كۆرۈش: 236|ئىنكاس: 0

ئەردەم: «مۇھەببەتكەتولغان دۇنيا» دا نېمىلەرنى كۆردۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-30 23:50:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

«مۇھەببەتكەتولغان دۇنيا» دا نېمىلەرنى ئويلىدىم

كېرىمجان مۇھەممەد


ئالدىمدا جەمئىيەتنىڭ ھەممە بۇلۇڭلىرىغا ئەۋەتىلگەن بىرمۇھەببەت تەكلىپى تۇراتتى. تەكلىپنامىگە مۇنداق خەتلەر يېزىلغانىدى:
ئالدىڭدا ۋىجدانغا بولغان كۈچلۈك نىدادىن توقۇلغان بىر«دۇنيا»تۇرماقتا. سەن بىر غورورلۇق ئەر ، مەسئولىيەتچان ئايال بولساڭ، ئۇنداقتا سەن، قېنى«نادىر» ھەم «شەھىدە»نىڭ ئىزلىرىدىن داغدام ماڭالامسەن؟ قېنى، ئۇلارنىڭ ئىزىدىنبويلاپ ماڭالايدىغانلار، قولۇڭلارنى بېرىڭلار!
«نادىر» ھەم«شەھىدە»نىڭ ئىزلىرىدىن خۇشخەۋەرنىڭ سادالىرى ياڭراپ، ئۈمىدنىڭ يۇلتۇزلىرى پارلاپتۇرۇپتۇ. قېنى، ئاڭلاشقا قولىقى بارلار ! كۆرۈشكە كۆزى بارلار! مۇھەببەت، ۋىجدانۋە مەسئولىيەت قانلىرى بىلەن تولغان قوللىرىڭلارنى بېرىڭلار ! قول تۇتۇشۇپ بۇدۇنيارىمىزنى مۇھەببەتنىڭ مېھرى تەپتىگە تېخىمۇ بەك تولدۇرايلى!
ئۇشبۇ يازمامنى مەن ئۈچۈن تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەدىبەمېھرىگۈل ئابلېز نەزەر ھەم ئۇنىڭ مۇبارەك قەلىمىگە ئېھتىرام بىلەن بېغىشلايمەن.
يىگىرمە نەچچە يىللىق ئوقۇرمەنلىك ھاياتىمنى باشتىن كەچۈرۈپبۇ يىل توپتوغرا 30غا كىردىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش تارىخىم ئەمەلىيەتتەئوقۇرمەنلىك كەچمىشىم بولالايدىكەن. ئەسلەپ كۆرسەم،  «ئېلىپبە»دىكى «چىك-چىك»، «ئېلىپبەنىتۈگەتتىم»لەر بىلەن تونجى يېزىق شەكلىدىكى جۈملىلەرنى ئوقۇپ شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىپ كېتەتتىم.بۇلارنى ئاپام ھەر كۈنى كەچلىكى ئېيتىپ بېرىدىغان«ھورۇن»،«قىلىچ باتۇر» دەيدىغانچۆچەكلەر بىلەن بىرلەشتۈرگىنىمدە قەلبىم لەرزىگە كېلىپ كېتەتتى. «ھورۇن»نىڭ يېنىغا«چىك-چىك»نى تاشلاپ قويۇپ ئۇنى جىلە قىلىۋىتەتتىم. «غۇنچەم»نى مەلىكە، ئۆزۈمنى شۇمەلىكىنىڭ ياساۋۇلى دەيتتىم، مەن قېلىچ باتۇر ئىدىم، قالقىنىمغا نەيزىلىرىمنىئۇرۇپ نەرە تارتاتتىم، قىرىق غۇلاچ ئۇزىرالايدىغان زۇلپىقارىم قىنىدا قىمىلداپتۇراتتى. ئۆزەمتالادا شوخ، ئەمما كۆڭلۈم بالادا، قانداقتۇر بىر غەملەردە ئىدى. بارلىق سىرتقى يۈزمەنەلىرى مېنى قىيناش ئۈچۈن، ئىچكى مەنىلىرىنى تاپقۇزۇش ئۈچۈن يارالغاندەكقىلاتتى...
مانا شۇنداق ساددا ئەمما بال كەبى تەسەۋۋۇرلار بىلەنگىرەلىشىپ كەتكەن بالىلارچە تۇيغۇلار قەلبىمگە بىرخىل تىترەك ئېقىمىنى باشلاپكىرىپ، سەبىئىيلىكىمنى يېڭىدىن-يېڭى، رەڭگارەڭ مەزمونلارغا چۈمكەيتتى.  چۆچەكسىمان بالىلىقنىڭ چاھارباغلىرىدا سەيلەقىلىپ كېتىۋاتقان بۇ بالىنىڭ ئاشۇ ھوزۇرلىرىنى نېمىگە تېگەشكىلى بولىدۇ دەيسىز.بالا باغ بوسۇغىسىدا ئۇخلاپ قېلىۋىدى، چۈش كۆردى. چۈشىگە بەھەيۋەت مەنزىرىلەرتىزىلدى...
قارىماققا،دېگەنلىرىم بىر مەشھۇر ئادەمنىڭ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ بەرگىنىگە ئوخشاپ قالغاندەك قىلسىمۇ،ئەمما يەنىلا شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن سەبىئىيلىكىمدىلا ئەدەبىياتقا، مىللىيئەدەبىياتىمىزنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سەرۋى قامىتىگە ھەۋەسلىنەلەيدىغان بولغانئىكەنمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىنكىمەزگىللەردە مېنىڭ ئاشۇ چۈچۈك، ئاددى ئەمما تولىمۇ قىممەتلىك ئەدەبىيات خەزىنەمگە نى-نىقەلەم تۇلپارلىرىنىڭ شاھانە ئەسەرلىرى تاپ بېسىپ كىرىپ، ئۇنى تېخىمۇ موللاشتۇرغانئىدى. 13-14 ياشقا كىرگەن چاغلىرىم بولسا كېرەك، ئۇلۇغ يازغۇچى ئابدۇرېھىم تىلەشوفئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن»، ياشار كامالنىڭ «مەمەت ئاۋاق»، سابىق سوۋىتئىتتىپاقى يازغۇچىسى ۋ. گ ياننىڭ «چىڭگىزخان»، «باتۇخان»، «ئاخىرقى دېڭىزغا يۈرۈش»ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ مېنى قانچىلىك ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى ھازىر ئەسلەپمۇبولالمايمەن. ئادەتتىكى تۇرمۇش پۇرىقى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرمايدىغان ئاشۇ شاھانەئەسەرلەر مېنىڭ رېئاللىقىم بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان ئىدى. بۇنداق زورپەرق ئەينى يىللاردىكى مېنى بارا-بارا ئەتراپتىكى ھەقىقىي مۇھىتتىن ئايرىۋېتىشكەباشلىغان ئىدى. ئەسەرنىڭ قەھرىمانلىرى كەبى مەغرورلۇق ۋە تەمەننالىق ماڭا ھەمىشەبولغۇسى ئالى مەقسەت ياكى گۈزەل كەچمىشلەردىن سىگنال بېرىپ تۇراتتى. مەن يېشىمغاماس كەلمىگەن ھالدا قانداقتۇر تەنھالىقنى خالايدىغان، جىمغۇر، خىيالچان بولۇپقالغان ئىدىم. مېنىڭ «كىتاب خالتا»لىقىم ئەنە شۇ يىللاردىن باشلانغان ئىدى. ئەينىۋاقىتتىكى يېقىن كىشىلىرىم مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى ئانچە خوپ كۆرمىگەن ئىدى.ئېيتىشلارغا قارىغاندا شەرقنىڭ500 يىل ئىلگىرىكى مەشھۇر شائىرى نىزامىدىن ئەلشىرنەۋائى(1441-1501)مۇ سەككىز يېشىدىلا «مەنتىقۇتتەير»ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ خىيالچانبولۇپ قالغان ئىكەن.
ئەلۋەتتە، مەن دېگەن مەن، نەۋائىي دېگەن نەۋائىي بولسىمۇ، مەنبەرىبىر شۇ چاغدىكى قىسقا ئەمما تولىمۇ شېرىن كەيپىياتىمنى ھېچنىمە ۋە ھېچكىمگەتەڭ قىلمايمەن. بۇ مېنىڭ ھېچقانداق بىر كۈچ تارتىپ ئالالمايدىغان ھەق ھوقوقۇمدۇم.چۈنكى، مېنىڭ خىيال پادىشاھلىقىم شۇنچىلىك دەخلىسىز ئىدىكى، ئاتالمىش ئادەتتىكىئادەملەرنىڭ كاشىلىسىغا ھېچيەردە ئورۇن بەرمەيتتىم. تەنھالىق مەن ئۈچۈن بىھىساببايلىق ئىدى.
ئۇنداقتا، نەۋائىي كەبى تەنھالىققا چۆكەلەيدىغان ئاشۇچاغلاردىكى مەن ئول زات ياشاۋاتقان دەۋردىن نەچچە باراۋەر زىل ھەم مۇرەككەپ دەۋردەتۇرۇپ، ئەنە شۇ ئەسەرلەر ئېلىپ كەلگەن پىنھان دەقىقىلەردە نېمىلەرنىئويلىيالايدىغان بولغىيتتىم؟ زادى قانداق ئەسەر مېنى ھەقىقىي ئويغا سالالا؟ مەنزادى ئەسەرگە كىرەلەرمەنمۇ؟ كىرىپ قالسام چىقالارمەنمۇ؟...
ئەلھال، مېنىڭ بۇ يەردە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن كېلىدىغان ئەنەشۇنداق تەنھالىقنى زورۇقۇپ سۆزلەپ، جانابىي كىتابخاننىڭ ۋاقتىغا يەڭگىلتەكلىك بىلەنمۇداخىلە قىلىشىمدا، يېقىنقى مەزگىلدە ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغان كاتتا بىر ئەسەرنىڭمېنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ تۇيغۇلىرىمنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى مۇھىم باھانە بولدى.«تارىم» ئەدەبىي ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-، 3- سانلىرىغا بىر كاتتا ئەسەر ئۇلاپبېسىلدى. ئۇ بولسىمۇ مېھرىگۈل ئابلېز نەزەرنىڭ «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» ناملىق پوۋىستىدۇر.
«مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»غا كىرىش
ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي قاتلاملاردىكى ئوقۇرمەنلەر توپلىرىغا كەزمەئارىلىشىش پۇرسىتى مېنىڭ مۇنۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشىمنى تەقەززا قىلدى.
ئوقۇرمەنلىك ئىستىلى ۋە ئۇنىيېتىلدۈرۈشنىڭ يوللىرىنى بىلىش مەسىلىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈنجىددى ئويلىشىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
كۈنىمىزدە، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ھەممىدىن ئاۋۋال تاماقنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىنىڭھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلىنىپ كېتىشى نازۇك ئىدىيەلەرنىڭ ئاۋاملىشىشىغا سەل قاراشقابولمايدىغان تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. چارپادىشاھ پېتىر ئۆز كېنەزلىرىنىڭ بومباساقاللىرىغا قايچا ئۇزاتقاندا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ شەكلەن تەدبىرلىرىنىمۇئويلاشقان ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىشىلىككە دەخلى قىلىدىغان ئۇششاق نۇقتىلارنىكۆپتۈرۈش ئارقىلىق كەڭ دائىرىلىك ئىجتىمائىي ئويلىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئەينىۋاقىتتا خېلى ئاقىلانىلىك بولغان دېيىشكە بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، تارىختىكىيۇقىرىدىن تۆۋەنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدىيە ئۆزگەرتىشكە ئائىت نۇرغۇنۋەقەلەردە مەزموننى تەشۋىق قىلىش بىرخىل مەجبۇرىي شەكىل ئۆزگەرتىش مۇھىتىنى قولغاكەلتۈرۈش چارىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. مەن بۇ يەردە كېلەڭسىز تەدبىرلەرئارقىلىق ئوقۇرمەن ئىستىلىمىزنى ئۆزگەرتىشكە بويرۇق قىلالمايمەن. ئۇنداقسالاھىيىتىم ھەم يوق. پەقەت بۇ يەردە ئوقۇرمەنلىك پوزىتسىيىمىزنى تەڭشەش ئارقىلىقنىسبەتەن ئىلمىي ئوقۇرمەنلىك ئىستىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىئۈچۈن تەخىرسىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن. قوپاللىقبىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئوقۇرمىنى بولغان بىزلەردە ساۋات خاراكتېرلىكئوقۇرمەنلىك چۈشەنچىلىرىنى ئىگىلەشمۇ تېخى تىز يېرىمىدا تۇرماقتا.
ئوقۇرمەن جامائىتىمىز ھەدەپ ئىستىمال شەكلىدىكى پوزىتسىيىدە ئەدەبىيئەسەرلەرگە مۇئامىلە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىۋاتامدىكىن، دېگەن گۇمانىم بار. ئەگەربىز ئەدەبىياتنى چۈشىنىش جەھەتتىكى بىلىش سەۋىيىمىزنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىسۈكۈت ئىچىدە كۈتۈۋېرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا، ھازىرقىدەك تەنقىد قىلىشنى بىربۆلۈك ئادەملەرلا بۆلۈشىۋالىدىغان، پەقەت ئاشۇ بىر بۆلەك ئادەملارلا ئەدەبىياتھەققىدە گەپ قىلسا بولىدۇ دەيدىغان پاسسىپ ئەدەبىيات چەمبىرىكى ۋە ناچار ئوقۇرمەنلىكپىسخىكىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئەدەبىياتشۇناسلىق بىلەنشوغۇللىنىۋاتقانلىرىمىز پىكىرىي تەلقىنلىرىمىزدە ئىلمىي ئوقۇرمەنلىك ئىستىلىنىڭبارلىققا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك مېتودلارنى ھە دېگەندە ئۆز تەتقىقات تېمىلىرىمىزغاقىستۇرۇپ ماڭساق ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. پىكىر تۇغدۇرمايدىغان ئۇقۇم مەۋجۇتبولمىغان ئىكەن، ئەدەبىي ئەسەرنى ياخشىراق چۈشىنىشكە ئائىت ئاساسلىق ئۇقۇملارنى ئىگىلەشتىكىمېتودلىرىمىزدىن ئاۋامنى ئۇچۇرلاندۈرۇپ ماڭساق، خەلقىمىزمۇ ئەسەرنى چۈشىنىشنىڭھەدېگەندە ئۇنىڭ مەدىھيە نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىشلا ئەمەس بەلكى، يازغۇچىنىڭ ئىدىيەقورشاۋىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان بىر روھنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسا،دېگەن ئۈمىدتىمەن. سەھىپە مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەردە پەقەت ئىزتىراپ ۋە ئۈمىدلائوتتۇرىغا قويۇلدى. پۇرسەتلەر بېرىلسە، بۇ ھەقتە كېيىن مەخسۇس ئىزدەنگەيمىز.
«مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»نى ئوقۇپ بولغاندا،ئەسەر مېنى قايسى نۇقتىلار بويىچە قانداق پىكىر قىلىشقا ئۈندىدى
1.           ئەسەرمۇددىئاسى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇرمەندىكى ئىنكاسلىرى نۇقتىسىدىن «مۇھەببەتكە تولغاندۇنيا»نى ئانالىز قىلىش
مەن «مۇھەببەتكە تولغاندۇنيا» ناملىق بۇ ئەسەرنى نەچچە رەت زىغىرلىما ئوقۇش پوزىتسىيىسى بىلەن ئوقۇپچىققاندىن كېيىن، ئەسەرنىڭ مۇددىئاسى ۋە ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەندە شەكىللىنىشئېھتىماللىقى بولغان تەبىئىي ئىنكاسلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئوقۇرمەنلىك ئۆلچىمىم بويىچە بايقاپچىقتىم.
1.1 ئەسەر مۇددىئاسىنىئېنىقلاش
«مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»ناملىق بۇ ئەسەر ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاساسلىق مۇددىئانى تەخمىن قىلىشتىن ئاۋۋال مەنئەسەرنىڭ ئاساسى مەزمونىنى جانابىي كىتابخاننىڭ سەمىگە سېلىۋېتىشنى لايىق تاپتىم.
ئەسەر مۇنداق باشلىنىدۇ:
ئەسەر باشلىنىشى بىلەنلا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدەيارىلىنىپ ھۇشىدىن كەتكەن ئىككى بىمار شەھىدە دوختۇر ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىغائېلىپ كېلىنىدۇ. تەقدىرى قىسمەت بىلەن بىمارنىڭ بىرى دەل شەھىدەنىڭ ئېرى نادىربولۇپ چىقىدۇ. نادىر بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىنگىنى ۋەقە سەۋەبىدىن مېڭىسىگە قانچۈشۈپ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغان چىرايلىق بىر قىز بولۇپ، ئېرى بىلەن مۇشۇنداقبىر ياش ھەم چىرايلىق قىزنىڭ بىرگە يارىلىنىشى دەسلىپىدىلا شەھىدەنى گۇمانغا سېلىپقويىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىككەيلەننىڭ تاپتىن چىققانلىقى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلىرىشەھىدەنىڭ ئېرىنىڭ ئۆزىگە ۋاپاسىزلىق قىلىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئىبارەت شۈبھەنىتېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. گەرچە، مىش-مىش گەپلەر ئەتراپنى بىر ئالغان، شەھىدەنىڭكاللىسى شۇنچىلىك دەرىجىدە گۇمانغا تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا چېچەنلىكبىلەن يارىلانغان قىزنى «تۇغقىنىمىز ئىدى» دەپ سۆز-چۆچەكلەرنى بېسىقتۇرىدۇ. شەھىدەبۇنىڭلىق بىلەن «كۈندىشى» سۈپىتىدىكى قىزدىن قىساس ئېلىش بىلەن ئىنسان سۈپىتىدىكىبىر قىزنى قۇتۇلدۇرۇش ياكى قۇتۇلدۇرماسلىقتىن ئىبارەت ئىنتايىن زىددىيەتلىك پىسخىكائىچىگە كىرىپ قالىدۇ. شەھىدە مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ روھى ھالەت ئىچىدە يەنىلا بۇقىزنى داۋالاپ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇيەنە مۇشۇنداق زىددىيەتلىك پىسخىكائىچىدە ئېرى نادىر بىلەن «كۈندىشى» مېھراينىڭ كېسەلخانىلىرى ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپھەر ئىككىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. نادىر ئىشنىڭ سەۋەبىنى نەچچە قېتىمچۈشەندۈرمەكچى بولغاندا شەھىدە ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەيدۇ. قىز ساقايغان چاغداكۈندەشلىك كېشەنلىرى شەھىدەنى ئاخىرى «كۈندىشى»گە نادىرنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئىبارەتيالغان سىگنالنى بېرىشكە قىستايدۇ. قىز ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە كېتىپ قالىدۇ. شەھىدەئېرى بىلەن بۇ ئىش ھەققىدە جاڭجاللىشىپ ئاخىرى ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نادىرنىڭ ئاغزىدىن بىر قىزنىڭ ئاقلاش سۆزى، پۈتكۈل ئەسەرنىڭ ئاساسلىقۋەقەلىكى ئايان بولىدۇ.
ئەسەر مۇنداق راۋاجلىنىدۇ:
ۋەقەلىكتە قىزنىڭ كەچمىشىدىكى ئاساسلىق ئادەملەردىن: قىزنىڭبىرىنچى ھامىيسى بولغان ئاتا-ئانىسى، ئىككىنچى ھامىيسى بولغان تاغا-ھاممىلىرى،ساۋاقداشلىرىدىن شەمشىنۇر ۋە باھادىرلار، باھادىرنى چۆرىدەپ يەنە  كىبارە، جەسۇر، چوڭام قاتارلىقلار بىر-بىرلەپئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنداقلا «مېھراي»دىن ئىبارەت بۇ ھاياتى ئازاب بىلەن لىق تولغانبىر ئاجىزەگە مۇناسىۋەتلىك پېرسۇناژلار كىملىكىنىڭ ئايان بولۇشىغا ئەگىشىپ قىزبېشىدىكى شۈبھىلىك تۇمانلار سۈزۈلۈشكە باشلايدۇ. قىزنىڭ دادىسى تولىمۇ تۆۋەن ئاڭسەۋىيە ئاستىدا يېتىلگەن ئاتالمىش ئەرلىك غورورى تۈپەيلىدىن ئايالىنىنېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا يەنە كېلىپ قىزنىڭ كۆز ئالدىدىلا پالتا بىلەن چېپىپئۆلتۈرۋېتىدۇ. قىز ئانىسىز قالىدۇ. قىز ھاياتىدىكى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغۇسىزپاجىئە شۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ. دادا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. قىز دادىسىزقالىدۇ. قىزغا ئۇنىڭ تاغىسى ھامىيلىق قىلىدۇ. ئۇ تاغىنىڭ ئائىلىسىدە شۇملۇقئەكىلىدىغان قارغىش مەنبەسى دەپ قارىلىپ دۈشكەلەپ بېقىلىدۇ. دادىسىنىڭ ئاتالمىش«بۇزۇق ئايالنىڭ ئەدىبىنى بەرگەن»لىكى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەر قىز ئوقۇيدىغانمەكتەپكىمۇ ئېقىپ كىرىپ، قىز ھەتتا بىلىم ئالىدىغان، ئىنسانىيلىقنىڭ نىمىلىكىنىبىلدۈرىدىغان بىر ماكاندىمۇ ئوخشاشلا يىتىم قالىدۇ. ساۋاقداشلىرىنىڭ ئارىغائالماسلىقى، مۇئەللىملىرىنىڭ يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەرنەتىجىسىدە ئۇ ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش بىنورماللىقىغا مۇپتىلا بولۇپقالىدۇ. ئەتراپىدىكى ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە مېڭىپ ئىنسان ئاتالغانلاردىن يېتەرلىكمېھرى-مۇھەببەت ئالالمىغان قىزغا تەبىئەتتىكى ھادىسىلەر بەكرەك يېقىن تويۇلىدۇ.قىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاۋاز ئارقىلىق نامايەن قىلىشقا، بالىلىققا خاس چوقانلارئارقىلىق روھىنى سۇغىرىپ تۇرۇشقا پەقەتلا ئىمكانىيەت تاپالماي قالىدۇ. ئەممابۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭدا ھەرىكەت ئارقىلىق ئازابلىرىنى يەڭگىللىتىشتىن ئىبارەت تالانتشەكىللىنىپ قالىدۇ. ئۇ تەبىئەتنىڭ ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ئىنتايىن چىرايلىقئۇسۇللارنى ئوينىيالايدىغان ھالغا كېلىدۇ. قىز تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىپۈتتۈرگەندە قىزغا ھامىيلىق قىلىۋاتقان تاغىلىرى ئۇنى يۇقىرى ئۆرلىتىپ ئوقۇتقۇسىكەلمەيدۇ. قىز تاغىسىنىڭ ئۆزىنى ياتلىق قىلىپ كۆزدىن يوقاتماقچى ئىكەنلىكىنى سېزىپقالغان مەزگىللەردە ئىلگىرىكى ساۋاقدىشى شەمشىنۇر پەيدا بولىدۇ. ئاجىزە پەقەتشەمشىنۇرغا ئەگىشىپ ئۆزىنى ئازابقا دۇچار قىلغان ئۆز ئەتراپىدىكى بۇ تار ھەمئازابلىق دۇنيادىن بىر ئەركىن، كەڭرى دۇنياغا چىقىشنى قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولىدەپ قارايدۇ. شەمشىنۇر بىلەن بىللە شەھەرگە قېچىپ رېستۇراندا مۇلازىم بولىدۇ.
ئەسەر مۇنداق ئەۋجىگە چىقىدۇ:
قىز ئەمدىلا روھى ئازادىلىكنىڭ شوخ مەزمونلىرى بىلەن دىلىنىسۇغىرىپ تۇرۇشىغىلا ئەينى يىللاردىكى ساۋاقدىشى باھادىر پەيدا بولىدۇ. باھادىرنىڭئېزىتقۇدەك سۆز – ھەرىكەتلىرى تەسەللىگە مۇھتاج قىزنىڭ كۆڭلىنى شامدەك ئېرىتىپتاشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر كىمدىن مۇھەببەت ئالالمىغان، بىر كىمگە مۇھەببىتىنىبېرىشكىمۇ قادىر بولالمىغان قىز باھادىرنى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈشكە قەسەم ئىچىدۇ.قىز دەل مانا مۇشۇ سۆيگۈ قەسىمى ئۈچۈن كىشى ئىچى-ئىچىدىن ئۆرتەنگۈدەك ئازابلارغادۇچار بولىدۇ. قىسمەت سالمىسى ئۇنىڭ بوينىغا مەھكەم سېلىنىدۇ. باشتا باھادىرئۈچۈن، كېيىنچە ھەتتا باھادىرنىڭ سۆيگىنى شۇنداقلا زەھەرگە بوينىغىچە پېتىپ كەتكەنكىبارە ئۈچۈن ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا يالىڭاچ ئۇسسۇل ئويناپ پۇل تېپىپ بېرىدۇ.تېخىمۇ دەھشەتلىك بولغىنى باھادىرنىڭ ئۆزىنى باشقىلارغا سېتىپ بەرگەنلىكىنىمۇكەچۈرۋېتەلەيدۇ. بەختكە يارىشا، ئاجىزە ئۆزىنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان چوڭام«ياشىسۇن ئىپپەت» دېگەن جاراڭلىق خىتابى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈپ قۇتۇلۇپ قالىدۇ.باھادىر ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ كىمنى ھەقىقىي ياخشىكۆرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. باھادىرنىڭئېچىنىشلىق مۇھەببەت ھىكايىسى ئاجىزەنى باھادىرغا يەنە كەڭ قۇرساق مۇئامىلەقىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. زەھەرگە خۇمار سۆيگىنى ۋە «سۆيگىنى»نىڭ سۆيگىنى بولغانكىبارە ئۈچۈن يالىڭاچ ئۇسۇل قايتا-قايتا ئوينىلىدۇ. كىبارە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدۇ.باھادىرنىڭ زەھەر خۇمارى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئاجىزە باھادىر ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقىبەدەللەرنى تۆلەش نىيىتىگە كېلىپ بەزمىخانىغا قايتا كىرىدۇ.
ئەسەر مۇنداق ئاخىرلىشىدۇ:
ئاجىزە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزمىخانىدا پۈتۈنلەي يالىڭاچ بولۇش ئۈچۈنچىققان ئاشۇ جىددىي، تەخرسىز شۇنداقلا ياۋايىلار پەلسەپىسى ھوۋلىغان ئاشۇ پەيتتە،مەدەنىيەتلىك جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەققانىي ئاۋازى ياڭرايدۇ. شۇمەھەلدە، يېڭىلائۇيقۇسىنى ئاچقان بىر ئەر قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ. ھەقىقىي بىر ئەرنىڭ ھالالنىيەتلىك بىر جۈپ قولى ئاجىزەنى بەزمىخانىدىن تارتىپ ئاچىقىدۇ. نادىر بىلەن قىز ئۇيەردىن قايتىپ چىقىپ ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا شۈبھىلىك سەۋەبلەر بىلەن قاتناشۋەقەسىگە ئۇچرايدۇ ۋە شەھىدە ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدۇ.
شەھىدە ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىقۋىجدان ئازابىدا قېلىپ، قىزنى تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەيدۇ. بۇ چاغدا قىز ئاللىقاچانيۇرتىغا ئەڭ ئاخىرقى پاناھگاھى بولغان تاغىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ، پانىھ دۇنيادىكىئاخىرقى بۇ باشپاناھىنىڭ كەچۈرمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ.
شەھىدە قىزنىڭيۇرتىغا بېرىپ ئۇنى دەل ماماتلىققا قاراپ ماڭغان ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە ئىزدەپ تاپىدۇۋە قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ. ھېكايە مانا مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ.
ھېكايىدىكى باياننى تۆۋەندىكىدەك تەرتىپىگە كىرگۈزۈش مۇمكىن:
① ھېكايە تاساددىپلىق بىلەن باشلىنىدۇ؛
② تاساددىپلىقنىڭ يېشىلىشىگە پۇرسەت بولمايدۇ؛
③تاساددىپلىق شەھىدەنىڭ گۇمانىغا سەۋەب بولىدۇ؛
④شەھىدەنىڭ گۇمانى ئۇنىڭ ئېرىگە بولغان ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي ۋەيرانقىلالمايدۇ؛
⑤ شەھىدەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشەنچ يۇقۇندىلىرى تاساددىپلىق ۋەگۇمانلارنىڭ يېشىلىشىگە پۇرسەت يارىتىدۇ؛
⑥ مېھراي شەھەرگە كىرىش (تاپتىن چىقىش) ئارقىلىق روھىيتەسكىنلىككە ئېرىشىدۇ؛
⑦ مېھراي باھادىردىن تېخىمۇ زور تەسەللى تاپماقچى بولىدۇ،مۇھەببەت دۇنياسىغا غەرق بولىدۇ، باھادىرنىڭ ياخشى – يامان يېرىنىڭ ھەممىسىنىياخشى كۆرىدۇ؛
⑧مېھراي مۇھەببىتى دەپ ھېسابلىغان باھادىر ئۈچۈن قارىغۇلارچەبەدەل تۆلەيدۇ؛
⑨باھادىر ساختا مۇھەببەت سەۋداسىنىڭ كاساپىتىگە كەتكەنكىبارەنىڭ ياخشى – يامان يېرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرىدۇ؛
⑩باھادىر مۇھەببىتى دەپ ھېسابلىغان كىبارە ئۈچۈن قارىغۇلارچەبەدەل تۆلەيدۇ؛ ھەتتا ئۆزىنى سۆيگەن يەنە بىر كىشىنىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەلتۆلەتكۈزىدۇ؛
⑪مېھراي ئىپپىتىنى قوغداش بىلەن مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەلتۆلەشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە ئاخىرى كېيىنكىسىنىتاللاشقا جۈرئەت قىلىدۇ؛
⑫مېھراي باھادىرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ يەنەئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، بەدەل تۆلەش ئەڭ ئاخىرقى چەككە يەتمەكچى، قىز پۈتۈنكىيىملىرىنى سېلىۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغان ئاشۇ پەيتتە نادىر پەيدا بولىدۇ.
⑬قىز نادىر تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ؛
⑭شۈبھىلىك سەۋەبلەر بىلەن قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ نادىربىلەن قىز دوختۇرخانىغا  كىرىپ قالىدۇ؛
⑮ شەھىدە ھەر ئىككىلىسىنى داۋالايدۇ؛
⑯ قىز شەھىدەنىڭ «كۈندەشلىكى» سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتىدۇ؛
⑰قىزنىڭ ھامىيلىرىمۇ ئۇنى قوينىغا ئالمايدۇ؛
⑱قىز ئۆلىۋالماقچى بولىدۇ؛
⑲شەھىدەنىڭ ۋاستىسى بىلەن قىز ئەڭ چوڭ كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ،قىزنىڭ ھامىيلىرىمۇ ئۇنى قوينىغا ئالىدۇ؛
جانابىي كىتابخان، سىز يۇقىرىدا ئەسەرنىڭ قانداقباشلانغانلىقى، راۋاجلانغانلىقى، نېمە سەۋەبتىن ئەۋجىگە چىققانلىقى ۋە قانداق ئاخىرلاشقانلىقى ھەققىدە ماكرولۇقئۇچۇرغا ئىگە بولدىڭىز. ئاپتور مېھرىگۈل ئابلېز نەزەرنىڭ قەلىمىدىن، مۇھەببىتىدىنئېقىپ چىققان ئول ھېكايىنىڭ مېغىزلىق مەزمونىنى پەرەزلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىڭىز.تۆۋەندىكى سەھىپەمدە سىزگە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ئەنە شۇ ھېكايىنىڭيەتمەكچى بولغان مۇددىئاسىنى قىياسەن ئىزھار قىلىمەن.
ھېكايىنى دەسلەپتە ئوقۇغانلىرىمىز، روزىغارىدىن خاۋاتىرلەنمەيبەختىيارلىق ئىلكىدە ياشاۋاتقان نادىرنىڭ ئۆزى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق بىر قىزنىقۇتقۇزۇشىغا، شەھىدەدىن ئىبارەت مەسئولىيەتچان ئايالدا تەبىئىي شەكىللىنىشئېھتىماللىقى بولغان بىر قاتار مۇرەككەپ پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى يېڭىپ ئېرىنىڭساخاۋەتلىك ئىزىنى بويلاپ ماڭالىشىغا، باھادىرنىڭ ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن قىلغانرەزىللىكلىرىنىڭ كىشىنى يەنىلا ھاياجانغا سېلىشىغا، ئەسەردىكى بارلىقرەزىللىكلەرگە باش بولۇۋاتقان چوڭامنىڭ پەيتلىك ھەقىقەتكە قايتىشلىرىغا «ئەجىبا»بىلەن باشلىنىدىغان بىر قاتار سۇئاللارنى ياغدۇرۋېتىشىمىز مۇمكىن.
بۇنىسى ھېچقانچە ئەيىپ سانالماسلىقى كېرەككى، بۇ بىزنىڭتەئەججۈپلۈك پىكىرىي خىياللىرىمىزغا چىلىنىپ تۇرۇپ، ئەسەرنىڭ يېزىلىشىدىكى مۇددىئانىئىزدەش ئۈچۈن ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلىشقا باشلىغىنىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاشۇنداقشۈبىھەگە تولغان سۇئاللارنى سورىيالىغىنىمىز ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدەئاقىلانە ئوقۇرمەن ئىكەنلىكىمىزنى، ئەسەرگە چوڭقۇرلاپ كىرىشكە جۈرئەتقىلالىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. مانا شۇ چاغدىلا بىز ئەسەردە لىللا بىر تەلەپ،شۇنداقلا ئالىجاناپ بىر ئارزۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايقاشقا نائىلبولالايمىز.
ئەسەردە ئېلىشىۋاتقان«ئاق»(ھەققانىيلىق) ۋە «قارا»(رەزىللىك) تىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ جىددى كۈرىشىئوتتۇرىغا چىقىرىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا «ئاق» تەرەپنىڭ يېڭىشى بىلەن ئەسەرنىئاخىرلاشتۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت بىر پۈتۈن جەريانغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بىر ئالىئىستەكنىڭ بۇ ئەسەرگە شۇ قەدەر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. شۇنداقلا يەنە رەزىللەرتولۇق يوقىتىلدى دەپ قارالغان ئاشۇ پەيىتتە نادىر بىلەن مېھراينىڭ شۈبھىلىك قاتناشۋەقەسىگە يولۇقۇشىدىن ئىبارەت ئۇچۇرلارنىڭ نېمىلەرنى بىشارەتلەۋاتقانلىقىنىمۇسېزىپ ئالالايمىز. ئۇنداقتا ئەسەردە روي بېرىۋاتقان بۇ ئالى ئىستەك ياكى ئەسەرئەمەلگە ئاشۇرغان مۇددىئا نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
بىلىش تەس ئەمەسكى، ئەسەر «بىزگە قانداق ئەرلەر ۋە قانداقئاياللار كېرەك؟» دەيدىغان مۇھىم ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە سۇئالغا يېتەرلىكجاۋاب بېرىشقا تىرىشقان. جاۋاب جەمئىيەتنىڭ كىچىك بىر كارتىنىسىنى ئاساس قىلغان. ئېنىقىنىدېگەندە، ھەققانىيلىققا ھەمراھ بولالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپچىقىش ئارقىلىق «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»نىڭ پايانىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇش ئەسەر رويبېرىۋاتقان ئالى ئىستەك شۇنداقلا مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەينى مۇددىئاسى بولۇشقاھەممىدىن يېقىن كېلىدۇ. مانا مۇشۇ ئالى ئىستەك ۋە مۇددىئانى بايقاپ چىققىنىمىزدىلائەسەر، ئاندىن قالسا ئەسەر ئاپتورىنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدلىرىنى بىلىپيېتەلىشىمىز، مۇشۇ ئۈمىدلەرنى ئۆزىمىزنىڭ رىئاللىقىمىزغا باغلاپ چىقالىشىمىز،ئۆزىمىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جەمئىيەتتە ئەسەردىكىگە ئوخشاش ئىشلارغا دۇچ كەلگەندەئۆزىمىز ئەسلىدە ئوينىماقچى بولغان رولىمىزنىڭ زادى قانداق بولۇش كېرەكلىكىنىئويلاپ يېتەلىشىمىز مۇمكىن.
ئىشىنىمەنكى، مۇرەككەپ زىددىيەت-كۈرەشلەرنىڭ سەۋەب -نەتىجىسىنى جايى-جايىغا كەلتۈرۈپ، ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ خېلى چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بۆسۈپ كىرەلىگەن سەگەك  ئوقۇرمەن يۇقىرىدا دېيىلگەن مۇددىئالاردىنخەۋەر تاپالىغىنىدا، ئۆزىدە «نادىر» ھەم«شەھىدە» كەبى بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ بولۇشىكېرەكلىنى ھېس قىلىپ ئالالايدۇ.
1.2 ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەندىكى ئىنكاسلىرى
خوش، ئۇنداقتا «ھەققانىيلىققا جور بولالايدىغان تېخىمۇ كۆپئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش»تىن ئىبارەت ئەسەر مۇددىئاسىنى چۈشىنىپ يېتىشجەريانىدا بىز ئوقۇرمەنلەردە قانداق ئىنكاسلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟
«مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»نىڭ بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇشسۈپىتىم بىلەن مەندە تۆۋەندىكىدەك ئىنكاسلار پەيدا بولدى.
1– ئىنكاس: خەلقنى سۆيۈشنىڭ كونكرت بىرئۇسۇلى كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ
ئۇرۇش ۋە باشقا باشقا ئاپەتلەر سەۋەبىدىن بىر پۈتۈن خەلقنىڭبېشىغا كۈلپەتلەر كەلگەندە بىر ئادەمنىڭ قۇربانلىقى بەدىلىگە شۇ ئاپەتنى يوقاتقىلىبۇ ئارقىلىق شۇ خەلقنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان كونكرىت ئادەملىرىنىبەختكە ئېرىشتۈرۈش مۇمكىن بولسا، ئۇنداقتا، بۇنداق بەدەل توغرا چۈشىنىلىدۇ. ئەمما،بۈگۈنكىدەك تىنىچلىق ۋە تەرەققىيات ئاساسى مۇقامى بولۇۋاتقان دەۋردە خەلقتىن ئىبارەتبۇ ئابستىراكت ئۇقۇمنى كونكرتلاشتۇرۇپ سۆيۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ دەۋردە خەلقنىڭھەربىر ھۈجەيرىسىنى ئاسرىغانلىق، سۆيگەنلىك ياكى ئۇنىڭغا مۇھەببىتىنى بەرگەنلىكتولىمۇ قەھرىمانانە روھ سانىلىشى كېرەك. لېي فىڭمۇ خەلقنىڭ ياردەمگە ھاجەتلىكىھەربىر ئەزاسى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق، ئالىمجان خالىقمۇھەربىر زىخ كاۋاپنى سېتىپ تاپقان پۇلىنى خەلقنىڭ كونكرت ئەزالىرىغا بىر-بىرلەپئېھسان قىلغان ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خەلقنى كونكرت سۆيۈش دەۋرىمىزدىكىخەلقپەرۋەرلىكنىڭ بىرتۈرلۈك جانلىق كارتىنىسىدۇر.
مېنىڭچە، «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» ناملىق ئەسەر ھاسىلقىلغان ئۈنۈم دائىرىسىدە خەلقپەرۋەرلىكنىڭ يۇقىرىقىدەك جانلىق كارتىنىسىنىسۈرەتلەش ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەندەك قىلىدۇ. ئەسەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان نادىرۋە شەھىدەدىن ئىبارەت ئىككى پېرسۇناژنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىجتىمائىي مۇھىت كەلتۈرۈپچىقارغان مۇرەككەپ پىسخىكىلىق توقۇنۇشلارنى يېڭىپ چىقىپ خەلقنىڭ كونكرت بىر ئەزاسىبولغان مېھرايغا ئىلگىر-كېيىن ياردەم قىلىدۇ. نادىر ئادەتتىكى ئادەملەردە تەبىئىيمەۋجۇت بولغان «ئۆزىنىڭ ئىشىنى بىلىش، ئوشۇقچە ئىشلاردىن خالىي بولۇش» تىن ئىبارەتخاتىرجەم ياشاش مەنتىقىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئاجىزەگەياردەم قولىنى سۇنىدۇ. ئاشۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماشا كۆرۈۋاتقان باشقا «ئاغىنىلەر»بار ئىدى. نادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ «ھەممىنى كۆرۈپ، تېتىپ، بىلىپ باققۇچىلارتوپى»نىڭ بەزمىخانىغا كېلىشتىكى ئاۋۋالقى مەقسىتى ھەرگىزمۇ مۇھتاجلارغا ياردەمقولىنى سۇنۇش ئۈچۈن بولمىغان ئىدى. مۇشۇ تەرەپنى كۆزدە تۇتقان ھالەتتە شۇنداقكەسكىن ھۆكۈم چىقىرىش كېرەككى، نۆۋەتتىكى تۇرمۇش رېتىمىدا ئادەتتىكى ئادەملەر بىرجايغا توپلانغاندا قانۇنغا مۇخالىپ بولمىغان ھەرىكەتلەر ئېتىكىلىق ئۆلچەملەرنىڭرولىنى ئاجىزلىتىدۇ. يەنى، نادىر دوست تارتىشىپ كىرىپ قالغان بۇ سورۇننى نادىر ھەمنادىردىن باشقا نۇرغۇنلىغان كونكرت ئادەملەر تەشكىل قىلغان. ئەگەر ئۇلارنىڭ قايسىبىرىگە«سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭ خاتا، بۇ يەرگە كەلمىسەڭ بولمامدۇ؟» دەپ سۇئالقويساق ناھايىتى ئەخمەقلىق ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئەمدى ئادەتتىكى نورمال، قانۇنىيكۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان «يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناش» تىنئىبارەت قانۇنسىز پائالىيەتنىڭ مۇشۇ يەرگە كەلگەن ئادەملەرنىڭ نورمال قۇبۇلقىلىۋېرىشىنى قانۇنسىز قىلمىش دەپ باھالاشقا بولامدۇ-يوق؟ بۇنىسى قانۇن بىلەنھەپىلىشىدىغان سەگەك ئوقۇرمەنلەرگە ئايدىڭ مەسىلە.
2 – ئىنكاس: قەھرىماننىڭ بارلىققا كېلىشجەريانىدىكى زىددىيەتلىك ھالەتلەر جانلىق سۈرەتلەنگەن
ئەسەردىكى ۋەقەلىكنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ئەسەردە نادىر،مېھراي ۋە شەھىدەدىن ئىبارەت بىر نەچچە پېرسۇناژنى قەھرىمان دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
خوش، جانابىي ئوقۇرمەن بىزنىڭ بىرىنچى قەدەمدە كۆڭۈل بۆلمەكچىبولغىنىمىز شۇكى، كۆپ سانلىق ئادەملەرنىڭ ئاۋاز قوشقىنىنىڭ ئۆزى ھەقىقەت دەپقارىلىۋاتقان ئىجتىمائىي رىئاللىقىمىزنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە «بەزمىخانا»سىدا،نادىردىن ئىبارەت بۇ كىشىنىڭ ئوخشاش مەقسەت ئۈچۈن كىرگەن باشقا ئاغىنىلىرىدىنپەرقلىق ھالدا ئۆزىگە قىلچە مۇناسىۋەتسىز بىر ئاجىزەگە «كارى بولالىغانلىقى»دىنئىبارەت مۇھىم مەسىلىدۇر. ئەسەردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، نادىرنىڭ بۇ بەزمىخانىغا«مېھراينى قۇتۇلدۇرسام بولاتتى» دېگەن نىيەت بىلەن كىرمىگەنلىكى پاكىت . بۇنۇقتىدا بىز قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ بۇ جەمئىيەتنىڭ «قاتناش قائىدىسى»گەرىئايە قىلالمىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالالايمىز. ئىجتىمائىي رىئاللىقىمىزنىڭيۇقۇندى ئىنكاسىنى بەدىئىي يول بىلەن ئىپادىلەشنى خاراكتېر قىلغان ئەدەبىيات مانامۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزىدە ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك چىنلىقنى نامايىش قىلىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئەمەلدارلىق ئىستىلى، ئائىلە ئىستىلى ۋە باشقائەنئەنىۋى يوسۇنلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئادەم قانداق قىلىپ ئۆزى بىلەنمۇناسىۋەتسىز يەنە بىر ئادەمگە ياخشىلىق قىلىش ئىستىلىنى شەكىللەندۈرەلىدى؟ يەنەكېلىپ «تاپتىن چىقىش» داۋاملىشىۋاتقان ئاشۇ پەيتتە قانداق قىلىپ بۇنى ئەمەلگەئاشۇرالىدى؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتە بۇ يەردە ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۆتۈپكېتەلمەيۋاتقان بىر نۇقتا مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ ئادەم پىسخىكىسىدىن ئىبارەت تولىمۇنازۇك ساھەدۇر.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بۈگۈنكىدەك تېز ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىيرىئاللىقىمىزدا ھەرقانداق ئادەم ئۆز پىسخىكىسىنى ھەرقاچان تۇراقلىق ھالەتتەساقلىيالايمەن، دېيەلمەيدۇ. ئازاب بىلەن خوشاللىقنىڭ ئالمىشىشى، ياخشىلىق بىلەنرەزىللىكنىڭ كۈرىشى ھەر زامان پىسخىكىمىزنىڭ يۈزە ھەم تىرەن قاتلاملىرىدا مەۋجۇتبولۇپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، قايسىسى يۈزە قاتلامدا ئاۋۋال ئىپادىلەنسە بىزنىڭباشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىمىز شۇ بويىچە بولىدۇ. ئەمدى نادىرنىڭ ئاشۇبەزمىخانىغا كىرىشىنى ئۇنىڭ پىسخىكىسىدىكى يۈزەكى قاتلامدا رەزىللىك لەيلەپچىقىۋالدى، دەپ كەسكىن ھۆكۈم قىلالمىساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنىڭئەنئەنىۋى پەرھىزىگە مۇخالىپ ئىش قىلغانلىقى پاكىت ھېسابلىنىدۇ.
ئەسەردە نادىرنىڭ «بىز ئەرلەر قاچاندىن بېرى ئۆزىمىزنىڭقىزلىرىنىڭ بەدىنىنى تاماشا قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى خوش قىلىدىغان بولۇپقالدۇق...» دېگەندەك مونولوگى بېرىلىدۇ. نادىرنىڭ مۇشۇنداق سورۇنغا تونجى قېتىمكەلگەنلىكى ھەققىدىكى باشقا ئۇچۇرلارمۇ بار. بىز مۇشۇلارنى بىر يەرگە يىغىپئويلىنىپ كۆرسەك، ئادەتتىكى تۇرمۇشنى نورمال كەچۈرۈۋاتقان، ئائىلىسىگە سادىق دەپقارىلىپ كەلگەن، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ئەمەلدار ھېسابلانغان نادىرنىڭبىردىنلا ئېغىر دەرىجىدە تاپتىن چىقىشى ئۇنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدە تۇيۇقسىزئويلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پىسخىكىسىدىكى قاتلاملارنىڭ ئالمىشىشىنى ناھايىتىتېز ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇشى، نەتىجىدە كۆز ئالدىدا تۇرغان بىر ئاجىزەگە نىسبەتەنبۇرچ ئېڭى جىددى ئويغانغان بولۇشى مۇمكىن. قارىغاندا، بىز بۇ يەردە ئەسەردىكى بۇئىككى شەخسنىڭ بەزمىخانىغا كىرىشىنى تېخىمۇ كونكىرت سېلىشتۇرما قىلىپ ئوتتۇرىغاتاشلىساق مۇلاھىزىمىز يەنە بىر قەدەم چوڭقۇرلىشىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەسەردىكى:
نادىر ـــــ كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەنبەزمىخانىغا كىرگەن.
مېھراي ـــــ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدەئامالسىزلىقتىن بەزمىخانىغا كىرگەن.
نادىر بىلەن مېھراي پۈتۈنلەي پەرقلىق مەقسەتتە ئوخشاش بىرئورۇنغا يىغىلغان. يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ھېلىقىپەرقلىق نۇقتىلارمۇ بىر-بىرىگە سوقۇلغان.
قاراڭ، ھۆرمەتلىك كىتابخان، ئالدىمىزدا پۈتۈنلەي ئوخشاشبولمىغان ئىككى خىل مەقسەتتە جەمئىيەتنىڭ بۇ تار بولۇڭىغا كىرىپ قالغان ئىككىئادەم تۇرۇپتۇ. بىرى ئۆزى تەۋە بولغان جامائەت بىلەن توغرا-خاتاسىنى ئۆزلىرىمۇبىلمەيدىغان ھەرىكەتنى كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ بىلىدۇ. يەنە بىرى، ئۆزىتەۋە بولغان بىر ئادەم ئۈچۈن توغرا-خاتاسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا بەدەل تۆلەيدۇ. بىرى،ئىختىيارى ھالدا ھوزۇر ئىزدەيدۇ. يەنە بىرى، مەجبۇرىي ھالدا بەدەل تۆلەيدۇ.شۇنداق، «مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن» دېگەن شۇ-دە !
ئۇنداقتا «مۈشۈك» قانداق قىلىپ كۆز ئالدىدا تۇرغان ئولجا«چاشقان»ننى يېمەي قويدى؟ ئەكسىچە، بۇ «چاشقان»نى «مۈشۈكلەر ئۇۋىسى»دىن قۇتۇلدۇرۇپچىقتى؟
ناھايىتى ئېنىقكى، ھايۋانلىق ھالىتىدە تۇرۇپ بۇ «مۈشۈك»نىڭ«چاشقان»نى يېمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، «مۈشۈك» تۇيۇقسىز ئىنسانغا ئۆزگىرىپقالسا بۇ باشقا گەپ. دېمەكچى بولغىنىمىز، ھايۋانلىق تەبىئەتتىن ئىنسانلىق ھالىتىگەجىددىي قايتالايدىغان مۇرەككەپ ئىنسان پىسخىكىسى ئاجىزەنىڭ نادىر تەرىپىدىنقۇتۇلدۇرۇلۇپ چىقىلىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق تاساددىپئىنسانلىققا قايتىش ئەسەرنىڭ باشقا يەرلىرىدىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. مېھراي زەھەرگوروھىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ قولىدىن پاك پېتى قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ. مېھراينى يالىڭاچئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇر قىلغان باھادىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىدۇ. ئۇنى ئەزەلدىنكەچۈرۈشنى ئويلاپ باقمىغان تاغىسى ئۇنى قوينىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەرەپلەرئەسەرنىڭ يارقىن نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ يەردە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقاتېگىشلىك نۇقتا شۇكى، شۇنچە ئەرلەرنىڭ ئىنسابقا قايتىشىغا سەۋەبكار بولغان، يولدىنچىققان بىر قىزدا زادى قانداق سېھرى كۈچ بولۇشى مۇمكىن؟
3-ئىنكاس:  بىر ئاجىزەنىڭ تاپتىن چىقىشىنىڭ بىر خىل ئارقاكۆرۈنۈشى سۈرەتلىنىپتۇ
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئالدى بىلەن قىزدا تىراگىدىيىلىككەيپىيات ئىنتايىن تەبىئىي ئىپادىلەنگەن. ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئالاھىدە سورۇنداتاپتىن چىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى قوغداۋاتقان ساددا قىزنىڭ كۆزلىرىگەشۇنچىلىك مادار بېرىلگەن ئىكەنكى، ئەقلى بۇلغىنىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەرقانداقئادەم بۇ كۆزلەرگە بىر قاراپلا قىزنىڭ يالىڭاچ ئۇسۇلنى قانچىلىك دەرىجىدە مەجبورىئويناۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر ئىلاجىسىزلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئالالايدۇ. مانا بۇنادىرنىڭ قىزنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشىغا قوزغاتقۇچ بولغان مۇھىمتەرەپتۇر. شۇنداقلا، ئەسەرنىڭ يېزىقتىن شەكىللىنىدىغان مەۋھۈم ئۈنۈم ئارقىلىقھەقىقىي كۆرۈنۈش ياساشقا ئۇرۇنۇشىنى ئېنىق ھېس قىلالايدىغان يەرلىرى بولۇپ، بىزئەسەرنى ئوقۇپ شۇ قۇرلارغا كەلگەندە خۇددى شۇ قۇرلاردىن ئېكران ياسىلىۋاتقاندەك،ئېكراندىكى سەھنىدە ئەشۇ قىز كىشىگە تارتىنىش بىلەن كەسكىن قارارنىڭ ئارىلىقىدىكىگىرەلەشمە تۇيغۇلارنى بېرىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. بولۇپمۇ ئەسەرنىئىككىنچى قېتىم ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ خىل غىدىقلىما تۇيغۇ قەلبىمىزگە بىرخىلشىددەتلىك تىترەك ئېقىمى ياساپ بۆسۈپ كىرىدۇ.
ئىككىنچى تۈرلۈك سەۋەب شۇكى، قىزدىكى كۈچلۈك ئىپپەت قارىشىكىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلالايدۇ. قىز كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا يالىڭاچ ئۇسسۇلئوينايدۇ. بۇ قىزنىڭ پەردىنىڭ ئالدىنقى تەرىپىدىكى كۆرۈنۈشى خالاس. قىز يەنەچوڭامنىڭ زورلۇقلىرى ئالدىدا«ئىپپەت مېنىڭ جېنىمدىنمۇ مۇھىم» دەپ توۋلىيالايدۇ.مانا بۇ قىزنىڭ پەردىنىڭ كەينىدىكى ھەقىقىي قىياپىتى، ئىچكى دۇنياسىنىڭ جاراڭلىقخىتابنامىسى. ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نۇرانە خىسلىتى. قىز ۋۇجۇدىدىكى ماناشۇ خىسلەت، مانا شۇ سېھرىي كۈچ ئۇنىڭ رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالىشىغا،باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان باھادىرنىڭ راست گەپقىلىشىغا، تېخىمۇ مۇھىمى ئەسەردىكى مۇھىم بىر قەھرىماننىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگەكاتالىزاتور بولغان ئامىلدۇر.
ئۇنداقتا، قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بۇنداق ئىپپىتىنى قوغداش ئېڭىزادى نەدىن كەلگەن؟ يالىڭاچ ئۇسسۇل ئوينىغان ئادەمدىمۇ ئىپپەت ئېڭى بولامدۇ؟
شۇنى كەسكىن ھۆكۈم قىلىش كېرەك، دادىسىنىڭ كۆز ئالدىدىلائانىسىنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۋەتكەن ئاشۇ كۆرۈنۈشى قىز ۋۇجۇدىدىكى ئىپپەتئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. ئويلاپ كۆرەيلى،  كۆز ئالدىمىزدىلا دۇنيادىكى ئەڭ يېقىنكىشىمىزنى دۇنيادىكى يەنە بىر ئەڭ يېقىن كىشىمىز ئۆلتۈرۋەتسە، يەنە كېلىپ ئۆلتۈرۈشنىڭسەۋەبى «ئىپپىتىڭنى ساقلىمىدىڭ» بولسا ئۇنداقتا بىزدە زادى قانداق خاتىرە قېلىشىمۇمكىن؟ ئېڭىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئەشۇ پەيتتىكى ھەربىر ئاۋاز، ھەربىرھەرىكەت شۇنداقلا بارلىق مەنزىرە بىرگەۋدىلىشىپ قانداق ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈش پەيداقىلاتتى-ھە! بۇنىسىنى يەنە زورۇقۇپ دەپ ئولتۇرمىساقمۇ دانا كىتابخانلىرىمىزناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىۋالالايدىغۇ دەيمەن. بۇ يەردە يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەي،ئەسەردە مانا مۇشۇ كۆرۈنۈش ۋە ئۇنىڭدىن قېپقالغان خاتىرە چىڭ تۇتۇلۇشى، كۆپ يەردەتەكرارلىنىشى، مېھراينىڭ چۈشلىرىدىن رىئاللىقىغا بولغان ھەممە ھەرىكەتلىرىگە قەدەرسىڭىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. مانا مۇشۇ چاغدىلا ئوقۇرمەننىڭ «مېھراي»نى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشبىنورماللىقىغا مۇپتىلا قىلغان ئىجتىمائىي مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىشىغاياردىمى بولار ئىدى. بۇلار مېنىڭ شەخسىي ئارزۇيۇمدىن ئىبارەت خالاس. ئېھتىمال،بۇنداق خاتىرە ئەسلىدىنلا بولماسلىقى كېرەكتۇ ياكى مېھراي خۇددى كومپىيوتېرنىڭئۆچۈرۈش بويرۇقىنى ئىجرا قىلغاندەك بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىيالىغاندۇ!ئېھتىمال، بۇ نۇقتىغا يېتەرلىك ئېتىبار بەرمەسلىك ئەسەرنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇشۋە جەلپكارلىققا ئىگە قىلىشقا مەلۇم توسالغۇ پەيدا قىلغاندۇ!؟ ئېھتىمال، بۇ يەردەئوقۇرمەنگە مۇھىم بىر بوشلۇق قالدۇرۇلغاندۇ...
«مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»دىن چىقىش
2. زىددىيەتلىك(ئىككى ياقىلىما)پېرسۇناژلار، پېرسۇناژلار ئىنكاسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر
ئادەتتىكى تۇرمۇش ئەسلىدىن زىددىيەتكە تولغان. بۇنى شۇدائىرىدە پائالىيەت قىلغۇچى ئادەمنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىكى مۇرەككەپلىك بەلگىلىگەن.رىئاللىقىمىزنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى سۈپىتىدىكى «مۇھەببەتكەتولغان دۇنيا»غا قارايدىغان بولساق، ئەسەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان پېرسۇناژلارنىڭھەممىسىدە دېگۈدەك بۇ خىل ھالەت ئېنىق گەۋدىلەنگەن.
2.1 ئەسەردىكى زىددىيەتلىك پېرسۇناژلارنىئېنىقلاش
2.1.1 نادىر
باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ئەمەلدار، مۇۋەپپىقيەت قازانغاندەپ قارالغان نادىر ئۆزى تەۋە بولغان خەلق «كۆرسە يامان بولىدۇ» دەپ قارايدىغان ئىشلارنىكۆرىدۇ. تاپتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ يەنە ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولغان بىرئادەمنى يامان يولدىن قايتۇرماقچى بولىدۇ.
2.1.2 شەھىدە
ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ سۆز – چۆچەكلىرىگە ئاساسەن ئېرىنى «چوقۇمتاپتىن چىقىپ كەتتى»دەپ بىلگەن شەھىدە دوختۇر «كۈندىشى»نى يەنىلا ئوپراتسىيە قىلىپھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ. خەتەردىن قۇتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۋەتمەكچىمۇبولىدۇ. «سەن مېنىڭ كۈندىشىم» دەپ قاراپ تۇرۇپ قىزغا خەيرىخاھلىقمۇ قىلىدۇ، ئۆزىگەسىڭىل قىلىۋالىدۇ.
2.1.3 مېھراي
بىر قىز سەھنىدە يالىڭاچ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. سەھنىدىن چۈشكەندىنكېيىن قاتتىق ئازابلىنىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى مۇھەببىتىم ئۈچۈن قىلدىم دەپ بىلىدۇ.ئاتالمىش سۆيگىنى ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى دەپسەندە قىلىدۇ. ئۇنى باشقىلارغا سېتىۋېتىدۇ.ئەمما ئۇ قۇربان بېرىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانسۆيگىنىنىڭ سۆيگىنى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدۇ. ئادەتتىكى تونۇشىمىزدا پۈتۈنلەي «ياغلىققاپاق» بولۇپ بولغان بۇ قىز ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلالايدۇ.
2.1.4 باھادىر
باھادىر كىبارەنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن قانۇنسىز ئىشلارنىقىلىشتىن، ھەتتا ئۆزىنى سۆيگەن بىر قىزنىڭ مۇھەببىتىنى دەسمىي قىلىشتىنمۇئايانمايدۇ. مانا مۇشۇنداق مەقسىتىگە يېتىشتە ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان بۇئادەم ئاخىرىدا مېھراينىڭ ئۆزى ئۈچۈن داۋاملىق بەدەل تۆلەۋېرىشىگە چىدىماي قالىدۇ.مېھرايغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلىدۇ. زەھەرتاشلاشقا قايتا-قايتىلاپ ئەھدە قىلىدۇ. ئۆز-ئۆزىگە توختىماي ئېچىنىدۇ. مېھراينىگۇناھقا شېرىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
2.1.5 كىبارە
ياندىن بايان قىلىنىۋاتقان بۇ قىز ئەسەردە نامسىزتەسۋىرلەنگەن يەنە بىر كىشى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ خىروئىنغا خۇمار بولۇپقالىدۇ. كىبارە خۇمارىنى باستۇرۇشقا كېتەرلىك زەھەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن باشقانۇرغۇنلىغان ياشلارنى ئۆزى بىلەن ئوخشاش يولغا باشلاپ كىرىدۇ. ئەمما، باھادىرنىڭئۆزىنى ھەقىقىي سۆيىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا زەھەرلىك قولىنىسوزمايدۇ.
2.1.6 چوڭام
ئەسەردە بىرلا يەردە ھەقىقىي ئوتتۇرىغا چىقىدىغان قىستۇرماپېرسۇناژ بولۇپ، ئۇ شۇ شەھەردىكى زەھەر گوروھىنىڭ كاتتىبېشى. ئەسەردىكى كىشىلەرنىڭكۈلپەتلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇشىغا ۋاستىلىك رېژىسسورلۇق قىلغۇچى. مانا مۇشۇنداققىلمىغان ئەسلىكىلىكى قالمىغان رەزىل بىر ئادەممۇ مېھراينىڭ ئىپپەت ھەققىدىكىجاراڭلىق خىتابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەيتلىك ھەقىقەتكە قايتىدۇ. شۇنىڭ شاراپىتىدەمېھراي پاك پېتى رەزىللەرنىڭ ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېتىپلا قالماي يەنە باھادىرمۇ«كەچۈرۈم»گە ئېرىشىدۇ.
2.1.7 تاغا
مېھراينىڭ كېيىنكى ھامىيسى بولغان تاغا قىزنى دۈشكەلىسىمۇ،ئۇرسىمۇ، تىللىسىمۇ بەرىبىر بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. قىز شەھەردە بىر مۇنچەپىشكەلچىلىككە دۇچار بولۇپ چىقىش يولى تاپالماي قايتىپ كەلگەندە قىزنى دەماللىققاكەچۈرۋېتەلمەي قىزنىڭ ماماتلىق يولىنى تاللىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەمما ئاخىرىدايەنىلا ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ. قىزنىڭ ئانىسىنىڭ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپقېلىشى سەۋەبىدىن قىزغا ھەم ئۆچلۈك قىلىدۇ ھەم قىيالمايدىغان زىددىيەتلىك ھالەتتەتۇرىدۇ.
يۇقىرىدا ئەسەردە زىددىيەتلىك تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژلار بىلەنيەنە بىر قېتىم تونۇشۇپ چىقتۇق. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالىمىزكى، پېرسۇناژلارنىڭزىددىيەتلىك ھالەتلىرىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق نورمال ئادەم سۈپىتىدىكى ئوبراز يارىتىشمەزكۇر ئەسەرنىڭ چىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. ھەممىزگە مەلۇمئەسەردىكى چىنلىقنىڭ دەرىجىسى ئۇنىڭ جەلپكارلىققا ئىگە بولۇشىدا ئەڭ مۇھىم ھالقا.ئەسەردە مۇشۇ مۇھىم ھالقا چىڭ تۇتۇلغاچقا تىپلارنىڭ تەبىئىي ئوتتۇرىغاچىقىرىلىشتىن ئىبارەت بەدىئىي ئۈنۈم قازىنىلغان. شۇڭلاشقا بىز، مەزكۇر ئەسەردەيارىتىلغان يۇقىرىقى ئەسەر پېرسۇناژلىرىنىڭ چىنلىققا يېقىنلىشىشىدا تۈرتكە بولغانزىددىيەتلىك ھالەتلەرنى رىئاللىقىمىزغا باغلاپ كۆرۈشكە تامامەن ئىمكانىيەتتاپالايمىز. شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى، ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمىزدە ئەسەر كەبىقىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەندە ئويناشقا تېگىشلىك رولىمىز ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىكبۇرچىمىزنى ھېس قىلىشقا قادىر بولالايمىز.
ھۆرمەتلىك كىتابخان، ئەمدى بىز ئەسەردىن ئالغان مۇشۇ ئىلھامىمىزنىڭتۈرتكىسىدە، ئەسەردىكى پېرسۇناژلاردا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قايتاقاراپ چىقايلى. شۇنداقلا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەسەردىكى پېرسۇناژلار قىسمىتىگە تۇترۇقبولغان ئىجتىمائى مەسىلىلەرنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى ئىستەكلىرىمىزنىمۇئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى.
2.2 پېرسۇناژلار ئىنكاسىدىكى ئىجتىمائىيمەسىلىلەر
2.2.1 قىزنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن پاجىئە مەسىلىسى
نارەسىدە قىزنىڭ كۆز ئالدىدىلا دادىسىنىڭ ئانىسىنىئۆلتۈرۈۋېتىشىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، مەزكۇر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە يۈزەكىھەل قىلىش ئىستىكىمىزنى تۆۋەندىكىدەك تەخمىن قىلىش مۇمكىن:
A سەۋەب: دادىنىڭ تاربىلىش دائىرىسى ئۇنىڭ تۆۋەن سەۋىيىدىكى ئەرلىك غورور ئۆلچىمىنى بەلگىلىگەنلىكىئۈچۈن بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن؛
ھەل قىلىش ئىستىكى:
دادىنىڭ بىلىش قۇرۇلمىسى ئەلا بولۇشى كېرەك ئىدى. نېمىنىڭئەرلىك غورور ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.
B سەۋەب: دادىنىڭتۆۋەن سەۋىيىدىكى ئەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىشىگە دادا ئەسلىدىن تەۋەلەنگەن ئائىلە ۋەئەتراپ ئىجتىمائىي مۇھىتى مۇنبەت تۇپراق بولغان؛
ھەل قىلىش ئىستىكى:
دادىنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئائىلەتەربىيىسى ياخشى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەتراپ ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ كونترول قىلىشكۈچى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك ئىدى.
Cسەۋەب:دادا يەنى ئۆيدىكى ئەركىشى يوق چاغدا قوشنىسى بولغان يەنە بىر ئەر ئۆيگە كىرمىسەبولار ئىدى. بۇ كىشىلەر تەۋەلەنگەن ئەتراپ ئىجتىمائىي مۇھىتى پەرھىزلەرنىڭبۇزۇلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا بۇ پاجىئەگە زادى كىمنىڭۋاستىلىك جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئۆز خەلقىنىڭ قەدىم زاماندىن بېرى ئەمەل قىلىپكەلگەن پەرھىزلىك چۈشەنچىسى نۇقتىسىدىن چىقىپ چۈشەندۈرەلىشى كېرەك ئىدى.
ھەل قىلىش ئىستىكى:
بىز خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئەمەل قىلىپ كەلگەنپەرھىزلىك چۈشەنچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى كەڭ يېزىلاردىن توپلاپ رەتلەپ قەلەمگەئالغان ئىدۇق. ھالبۇكى، بۈگۈنكى دەۋىردە يېزىلغان مەزكۇر ئەسەردە ئەنەشۇپەرھىزلەرگە خىلاپلىق قىلىدىغان بىر ۋەقە يەنە شۇ يېزىلىرىمىزنىڭ بىرىدە يۈزبەردى. بۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك بولغان مەسىلە. بىز زادى قايسىسەۋەبنىڭ «يامان بولىدۇ»لارنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلىتىۋاتقانلىقىنى ئويلىنىپكۆرۈشىمىز كېرەك. مەن يېزىق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپلا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە بىر نېمەدېيىشكە ئاجىزلىق قىلدىم. شۇڭلاشقا، ھۆرمەتلىك كىتابخان، ئەگەر سىز تەۋە بولغان ئىجتىمائىيتوپ ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بەرگەن ياكى قايتا يۈز بەرگۈدەك بولسا،كونكىرت مەسىلىنى كونكرت ھەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە مېنىڭ مۇناسىۋەتلىكپىكىرلىرىمنى ئويلىنىپ باقسىڭىز دېگەن ئۈمىدتىمەن.
2.2.2 بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ يالىڭاچ ئۇسسۇل ئويناشتىن ئىبارەت تاپتىن چىقىشمەسىلىسى
A سەۋەب: قىزنىڭ تاربىلىش دائىرىسى ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتىكى خاتا ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ئۇنى مۇشۇيولغا ماڭغۇزغان.
ھەل قىلىش ئىستىكى:
قىزنىڭ بىلىش قۇرۇلمىسى ئەلا بولۇشى كېرەك ئىدى، مۇھەببەتئۈچۈن قارىغۇلارچە قۇربان بېرىۋېرىشكە بولمايدىغانلىقى بىلىشى كېرەك ئىدى.
B سەۋەب: قىز تەۋەلەنگەن ئىجتىمائىي توپتا مۇشۇ خىل تاپتىن چىقىشقا مۇنبەتتۇپراق بولىدىغان قاراڭغۇ بولۇڭلار مەۋجۇت.
ھەل قىلىش ئىسىتىكى:
جەمئىيەت ئادەملەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئاشۇ قاراڭغۇ بولۇڭلارنىبەرپا قىلغان ئادەملەر ۋە شۇ بولۇڭغا قىستىلىپ كىرىۋېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ مۇشۇئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشىدىكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشنى ئېنىقلاش كېرەك ئىدى.
C سەۋەب: قىزتەۋەلەنگەن جەمئىيەتتە شۇ خىل ئىشلارنى چەكلىيەلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك فونكىسىيەئورگانلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كونترول كۈچلىرىنىڭ كۈچى ئاجىز بولغان.
ھەل قىلىش ئىستىكى:
مۇناسىۋەتلىك فونكىسىيە ئورگانلىرىدىكى كونكىرت مەسئولخادىمنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلالماسلىقىنىڭ، ئەتراپ ئىجتىمائىيكونترول كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشىدا قايسى ھالقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنىئېنىقلاش كېرەك ئىدى.
2.2.3 كىبارەنىڭ زەھەر چەكتۈرۈلۈشى، باھادىرنىڭ كىبارە ئۈچۈن زەھەر چېكىش پاجىئەسى
Aسەۋەب: كىبارەنىڭ تار بىلىش دائىرىسى ئۇنىڭ ناتۇنۇشلارغا خاتا ھۆكۈمچىقىرىشىغا ۋە ئۆز گۈزەللىكىنى زىيادە نامايىش قىلىۋېتىش ئارقىلىق ناتۇنۇش يامانكۆزلەرنىڭ تېگىپ كېتىشىگە، باھادىرنىڭمۇ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتىكى خاتا ئۆلچەمبېكىتىشىگە سەۋەب بولغاچقا مەزكۇر پاجىئە يۈز بەرگەن.
ھەل قىلىش ئىستىكى:
كىبارە ۋە باھادىرنىڭ بىلىشقۇرۇلمىسى ئەلا بولۇشى كېرەك ئىدى. ئادەملەرگە باھا بېرىشتە سالماق بولۇشى كېرەكئىدى. مۇھەببەت ئۈچۈن قالايمىقان بەدەل تۆلەشنىڭ زىيىنىنى بىلىپ يېتىشى كېرەكئىدى.
B سەۋەب: ھەر ئىككىلىسى ئايرىم-ئايرىم تەۋەلەنگەن ئائىلە ۋە ئەتراپئىجتىمائىي مۇھىتى ئۇلارنىڭ مەزكۇر پاجىئەنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالىشىغايېتەرلىك بىلىم بېرەلمىگەن.
ھەل قىلىش ئىستىكى:
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەمىساللىرى ئائىلىلەردە ھەر تەرەپتىن تەھلىل قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەتراپتىكىئىجتىمائىي مۇھىت يېتەرلىك تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى.
Cسەۋەب: قىسمەن زەھەر چېكىشنى چەكلەش تارماقلىرىنىڭ چەكلەش تەدبىرلىرى ۋەمۇناسىۋەتلىك تەشىۋىقات تەربىيە خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشىدا قىسمەن مەسىلىلەرساقلانغان.
ھەل قىلىش ئىستىكى:
گەرچە بۇنى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ زەھەر چېكىشىدىكى ئاساسلىقسەۋەب دەپ ئېيتىش بەكلا ئەخمىقانىلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەممىمىزگە ئايان ئۇلارنىڭۋەزىپىسى بەرىبىر زەھەرنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەھەر چېكىشكە مېڭىپبولغانلارغا قارىتا تەشۋىقى تەربىيەنى توختىماي كۈچەيتىشتىن ئىبارەتتۇر.
2.2.4 نادىرنىڭ يالىڭاچ ئۇسسۇل ئوينايدىغان سورۇنغا كىرىش مەسىلىسى
Aسەۋەب:نادىرنىڭ تار بىلىش دائىرىسى ئۇنىڭ غىدىقلاش شەكلى ئارقىلىق ئۆزىدىكى بېسىملارنىيەڭگىللەتمەكچى بولۇشتىن ئىبارەت خاتا ھۆكۈم چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان.
ھەل قىلىش ئىستىكى:
نادىرنىڭ بىلىش قۇرۇلمىسى ئەلا بولۇش كېرەك ئىدى.
B سەۋەب: نادىرتەۋەلەنگەن ئائىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەربىيەسى ۋە باشقا ئىجتىمائى مۇھىتلارنىڭكونترول كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغان.
ھەل قىلىش ئىستىكى:
نادىرغا بېرىلگەن تەربىيە زامان ۋە ماكان شارائىتىنىڭئۆزگىرىشىگە بەرداشلىق بېرەلىگەن بولسا، نادىرنى قورشاپ تۇرغان ئىجتىمائىيمۇھىتنىڭ كونترول كۈچى كۈچلۈك بولغان بولسا بولاتتى.
Cسەۋەب:نادىر تەۋە بولغان جەمئىيەتنىڭ قىسمەن جايلىرىدا نادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا،مۇشۇ خىلدىكى كۆڭۈل ئېچىشنى مودا ئېقىم دەپ چۈشىنىۋالغۇچىلار توپى مەۋجۇت بولغاچقا،نادىر ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ھىمايىگە ئالىدىغان كۈچ بار دەپ قارىۋالغاچقا، بۇئىشنى سادىر قىلغان؛
ھەل قىلىش ئىستىكى:
نادىرغا ۋاقتىنچە ۋە قىسمەن ماكان دائىرىسىدە ئوموملاشقانخاتا ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇش كېرەك ئىدى.
يۇقىرىدا بىز ئەسەرگە شۇڭغۇش نۇقتىسىدىن ئاساسلىقپېرسۇناژلارنىڭ چىنلىق ئىچىگە قويۇلغان زىددىيەتلىك تەسۋىرلىرى بىلەن تونۇشتۇق.شۇنداقلا، ئەسەردىن قاڭقىپ چىقىش نۇقتىسىدىن: ئەشۇ پېرسۇناژلارغا يۆگىشىپ پەيدابولغان ئاساسلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىمۇ ئاز-تولا مۇھاكىمە قىلدۇق. ھەمدە بۇنىڭغائۆزىمىزنىڭ شەخسىي ھەل قىلىش ئىستەكلىرىنىمۇ قوشۇمچە قىلدۇق. ئۇنداقتا، بۇ ئىككىخىل ئەھۋال بىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ مەزكۇر ئەسەرنى رىئاللاشتۇرۇشتىنئوقۇرمەن زادى قانداق نەپ ئالىدۇ؟ ماقالىمىزنىڭ خۇلاسىسى جاۋاپلارغا پەقەت يېشىلچىراق بولغۇسى، خالاس.
خۇلاسە ئورنىدا: ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرنىرىئاللاشتۇرۇشى
نادىر ، مېھراي ۋە شەھىدەلەر ئەسەردىكى ھادىسىلەرنىڭيېشىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق بەدىئىي تىپلاردۇر. بىز نورمال قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان مانامۇشۇ بەدىئىي تىپلار قالدۇرغان ئىزلارنى بويلاپ ماڭغىنىمىزدا، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانزىددىيەتلىك(ئىككى ياقىلىما) ھالەتلەرنى قەدەمدە بىر دىگۈدەك يولۇقتۇرىمىز. ئەمدىلابىر پېرسۇناژنى «يىتۈك قەھرىمان» دەپ ئويلاپ تۇرغىنىمىزدا ئۇنىئادەتتىكىلاشتۇرىدىغان ئۇچۇرلار پەيدا بولىدۇ-دە، بىزنىڭ ئالدىنقى ھۆكۈمىمىزگە قايتاقاراپ چىقىشىمىزغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەسەردىكى قۇتقۇزغۇچى شەخس بولغان نادىرنىمىسالغا ئالساقمۇ، ئۇنىڭ بىر ئاجىزەنى قۇتۇلدۇرۇش قارارىغا كەلگىنىگە قايىل بولۇپتۇرغىنىمىزدا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تۇرغان ئورنى يادىمىزغا كېلىدۇ ۋە نادىرنىڭ غايىۋانەبولۇشقا تېگىشلىك ئوبرازى مەلۇم تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەنئەسەردە يۈرۈشىۋاتقان ۋەقەلىك بەرىبىر كىشىنى غىدىقلاۋېرىدۇ، جەلپ قىلىۋېرىدۇ.
مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا بىزگە مۇكەممەل قەھرىمانلار كېرەكئەمەسمۇ-قانداق؟ ئەجىبا، «ئىزدىنىش» رومانىدىكى «ئەلا» نىڭ ئاللىقاچان ۋاقتىئۆتتىمۇ؟ بىر بەزمىخانىغا كىرىپ تاپتىن چىققان ئادەمنىڭ باشقىلارنى قۇتقۇزۇشىنىنېمىشقا قۇبۇل قىلغۇدەكمىز؟
مېنىڭچە، بىزگە مۇكەممەل قەھرىمانلارمۇ، يەنە نادىرغا ئوخشاشئاتالمىش مۇكەممەل بولمىغان قەھرىمانلارمۇ كېرەك. باغنىڭ باغ ئاتىلىشى ئۇنىڭخىلمۇخىل گۈللەردىن پۈتكەنلىكىدە. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شۇ نامدا ئاتىلىشىدىمۇئۇنىڭ خىلمۇخىل مەنپەئەتدارلىق خاھىشى بار نۇرغۇنلىغان ئەزالاردىن تەركىبتاپقانلىقىدا. توغرا، ئەدەبىياتقا يۈگەن سېلىش كېرەك، ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى ئاز-تولاتوغرىلاپ تۇرۇش بۇ خاتا ئەمەس. ئەمما، بۇ يەردىكى يۈگەننىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇپكەتمەسلىكى كېرەك. دېمەكچىمىزكى، خۇددى باغدىكى گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىغاباغۋەنلىك قىلىپ مۇۋاپىق پەرۋىش قىلغاندەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكىيازارمەنلەرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قەھرىمان ئوبرازىنى تۇرغۇزۇشىغا تېخىمۇ زورئىمكانىيەتلەر ۋە تۈرتكىلىك پىكىرلەرنى قەرەلىدە بېرىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
قىسقىسى، «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» غا شۇڭغۇش جەريانىمىزئەمەلىيەتتە مۇشۇ بەدىئىي تىپلارنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق پەيدا بولغان ئوبرازلار بىلەنتونۇشۇپ چىقىش جەريانىمىز، شۇنداقلا بۇ جەرياننى قۇبۇل قىلىش مەيدانىمىزغا سۆرەپكىرىش پائالىييتىمىز دەپ ھېسابلاش مۇمكىن. مېنىڭ نەزىرىمدە ئەسەر ھاسىل قىلغانبەدىئىي مۇۋەپپىقىيەتنىڭ دائىرىسىدە بۇ تەرەپ ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مۇنداقچەئېيتقاندا، ئوقۇرمەننىڭ ئالدىغا قويۇلغان پېرسۇناژلار كىشىگە بىرخىل نورماللىقتۇيغۇسىنى بەخشەندە قىلىدۇ. تۇرمۇشقا يېقىنلىقتىن چىقىپ توقۇلغان ئوبرازلار باردېيىلگەچكىلا مەن بۇ ئەسەرنى نېمىنى قانداق تۇتۇشنى بىلگەن بىر ئاپتورنىڭ قولىدىنپۈتكەن كاتتا ئەسەر دەپ ئېتراپ قىلدىم.
شۈبىھىسىزكى، كىشىگە نورماللىق تۇيغۇسى بېرىدىغان پېرسۇناژلارنىڭبولۇشى بىزنىڭ «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» ناملىق بۇ ئەدەبىي ئەسەرنىرېئاللىقىمىزدىكى بولغان ۋە بولۇشى مۇمكىن بولغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەسەردە دېيىلگەن مەسىلىلەرنى ئەمەلىيھەل قىلىش پۇرسىتى كەلگىنىدە ئىدى، بىر تۈرلۈك ئاۋارىچىلىقلار بىزنىڭماسلاشتۇرۇشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولاتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭرېئاللىقىمىزنىڭ رەھىمسىزلىكى بىلەن ئەسەردىكى مەۋھۈم رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكىئارىلىقنىڭ قىسقىرىشى بىزنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان مۇھىم پېرسۇناژلارغا بولغانمۇھەببەت-نەپرىتىمىزنى، غەزەپ-ئېچىنىشلىرىمىزنى بارلىققا كەلتۈرەلىدى. بىز ئاققەغەز ئۈستىدىكى جەڭگى-جېدەللەردىن بىر قېتىملىق ساۋاقنىڭ ئاچچىق تەمىنى ۋەكەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈپ سەگىدۇق، پۇخادىن چىقتۇق.
قارىغاندا، «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»دىن چىقىشقاتەييارلىقىمىز پۈتكەندەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا بىز ھالقىما ئويلىرىمىزنىڭيېتەكچىلىكىدە بەدىئىي دۇنيانى رېئاللاشتۇرۇشقا مۇھىم بىر قەدەمنى تاشلاپ باقايلى.
ھەرقانداق بىر ئەسەردىكى ۋەقەلىك تىزمىسىنى گويا يىپقائۆتكۈزۈلگەن مارجان كەبى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ بىراۋ يەنى، ئۇ ئۇنىڭئەسلى ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان مېھنەتكەش ئاپتور تەرىپىدىن مۇشۇ ھالغائەپكېلىنگەندۇر. شۇ ۋەجىدىن مۇنۇ پاكىت مۇنازىرىدىن مۇستەسناكى، ئاۋۋال قايسىئۈنچىنى ئاندىن باشقا يەنە بىرىنى قانداق پەم بىلەن يىپقا ئۆتكۈزۈشنى مارجان ياسىماقچىبولغان ئادەم بەلگىلەيدۇ. يەنى، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بېرى-بارى پەقەتلا شۇخىلئانا مەقسەتكە يۆنەلگەن تەرتىپتىكى ئوبىكتىپ مەۋجۇت ئەشۇ زىننەت بويۇمىدۇر، خالاس.ئەمما، بۇ يەردە بىر ئالدىنقى شەرت بىزنىڭ پۈتۈپ بولغان مارجانغا قارىتا ئۇنداقياكى مۇنداق ئىنكاسلارنى قايتۇرۇشىمىزغا تولۇق تاقابىل تۇرالماي قالىدۇ. ئۇبولسىمۇ، بۇ مارجاننىڭ بىرلا ئادەمنىڭ مەقسىتى بويىچە ياسىلىپ چىقىشىدىن ئىبارەت.ئەمدى، ئۇ ئىستىمالچى ياكى كۆرۈرمەننىڭ ھوزۇرىغا تاپشۇرۇلغاندا، گەرچەتاپشۇرۇۋالغۇچى ئۇنىڭ ئەشۇ بىراۋ تەرىپىدىن پۈتۈلگەن مارجان ئىكەنلىكىنى ئىنكارقىلالمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىشتە ئەسلىدىكى ئىگىسىنىڭ غايىۋانە ئىستەكلىرىنىتولۇق ئويلىشىپ يۈرمەيدۇ ياكى شۇنداق قىلىشقا قادىر بولالماي قالىدۇ. «مارجان»نىخالىسا بوينىغا ، خالىسا قولىغا ئاسىدۇ، خالىسا ساندۇقىغا سېلىپ ساقلايدۇ. ھەتتاچۆرۈپمۇ تاشلايدۇ. ئەگەر بىز مۇشۇ نۇقتىدىن ھاسىل قىلغان بىرتەرەپلىمەپىكىرلىرىمىزنى چەكتىن ئاشۇرۇپ تۇرۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ بىر ماددىي مەھسۇلاتسۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىدىغان بولساق، ئۇنداقتا، ئاتالمىش تەگكىلى ۋە بۇزغىلىبولمايدىغان «ئەسەر پادىشاھلىقى» تورى بار بىر پەشۋاغا يارىمايدىغان «سۇپىرىسىقۇرۇق» بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ھاياجانلىق پىكىرلىرىمىزنى سەلپەسلىتىپ ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىش يولى ئارقىلىق مۇناسىۋەتقىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
«مۇھەببەتكە تولغاندۇنيا»دىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەسەر ۋەقەلىكىتەۋەلىگەن بەزى ئەھۋاللار رېئاللىقتا ئەسلا مەۋجۇت بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.مىسالەن، شەھىدەنىڭ كۈندەشلىك قورشاۋىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتەلىشى، مېھراينىڭمۇھەببەت ئۈچۈن خەلقىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، چوڭامنىڭ ئالدىغاكەلگەن «ئولجا»نى رەت قىلىشى دېگەندەك. ئەگەر يۇقىرىقى مىساللار بىزنىڭرېئاللىقىمىزدا يوق دېگۈچىلەر مەۋجۇت بولسا، بۇنى شەرتلىك قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغاننورمال مەسىلە دېيىش كېرەك. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان قۇبۇل قىلىشتىكى شەرت شۇكى،قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ بىلىش دائىرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ كەملىكىدۇر. ھالبۇكى، مانا مۇشۇبىلىش دائىرىسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، باشتىن-ئاخىر«ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەندە چىڭتۇرغۇچىلار شۇنى بىلىش كېرەك، بىر شەيئىنىڭ چىنلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئالدىنقىئۆلچەم مەنتىقىدۇر. مەنتىقىلىق ھۆكۈم بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەقەنىسىغدۇرىدىغانلا بولسا، ئۇ خىل ھادىسەنى ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت غايىۋانە ئىستەكلىرىمىزبىلەن قارشىلاشتۇرىۋېلىپ مۇنازىرىدە ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىش ئۇستاتلىقتىن باشقانەرسە ئەمەس. ئەجىبا، نەچچە مىڭ يىللىق قۇبۇل قىلىش مايىللىقىغا ئىگە بىر مىللەتتەيېڭىدىن-يېڭى ھادىسىلەرنىڭ بىزنىڭ خەۋىرىمىزسىزلا كىرىپ كېلىشى مۇمكىن بولمايدىغانئىشمۇ؟ خىروئىن ۋە ئۇنىڭغا يۆگىشىپ پەيدا بولغان ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى بىزئەزەلدىنلا بىلەمتۇق؟ مۇھەببەت يۇقىرى پەللە ھاسىل قىلغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈنقارىغۇلارچە قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇش تۇيغۇلىرى قايسى ئوقۇرمەننىڭ ساددا بىلىشباسقۇچىدا بولۇپ باقمىغان؟
شۇڭلاشقا، بىر ئەسەر ئالدى بىلەن بىزنىڭ مەنتىقىلىقئۆلچەملىرىمىزنى بۇزۇپ تاشلىمىغانلا بولسا، ئۇنىڭدىكى كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغانھادىسىلەرنى «مۆجىزە» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋېلىپ ئۇنىڭغا مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەسەرگە(بىزدە ئاپتورغا بەكرەك ئېسىلىۋالىدىغان، ئاپتورمۇ ئۆزىگەبەكرەك ئېلىپ كېتىدىغان خاھىش نىسبەتەن ئېغىر) ئۇ كۆتۈرۈپ بولالمايدىغان مەنىلەرنىيۈكلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئەگەر گۇمان تىزگىنىنى قويۇۋېتىشقا توغرا كەلگەندە«مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»نىڭ ئاخىرىدىن مەلۇم بولغان «ھەممە رەزىللەر تۇتۇلۇپ»بولغاندىن كېيىنمۇ نادىر بىلەن مېھراينىڭ شۈبىھىلىك قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇشىغانىسبەتەن قايتا ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ. قارىماققا مەنتىقىلىق زىتلىق كۆرۈلۈۋاتقانبۇ بايان بىزگە مۇھىم بىر تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالدۇرۇشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ، بۇ خىلزىتلىقنى بايقاشتىن كېلىپ چىققان سېلىشتۇرما ئويلىرىمىز ئارقىلىق بۇ جاھاندا،ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ يەنىلا داۋام قىلىدىغانلىقىنىبىلىپ ئالالايمىز. ھەمدە مۇشۇ نۇقتىنى ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يۆتكەپ، مېھراينىڭكەلگۈسىدىن ئۈمىد نۇرى چاقنىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتقان بايانلار بىلەنقارشىلاشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، «توختاپ تۇر، ھېلىقى چاغدا بۇ قىزنى ۋەقەگەيولۇقتۇرغان نامەلۇم ئەبلەخلەر يەنە قارا قولىنى سوزۇپ قالارمۇ؟» دېگەندەكئەندىشىلىك مەسئولىيەت تۇيغۇلىرىمىز ئويغىنىپ قالىدۇ. بۇ يەردە يەنەتەسەۋۋۇرىمىزنى يەنە ئازراق قاناتلاندۇرۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ،نادىر بىلەن مېھراينىڭ خالاپ-خالىماي تاپتىن چىقىپ كېتىشىنىڭ جازاسىنى تارتىپقاتناش ۋەقەسىگە دۇچار بولۇشىدۇر. ئوبېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى ۋەقەبەلكىم بىرى تەرىپىدىن قەستەن سادىر قىلىنغاندۇر ياكى تاساددىپ توغرا كېلىپ قېلىشسەۋەبىدىن يۈز بەرگەندۇر. ئەمما سوبىكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەر ئىككىلىسىدەخالاپ – خالىماي سادىر قىلىنغان تاپتىن چىقىش كەچمىشى ئوخشاشلا مەۋجۇت. خەلقىمىزدە«ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك» دېگەن بىر چۈشەنچە بار. ئەلۋەتتە، بۇ ماقالدا كۆزدەتۇتۇلغىنى قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلالايدىغان ياكى خاتالىقتىنپۇشايمان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان «ئوغرى» دۇر. مۇشۇنداق يۈزەكى قارىشىمىزنىئەسەرگە باغلاپ كۆرۈپ تەسەۋۋۇرىمىزنى قويۇۋەتسەك، شۇنىسى ئايان بولىدۇكى، نادىربىلەن مېھراينىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھىغا بولغان تۆۋۋە قىلىش مايىللىقىھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ئاپتور ئوقۇرمەننىڭ مۇمكىنچىلىكتىكىمۇشۇ خىل تەپەككۇرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئۇستىلىق بىلەن زىمىن ھازىرلىغاندەك تۇرىدۇ.ئەلۋەتتە، بۇ يەنىلا ئوقۇرمەننىڭ شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلالىشىغا باغلىق بولغانسېتىخىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر.
يۇقىرىدا، ئەسەردىن چىقىشقا ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىر مىسالىكۆرسىتىلدى. مۇشۇ مىسالغا مېتود قالپىقى كىيگۈزۈش لازىم بولسا، شۇنداقدېيەلەيمىزكى، مەلۇم بىر ئەسەرنى ئوقۇش بىزنىڭ ئادەتتىكى ئەقلىي چۈشەنچىلىرىمىزنىسىلجىتىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەككى، ئوقۇشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق ھېسسىياتتەۋرىنىشىگە ئىگە دېكلاماتسىيە بىلەن ئاياغلاشماسلىقى كېرەك. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەنمەن مەزكۇر ئەسەرنى ئوقۇشنى باشلاشتىن بۇرۇنقى پەيتتىن تاكى ئەسەرنى ئوقۇپتاماملاشقىچە بولغان سەپىرىمىدىكى پىسخىك تەييارلىقلىرىمدىن جانابىي كىتابخاننىخەۋەرلەندۈرۈشنى لايىق تاپتىم.
بىرىنچى، مېنىڭ  ئالدىمغا قويۇلغىنى پۈتۈپ بولغان بىر ئەسەر دەپقارىشىم كېرەك. يازغۇچى مېھنەت بىلەن ئەنە شۇ «ئەسەر ئېتىزى»غا ھەر خىل گۈللەرنىتېرىدى. ئۇنى ئېچىلدۇرىدىغىنى باشقا بىرى ئەمەس دەل مەن.
ئىككىنچى، ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىم، ئەسەر ئۇچۇرلىرى بىلەنئادەتتىكى ئەقلىي ئۇچۇرلىرىمنىڭ سوقۇلۇش مۇساپىسىدۇر. ھەربىر ئوقۇش ھالقامدا مەيلىنېمىلا بولمىسۇن ئەنە شۇ ئىككى خىل ئۇچۇرنى سوقۇشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشىم كېرەك.
ئۈچىنچى، ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەسەر ئوقۇشجەريانىدىكى سېلىشتۇرما ئويلىرىمنى خۇلاسىلەپ چىقىشىم، ئەسەرگە ئوبىكتىپ باھابېرىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشىم زۆرۈر.
ئومومەن «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇش مېنىپىكىرىي شاتلىققا چۈمۈلدۈردى. شۇنداقلا يەنە بەزى تەرەپلەردىكى مەسىلىلەر مېنىڭيەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلىنىپ بېقىشىمنى تەقەززامۇ قىلدى. مەسىلەن، ئەسەرنىڭبېشىدىكى «... شەھىدە ئېرىگە ناھايىتى ئىشەنگەنلىكتىن، ئەخلاق چىكىنلىكى ئەۋجئېلىپ، جىمى ئادەم بۇزۇقچىلىقنىڭ توپان بالاسىغا غەرق بولغان تەقدىردىمۇ، نوھئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسىدە ھايات قالىدىغان بىردىنبىر ئادەم دەل مېنىڭ ئېرىم دەپئويلايتتى...» دېگەن بايان كىشىنى شۈبىھەگە باشلاپ قويۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى،خەلقىمىزنىڭ ئەقىدە-چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا «نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسىدەھايات قالىدىغان ئادەمنى يەنە بىر ئادەم بەلگىلىيەلمەيدۇ. نوھ ئەلەيھىسالامۋەكالىتەن بەلگىلىيەلىگەن تەقدىردىمۇ «بىردىنبىر ھايات قالىدىغان» دېگەن گەپ بىلەننوھ ئەلەيھىسالامنىڭمۇ شۇ كېمىگە چىقالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇقەررەرلىكزىتلىشىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ دەسلەپكى شۈبھىلىك قاراش بولۇپ، بۇ ھەقتە تېخىمۇچوڭقۇرلاپ پىكىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، شەخسىي ئىستەكنىڭ يۈكسەكلىكىنىئىپادىلەش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنىڭ ئەقىدە-چۈشەنچىسى بىلەنھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان تىل ئىشلىتىش ئادىتى باشقا ئەسەرلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدەساقلانغان.
يىغىپ ئېيتقاندا، يازغۇچىنى ئەمەلىي شۆھرەتكە ئىگە قىلىدىغىنىشۇ يازغۇچىنىڭ مەدىھيەگە توشۇپ كەتكەن تەرجىمھالىنى تونۇشتۇرۇش ۋە  ئەسەر ھەققىدىكى دېيىلگەن يازغۇچىنىڭ شەخسىي كۆزقاراشلىرىلا ئەمەس، بەلكى، كۆزى ئۆتكۈر ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر توپىنىڭ ئەسەردىنھەقىقىي زوق ئالالىشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئەدەبىي تەنقىدچى دەپئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئالاھىدە ئوقۇرمەنلەر توپىنىڭمۇ ئەسلى ئەسەرگە قارىتا لىللامەيداندا تۇرۇپ قىلغان ئەقىلغە مۇۋاپىق مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ قايتائوقۇلۇشى ۋە چۈشىنىلىشىگە تۈرتكە بولالىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇشبۇ ماقالىغا قەلەم تەۋرەتكۈچى ئاخىرقى قۇرلارنى يېزىۋاتقانمۇشۇ دەملەردە، ئۆزىنى ئويغا سالالىغان ئۇشبۇ «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» ناملىقكاتتا ئەسەرگە ئانا بولغان ياش قەلەم ساھىبى، مۆھتىرەم مېھرىگۈل ئابلېز نەزەرگەتېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلىدى. مۇشۇنداق كاتتا ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەن دۇنياسىغاتۆرىلىشىگە پەرۋىشكار «تارىم» ژورنىلى ۋە ژورنال مېھنەتكەشلىرىگە تەشەككۇرئەيلىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىستىقبالىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ساماۋى ئۈمىدلەرنىكۆرگەندەك بولدى.
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-31 01:49  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش