يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 2

مەسئۇد ئىسا(ت): ئۈمىد ئەلى شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-27 23:25:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ئۈمىد ئەلى 1978 -يىلى سەمەرقەند ۋىلايىتى سەمەرقەند تۈمەنىدە تۇغۇلغان. 2001 -يىلى ئەلشىر ناۋائىي نامىدىكى سەمەر قەند ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزبېك فىلولوگىيەسى پاكۇلتېتىنى تاماملىغان. ئۇ2001 -2003-يىللاردا تۈمەندىكى 23-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.2003 2012 -يىلغىچە ‹‹بېكاجان››گېزىتىدە مۇسەھھىھ، مۇخبىر، بۆلۈم مۇدىرى بولغان.ھازىر‹‹ئاپراسىياف ›› گېزىتىدەئىشلەۋاتدۇ.
ئۇنىڭ ‹‹دىلخانىم››،‹‹كۆككە يول››، ‹‹سالام، شىرىن تۇيغۇلار›› قاتارلىق شېئىر ۋەنەسىرىي ئەسەرلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.2009 -يىلى ئەللىكتىن ئارتۇق ئۆزبېك ئىجادكارلىرى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان سۆھبەتلىرى ‹‹ كۆڭۈلگە زىيارەت›› نام بىلەن نەشىر قىلىنغان.


تۈننىڭ كۈنى پۈتتى، تاڭ ئۆستى شىددەتتە

تۈننىڭ كۈنى پۈتتى، تاڭ ئۆستى شىددەتتە،
چەكسىز ئاسماننىڭ يورىدى كۆزى.
ئادەم قۇتلىغاندەك  گويا ئادەمنى
شەرەپكە چۆمدۈردى ئالەم ئۆز -ئۆزىنى.

نۇرئىچىپ بارىدۇ ئاسمانە -ئاسمان -
نىگاھتۇر...تەرز ئەيلەپ تىنچتىن -تىنچ.
شۇ كىچىكىنە بەستىگە دۇنيانى قاچىلاپ،
كۈيلەر ئېيىتدۇ يۈرىگىم -ئاقىن.
سەھەر پەيتى خىياللار... زەررە غۇبار يوق،
كۆڭلۈڭ ھەم شەپەقتەك، تاڭ كەبى تازا.
كۆزلىرىڭ يۇممىغىن، مۆھۈرلەنسۇن كۆك،
تاڭ- پەرىشتىلەر ئاچقان دەرۋازا.


سىغىنىپ كەتسەڭ تاڭدا


سىغىنىپ كەتسەڭ تاڭدا، ساباغا
ئەسىر قىلسا سېنى ئىپارلار.
سەن ئۆزىڭدىن قالدۇرساڭ بىر ئىز-
ئىسمىڭ زىكىر قىپ تۇرسا باھارلار...
ھەربىر غۇنچە ئويغانسا سۈزۈك،
ئۆيلىرىڭ نۇر چاچسا جاھانغا.
ھىسلىرىڭنى سەزسە دۇنيا،
ۋە ئايلانسا ئەپسۇنگەر تاڭغا.
ھايات سېنى ئالسا قىستاققا،
قىيما-قىيما بولساڭمۇ،باش ئەگمىسەڭ.
يۈتۈپ كەتسە سېنى تۈن،
ھەر تاڭ شەپەق بولۇپ ئويغانساڭ...

سۇكۈناتنىڭ دولقۇنلىرىنى


سۇكۈناتنىڭ دولقۇنلىرىنى
ئاڭلىماققا قادىر پەقەت تۈن.
تۇننىڭ تىنچ دولقۇنلىرىنى
ئاڭلايدۇ بىر كۆڭلى پۈتۈن.
كۆڭلى پۈتۈن ئۇيقۇلىرىنى
ئاڭلار بىر تىنچسىز يۈرەك،
بۇ يۈرەكنىڭ دولقۇنلىرىنى
سېزىش ئۈچۈن مۇھەببەت كېرەك.



يات رەڭ- ھايات بۇ، مۆجىزە يوق


كۆزلىرىمگە قادالدى رەڭ،
نە يېشىل، نە قىزىل، نە ئاق، كۆك.
مەن تېخى تونۇپ ئۈلگۈرمىدىم،
يات رەڭ- ھايات بۇ، مۆجىزە يوق.

ھېس ھەم ئويغىنىدۇ شۇ تاپتا،
نە قۇۋانچ، نە قايغۇ، يات سەزگۈ.
تومۇرلىرىمدا قان ئەمەس، شاراپ،
مەن  جاممەن  نە يېڭى نە كونا.

قۇلاقلىرىم ئەسىر بىر كۈيگە،
ئاھاڭلىرى نە شوخ، نە غەمكىن،
دۇنيالىرىم ئاقار ئۆيگە،
چاقىرماقتا ھەققە مۇئەززىن.

تەسەۋۋۇرۇم ياراتقان چاقماق،
ھازىرلايدۇ بەشىنچى پەسىل.
تۇيغۇلارىم بويىلىدۇ...ئاق،
مەن تاللىغان دۇنيا بۇ ئېسىل.

ئۆتكۈر نىگاھىڭنى ئەيلىدى ئىشغال

ئۆتكۈر نىگاھىڭنى ئەيلىدى ئىشغال،
گۆھىرىڭنى يېرىپ، شۇڭغىدى قەلبىڭگە.
ئاپئاق ئويلىرىڭغا سىڭەر ۋە خىيال
سۈتتەك ئاقىرار.ئاڭ ئاسماندەك قارىيىپ.
تۇيغۇلار يۇمشار، قەلب ھەم ھۇر، ئازاد
ھىسلار تۆكەر قىرلار، يولۇڭ ئاقتىن -ئاق.
سەن ئەندى كۆتىرىپ، روھىڭنى ئازاد
ساماغا نۇر چاچىسەن، يۈرىگىڭ -ئوچاق.


سەندىن تارىلارخۇش ھىدلار


سەندىن تارىلارخۇش ھىدلار،
كۆزلىرىڭدە ئويغىنار ئۈمىد.
ئەركىلەيدۇ يۈرەكتە ھىسلار-
چالغۇلىرى ئالتۇن ئىشق -ھېيت.
چاچلىرىڭدا دولقۇنلىنار باھار،
تارىتىپ شوخ خۇشبۇي بۇيلار.
يۈرىگىمنى غىدىقلاپ،دەرھال
يالپۈز  ھىدلىرىن تارىتار ئۆيلەر.
يۈزلىرىڭدە باھار جىلۋىسى،
نازلىرىڭدا تىللالار قات-قات.
ئېشىپ بارار ئىشقىم ھەۋەسى،
زەرلىرىڭدە  يالقۇن مۇھەببەت.
سەندىن تارىلارخۇش ھىدلار،
سۆيگۈ ئىپارىغا تولغان دۇنيا
سەن مېنى سۆيگەن شۈ چاغلار
لالە گۈلگە  ئايلىنسەن ئاھ...
قىرلاردا سەن، ئېدىرلاردا سەن،
قۇچىغىمغا سىغمايسەن، ئاي نۇرى
باھار قىزغا ئايلانغان گۈلسەن،
مەن ئىشقىمدا كۈتكەن دىل -ئاپتاپ.
سەندىن تارىلارخۇش ھىدلار...


مەسئۇد ئىسا ئۆزبېك تىلىدىن ئۆزلەشتۈرگەن
2015/3/20
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-28 01:16  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-28 11:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن مېنى سۆيگەن شۈ چاغلار
لالە گۈلگە  ئايلىنسەن ئاھ...

ئۆزگىچە شېئىرلار ئىكەن...ئوقۇپ زوقلاندىم .

ۋاقتى: 2015-10-28 16:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرۇپ ئوقۇپ بەھرلەندىم، « شۇڭغۇدى » دېگەنگە ئوخشاش سۆ‍زلەر توغرا يېزىلسا مەسئۇد...ئامەت يار بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش