كۆرۈش: 328|ئىنكاس: 2

ئابدۇنىياز ئىمىن(ت): پەيلاسوپ مىچىل فۇكالىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-29 00:12:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                       پەيلاسوپ مىچىل فۇكالىت
                                      ئابدۇنىياز ئىمىن تەييارلىغان

      مىچىل فۇكالىت فىرانسىيەنىڭ داڭلىق مۇتەپەككۇرى ۋە پەيلاسوپى بولۇپ، ئۇ ئىدىيە سېستىما تارىخىغا قارىتا چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ ئادەتتە باشقىلار تەرىپىدىن «پوسىتمودىرنىزىمچى»  دەپ قارالسىمۇ ئۇ بۇنىڭغا ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى «سۆز ۋە نەرسە» پوسىتمودىرنىزىمنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.
فۇكالىت 1926-يىلى فىرانىسىيەنىڭ پويتېرىس دېگەن يېرىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى بىر دوختور بولۇپ، ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئورۇشى پارتىلاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن فىرانسىيەدىكى پارىژ ئالىي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا ئۆتكەن. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت ھاياتى باشلانغان.
فىرانىسيە پارىژ ئالىي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، بۇ يەردە ئىلگىرى نورغۇنلىغان داڭلىق كىشىلەر ئوقۇغان. فۇكالىت بۇ يەردە ئوقىغان مەزگىللەردە ئېغىر دەرىجىدىكى چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچىمۇ بولغان، كېيىن ماركىسىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ، فىرانسيە كومپارتىيەسىگە كىرگەن. كېيىن سىتالىن سەۋەبىدىن پارتىيەدىن چېكىنگەن.
1950-يىلى فۇكالىت ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرگەن.
پارىژدىكى ئالىي پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەش جەريانىدا كەسىپكە قىززىقمىغانلىقى ئۈچۈن فىرانسيەدىن ئايرىلىپ، شىۋىتسىيەگە بېرىپ، فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيەت ۋەكىلىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. كېيىنچە 1945-يىلدىن 1970—يىلغىچە فوكالىت ئىزچىل پولىشا، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە فىرانسيەنىڭ مەدەنىيەت ۋەكىلىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
1955-يىل دۇمائىرنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن شىۋىتسيە ئاپسالا ئۇنۋېرىستىتىدا فىرانسوز تىلى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە فوكالىت كۆپ ۋاقتىنى مەدەنىيەت ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشش بىلەن ئۆتكۈزگەن. 1958-يىل شىۋىتسىيەدىن ئايرىلىپ پارىژ شەھرىگە قايىتپ كەلگەن. بۇ مەگىلدە ئۇ فىرانسىيەدىكى پولىشا ئەلچىخانىسىدا مەدەنىيەت مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئۇزاق ئۆتمەي دېڭىز سەپىرنى باشلىغان.
1972-يىل ھاياتنىڭ تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن فوكالىت  فىرانس ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ، بۇ يەردە ئىدىيە سېستىمىسى تارىخى بويىچە پىروفسسورلۇق بولغان ھەم تۈرلۈك لىكسىيەلەرنى سۆزلىگەن.
فوكالىت فىرانىسىيەلىك داڭلىق پەيلاسوپ بولۇپ، «ماركىستىن كېيىنكى ئەڭ قالتىس مۇتەپەككۇر»دەپ ئاتالغان. فىرانسىيەلىك داڭلىق پەيلاسوپ گېلىس دېلىز ئىلگىرى «مېنىڭچە فوكالىتىڭ ئىدىيىسى ھازىرى زامانىدكى ئەڭ ئۇلۇغ پەلسەپىۋى ئىدىيدۇر» دېگەن ئىدى. «فوكالىت بىر دەۋردىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ھەم مەڭگۈ مۇشۇ دەۋردىن دېرەك بېرىدۇ» فوكالىتنىڭ ئىدىيسى شەكىللەنگەندىن بۇيان جەمئىيەتتىكى بولۇپمۇ ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. ئەنگىلىيەلىك داڭلىق تەتقىقاتچى مارك.ج. سىمىف ئىلگىرى «فوكالىتنىڭ ئەسەرلىرى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. فوكالىتنىڭ ئېيتىم تەتقىقاتىنىڭ تەسىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. كېيىنكى مۇدىرنىزىم ئىدىيسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇتەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن فوكالىت ئېيتىمنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە فونكىسىيەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارخىلوگىيە ۋە نەسەبنامىچىلىك ئۇسۇللىرى دىققەت مەركىزىنى باشتىن ئاخىر ئېيتىمغا قارىتىپ كەلدى.
«ئېيتىم شەكلى بولسا فوكالىت ئەسەرلىرىدە باشتىن ئاخىر تەتقىقات ئوبېكتىدۇر»
1970-يىلى فوكالىت فىرانس ئىنىستىتۇنىڭ پىروفسسورى بولىدۇ. ئۇ ئىشقا ئورۇنلىشش نۇتىقىغا « ئېيتىمنىڭ تەرتىپى» دېگەن ماقالىسى تاللاپ ئوقۇيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نامى فىرانسىيەگە تونۇلغان بولۇپ، مول نەتىجىللىرى، تەتقىقاتى پىسخلوگىيە، تىبابەت، تارىخ، ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلاتتى. بىراق، ئۇ پەقەت مۇشۇ تېمىنى تاللاپ ئۆز نەتىجىللىرىگە ۋەكىل قىلغان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئېيتىمغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىم تەتقىقاتى ئىلگىرى ئېيتىم تەتقىقاتىنى پەقەت  تىل ساھەسى بىلەنلا چەكلىگەنلىكىدەك تار دائىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئېيتىم تەتقىقاتىنى تېخىمۇ كەڭلىككە ئىگە قىلىپ، ئېيتىم تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان. «ئېيتىم» ۋە « ئېيتىم تەھلىلى» دېگەن بۇ سۆزلەر شۇنداقلا تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر تەبئىي ھالدا بۇنى فوكالىت بىلەن باغلايدۇ.
زامانىمىزدىكى غەربنىڭ ئەڭ داڭلىق تەنقىد ئېيتىم تەھلىلچىسى نورمان فېيىركوف «فوكالىت ئىجتىمائىي پەن ۋە ئادىمىيەت پەنلىرىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، ‹ئېيتىم› ئۇقۇمنىڭ مودا بولۇشى، ئېيتىم ئۇسۇلىنىڭ مودا بولۇشى مۇشۇ تەسىردىندۇر» دەيدۇ. فوكالتنىڭ ئېيتىم تەھلىلى ئۇسۇلى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىللىرى تەرىپىدىن بىر خىل ئەندىزە سۈپتىدە قوللىنىلماقتا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-29 00:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-29 13:48:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بىلمەيدىغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-10-29 19:11:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە شۇنداق ياخشى تەييارلىنىپتۇ. بىراق « بۇ يەردە ئىدىيە سېستىمىسى تارىخى بويىچە پىروفسسورلۇق بولغان » دېگەن جۈملىدە ئازراق مەسىلە بارمۇ-قانداق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش