كۆرۈش: 2343|ئىنكاس: 5

زوردۇن سابىرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زوردۇن سابىرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتى

ئابدۇرېشىت ئوسمان

(غۇلجا شەھەرلىك3-ئوتتۇرا مەكتەپ)


يازغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئادەتلىرى ھەر خىل ھەر ياڭزا، بەزىلىرىنىڭ ناھايتى غەلىتە. يازغۇچى لېف تولىستوي يېزىشقا تولىمۇ جىددىي، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتىكەن. ئۇ ئەسەر يېزىۋاتقاندا، ھەر بىر سۆز ، ھەر بىر جۈملە ئۈستىدە قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئويلىناتتىكەن . ھەمىشە بىر بەتتىن يېزىپ ، بىر بەتتىن تۈزىتەتتىكەن، يازغۇچى گوگۇل ئەسەر يېزىشقا كىرىشىش ئالدىدا ئاۋۋال جىمجىت خىيال سۇرۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭاتتىكەن، يېزىشنى بىر باشلىۋالسا نەچچە كۈنلەپ سىرتقىمۇ چىقماي يازاتتىكەن. يازغۇچى بالزاك ھەر كۈنى پەقەت تۆت سائەتلا ئۇخلايتتىكەن. تۈن يېرىم بولغاندا بالزاك تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، يېزىقچىلىققا كىرىشىپ كېتەتتىكىن. يازغۇچى ئالېكساندىر دۇما ئەسەر يازغاندا بىر تەرەپتىن يازغاچ بىر تەرەپتىن ئەسەردىكى پېرسۇناژ بىلەن سۆزلىشەتتىكەن. يازغۇچىنى ئىزدەپ كەلگەنلەر « مەن ھازىر كېتىپ تۇراي، دۇما ئۆيدە يالغۇز چاغدا كېلەرمەن » دەپ كېتىپ قالاتتىكەن. يازغۇچى ئوستىروۋىسكى قاتتىق كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا قەلەم تۇتالماي، ئېغىز ئارقىلىق ئېيتىپ بېرىش يولى بىلەن يېزىقچىلىق قىلاتتىكەن. يازغۇچى فېلوبېر ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەندە ئىشىكنى تاقاپ كۈنبۇيى باش كۆتۈرمەي يازاتتىكەن. يازغۇچى بېلنىسكى ئىسسىق قېنى بىلەن يېزىپ چىققان مەشھۇر ماقالە « گوگۇلغا خەت » نى ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان چاغلاردا قان قۇسۇپ تۇرۇپ يازغانىكەن. يازغۇچى دوستويېۋىسكى سەككىز يىللىق ھاشار بىلەن سىبىرىيىگە سۇرگۇن قىلىنغاندىمۇ ئۇزۇن قاراڭغۇ كېچىلەردە، غۇۋا چىراغ يورۇقىدا قەغەزنى تىزىغا قويۇپ توختىماي يازاتتىكەن، يازغۇچى ژولى ۋېرىن ئەسەر يازغاندا ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتىكەن، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ تاكى كەچ سائەت سەككىزگىچە يازاتتىكەن، مۇشۇ 15 سائەت ئىچىدە ئۇ پەقەت بىر نەچچە مىنۇتلا دەم ئالاتتىكەن. يازغۇچى ھېمىڭۋاي ئادەتتە ئۆرە تۇرۇپ ئەسەر يازاتتىكەن، ئۇ : « مەن ئۆرە تۇرۇپ يازىمەن، سىڭا پۈتۈم بىلەن ئۆرە تۇرىمەن، بۇنداق تۇرۇشۇم مېنى بىر تۈرلۈك جىددىي ھالەتكە كىرگۈزىدۇ - دە، مېنى پىكىرىنى ئىمكان قەدەر ئىخچام ئىپادىلەشكە مەجبۇرلايدۇ » دېگەنىدى.
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يېزىقچىلىق ئادىتى بار. زوردۇن سابىر بىر - بىرىدىن سەر خىل ، ئېسىل ئەسەرلىرىنى قانداق يازغانىدى ؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش، يازغۇچى زوردۇن سابىر ھەققىدە يېزىلغان ئەسلىمىلەردىن نەقىل ئېلىش ،يازغۇچى زوردۇن سابىردىن يادىكار قالغان ئۈچ دانە خاتىرە دەپتەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق بۇ تېمىنى يورۇتۇشقا تىرىشتىم .
مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئايالى خەلچەم ھاجىمدىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى سورىغىنىمدا، خەلچەم ھاجىم مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى : «ــ زوردۇن ئەسەر يېزىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن، ھەمىشە لازىملىق نەرسىلەرنى تەييار قىلىۋالاتتى ، ئۈستەلنىڭ سول قول تەرىپىگە بىر نەچچە دەستە قەغەزنى رەتلىك تىزىپ قوياتتى. ئالدىغا قەلەم بىلەن سىياھ قۇتىنى قوياتتى، ئوڭ قول تەرىپىدە خاتىرە دەپتىرىنى قوياتتى، ئەتىگەن سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، يېزىشقا بىر كىرىشىپ كەتسە،  چۈشتە قەلەمنى توختىتىپ، تاماق يېيىشكە تۇتۇناتتى. چۈشتىن كېيىن كۆپ ھاللاردا يېزىقچىلىق قىلمايتتى، باشقا جىددىي ئىشى بولمىسا دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن شاھمات ئويناتتى، كەچتە ئۆيدە بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ تېلېۋىزور كۆرەتتى . ھەر كۈنى كەچتە كىتاب ئوقۇيتى، مەن ئۇنىڭغا ‹ كەچتە كىتابنى ئاز ئوقۇڭ، كۆزىڭىز بەكلا ئاجىزلاپ كەتتى، ھېلىمۇ مىڭ گرادوستىن ئارتۇق كۆز ئەينەك تاقايسىز ،بۇنداق  قادىلىپ كىتاب ئوقۇۋەرسىڭىز كۆزىڭىز كۆرمەس بولۇپ قالمامدۇ ؟ › دەپ كايىتتىم. ئۇ ‹ كەچتە كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ قاپتىمەن، كىتاب ئوقۇمىسام بىرەر ئىشىم چالا قالغاندەك ھېس قىلىمەن › دەپ جاۋاب بەرگەنىدى ».
« يازغۇچى زوردۇن سابىر يېزىپ بولغان ئەسەرنى قايتىدىن تۈزىتىش، تولۇقلاش ۋە ئاققا كۆچۈرۈشكە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيە تۇتاتتى ؟ » دەپ سورىغان سوئالىمغا خەلچەم ھاجىم مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى : « ــ زوردۇن يازماقچى بولغان ئەسىرىگە لازىملىق ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى، ئالدىراپ قولىغا قەلەم ئالمايتى، ئۇ يازماقچى بولغان ئەسىرىنىڭ ۋەقەلىكى ۋە قۇرۇلمىسىنى كاللىسىدا ئۇبدان پېشۇرۇپ، قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن قولىغا قەلەم ئالاتتى، ئادەتتە بىر ئولتۇرۇشىدىلا ئەسەرنى يېزىپ پۇتتۇرۋىتەتتى. ناۋادا يېزىپ بىر يەرگە كەلگەندە توختاپ قالسا ھەرگىز زورۇقۇپ يازمايتى، قەلەمنى شۇ جايدىلا توختىتىپ يەنە ئەسەر ھەققىدە ئويلىناتتى. قاچان كاللىسىدا يازماقچى بولغان پىكىر پىشسا ئاندىن يازاتتى. يازغان ئەسەرلىرىنى ئالدىراپ ئۆزگەرتمەيتى، ئەسەر ئارگىنالىمۇ ناھايتى پاكىز، رەتلىك ئىدى، شۇڭا يازغان ئەسىرىنى قايتىدىن ئاققا كۆچۈرمەيتتى، ئاشۇ بىرىنچى قول ئەسەر ئارگىنالىنىلا مەتبۇئاتلارغا يوللايتتى » .
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بۇ خىل يېزىقچلىق ئادىتى ھەققىدە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ناملىق ئەسلىمە كىتاب ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000- يىل نەشىرى، 45-52- بەتلەر ) دا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى 1974- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا غۇلجىدا ئويۇشتۇرغان سېمنارىيە خاراكتېرلىك ئەسەر تەشكىللەش ،  مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى . ئۇستازىم بىلەن بىر ھەپتە ياتاق، تاماقتا بىللە بولۇپ، ئاجايىپ قىزىق، مەنىلىك پاراڭلىرىنى قانغۇچە ئاڭلىغانىدىم ۋە ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنىمۇ تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا كۆرگەنىدىم. ..... كۆڭۈللۈك بۇ يىغىنغا ئاتاقلىق شائىرىمىز مەرھۇم تېيىپجان ئېلېيۇف ، ئابدۇكىرىم خوجايوف، پەتتارجان مۇھەممىدى، ئابدۇشۇكۇر تۇردى، خەنزۇ يازغۇچىسى ۋاڭ يۇيفۇ قاتارلىقلار ئالاھىدە ئۈرۈمچىدىن كېلىپ ئىشتىراك قىلدى... شۇ كۈنلەردە زوردۇن سابىر ، ئابدۇراخمان قاھار، تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن، تۇرسۇن ياسىن، ئابلىز ھوشۇر، جاۋجىگۇ ۋە مەن  قاتارلىق ئىلى ئاپتۇرلىرى يانداش ئىككى ياتاقنى ئىگىلەپ ئۆزىمىزنىڭ ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى ئۈستىدە بىللە ئىشلىگەنىدۇق. بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنى بىر نەچچە كۈنلۈك ئەمەلىي ئىجادىيەت ۋەزىپىسى بىلەن تۈگەللەندى. ئەمەلىي ئىجادىيەت مەزگىلى بىزنىڭ ئەڭ جىددىي ، ئېغىر – بېسىق كۈنلىرىمىز بولدى. مەن بۇ كۈنلەردە بىر نەچچە يېڭى شېئىرلىرىمنى يېزىشتىن باشقا، ئاساسلىقى ‹سەيغىندۇلادا باھار› دېگەن چوڭراق ھەجىملىك ھېكايەم ئۈستىدە كاللا قاتۇردۇم، ئابدۇراخمان ئاكىمۇ يېڭىدىن بىر ھېكايە يازدى، شېۋە مىللىتىدىن بولغان ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان جاۋجىگۇ خېلىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ‹ يېشىل مايسىلار › ناملىق ھېكايىسىنى يېزىپ تاماملىدى .... بىز جىددىي ئەسەر ئىجادىيتى بىلەن مېىڭىمىزنىڭ قېتىقى چىققۇدەك ئويلىنىپ، شىرىلدىتىپ بىر نېمىلەرنى يېزىپ، يەنە ئۆچۈرۈپ،ئۆز ئارا نېمىلەرنىدۇر مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇرغان بىر نەچچە كۈنلەر داۋامىدا زوردۇنكام خۇددى ئىلگىركى كۈنلەردىكىدەكلا پەرۋاسىز، خۇش چاقچاق ھالدا چاقچىقىنى قىلىپ، دۇتارىنى چېلىپ،  ناخشىسىنى ئېيتىپ ، پاراڭنى دوڭ سوقۇپ يۈرىۋەرگەنىدى.
ـــ ھەي، زوردۇن، ھەي، يازمامسىزۇي، يېگەن جىڭمۇمىغا لايىق ئىش بولسۇن - دە! -دەپ جاۋ جېگۇ چاقچاق قىلدى زوردۇنكامغا.
ـــ  يازىمىز ، ۋاھ يازمىغاندا !- زوردۇنكام قىزىقچىلىق قىلىپ  يەڭلىرىنى شۇمۇدەكلەپ، ھېلىلا كەتمەن چاپىدىغاندەك ئەلپاز كۆرسەتتى، - سىلەر ياتاقنى بىكار قىلمامسىلەر باشتا، ھەر قايسىڭلارنى  قارىتىپ قويۇپ بىر يازىمەنكى ....
ـــ زوردۇننىڭ تەييار ھېكايىسى بار جۇمۇ ! - دېدى ئابدۇراخمان قاھار ئاكا زوردۇنكام ياتاقتا يوق چاغدا، - بولمىسا ئۇنداق يۇرمەيدۇ، ئەمما لېكىن يېزىۋىتىدۇ !
ئەمەلىي ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقتىن قايتىپ ياتاققا كىرگىنىمىزدە، بىزدىن بالدۇراق قايتىپ كىرىۋالغان زوردۇنكام ئالدىغا يىغىن خادىملىرى تارقىتىپ بەرگەن بىر توپ ئارگىنال قەغىزىنى قويۇۋېلىپ قەلىمىگە سىياھ ئىچكىزدى - دە، بىزگە ئېلان قىلدى: ــ خوش ! مانا ئەمدى بىز ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق جۇمۇسلا، دەخلى قىلىشمىغايلا !
ئۇنىڭ قىزىق پارىڭىدىن ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق، زوردۇنكام بولسا بۇ قېتىم كۈلمەستىن ، ئارگىنال قەغىزىگە دانىمۇ دانە قىلىپ ‹ باھار بۇۋاينىڭ كۈنلىرى ›دېگەن خەتلەرنى يازدى. ئاستىغا ئىسكوپكا ئېچىپ ( ھېكايە ) دەپ يازدى، ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەككە ، ئوڭ چەتكە ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىپ قويدى. مەن بولسام، قىزىقىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە پېتىمچە ئۇستازىمنىڭ ھەركىتىگە نەزەر سېلىپ تۇراتتىم، ئۇ ئالدىرىماي - تېنىمەي ھېكايىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى يازدى. ئۆزىگىلا خاس تىل ۋە پوچۇركىسى بىلەن داۋامىنىمۇ قەغەزگە چۈشۇردى.
چۈشلۈك تاماققىچە ۋە چۈشتىن كېيىنمۇ ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. بىزمۇ كېيىنچە ئۇنىڭغا ھالاقىت بەرمەيلى دېگەندەك قوشنا ياتاققا چىقىپ كەتتۇق. كەچلىك تاماققا ئاز قالغاندا ، زوردۇنكام نىھايەت چاقچاققا ئېغىز ئاچتى :
ــ ئالە مەھمۇت ھېكايەڭنى، قىچار ئابدۇشۇكۇرنى، ھىم! - جىددىي، مۇشەققەتلىك بىر كۈنلۈك ئەمگەكتىن كېيىن ئۇنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ، قولىدا ئوتتوز - قىرىق بەتچە كېلىدىغان سۇۋارى، رەتلىك يېزىپ چىقىلغان، بىر بەتتە بىر يېرىمۇ ئۆچۈرۈلمىگەن يېڭى ھېكايىسى تۇراتتى».
ئەدىب ئابلەت ئابدۇللا « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 4- سانىدا ئېلان  قىلغان « ئۇلۇغ قەرزدار، ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر » ناملىق ماقالىسىدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ :
« مەن ئۇنىڭدىن قايسى ۋاقىتلاردا يازىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا:
ـــ ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەشتە ئورنۇمدىن تۇرىمەن، چۈشكىچە يازىمەن، چۈشتىن كېيىن دەم ئالىمەن، كىتاب ئوقۇيمەن، شاھمات ئوينايمەن، پاراڭلىشىمەن، - دېدى » .
يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەر يېزىشقا تولىمۇ جىددىي، ئەستايدىل مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ ئەسەر يېزىش ئويىغا كەلگەن ھامان تۇرمۇش ماتىرىياللىرىنى ئىنچىكە كۈزىتىشكە تولىمۇ ماھىر ئىدى. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ قىزى نۇربانۇم نۇرۇم « دادام ۋە مېنىڭ خاتىرەمدىكى زوردۇن سابىر » ( « ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى » 14- قىسىم كىتاب، 252- بەت ) ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ :« ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر ياز مەزگىلى ئىدى، تاماق ئاللىقاچان تەييار بولغان بولسىمۇ، كىچىك دادام ( زوردۇن سابىر ) نىڭ قارىسى ھېچ يەردە كۆرۈنمەي قالدى. دادام مېنى كوچىغا چىقىپ ئىزلەپ بېقىشقا بۇيرۇدى، مەن كوچا دوقمۇشىغا بېرىپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . چۈنكى كىچىك دادام يول بويىدىكى بىر چىملىقتا بەدەشقان قۇرغىنىچە گويا قاتۇرۇپ قويغان ئادەمدەك ئۈنسىز ئولتۇراتتى. ئالدىدىكى توپىلىق يولدىن بولسا بىر توپ كالا پادىلىرى ئاپئاق توپا توزىتىپ ئۆتىۋاتاتتى. ئۇ بىردە كالا پادىلىرىغا ، بىردە پادىچىنىڭ تۇرقىغا سىنچىلاپ قارايتتى، مېنىڭ گېپىم قۇلىقىغا كىرەر ئەمەس ئىدى، مەن قايتىپ كىرىپ كۆرگەنلىرىمنى دادامغا ئېيتتىم . دادام : ‹ مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ بىرەر ئەسەر يېزىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، ئۇ ئۇنداق ۋاقىتلاردا ھەممىنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ. زوردۇن بەلكىم كالىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر نېمە يازسا كېرەك ! - دېدى. مەن دادامنىڭ گېپىگە ئانچە ئىشەنمىدىم ۋە : ‹ بىرەر ئەسەر يېزىش ئۈچۈن پاكىز كىيىملەر بىلەن توپىغا مىلىنىپ يۈرمەس، كىچىك دادام تازلىققا بەك دىققەت قىلاتتىغۇ ؟ › دېگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادامغا ‹ تارىم › ژورنىلىنىڭ بىر سانىنى ئەۋەتىپتۇ. ئېچىپ قارىساق كىچىك دادامنىڭ ‹ ئاخىرقى پادىچى › دېگەن ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئەسەردە بىزنىڭ مەھەللىدە ئۇزۇن يىل كالا باققان بىر پادىچىنىڭ ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەنىدى ، شۇ كۈندىن ئىتىبارەن كىچىك دادامغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى » .
بۇ ھەقتە يەنە ئەدىب غۇجاخمەت يۇنۇس « زوردۇن سابىر ھەققىدە ئۈچ قىسقا ئەسلىمە » ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ..... بىز ئولتۇرغان ئاپتوموبىل غۇلجا شەھەردىن ئەتىگەن سائەت تۆت يېرىمدا يولغا چىقىپ ، دۆڭمازارغا بارغاندىن  كېيىن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ماڭدى. بۇ چاغدا ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن سەل ئاشقان بولۇپ ، قۇياش ئەمدىلا چىققان ئىدى . يولنىڭ ئىككى يىقىغا جايلاشقان ھويلىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا قاپاق چۆمۈچ سىلىنغان چىلەكنى يىنىغا قويۇپ قويغان، قولىغا چىغ سۈپۈرگە ئالغان قىز - چوكانلار ياغلىقىنى چېكىدىن چۈشۈرۈپ تاڭغان پېتى ئىشك ئالدى ۋە ھويلا ئىچىنى سۈپۈرمەكتە ئىدى. ئىلى يېزىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بۇ ئالاھىدىلىكىگە زوقلىنىپ قاراپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بىر چاغدا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ياقىلاپ ئۇياق- بۇياققا قاراپ ئالدىرماي كېتىۋاتقان يالغۇز بىر ئادەم يىراقتىن كۆزىمىزگە چېلىقتى. ئۇ ئادەمگە يېقىنلاپ كەلگەندە ئاپتوموبىل ئەينىكىدىن قارىسام ، بۇ ئادەم زوردۇن سابىر ئىكەن، بىز ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يەرگە چۈشتۇق - دە، زوردۇن سابىر بىلەن كۆرۇشۇپ تىنىچ -ئامانلىق سوراشتۇق.ئۇ بىزدىن قاياققا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى، بىز يېڭتامغا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى دېدۇق .
ـــ  مۇنداق قاق سەھەردە نەگە كېتىتۋاتىسەن ؟ - دەپ سورىدىم نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنىڭدىن
ـــ سەھرانى ئارىلاپ بولمامدۇ، - دېدى ئۇ .
ـــ ئەمسە ئاپتوموبىلغا چىقىۋال، بارىدىغان يېرىڭگە ئاپىرىپ قويايلى.
ــ ياقەي، ‹ مەپىگە چۈشكەن بىلەن ھېچنەلەر كۆرۈنمەيدۇ › دېگەن قوشاقنى ئاڭلىمىغانمۇ ؟ مەن ‹ كوڭكاڭ › غا چۈشسەم، سەھرا مەنزىرلىرىنى كۆرەلمەي  قالىمەن.
ـــ ئۆزۈڭ سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۇرساڭ، - دېدى مىجىت ئوسمان، - كېچىكىڭدىن تارتىپ كۆرۈپ كېلىۋاتقان سەھرانىڭ  يەنە نېمىسىنى كۆرىسەن ؟
ـ بۇ دېگىنىڭغۇ راست، - دېدى زوردۇن ، - سەن بىلەن مەن كېچىكىمىزدىن تارتىپ سەھرانى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. بىراق ، مېنىڭ ھازىر سەھرا مەنزىرلىرىنى ئىجادىيەتكە ئىلھام تېپىش ۋە تۇرمۇش دېتاللىرىنى توپلاش ئۈچۈن كۆرىمەن، سەھرادىكى ئۆزگىرىشلەرنى، بولۇپمۇ ئادەملەرنىڭ روھىي ھالىتى، كۆز قارىشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەيمەن، بۇ تۇرمۇشنى شەھەردىن تاپقىلى بولمايدۇ .
ــــ  سەپىرىڭ قەيەردىن باشلاندى؟ - مەن سورىدىم ئۇنىڭدىن، - قەيەردە ئاخىرلاشماقچى ؟
ــ  دۆڭمازادىكى ئاكامنىڭ ( نۇرۇم سابىرنى دېمەكچى ) ئۆيىگە چىققانىدىم، شۇ يەردىن پىيادە ئارىلاپ كېلىۋاتىمەن-دېدى ئۇ ، - پۈتۈم تالغان،  قورسىقىم ئاچقانغا قەدەر ماڭىمەن، ئاندىن بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ناشتا قىلغاچ بىردەم پاراڭلىشىپ، كەلگەن يولۇم بىلەن قايتىمەن.....
ئۇنىڭ ‹ سەھەرچى › ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغىنىمدا ،1974- يىلى كۈزدىكى بىر سەھەردە سەھرا يولىدا قىلغان سۆھبىتىمىز ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا كەلدى ...»( ماخمۇت مۇھەممەت : « ئابرال ئوغلى » ناملىق كىتاب، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 2011- يىل نەشىرى، 265-266- بەتلىرى )
يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيتىدە ھېكايىنى كۆپ يازغان. ھەر قايسى گېزىت -ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ  مۇھەررىرلىرى يازغۇچى زوردۇن سابىردىن ئەسەر سوراپ بەزىدە تېلېفون قىلسا، بەزىدە ئۆيىگە كېلىپ پۇتكەن ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كىتەتتى. ھەتتا بەزىلەر ئالدىن ئەسەر زاكاس قىلاتتى. شۇڭا زوردۇن سابىر بىر قىسىم گېزىت - ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ - تىرمىشىپ ناھايتى جىددىي ھالدا ھېكايە ئىجادىيتىگە كىرىشىپ كەتكەن. بەزىدە بىر  قانچە ھېكايىنى  تەڭلا باشلاپ يېزىشقا مەجبۇر بولغان .
بۇ ھەقتە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2000- يىل نەشىرى ، 58- ، 62- بەتلەر ) ناملىق ئەسلىمە كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « 1983- يىلى ‹ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاش، مۇكاپاتلاش › يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغانىدى. مېنىڭ ‹ ھېسام چاقچاقلىرى › ناملىق كىتابىمنىڭ 1-  قىسمى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەسىرى مۇكاپاتلانغان غۇجاخمەت يۇنۇس ئاكا ئىككىمىز بىللە غۇلجىدىن يولغا چىقتۇق.... مۇكاپاتلاش يىغىنى ئاياغلاشقاننىڭ ئەتىسى غوجاخمەتكام ئىككىمىز چۈشلەرگە تاقاپ زوردۇنكامنىڭ ئۆيىگە يول ئالدۇق .... ئارىلىقتا زوردۇنكام يېزىق ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىدىن بىر دەستە قەغەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئارىسىدىن قايسىدۇر قوليازمىنى ئايرىپ، غوجاخمەت يونۇسقا كۆرسەتتى. شۇ ئارىدا مېنىڭ دېققىتىمنى شىرە ئۈستىدە چېچىلىپ ياتقان قەغەزلەر ئارىسىدىكى تۆت توپ ئارگىنال قەغىزى تارتتى. ھەر بىر توپ قەغەزدە بىر ھېكايە باشلانغان بولۇپ، گاھىسى جىقىراق، گاھىسى ئازىراق يېزىلغان، ھېچقايسىسى ئاياقلاشمىغانىدى. ھېكايىلەرنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق ئىدى : ‹ قەرزدار ›، ‹ ھۆرمەت ئازابى › ، ‹ قوبۇلغانىدا › ، ‹ يولدا › .
ـــ ھە، قانداق مەھمۇت ، ئەدەبىي مۇزدۇزمىكەنمەن ؟ - نېرىقى ئۆيدىن چاي كۆتۈرۈپ كىرگەن زوردۇنكام قولۇمدىكى ئارىگىناللارنى كۆرۈپ، قىزىقچىلىق قىلدى.
ـــ يازماقچى بولغان ھېكايىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بىر يوللا ، ئايرىم - ئايرىم قىلىپ باشىلىۋالىمەن . قايسىسىغا ئىلھام كەلسە تارتمىدىن شۇنى شارتتىدە ئېلىپ ، يازىۋىرىمەن ».
(<<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>2013-يىل8-ئاينىڭ2-كۈنىدىكى سانىدىن)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئوسمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-14 10:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-6-6 10:34:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرشىت مۇئەللىمنىڭ بۇ خىل ئەمگەكلىردىن ناھايتى سۈيۈندىم! زوردۇن سابىرغا ئائىت ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!

ۋاقتى: 2012-6-6 19:25:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر ھەققىدىكى تەپسىلاتلار چىن ۋە ئىنچىكە يېزىلىپتۇ.بىر يازغۇچىنى تەتقىق قىلىش  __ناھايىتى كەڭ مەزمۇننى ئىچىگە ئالىدۇ.يېزىقچىلىق ئادىتىنى تەتقىق قىلىش شۇ كونكېرت تېمىلارنىڭ بىرى.ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتى ئۇتۇقلۇق داۋام ئەتكەي.

ۋاقتى: 2012-6-7 21:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەرھۇم يازغۇچى زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش،بىزنى ئىجادىيەتتە يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.مۇنبەردە بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۆزۈمچە باشقىدىن روھلىنىپ كەتتىم.بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-7 08:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش