سۆيگۈ
سۆيگۈلەردىن تۈرەلگەن دۇنيا،
سۆيگۈلەردىن كۈلگەن تەبىئەت.
سۆيگۈلەردىن پاكلىنىپ تەنلەر،
سۆيگۈلەردىن ئەي بولغان جەننەت.
سۆيگۈلەردىن توغۇلۇپ ئىنسان،
سۆيگۈلەردىن قىلىنغان پەرۋىش.
سۆيگۈلەردىن ياشىرىپ دىللار،
سۆيگۈلەردىن يوقالغان تەشۋىش.
سۆيگۈلەردىن چاقنىغان كۆزلەر،
سۆيگۈلەردىن قىسىلغان تىنىق.
سۆيگۈلەردىن قانىغان لەۋلەر،
سۆيگۈلەردىن رەڭ ئېلىپ قېنىق.
سۆيگۈلەردىن پۈتەر كەلگۈسى،
سۆيگۈلەردىن يېزىلغان خەتلەر.
سۆيگۈلەردىن ئۆرۈلگەن تارىخ،
سۆيگۈلەردىن باشلىنىپ بەتلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئېزىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-31 00:01