مەڭگۈلۈك مۇھەببەت
(ھېكايە)
-زۇبەيدە، سىزنى قەۋەتلا ياخشى كۆرمەن،سىز بولمىسڭىز ياشيالمايمەن،ماڭا ئىشنىڭ قەلبىمدە پەقەت سىزلا بار،سىزگە مەڭگۈ سادىق بولۇپ،ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرسام دەيمەن.
-سىزگە ئىشىنمەن دىليار،سىز مىنى ئالدىمايسىز،مەنمۇ سىزنى ئالدىمايمەن ،سۆيگۈمىزگە سادىق بولۇپ،مەڭگۈ بىرگە ئۈتەيلى...
مانا بۇ زۇبەيدە ئىككىمىزنىڭ تۈنۈگۈنكى شىرىن پاراڭلىرى ئىدى،كەچتە ياتاققا قايتىپ كىلىپ دۇسىتلىرىمغا ھەۋەس بىلەن بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلىۋىتىپ،كارۋىتمدا ياتقاچ << ھە! مانا،زۇبەيدەمۇ ئاخىرى قىلتاققا چۈشتى،بۇرۇن ئەجەپ ياراتماي كەتكەن ئىدى ھە! توختا ئەدپىنى قانداق بىرمەنكىن >>دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم.
ئەتسى ئۇنىڭغا تىلېفۇن قىلسام ،ئۇ ئالدىراش ئىشى بارلىقنى ،ئشنى تۈگتۈپلا ماڭا تىلېفۇن قىلدىغانلقنى ئىيتتى،بوپتۇ دىدىم ،چۈنكى بۇ نەچچە كۈندە زۇبەيدەنىڭ كەينىدە يۈرۈپ دىلارە بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋاقىت چىقرالمىغان ئىدىم،شۇنىڭ بىلەن دىلارەگە تىلېفۇن قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باغچىغا ماڭدىم. باغچىغا بىرىپ تۈزۈك بىر جاينى تىپىپ ئولتۇردۇق.
-بىلەمسىز دىلارە سىز بىلەن كۆرۈشمىگەن بۇ نەچچە كۈندە مەن بەك ئازاپلاندىم. خۇددى ئەڭ مۇھىم نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بولۇپ قالدىم،مەن سىزدىن ئايرىلالمىغۇدەكمەن،ماڭا ئىشنىڭ مىنىڭ قەلبىمدە پەقەت سىزلا بار...
مۇشۇلارنى دەۋىتىپ،تونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم.
-پەرھات،ئۈمرۈمدە سىزدەك ياخشى يىگىتنى ئۇچراتقان ئەمەسمەن،تەلىۋڭىزگە قوشۇلدۇم ،بىز مەڭگۈ بىرگە ئۆتەيلى دىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنۋاتاتتى،زۇبەيدە ئەمەستۇ ھە دىگەن تەشۋىش بىلەن ئارقامغا قارسام،جان-جىگەر دوستۇم پەرھات بىلەن زۇبەيدە تۇرۇپتۇ،كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەي قالدىم،شۇ چاغ كۆزلۈرمىز ئۇچرۇشۇپ قالدى،بىزبىر- بىرمىزگە قاراپ قىتىپلا قالدۇق.
-قۇربانجان ئۈممەت مەردانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-30 21:10