يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 10

ئازىق: مەن «دادا» بولدۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن «دادا» بولدۇم


(ھېكايە)


قۇربانجان توختى ئازىق


تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ھەم كەسىپچان ھەم يۇمۇرستىك بولغاچقا،دەرس ۋاقتىدا ھەمىشە بىزگە ھەيران قالارلىق ئويۇنلارنى ئوينىتاتتى. مەسىلەن،«نورۇز بوۋاي بولساڭ نېمە دەيتتىڭ؟»،«سەرەڭگە ساتقۇچى قىز يېنىڭدا بولغان بولسا،ئۇنىڭغا نېمىلەرنى قىلىپ بەرگەن بولاتتىڭ؟»،«قىزلار،مەختۇمسىلادەك چېچىڭلارنى ئۆرۈپ كېلىڭلار»«ئوغوللار،دېھقانچە ياسىنىپ كېلىڭلار»...دېگەندەك.
6-ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنى كىلىشتىن ئىككى بۇرۇن،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپتىكى 12 نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا تاپشۇرۇق ئورنىدا مۇنداق بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداپ كىلىشنى تاپشۇردى.
ـــ ئوغۇللار،يەكشەنبە كۈنى-ئاتىلار بايرىمى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ بىر كۈن سىلەر بىر «دادا»بولۇپ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بىقىڭلار ھەمدە تەسىراتىڭلارنى خاتىرىگە قالدۇرۇپ مېڭىڭلار،-دېدى مۇئەللىم.
مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى باشتا ئاڭلاپ ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق،لېكىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ يېڭى ۋە مەنىلىك ئىكەنلىكىگە قىزىقىپ ئۆزلىرىمىزنى سىناپ باقماقچى بولۇشتۇق.
ئاتىلار بايرىمى كىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى مۇئەللىمنىڭ ھاۋالىسى بويىچە تاپشۇرۇق ئورۇندايدىغانلىقىمنى دادامغا ئېيتىۋىدىم،ئۇلارمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ماڭا ماسلىشىپ بىرىشكە ئىپادە بىلدۇردى.
ئەتىسى سەھەردە،دادام ھۇجرامغا كىرىپ مېنى ئويغاتتى:
ـــ دادا،ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.مۇشۇ چاغقىچە ئۇخلىغان نەدە بار؟ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ دەرھال ئىشلىرىڭىزنى تىپىپ قىلىڭ،-دېدى دادام ماڭا ئەركىلەپ تۇرۇپ.
دادامنىڭ ئەركىلىتىشلىرىدىن بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ «دادا»لىق سالاھىيىتىم يادىمغا كىلىپ قالدى.مەنمۇ چاندۈرماي دادامغا:
ـــ بولىدۇ،بالام!تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بولدۇڭمۇ؟ئىشلەپ بولغان بولساڭ يېڭى دەرسكە تەييارلىق قىل،-دېدىم.
داداممۇ ماڭا ماسلىشىپ،تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر كۈنلۈك ئارتىسلىق ۋەزىپەم باشلاندى.دەسلەپتە«دادا بولۇشنىڭ راھىتى نېمىدىگەن ياخشى»دەپ ئويلىغانىدىم،چۈنكى تاپشۇرۇقلىرىمنى دادام ئىشلەۋاتقانىدى.ئەمما،بازاردىن ئۆيگە ئەكىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلىكى،يېتىشىپ بولالمايۋاتقان ئائىلە ئىشلىرى،بىر ئايلىق ئائىلە مالىيە ھېساۋاتىنى قىلىش...دېگەندەك ئىشلار مېنى سەل چارچىتىپ قويغانىدى.چۈش ۋاقتى بولغۇچە،غوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىگە بىرىپ ئۆينىڭ توك،سۇ پۇللىرىنى تاپشۇرۇش،سەي-كۆكتات ئەكىرىش،رىمۇنتچى ئىزدەپ يەر ئاستى ئۆيىنىڭ توك يولىنى رىمۇنىت قىلدۇرۇش...
ـــ ۋايجان!بەكلا چارچاپ كەتتىم،ئەمدى بولدى قىلايچۇ!-دېدىم دادامغا.ئەمما،دادام بۇنداق يېرىم يولدا يېنىۋىلىشىمغا زادىلا يول قويمىدى ۋە چىشىمنى چىشلەپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا مەدەت بەردى.
بۇ بىر كۈننى ئاخىرى تۈگۈتۈپ،ۋەزىپىنىمۇ ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم.بىر كۈنلۈك «دادا» بولۇش تەسىراتىمنى تاپشۇرۇققا يىزىپ خاتىرلىدىم ۋە دادامغا:
ـــ دادا،ئاتىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،-دەپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدۇم.
ئەتىسى،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز تاپشۇرۇقلارنى يىغىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى،ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر تاپشۇرۇقنى قولىغا ئېلىپ بالىلارغا مۇنداق دېدى:
ـــ ساۋاقداشلار،مەلۇم بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىڭلار تاپشۇرۇقنى ئىنتايىن ئىخچام،مەزمۇنلۇق يېزىپتۇ.سىلەرگە ئوقۇپ بەرسەم قانداق؟
ـــ بولىدۇ،-دەپ بىردەك توۋلاشتى سىنىپتىكى بالىلار.
مۇئەللىم ئوقۇشقا باشلىدى:
ـــ ھېرىپ-چارچاش...
ساۋاقداشلار ماقالىنىڭ ئاخىرى بار دەپ ئويلىغان چېغى،مۇئەللىمگە تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى.مۇئەللىمنىڭ«تۈگىدى»دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ بالىلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى.ئەمما،مەن يا كۈلۈشنى يا خىجىل بولۇشنى بىلمەي جىم ئولتۇراتتىم.چۈنكى ئۇ تاپشۇرۇق دەپتىرى مېنىڭ ئىدى.ئەمەلىيەتتە،مېنىڭ يازغىنىم ھەقىقەت ئىدى،مەن بىر كۈنلۈك«دادا»بولۇپ شۇنى ھېس قىلدىمكى،ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن جاپاكەش ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-1 19:13  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 20:19:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس،ھېكايىلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ،غەيرەت قىلىڭ

ۋاقتى: 2015-11-1 21:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس،ئەقىلغا ئىشارەت.......دىگەن مەزمۇنلارنى ئىپادىلەپغىز.سىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2015-11-2 12:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بارمۇ مۇشۇنداق قىسقا، مەزمۇنلۇق ھىكايىلىرىڭىزدىن.

ۋاقتى: 2015-11-2 16:21:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-11-2 17:16:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ .ئىجادىيىتىڭىزگە ئوتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-11-2 18:12:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە مېنى بەكلا سۆيۈندۈردى ، سىزگە زور مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-11-2 18:47:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىلىڭ

ۋاقتى: 2015-11-3 21:25:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە بەك ياخشى چىقىپتۇ،ھاردۇقۇم چىقىپلا كەتتى!

ۋاقتى: 2015-11-7 16:05:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى چىقىپتۇ . غەيرەت قىلىڭ .   سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-2 23:32:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش