كېچىنى ئويغۇتۇپ قويۇش
شەۋكەت ئىبراھىم
شەھرىزات كېچىنى تېزدى كىملەرگە ؟
تىزدى ئۇ كېچىنى ، ئاھ ، دېرىزەمگە .
ئاچتىمغۇ كۆرمەككە دۇنيانى قايتا ،
پاتمىدىم بىر قاراپ ، لېكىن تېرەمگە .
ئوقۇلغان كېچىنىڭ خەتلىرى قارا ،
قارا كۈچ كۇۋەجەپ يېزىلغاچ توم – توم .
كېچىنىڭ چىچىدىن باشلانغان يولدا ،
ماڭىمىز ، ماڭىمىز ، بىر يەرگە چوقۇم ...
شۇ يەردە بىر دەرەخ قىلىدۇ ناۋا ،
بۇلبۇلنىڭ قەلبىدەك قىپ قىزىل كۆيۇپ .
مەن تۇتۇپ قالىمەن قاچقان ئۆزۇمنى ،
بىر خەۋەر يەتكەندەك كالتە يۆتۇلۇپ .
كىملەر- دۇ قارايدۇ كېچىدەك ئۇزۇن ،
يۆتۇلۇپ كەتكىنى ، مەن ئەمەس دەرەخ .
شەھرىزات كېچىنى ئۇخلۇتۇپ قويسا ،
ئويغاتتىم نېمىشقا مەن شائىر ئەبلەخ ؟!
2015 – يىلى 1 – نويابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-2 21:43
|