زەپەر دۇمباقلىرى
گۈلبانۇم ئابابەكرى
تىللىرىم پالەچ، تىل سەزگۈلىرىم ئۆلگەن...
مەن پەقەت زەپەر دۇمباقلىرىغا ئۇسۇل ئويناشنىلا بىلىمەن. جان قەپەزلىرىم ئۆز قوۋۇرغامدىن ياسالغان. ئۇنىڭ ھەر بىر نەپىس رايكىللىرىغا يۈرۈكۈمنى گۈل قىلىپ ئويغان. كۆڭۈل شەھىرىمدە بۇ قەپەزلىرىمنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن. گاھ ئوتقا تاشلايمەن، گاھ مۇزلۇق ئوكيانغا...
گۈلدۈرمامىغا ئېسىلغان قانداق چاقماق، ئۇ؟
شارقىراپ قۇيۇلغان قانداق يامغۇر ،ئۇ؟
مەن بۇلارنى دەپ بېرەلمەيمەن.
مەن پەقەت زەپەر دۇمباقلىرىغا ئۇسسۇل ئويناشنىلا بىلىمەن.
«ئاق تاش، كۆك تاش، سەنمۇ ھۆسنۈڭدىن قالىسەن، قەلەم قاش» كىملەر بېلجىرلاپ ئېيتقان ناخشا بۇ؟
قۇدرەتلىك دۇمباق ئاۋازى ئالدىدا بۇ ناخشىلار نېمىتى؟
ئۇسسۇل ئوينىشىم كېرەك.
ئەنە، زېمىننى لەرزىگە سالغان دۇمباق ئاۋازى...
جان قەپەزلىرىمنى ئاتىمەن كۆككە،
بۇ قەپەزلەر چۈشەر نەلەرگە؟
بۇنى بىلمەيمەن ،مەن پەقەت زەپەر دۇمباقلىرىغا ئۇسۇل ئويناشنىلا بىلىمەن.
|