار!» دەپ سەھەر سائەت ئۈچتە ئۇرۇشقا مېڭشقا بۇيرۇق بەردى.
4
يۇقۇرىنڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 10-ئايىنىڭ 10-كۈننى جۇڭگۇ خەلىق ئازاتلىق ئارمىيسنىڭ غەلبە لىنىيە ئالدىنقى سېپىدىكى بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان، چېگىرا مۇداپىيە ۋە دالا ئارمىيە قسىملىرى ئۆزىمىزنى قوغداپ قايتارما زەربە بېرش جېڭىگە ئاتلاندۇق، بىزنىڭ روتا سابىق ئاتلىق ئۇچىنچى پولىكنىڭ ئېغىر پىلمۇت رۇتسى بۇلۇپ 1-قېتىملىق جەڭگە دېڭىز يۈزىدىن 5000مىتر بولغان تىيەنۋنتىيەن رايۇندىكى شىڭشىياۋەندە قاتناشتى. شۇ چاغدا ئسمايىل مەمەت ئودلىنيە كوماندىرى بولغان، ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت كۇماندىر ئۇرۇن باسار بولغان. باشقا جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى ئاز سانىلىق مىللەتتىن ئىدى، ئىدىلكومدىكى جەڭچىلەرنىڭ يېشى 17-22 ياش ئارلىقدا بولۇپ، ئسمايىل مەمەت قاتارلىق ئىككى نەپەر پارتىيە ئەزاسى ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت قاتارلىق ئۇچ نەپەر ئىتىپاق ئەزاسى بار ئىدى. تىيەنۋنتىيەن رايۇنىدىكى ئۈچ كېچە-كۈندۈزگە سۇزۇلغان جەڭنى مۇۋاپىقيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلغاندىن كېين جەڭدە غەنىمەت ئالغان نەرسىلەرنى ئارقا سەپ خادىملىرىغا تاپشۇرۇلدى. قىسىم شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماقنى يەپ تۇرۇشىغا جىددىي سىگىنال چېلىندى، روتا كوماندىرى يىڭى خىزمەتكە ئاتلىندىغىنمىزنى ئۇقتۇردى. جەڭچىلەر ئاپتۇمۇبىلغا ئولتۇرۇپ ئۈچ-كېچە كۈندۇز جاپالىق يول يۈرۇۈپ، ئالىي رايۇننىڭ دىيتۇزۇن ناھىيسىنىڭ بەنكوڭخۇاغا يىتىپ كەلدى. تاماقتىن كېيىن ئسمايىل مەمەت ئودلىنيە ئۇرۇن باسارى «ئەھۋالدىن قارغاندا يەنە داۋاملىق ئالدىغا ماڭدىغان ئۇخشايمىز، سوغۇق بارغانسىرى كۈچىيۋاتىدۇ، ھەرقانداق ئەھۋالدا جەڭچىلەر سۇغۇقتا ئۈششۈپ ياكى مۇزلاپ قالمسۇن دېدى»، سىگىنال چېلىندى، دەرھال يىغىلىپ ئاپتۇمۇبىلغا چىقتى ۋە يەنە ئەللىك كىلومېتىر يول يۈرۈپ دىيتو ناھيسى بىلەن سىچۈنغى ئارلىغىدىكى رىنچو رايونىغا يىتىپ كەلدى. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تاڭ سەردە يەنە يولغا چىقىپ، 30كىلومىتىردەك يول يۈرۈپ چاڭسەنكو دەيدىغان بىر قارلىق چوققىنڭ ئالدىدا ئاپتۇمۇبىلدىن چۈشۈپ، ماڭىدىغان يول ئىگىز-پەس تىك قىيا ۋە تاغ جىلغىلىرى بولغانلىقتىن، ئاپتۇمۇبىل بىلەن مېڭش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، يەنە يەتتە-سەككىز كىلومىتىر يولنى پىيادە مىڭىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. ماڭغان يولىنىڭ كۆپ قىسمى تىك قىيا ۋە تاغ جىلغىلىرى بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئاق قار، كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان، جەڭچىلەر ئېغىر قوراللارنى كۆتۇرگەن بولۇپ، ئۇچ-تۆت سائەت يول يۈرۇپ، بەلگىلەنگەن جايغا بىرىپ غىزالاندى، قۇلايلىق يول بىلەن مېڭىپ كېلشكە ئۇرۇنلاشتۇرغان ھەربىي ئاپتۇمۇبىللارمۇ يېتىپ كەلدى، تاماقتىن كېيىن  جەڭچىلەر ئاپتۇمۇبىلغا ئولتۇرۇپ ئون كىلومىتىردەك يول مىڭىپ تۈزلەڭ بىر سايدا ماشىنىدىن چۈشۈپ يوتقان كۆرپە قورال ياراق ۋە ئۇق دورلارنى يۈدۈپ، يەنە ئالغا ئىلگىرلىدى، كەچ سائەت بەش-ئالتە بولاي دېگەندە مۇئاۋىن روتا كوماندىرى
ئۇبۇل موسا ئۈچىنچى ئودلىنيەگە كەلدى. جەڭچىلەر ئودلىنيە كۇماندىرى ئىسمايىل مەمەتىنڭ بۇيرۇقى بىلەن دەرھال يىغىلدى. مۇئاۋىن روتا كوماندىرى جەڭچىلەرگە:«ئىنتايىن جىددىي ۋە مۇھىم ۋەزىپە بار سىلەرنىڭ ئودلىنيە بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇندايدۇ» دېدى،ئىسمايىل مەمەت:« ۋەتەننى قوغداش يۇلىدا بۇ يەرگە كەلدۇق، دۈشمەننى يوقىتىپ، ۋەتەننىڭ زىمنى قوغداش بىز ئۇچۈن شەرەپ، رەھبەرلىكنىڭ ھەرقانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى ئىجىراقىلىپ، دۈشمەن بىلەن قەتئىي ئېلىشىپ ۋەتەننىڭ ھەربىر سۇڭ يېرىنى قەتئى قوغدايمىز!» دېدى. ئاندىن جەڭچىلەر ئسمايىل مەمەت بىلەن تەڭ توۋلاپ قەسەم قىلىپ ئىپادە بىلدۇردى. شۇ چاغدا پولىك باشلىقى ئىزىزۇپ قاسىم، سياسى كۇمسار يۈجىمىڭ، ئۇرۇش بۆلىمىنڭ باشلىقى مەمەت قاسىملار كېلىپ:«سىلەر ھازىردىن باشلاپ قوماندانلىق شىتابىنى قوغداشقا مەسئۇل» دېدى.شۇنداق قىلىپ قوماندانلىق شىتابنى بىر ئالاقە ئئودلىنيە، بىر راددىئوزۇسى 3-رۇتىنڭ،بىرىنچى ئودلىنيە ۋە ئۈچىنچى  ئودلىنيە قاتارلىقلار قوغداشقا مەسئۇل بولدى.گەرچە قوماندانلىق شىتاپتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ بىزگە تاپشۇرۇلغانلىقدىن خۇشال بولغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزمۇ باشقا يولداشلارغا ئۇخشاش ئالدىنقى سەپكە بىرىپ جەڭ قىلپ، ھىچبولمىغاندا بىردىن بولسىمۇ دۇشمەننى يوقاتساق، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى، دەپمۇ ئويلىدى. شۇ ئەسنادا تۇيۇقسىزلا بىر چوڭ ئاپتۇمۇبىل، بىر كىچىك ئاپتۇمۇبىل كەلدى ۋە ئاپتۇمۇبىلدىن بىر مۇنچە كىشلەر چۈشۇپ ھەممىمىز بىلەن قول ئىلشىپ كۇرۇشتى،ۋە پولىك باشلىقى ۋە سىياسى كومىسار بىلەن چېدىرغا كىرىپ كەتتى، بۇ كىشلەر جەنۇبى شىنجاڭ ھەربىي رايوننڭ شىتاپ باشلىقى ئەنجىمىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر بولۇپ، ئۇلار جىددى پولىك رەھبەرلىرىگە دۈشمەننىڭ چاڭساتكو رايونغا ئۇرۇنلاشقان 10-نۇمۇرلۇق چازىسنى يوقىتىش ۋەزىپىسنى تاپشۇرۇپتۇ،قىسىم بۇيرۇققا ئاساسەن 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ ئالتىدىن كېيىن يولغا چىقىدۇ. ناھايتىى تىز يولغاچىقىپ ئەتسى سەھەر سائەت ئىككىلەردە دۈشمەننىڭ 10-نۇمۇرلۇق چازسغا تەخمىنەن ئالتە-يەتتە كىلومىتىر كېلدىغان يات بىر تاغ جىلغىسغا كېلىپ ئۇرۇنلاشتى.ئۇرۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن پولىك جىددى يىغىن ئېچىىپ، دۈشمەننىڭ 10-نۇمۇرلۇق چازىسنىڭ ئەھۋالى، ئەسكەرى كۈچى، قورال يارغ پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللارنى تۇنۇشتۇرۇپ دۈشمەننىڭ 10-نۇمۇرلۇق چازىسنىڭ تەخمنىنەن يەتتە-سەككىز كېلومىتىر ئالدىمىزدا ئىكەنلكىنى، ئالدىمىز تۈزلەڭ ساي بۇلۇپ، دۇشمەننڭ تاغ باغرىغا ئۇرۇنلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاكۇپ پوتەيلىرى مۇستەھكەم بۇلۇپ يۇشۇرۇنۇش شارائىتىڭ ناھايتى ئەۋزەلىكى، شۇڭا بىرىنچى روتا ئوڭدىن ئىككىنچى روتا سولدىن مىڭىپ دۇشمەننى ئىككى تەرەپتىن قورشاپ قارشىلق كۆرسەتكەنلىردىن باشقىلارنى ئامال بار تىرىك ئەسىرگە ئېلىش لازىملىقى بىرەر جىددىي ئەھۋال بولسا بەلگە ئوقى ئېتىپ سىگىنال بېرىشنىڭ لازىملىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇنۇڭدىن باشقا ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا دۈشمەننى يوقاتقاندىن كىيىن ياكى دۈشمەن چازىسنى تاشلاپ قاچسا بەلگە ئۇقى ئارقىلىق سىگىنا بىرشنى ئۇرۇنلاشتۇردى.يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يولغا چىقىش، بۇيرۇقىنى بەردى، شۇ چاغ 10-ئاينىڭ  27-كۈننى ئىدى،سەھەر سائەت ئۈچ يېرىم بولغان ۋاقىت بۇلۇپ شىۋىرغان چىقىپ قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى، بىردەمدىن كىيىن قار توختىدى، لىكىن سوغاق جاندىن ئۆتەتتى،تىمپىرتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 38سىلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بۇلۇپ، كەيگەن جۇۋا پاختىلىق، كىيىملەر ھېچنىمگە دالدا بۇلمايتتى. تاڭ ئېتشقا ئاز قالدى،لېكىن ئالدى تەرەپتىن خەۋەر يوق ئىدى، پولىك باشلىقى ئىزىزنوپ قاسىم تىت –تىت بۇلۇپ تۇرالماي قالدى، سائەت بەش بولاي دىگەندە بەشتال سىگنال ئۇقى ئېتىلدى،بۇ ھىچقاندا غەيرى ئەھۋال يوق، دېگەن مەنىنى بىلدۇرەتتى، شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېز بىر كىلومىتىر يول مىڭىپ، تۈزلەڭ بىر سايدا ئاپتۇمۇبىلغا چىقىپ مېڭشقا تەييارلاندى. رادىئوزۇسى ۋە ئالاقە ئودلىنيەدىكى ئەسكەرلەر قوماندانلىق شىتاپتكى باشلىق بىلەن ماڭدى، ئۈچىنچى ئودلىنيە روتا كوماندىرى ئۇبۇل موسا ۋە ئىسمايىل مەمەت يتەكچىلىكىدە ئالدىغا ماڭدى. جەڭچىلەر دۈشمەننىڭ 10-نۇمۇرلۇق چازىسغا قاراپ بەش ئالتە كىلومىتىر ماڭغاندىن كىيىنمۇ ھىچقانداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى، پولك كوماندىرى ۋە سىياسى كومسارلار ناھايتى جىددىيلىشىپ كەتتى، «بۇ قانداق گەپ، دۇشمەننىڭ 400نەچچە كىشلىك قۇشۇنى نەگە كەتتى؟» پىشقەدەم قوماندان ھەيران بولۋاتاتتى، تاڭ يۇرۇشقا باشلىدى،  جەڭچىلەر داۋاملىق يۇرۇش قىلىپ دۇشمەن چازىسغا 700مىتىر قالغاندا ئالدى تەرەپتىن، ئۇچ ئادەمىنڭ قارسى كۇرۇندى. ئىسمايىل مەمەت دەرھال شوفىرغا بۇيرۇق بىرىپ ماشىنڭ سۇئىتىنى تىزلىتىپ، ئالددا كىچىك ماشىنا كىتۋاتقان پۇلىك باشلىقى، سىياسى كۇمىسارنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ ئۇلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلدى. پولىك باشلىقى ئىزىزوپ قاسىم دۇربۇن بىلەن كۇزۇتىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ:« دۇشمەن ئەسكىرى بولسا تىرىك تۇتۇپ كېلىڭلار!» دېدى،جەڭچىلەر تىز مېڭىپ ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار سول تەرەپتىكى ئىگىزلىكتىن چۈشۈپ ئوڭ تەرەپكە مېڭىپ كۆزدىن غايىپ بولدى،بىز ئوڭ تەرەپكە بىرىپ قارىساق ئالدىمىزدا زاڭزۇ قېرىنداشلارنىڭ تۇرالغۇسىغا ئوخشايدىغان بىر نەچچە چىدىر ئۆي كۆرۈندى، ئۆينىڭ ئەتىراپىدا قۇي-ئۆچىكىلەر،تانىغا يېيىپ قۇيۇلغان كىيىم-كېچەكلەر تۇراتتى، 50مىتىردەك مېڭشىمىزغا ئېغىر-يىنك قۇراللاردىن بىزگە يامغۇردەك ئوق ئېتىشقا باشلىدى، ئەسلىدە جەڭچىلەر دۇشمەننىڭ پىستىرما چەمبىرىكە يېقىنلاپ قالغان ئىكەن.ھىلىگەر دۇشمەنلەر بۇ جايغا سىرتتىن كۇرۇنمەيدىغان ئۆزلىرى ئەپچىل ھەركەت قىلالايدىغان يۇشۇرۇن ئاكۇپلارنى قىزىپ ئالدىدىن ئۇرۇنلۇشۋالغاچقا، ئۇلارنى ئالدىدىن سىزش قىيىن بولغان. شۇ چاغدا ئۈچىنچى ئودلىنيە دۈشمەن بىلەن ئەڭ يېقىن ئارلىقىمىز 50مىتىركېلەتتى،ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي بۇلۇپ مۇداپىلەنگىدەك ھىچقانداق ئۇرۇن يوق ئىدى،بىز چىقان ئاپتۇمۇبىل دۇشمەنگە ئەللىك مېتىر قالغان ئىدى، دۇشمەن يەنىلا غالجىرلارچە ئۇق ياغدۇرۋاتاتتى، ئاپتۇمۇبىلنىڭ تۆت چاقىنىڭ ئۇچ چاقىغا ئۇق تىگىپ تېشىلىپ كەتتى.ئاپتۇموبىل كوزۇپىدىكى سۇ ئېدىشلىرى جەڭچىلەرنىڭ مۇداپئەلىنىشىگە ئىنتايىن قولايلىق بولدى. سۇ ئېدىشىنى دالدا قىلىپ، دۈشمەنگە زەربە بەردى. شۇ چاغدا يا چىكىنشكە يا دەرھال پەسكە چۇشۇپ يۇشۇرۇنشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى. دۇشمەن كۆپ بىز ئاز دۇشمەن ئاكۇپ پوتەيلەردە يۇشۇرنۇپ ئاتالايدۇ، ئۈچىنچى ئودلىنيە  ئۇچ ئادەمنىڭ قورالى باربۇلۇپ ئۇلارغىمۇ دەرھال ئاپتۇمۇبىلدىن چۈشۈشكە ئىمكانىيەت يوق. ئەگەر چۈشۈپ ئېتىشقا توغىرا كەلسە ئاپتۇمات مىلتىق تۇتقانلار چۈشىدۈ،بىزنىڭ ئاساسلىق ئوت كۇچىمىز مەركەزلىشىدىغان،ئېغىر پىلمۇتنى پەسكە ئىلپ چۇشۇپ قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ ئادەم ئۇستىدە تۇرۇپ سۇنۇپ بىرىدۇ،يەنە ئۇچ ئادەم پەسكە چۈشۈپ سۇنۇۋېلىپ قۇراشتۇرۇپ ئېتشقا توغىرا كېلەتتى،  بۇنداق قىلشقا قىلچە ئىمكانىيەت يوق ئىدى.  مۇشۇنداق ھايان-ماماتلىق جىددىي پەيتتە،ئودلىنيە  كۇماندىرى ئسمايىل مەمەت بىزگە قاراپ:«يولداشلار ۋاقىت قىس ۋەزىيەت جىددى دۇشمەن بىلەن بولغان ئارلىقىمز ناھايتى يېقىن يەگە چۈشۇپ ئېتىشقا ۋاقىت يوق، شۇڭا ئىغىرپىلمۇتنى ماشىنڭ ئۇستىگە قۇرايلى، قالغان قۇرللارنى پىلمۇتقا ماسلاشتۇرۇپ ئىتىڭلار!» دېدى دە قۇلدىكى ئاپتۇماتدىن دۇشمەنگە قاراپ ئۇق ئاچتى، لېكىن دۇشمەن ئاكۇپ پوتەيلەردە بولغانلىقتىن بىزنىڭ ئاتقان ئۇقلىرىمىز زايا كىتىۋاتاتتى، بىزنىڭ ئوت كۇچىمىزنى زورايتىدىغان قۇرالىمىز، ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت بىلەن يەنە بىر جەڭچى ئەكبەر ئوسمان ئاتىدىغان ئىغىر پىلمۇت بۇلۇپ، ئۇق جىق كېتەتتى، بۇ پىلمۇتنى ئۇچ ئادەم قۇراشتۇردۇ قالغانلار 15مىڭ تال ئۇقنى بۇلۇشۇپ كۇتۇرۇپ ماڭاتتى، ئسمايىل مەمەت دۇشمەنىڭ جانلىق كۈچلىرىنى يوقاتماي تۇرۇپ ئۇق تۇگەپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ:« دۇشمەن نەدە بولسا، نەدە كۇرۇنسە شۇ يەرگە ئېتىڭلار،بىر تال ئۇقنىمۇ زايا قىلشقا بولمايدۇ دەپ ۋاقىرايتتى. شۇ ئارلىقتا دۇشمەن جەڭچىلەرگە ئۇچ قېتىم ھۇجۇم قىلدۇ. جەڭچىلەر داۋامىلق قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. بۇ جەرياندا دۇشمەن توپلاشقان يەرلەرگە پوتەيلەرگە،پوتەي تۆشۇكلىرىگە قارىتپ ئاتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن دۇشمەن بىرئاز پەش كۇيغا چۇشتى-يۇ،لىكىن ئاسالىق ئوت كۇچىنى ئاپتۇمات بىلەن شىدەتلىك ئوق ياغدۇرۋاتقان ئسمايىل مەمەتكە مەركەزلەشتۇردى. كۇتۇلمىگەندە دۇشمەنىڭ بىر پاي ئۇقى ئسمايىل مەمەتىنڭ سول بىلىكىگە تەگدۇ، ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت شۇ چاغدا بۇرۇلۇپ قاراپ، ئىسمايىل مەمەتنىڭ سول بىلىكىنڭ سوڭىكى چېقىلىپ ساڭگىلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ جەڭچى سۇلايمان ئىمننى ئودلىنيە كۇماندىرىنڭ بىلىكىنى تېڭىشقا بۇيرۇيدۇ. دەل شۇ چاغدا ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت ئېتۋاتقان پىلمۇتنىڭ سىتۇلىغا مىشەك تۇرۇپ قالىدۇ، ئوت كۇچىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى، ھەتتا پىلمۇتنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى سەزگەن دۇشمەن يەنە غالجىرلاچە ئوت ئېچىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئسمايىل مەمەت جەڭچىلەرگە قاراپ:« يولداشلار،پىلىمۇتتىن كاشلا چىقتى، ماڭا ئۇق تەگدى، شوپۇرىمىز يارلاندى،بىرىمىز قالساقمۇ جەڭنى داۋاملاشتۇرايلى،دېدى-دە قۇلىنى تېخى تڭىپ بۇلالمىغان
سۇلايمان ئىمىننى ئىتتىرۋېتىپ، قۇلۇغا ئاپتۇماتنى ئىلىپ ئاپتۇماتنىڭ تاسمىسنى بوينىغا ئاسقىنچە دۇشمەنگە قارىتىپ شىدەت بىلەن ئوت ئېچىشقا باشلىدى، دۇشمەن قايسى تەرەپتىن ئۇق چىقارسا شۇ تەرەپكە قارتىپ ئېتىپ ئۇلارنى باش كۇتۇرەلمەس قىلىپ قۇيدى.ئۇ ئاپتۇماتنى ئاپتۇمۇبىلنىڭ كۇزپىدىن ئۇستكى بەدىنى چىقىرىپ ئېتىۋاتقاچقا ئۇنىڭغا يەنە ئارقا ئارقادىن ئىككى ئوق تەگدى،ئۇقىنڭ بىرى ئۇپكىسنى تىشىپ ئۇتۇپ يەنە بىر ئۇق جىگەرگە تەككەچكە قان جىق ئىقىپ كېتىپ لاسسىدە ئۇلتۇرۇپ قالدى.دېمەك، ئۇچ تال ئۇق ئۇنىڭ بەدىنڭ تۆت يىردىن تىشىپ ئۇتۇپ كەتتى، ئۇ باركۇچى بىلەن بەرداشلىق بىرىپ دۈشمەنگە ئۇق ئۇزەتتى. قان جىق ئېقىپ كەتكەنلىكى ئۇچۈن ماغدۇرسىزلىنپ كۇزۇپ ئىچىگە ئاستا يىقلدى. جەڭچىلەر ئۇنىڭغا قاراپ:«كوماندىر، كاماندىر!» دەپ ۋاقىراپ كېتىشتى،ئسمايىل مەمەت ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ:« يولداشلار، مەن بۇلالمايۋاتىمەن،دۇشمەن بىلەن باتۇرلارچە ئىلىشايلى،ۋەتەننڭ بىر سۇڭ يىرىنىمۇ ئسسىق قېنىمىزبىلەن قوغدايلى.مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، دۇشمەننى يۇقۇتۇڭلار!» دەپ جان ئۇزدى.  جەڭچىلەر بارلىق كۈچىنى مەركەزلەشتۇرۇپ، قەھرىماننڭ جاسارتىنى داۋاملاشتۇرۇپ شىدەتلىك،دۇشمەننى بېسىقتۇردى. دۇشمەننىڭ ئاساسى كۇچى يۇقۇتۇلغاندىن كىيىن روتا كۇمادىرى ئۇبۇل مۇسا ئاپتۇمۇبىلدىن چۈشۈپ يارلانغان شۇفىرنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ ئۇرۇنلاشتۇردى. ئۇ يېنىپ كېلىپ ئاپتۇمۇبىلغا چىقىۋاتقاندا، دۇشمەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى جەڭچىلەرگە يەنە بىر قىېتىم ھۇجۇم قوزغىدى،جەڭچىلەر دۇشمەنگە قايتۇرما زەربە بىرۋاتقاندا يەنە بىر شوپۇرىمىز قۇربان بولدى، مۇئاۋىن روتا كوماندىر ئۇبۇل مۇساغا ئۇق تىگىپ يارلاندى. جەڭچىلەر دۇشمەن نەدە بولسا، شۇ يەرگە ئوق ئېتىپ ئۇلارنى باش كۈتۈرەلمەس قىلىۋەتتى. ھەمدە ھىندى تىلدا ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۇندىدى.
بۇ قېتىمقى جەڭدە دۇشمەننىڭ ئون يەتتە ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئالتە ئادىمىنى ئەسىر ئېلىندى. جەڭچىلەردىن تۆت ئادەم ياردار بولدى، ئىككى ئادەم قۇربان بولدى،ئسمايىل مەمەت ئاتقان ئاپتۇماتقا ئىككى تال ئۇق تىگىپ ياغاچ قىسمى بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ،  ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىتقا ئۇچ تال ئۇق تېگىپ ئىككى تېلى ھەربىي جۇۋىنىڭ پشىغا، بىر تال ئۇق قۇرال مايلايدىغان ماي قۇتىغا تىگىپ تۇرۇپ قاپتۇ،ئەگەر ماي قۇتا قۇرۇق بولغان بولسا بىرىنچى بۇلۇپ قۇربان بولىدىغان كىشى ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت بولار ئىدى. بۇجەڭدە تاجىك جەڭچى قادىر رۇزى ئاكۇپتىن قاچقان ئككى ھىندى ئەسكەرنى ئتىپ دەل تەككۇزۇپ خىزمەت كۇرسەتتى، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئون بىر مىنۇت داۋاملاشتى، ئۇرۇشتىن كىيىن، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى يولداش ئسمايىل مەمەتكە مەملىكەتلىك ئۇرۇش قەھرىمانى دەپ نام بەردى، شىنجاڭ ھەربى رايۇنى پارتۇكۇمى ئۇيغۇر خەلىقنڭ ياخشى پەرزەنتى، جۇڭگۇ كومىنستىك پارتىسنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى دەپ شەرەپلىك ناملارنى بەردى، ئۇبۇل مۇسا بىلەن ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت ۋە ئەكبەر ئوسماننى ئىككىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۇرسەتتى دەپ ئەنگە ئالدى، قادىر رۇزى، سۇلايمان ئىمىن، كۇجى ئەخمەت قاتارلىق ئۇچ جەڭچىنى ئۇچىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئالدى،ئۇرۇشتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت جەڭ مەيدانىدا پارتىيىگە قۇبۇل قىلىندى، قادىر رۇزىنى ئتىپاق ئەزالىقغا قۇبۇل قىلدى، 1963-يىلى ئۇرۇشتىن خۇلاسە قىلغاندا،ئابدۇرېھىم ئابدۇۋاھىت ئاتقان پىلمۇت ئسمايىل مەمەت ئاتقان ئاپتۇماتنى ۋە ئۇنىڭ كىيملىرىنى بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىپ ھەربىي مۇزىيغا قويدى.بۇ تەۋەرۈكلەر تا ھازىغىچە ھەربىي مۇزىيدا ساقلانماقتا.
داۋامى بار



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-4 17:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-3 16:58:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا! كۆپ ئەجىر قىپسىز ، مەن مۇشۇنداق ھەقىقى  بولغان   خاتىرلەرگە، ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش- ئىزلىرىغا قىزقىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-3 17:06:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تېزرەك يوللىۋەتكەن بولسىڭىز....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-3 22:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان ھەسەن يوللىغان ۋاقتى  2015-11-3 17:06
داۋامىنى تېزرەك يوللىۋەتكەن بولسىڭىز....

ياقتۇرۈپ ئوقىغىنىڭلارغا  رەخمەت ،داۋامىنى پات ئارىدا يۇللايمەن.

ۋاقتى: 2015-11-4 06:07:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹...1955-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا پۈتتۈرگەن ئىسمائىل مەمەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنى يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا دەۋت قىلىدۇ.ئەمما ئۇ  بىپايان زىمىنغا قايتىپ...››

گەرچە ئىستىقبال تاللاش ھەركىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدا بولسىمۇ،مەمەت ئىسمائىلدەك ئەلاچى مەكتەپنى،ئىلىمنى يەنە بىر مەزگىل تاشلىمىغان بولسا، قىسىمغا كىرگەندىن كېيىن ،بەلكى پولكوۋنىكمۇ بولارىكەن...
  ‹‹مەكتەپتىن بالدۇرچېكىنىپ،بىپايان زىمىنغا قايتىش...››--بۈگۈنىمىزدە تەشۋىق قىلىدىغان مەزمۇن ئەمەس.

ۋاقتى: 2015-11-4 06:08:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹...1955-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا پۈتتۈرگەن ئىسمائىل مەمەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنى يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا دەۋت قىلىدۇ.ئەمما ئۇ  بىپايان زىمىنغا قايتىپ...››

گەرچە ئىستىقبال تاللاش ھەركىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدا بولسىمۇ،مەمەت ئىسمائىلدەك ئەلاچى مەكتەپنى،ئىلىمنى يەنە بىر مەزگىل تاشلىمىغان بولسا، قىسىمغا كىرگەندىن كېيىن ،بەلكى پولكوۋنىكمۇ بولارىكەن...
  ‹‹مەكتەپتىن بالدۇرچېكىنىپ،بىپايان زىمىنغا قايتىش...››--بۈگۈنىمىزدە تەشۋىق قىلىدىغان مەزمۇن ئەمەس.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش