گۈلدىن ئايغا
دىلئاچار
ئاھ قانداق بىر گۈلسەن ئۇقەدەر مەجھۇل،
بىلمەككە نە ئۈچۈن ئەقىلمۇ يەتمەس،
ئەتىرگۈل، نىلۇفەر، قىزىلگۈل، يوقگۈل،
تاپقاندىن بىرىمۇ نېچۈن سەن ئەمەس.
يىلتىزسىز، چېچەكسىز، شاخسىز، مەركەزسىز،
ئەينى بىر گۈللۈكنى قىلىمەن خىيال،
تۇساتتىن ئىسمىڭنى بىلمەيمەن ھەتتا،
سەن گۇيا مىستېتىك ئانا بىر سوئال.
ئويلىدىم، ئىزدىدىم، ھالىمدىن كەتتىم،
ئۆزۈڭنى يۇشۇرغان زادى قەيەرگە؟
ئېھتىمال بىر سۆزسەن، ئاتىساملا بار،
يىگانە تەركىبسەن ئورتاق ئەسەرگە.
|