تاتلىق ئازاب
كامىلجان ناسىر دىلداش
يۈرەك ئۆتمە تۆشۈك بولسىمۇ،
تۈگىمەيدۇ بۇ تاتلىق ئازاب.
كۈتۈشلىرىم ھامان جاۋاپسىز،
كۈتىمەنغۇ يەنىلا چىداب.
كۆز ياشلىرىم قۇرىغان تامام،
ئۈمۈدلىرىڭ بو كەتكەن خازاڭ.
نېمىشقىدۇر كۈتىمەن يەنە،
مەۋجۇت پەقەت<<كۈتۈش>> دېگەن ئاڭ.
ئۆتۈپ كەتتى نەۋقىران ياشلىق،
ئۆتۈپ كەتتى ھەممە-ھەممىسى.
قالدى پەقەت كۈتۈش دېگەن سۆز،
كېلىچەكنىڭ بۇلۇپ ھامىيسى.
دىل خانەڭنىڭ دەرىزىسىنى،
چەكتىم، تالاي چىكىمەن يەنە.
تاتلىق چۈشتىن ئويغۇنۇپ شۇ چاغ،
ئالارسەنمۇ مېنى ئېسىڭگە.
سۆيگۈم مېنىپ پايانسىز ئۇپۇق،
سەن كۆكىدە پارلىغان قۇياش.
مۇزلىتىدۇ مېنىلا پەقەت،
بۇ قۇياشىم تۆككىنچە ياش.
ۋىسال ئىزدەپ ئاقاردى چېچىم،
زارىقىش ھەم دەرد چېكىش بىلەن.
تاپماق قىيىن سۆيۈشنىمۇ ھەم،
شۇمىكىنە مۇھەببەت دېگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-30 19:59