- UID
- 1
- يازما
- 68
- ھوقۇقى
- 255
- 真实姓名
- شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
- نادىر
- 10
- جۇغلانما
- 532
- تىزىملاتقان
- 2012-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-15
|
تەشكىلنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «خانتەڭرى ئەدەبىياتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى» غا بىر پوۋېستلار توپلىمى، بىر ھېكايىلەر توپلىمى بىر شىئېرلار توپلىمى (ھەر بىرسى 300 خەت ئەتراپىدا بولىدۇ) نى كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.
ئۈچ توپلامغا كىرگۈزۈلىدىغان ئەسەرلەر:
1. تورىمىزنىڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە يوللانغان،يىللاردىن بۇيان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن تاللىنىدۇ.
2. كىتاپلارنىڭ خەت سانى چەكلىك بولغاچقا كىرگۈزۈلىدىغان ئەسەرلەر گە مۇتەخەسىس ۋە ئوقۇپ ـ تەكشۈرۈش كوللىگىيەسى تەرىپىدىن قايتا تاللىنىش تەلىپى قويۇلىدۇ.
3. تاللاشتا ئەسەرنىڭ مۇنبەرگە يوللانغان ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكىگە ئېتىۋار بېرىلىدۇ.
4. يوللانغان ئەسەرلەرگە نەچچىنچى نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ۋە قايسى ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئەسكەرتىش بېرىلگەن بولۇشى كېرەك.
5. تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى يوقلارغا تورداشلارنىڭ، تونۇش ـ بىلىشلىرىنىڭ خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى ۋە ۋاكالەتەن يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
6.ئەسەر قوبۇل قىلىشنىڭ ۋاقتى تولىمۇ قىس بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دەرھال تۇتۇش قىلىشىنى سورايمىز.
2011-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن يوللانغان ئەسەرلەر بۇ توپلاملارغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.
7. ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى،قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ
تېلىفۇن نومۇرى:0991-4527645
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
|
|