گۈزەللىك گۈلىدىن پارچە
ئابدۇكېرىم داۋۇت سەمەندەر
چۈشۈمدە ئۇنىڭ ئاي يېگەن سايىلىرىنى كۆردۈم
—《2015-10-27》
E —ئاق B—يېشىل c—قارا D—قېزىل A—سۆسۈن F—كۆك G—قىرغۇچ
1-تۈن 2-بۇلاقلىرىدا 3-لەۋلىرىڭنى 4-كۆرسۇن 5-دەپ 6-چوڭقۇر 7-قىلدىم
لەۋلىرىڭ شارقىراتمىدەك قۇشلىرىمنى ئوۋلىماقتا
ئەي،بالا قۇش ئەمدى ئاناڭ قانداقمۇ سېنى دەپ
بۇ شۇم ئېغىزغا ئىشەنگۈدەك كۇپۇرلۇق قىلمىغۇدەك دەيسەن ؟
ھەقىقەتنىڭ قانداق پارچىلىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن......
ساڭا شۇنداق دەيكى
كۈلدەك پوقسىغان گۈلدەك
بىر نەرسە يوقلىقىنى شاماللاردىن قۇسۇپ چىقىرىمەن دېسەڭمۇ
ئىشەنچ سودىسى يەنىلار بار
جىلغىلاردىن قۇشلار ئىتتىرلىدۇ سۇلاردەك
قۇياشىڭمۇ ئىتتىرلىدۇ تېراكتۇردەك
خامۇشلۇق نادانلىق ئاراڭنى شوخلىدەك قىززارتىدۇ
بىلمەيسەن بىلگەن بولساڭ 《سۈرگۈن》لۈككە قاراپ تۇرمايتتىڭ ؟
ئۇ قەدەر قول قوشتۇرۇپ بىلگەن بولساڭ؟
مۇزىكىدەك ئۇسسۇلدەك ؟
چىدا بۇ ئاغرىققا ئۆلۈم مەۋجۇت ئەمەس
قورقما ئالدىرىماي بۇنىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويىمەن
كەل يېنىمغا ئۆت ! ئاۋۇ ياققا بېرىپ ئولتۇر
شاراپتىن ئېچىپ قويامسەن
دېسەم دېمىسەم ئېچىشتىن ئەنسىرەيسەن
كەل، مەن بۇ رەت ساڭا ئەڭ ئىچكىرسىدىكىنى كۆرسىتىپ قويىمەن ……
ھەرە تېغىدىن قورقامسەن ؟
جالاپنىڭ ئاتەشىدەك
جىلغىنىڭ كۈشكۈرتىشىدەك
ئېگىز بىنانىڭ ئىسقىرىتىشىدەك
تاتلىق شامالدەك لەۋلىرىڭ كەبى سۈزۈك دەيدىغان ئاشىقلاردەك
بىخەج يۈرەكتەك ئاق سەن بارىدىغان يوللار
چەكسىز نەپەسلىرىڭ جەينىمىزىنى يىغدۇرۋىتىمەن دەيدىغان بىرىنى ئەۋەتىمەن
كۆزلىرىڭنى......
ئۆلۈم يوق دەپ ئەسكەرتىمەن نەچچە قېتىم دەپ
ئەي، قۇلاق كەستى ھۆجەيرىلەر
شامالدەك جىمىقمايدۇ يوتاڭنىڭ ئاستىدا
چاقماقتەك
يەنە مېنى كۈتۈشكە باشلايسىلەر
چۈنكى، مەن سىلەردىن بىر كەيىپنى ئارتۇق قىلدىم
شۇ قەدەر مەسخىرەمسدىن ئاچچىقلانمىدىم
ئەسكەرتىشنى يوق قىلىمەن
ئۆلۈپ قالمايسىلەر ئۇ قەدەر قاراڭغۇلۇققا نەسىھەت كەبى
مۇزىكىدارلىقنىڭ ئەمچەك تۈگمىسىگە ؟
ئۆلۈم يوق ،سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمەن
يۇمران بالىلاردەك مۇلايىم قار ئۈستىدە گۈزەللىك قۇشى بولۇشنى خالامسەن
توز شارابىدىن ئىچىدىغان ئۇچۇشلاردەك سايىلەرنىڭ كەينىدە توختايدىغان مۇساپە ؟
ئۆلۈم جاۋابىنى ئالالمىغان مەھبۇس يامغۇرغا قۇرۇق قول بارىسىلەر
ئۆلەلمەيسىلەر ،ئەي سالام خەتلەر
ئۆلۈمنىڭ تۆشۈك قوينىدىن تۇرالمىغان ئۇ دەڭلار قۇياشقا
يولۇمنى توسالمايسەن دەپ
بۇ قەدەر ھاقارەت،بۇ قەدەر يالغانچىلىق ؟
ئېسىت،سېنى تونىمايمەن دېگەن سۇلارغا ……
تۆشۈك سېغىنغان قۇلاقلارنى ھالقا قىلىپ ئاسىمەن دېگەن نادانلار بۇلاقلار
مەسخىرىۋاز چېۋىنلەر قېنىڭدا ئاقماقتا
ئەتە يەنە كۈن بولمايدۇ
كۈلكەم يۈرىكىڭنى يېرىۋىتىدۇ مەندىن يىراق ئوينا
بولمىسا تۇتىمەن چاتراق مېغىزىڭنى دېگىنىمگە ئىشەنمەيمەن
ھەقىقەتەن ھېچنېمە يوقلىقىغان سېنى ئىشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن تاماكسىنى پور-پور شورىغان ناخشىلاردەك
ئەمدى بولدى ؟
ھە ،توختا ئارقاڭغا ئاتەشلەر كۈچۈك كەبى ئالدىمغا كېلىپ يۇمشاپ ئۇخلايدۇ
ئىشىنەمسەن ؟ھەممىنى بىلىمەن
بىراق ساڭا بېرىدىغىنىمنىڭ ئۆلۈم ئەمەسلىكىگە قىسماقلارغا ئىشەنمە
قوڭغۇراقلارغا ئىشەن بۇلۇتلارنىڭ كەينىدە قۇش قەپەسلىرى يوق
قۇشلار تەنھالىققا چوڭقۇر ئىشەنچى بار
يەنە بىردەم ئۇنتۇيسەن ھەممە نەرسىنى
كۈلىسەن -دە ،مەردان بارمۇ سەن ،دەيمەن ؟
بۇنى جانانىم بىلىدۇ
رەڭلەر تاغ كەبى ئالدىڭنى توسقان سېغىنىشنى قوغلىۋەت
پەيزىڭ بار كاساپەت ،دەيسەن بۇلاقتەك كۈلۈپ
سىلەرگە راستىنىڭ يالغانلىقىنى ئۆگەتمەيمەن ئاغرىسانلارمۇ چاتىقىم يوق
ئۇزۇن پويىزدەك ئاۋزىڭنى يۆتكىلىش سوقۇۋەتكەندەك
غېرىبلىقتەك ئەمدى لەۋلىرىم ئاستىدا بۇلۇت كۈچۈكلىرىنى يېتەلەپ يۈرىدۇ
ئەتراپىمدا كۈچۈكلىنىپ ؟
بۇنى قوشنا نەپرەتلەر بىلىدۇ ؟
ئەمدى تولۇق مۇملىشىسەن
تېخىمۇ چېكەتكىدەك قاراڭغۇلۇق ئاراڭنى قاپلسۇن ؟
گۈزەللىكتەك يۈرىكىڭنىڭ توزغاقلىرى يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتەر چاقماقتەك قۇرغاق ؟
دېگىمىنىگە ئىشەن ئەي،شائىر
ئۇ چوقۇم ئۆيىدە ئۆلۈپ قالدى ……
بولدى ……
قايتايلى ،دېگەن بىر تىنىقتەك جىمجىتلىق……
مەن بىلىمەن قارغۇ شەپقەتنى
مەن بىر ئېقىم ياراتتىم
ساڭا جاكارلايمەن پادىشاھ ……
مەن بىر شائىر ……؟
ئىشەنمىسەڭ كىمدىن سورايسەن ؟مەن ئاخىرقى مەھبۇس ئەمەس
ئىشىكلەردىن كۆتۈرۈلگەن قارغۇ يۇلتۇزغلارغىچە مېنىڭ شائىرلىقىمنى بىلىدۇ!
چۈشىنىۋاتامسەن ئۇيقۇچان دەپتەردەك
كىتابتەك گۈزەل ئاقلىقتەك
مەن سىلەرگە ئەسكەرتىمەن ……
ھەممە ئازابنى تېتىغاندىلا ئاندىن ئۇچىسەن مەن بىلەن پارالېل ھالدا ……
مېنىڭ سائىتىمدەك تېنىقلىرىڭ ئايدا ماڭماقتا
قۇرتلاردەك ......
ئەسكەرتىش:بۇ يەرگە قۇشلار كېرىشكە بولمايدۇ
تامنىڭ ئاستىدا قۇش سۆڭەكلىرى چىشلىرىڭدا يالتىرايدۇ
ئۇزۇن سۆيۈشتەك ھارغىن قەدەملىرىڭ ھېس قىلماس بولىدۇ ……
قارغۇ قۇش
لەۋلىرىڭنىڭ شاقىراتمىسىدىن
شائىرلار تۇرماقتا گۇگۇم چوققىسىدىكى گۈزەللىكتە
بىر قۇش قارغۇلىقتىن تازا ھۇزۇلىنىۋاتىدۇ......
ئۇ كەيىپلەرنىڭ ھارغىنلىقىدا ئۇچقان ئەمەسمۇ ؟
قاراڭغۇ ئاسمانغا ئۇچۇپ بارىدۇ
كۈندۈزنى ئۈركۈتۈپ ……
تاش پۈتۈك
ئەي،مەڭگۈلۈك دەرىخىدىكى تاش ئۈزۈم
قاتتىق تەمىڭ ئۇلارنىڭ ئېسىدىن كەتمەيدۇ
يۇپۇرماقلىق ئۈستىدە ھارغىن كۈيلەپ دوقمۇش شەبنەملىرىنى ……
قولىدا ئىسكىنلەرنى كۆتۈرۋېلىپ يۈرىشىدۇ ئەرۋاھ ھەيكەللەرنى ئويۇپ……
ئۆزىكىڭ ئۇپرىماس بەلكى كەچكۈز ياپراقلىرىدەك ئۇلارنىڭ چىرايىنى سارغايتىسەن
گۈزەللىك كۆرۈمسىزلىككە يۇشۇرۇنغان سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ،دېگىنىڭدە ھەيرانلىقتىن
ئېغىزىڭغا مۇۋاپىق ئىبارىلەر كەلمەيدۇ ،بەلكى ئۇ ئېقىپ يۈرىدۇ ……
قۇم خەرىتىلەر چاچرىغان مېۋە چوغلىرى
ئېسىڭنىڭ زېمىنىنى كۆيدۈرىدۇ ……
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-28 12:16