قالتىس مۇئەللىم
(ھېكايە)
قۇربانجان توختى ئازىق
بىزنىڭ مۇئەللىم تولىمۇ قالتىس.ئۇ ئۆتكەن يىلى باشقا بىر ناھىيەدىكى مەكتەپتىن بىزنىڭ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كىلىپ،بىزنىڭ سىنىپقا مەسئۇل مۇدىر بولۇپ تەيىنلەندى.ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسلىرىمۇ قالتىس،گەرچە بەرگەن تاپشۇرۇقلىرى كۆپ بولسىمۇ،ئەمما بىزنى قىزىقتۇرۇپ تۇرغاچقا ئانچە زىرىكىشلىك تۇيۇلمايدۇ.مۇئەللىم ھەركۈنى بىزنى ھەيران قالدۇرۇپلا تۇرغاچقا،بىز ئۇنىڭغا«قالتىس مۇئەللىم»دەپ نام قويۇۋالدۇق.
مۇئەللىم دەرسنى تولىمۇ قىزىقارلىق سۆزلەيدۇ،ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىز ئۇنى ئالىممىكىن دەپ ئويلاپ قالىمىز.ئۇ ھەمىشە دەرسكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىزگە كۆرسىتىدۇ،نۇرغۇن بىلىملەرنى سۆزلەپ بىرىدۇ.دەرسخانا ئىچى شۇقەدەر ئەركىن،شۇقەدەر قايناق.بۇنى كۆرۈپ بىز باشقا مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالىمىز.
مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرى سۆزلىيەلەيدۇ.دەرس ۋاقتىدا قايسىمىز ئويناپ ئولتۇرساق،ئۇ ھامان بىزنى كۆرۈپ قالىدۇ.دوسكىغا خەت يېزىۋاتقاندا،« ئەخمەت،ئوينىماي ئولتۇر!»دېگەن سۆزىنى ئاڭلىساقلا،مۇئەللىمنىڭ كەينى تەرىپىدىمۇ كۆزى بار ئوخشايدۇ دەپ قالىمىز.باشقا ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۆزى نېمە كۆرىدىغاندۇ؟
مۇئەللىمنىڭ بۇرنىمۇ ئاجايىپ سەزگۈر.دەرس ۋاقتىدا قايسى قىز ساۋاقداش ئوغۇرلىقچە ئۇششاق يېمەكلىك يەپ ئولتۇرسا،ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇراپلا بىلىۋالىدۇ ۋە:«بىر نەرسە يىمەڭلار» دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن قىزلار ئۇ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرىدۇ.ئوغۇللار پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كىتىمىز.
مۇئەللىمنىڭ قۇلىقى بەك سەزگۈر.دەرس ۋاقتىدا كىم كىم بىلەن نېمىلەرنى دېيىشىۋاتىدۇ،كىم ئۈستىدە گەپ قىلىشىۋاتىدۇ ... بۇلارنى بەك ئېنىق بىلەلەيدۇ.تۇيۇقسىز ئىسمىمىزنى ئاتاپ:«ئىككىڭلار باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار»دېگەن چېغىدا ئۆزىمىزگە ئىشەنمەيلا قالىمىز.
ئۇنىڭ قولى شۇقەدەر يۇمشاقكى،خۇددى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىشنى مېھرىبانلىق بىلەن سىيلاشقىلا يارىتىلغاندەك.
مۇئەللىمنىڭ پۇتى شۇنچىلىك چاققان،ئۇ بىرەر قېتىم دەرسكە كېچىكىپ كىرىپ باققان ئەمەس.مەكتەپتىكى باشقا مۇئەللىملەرنىڭ شۈنچىلىك مىس-مىسلىقى،دەرسكە بوينىدىن باغلىغاندەك مېڭىشلىرى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما قىلىنغان.
بىزنىڭ مۇئەللىم راستىنلا ئاشۇنداق «قالتىس»مىدۇ؟شۇنىڭ بىلەن ھەممە ساۋاقداش ئۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان بولدۇق.
بىر كۈنى تەنەببۇس ۋاقتىدا،بىرنەچچە ساۋاقداش مەسلىھەتلىشىپ،بۇ مۇئەللىمنىڭ«قالتىس»لىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ،مۇئەللىمدىن سورىدۇق:
ـــ مۇئەللىم،سىز نېمىشقا بىز قىلغان ھەربىر ئىشنى شۈنچىلىك ئەينەن بىلىسىز؟
ـــ چۈنكى،مەن مۇئەللىم تۇرسام،-دەپ جاۋاپ بەردى مۇئەللىم.
«ھە،ئەسلىدە مۇئەللىم شۇنداق بولىدىكەندە،بىزگە سىزدەك قالتىس مۇئەللىملەر كېرەك»دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-30 10:22