شائىر ھاجى ئابدۇسەمەت خېلىل ۋاپات بولدى
2 x* x: o+ k" L
; m% o/ n' ?! N ~2 i مول ھوسۇللۇق شائىر، تېنىمسىز كۈيچى، ئىجادىيەت بېغىدىكى
خۇشناۋا بۇلبۇل، قابىل ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى، جامائەت ئەربابى ھاجى ئابدۇسەمەت خېلىل 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 2:30دە، يەكەندە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 79 يېشىدا ۋاپات بولدى. شائىر ھاجى ئابدۇسەمەت خېلىل 1936-يىلى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شەيخباغ يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاغىلىقتا ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، 1952-يىلى يەكەن دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1954-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1956-يىلى يەكەن ناھىيەلىك كۇتۇپخانىغا يۆتكەلگەن. 1960-يىلى «يەكەن گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ، مۇخبىر، تەھرىر بولغان. 1979-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1981-يىلى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ، ئاخبارات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان، قوشۇمچە ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتناشقان. 1986-يىلى يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە شۇ يىلى مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1987-يىلى 4-ئايدا سىياسىي كېڭەش يەكەن ناھىيەلىك 6-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 1993-يىلى دەمئېلشىقا چىققان. 1996-يىلى ھەج سەپىرى قىلغان.
1 F \2 Z$ i9 j/ P3 }
شائىر 1952-يىلى «يەكەن ئاممىۋىي گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «بىلىم بېغىدا» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا «يەكەن»، «زەرەپشان ئوغلى»، «مۇنبەر قىسىسى»، «قانلىق ئىز»، «لەيلىگۈل»، «ھايات ئىزناسى» قاتارلىق ئالتە پارچە داستان، ئۈچ مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئىككى مىڭ پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىي ئېلان قىلدۇرغان. ھازىرغىچە مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەق نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، «شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «زەرەپشان»، «زەرەپشان چېچەكلىرى»، «ھايات ئىلھامى» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، «ھايات سۆيگۈسى»، «سىرلىق مۇھەببەت»، «رۇبائىيلار(1)»، «رۇبائىيلار(2)»، «كۆز تەگمىسۇن»، تاللانغان يۈز رۇبائىي»، «ئۈزۈلمەس كۈيلەر»، «ئاچ چېچەك»(تاللانغان شېئىرلار)، «تۇرمۇش سۈرەتلىرى»، «ھايات ئالبۇمى»، «ئاتا سۆزى»، «مىڭبىر رۇبائىي» قاتارلىق 14 پارچە كىتابى نەزر قىلىنغان. بىر قىسىم نادىر شېئىرلىرى ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئۆكتەبىر گۈللىرى»، «باھار چېچەكلىرى»، «باھار جىلۋىسى»، «توي چاچقۇسى»، «قۇتلۇق ئىز»، «يېڭى رۇبائىيلار»، «ئاھ، يۇلتۇزلار»، «مۇكاپاتلانغان شېئىرلاردىن تاللانما»، «ياپراقتىكى نەقىشلەر»، «مۇھەببەت لىرىكىلىرى»، «ئارزۇ بوستانى»، «قەشقەردە توي»، «قامچا»، «قۇياش قەسىدىسى» قاتارلىق 20 نەچچە كوللېكتىپ توپلامدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالدى.
2 n- V0 d3 q0 v' W. R6 v% Q8 K ئۇ يەنە «ئۈچ توپلام» تەييارلاش خىزمىتىدە «ياكان خەلق قوشاقلىرى» ناملىق توپلامنىڭ تەھرىرلىكىنى، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «زەرەپشان ناۋاسى»، «ۋەتەن باھارى» قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى. 1995-يىلى مەرھۇم شائىر ئۆمەر سايىت جەۋلانىنىڭ «ئوتلۇق نەپەسلەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىدى.
" {/ H/ G' l \( G9 p4 R5 g, B
1992-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى تۇنجى قېتىم بىرلىكتە تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئۆمىكى تەركىبىدە ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شاڭخەي، خاڭجۇ، گۇاڭجۇ، شىنجىن، جۇخەي قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن رايونلىرىدا ئىكىشكۇرسىيدە بولدى.
. [+ {% K3 G, A
1999-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىر بىرلەشمىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شائىر ئىجادىيىتىنىڭ 40 يىللىقىغا ئاتاپ مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە شائىرغا ئاتاپ مەخسۇس تون كىيگۈزۈلدى.
9 E& F$ x6 Y/ [# F, L
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، يەكەن ناھىيەسىدە شائىر ئىجادىيىتىنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ تۆھپىكار شائىرنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «شىنجاڭ گېزىتى»، «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، «قەشقەر گېزىتى»، «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىراتى قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەر تەبرىكنامە ۋە سوۋغات ئەۋەتىپ، شائىر ئىجادىيىتىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
/ D9 |6 U- D! m: x2 ?
شائىرنىڭ 1982-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي ئاپتورلارنىڭ 30 يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە «ياشلىق كۆچۈپتۇ» ناملىق شېئىرى «مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى»غا؛ «1988-تىلى «ۋاپا ئەھلىگە مەن شەيدا» ناملىق ناخشا تېكىستى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىيەت باشقارمىسى بىلەن ۋىلايەتلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى باشقارمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئاماننىسا لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە «مۇنەۋۋەر تېكىست مۇكاپاتى»غا؛ «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 100سان نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن 1991-يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە «پىراق» ناملىق شېئىرى «مۇنەۋۋەر شېئىر ئىجادىيىتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن؛ «ئانا تۇپراق» ناملىق شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 2000-يىلى سىچۈەندە نەشر قىلىنغان «جۇڭخۇا شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە بۇ شېئىر باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ 2001-يىلى جۇڭگو مەدەنىيەت پېشىۋالىرى جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئانا» ناملىق شېئىرى مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەم شائىرغا «مەدەنىيەت پېشىۋاسى» دەپ نام بېرىلگەن؛ شائىرنىڭ تەرجىمىھالى «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر لۇغىتى»، «جۇڭگو ئىقتىساسلىقلار ئەسىر قامۇسى»ن ۋە «دۇنيا مۇنەۋۋەر ئىقتىساسلىقلار قامۇسى» خەلقئارا ئېنتىرنېت تورىغا كىرگۈزۈلگەن؛2008-يىلى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم، يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «تۆھپە» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
7 E" w4 h% m2 q
شائىر ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمىي جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 2-،3-،4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئىدى.
: R) T0 J( {( g( h! X مەرھۇم ئۇستاز ھاجى ئابدۇسەمەت خېلىل ھايات ۋاقتىدا يەكەندىكى ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش يولىدا تېنىمسىز ئەجىر قىلغان، يەكەننىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىاتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. مەرھۇم ئۇستاز ھاجى ئابۇسەمەت خېلىل قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات! بىز مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز ،شۇنداقلا ،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.
3 w5 g! s4 ~, V f; `" k0 {8 f0 u& S1 s. Q* O4 y$ n. K+ x' R
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ خەۋىرى
! G/ Y W& a* N r, O2 k. g
9 f* t A' a$ {- t
5 v4 Q6 ]( S* B5 v