كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 4

قادىرى: خىجىللىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-27 15:42:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                            خىجىللىق
                                                           (ھېكايە)
                                    تۇرغۇن مىجىت قادىرى
   بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا ئادىتىم بويىچە دېھقان بازىرىغا تەييارلىق قىلدىم ۋە:
-مەن بازار ئايلىنىپ كىلەي،-دېدىم ئائىلەمدىكىلەرگە.
-مەنمۇ چىقىمەن!-دېدى ئەركە قىزىم قولۇمغا ئىسىلىپ تۇرۇپ.
-مەنمۇ چىقاي-دېدى ئايالىم، ئىچىدىكى ئۆيدىن چىقىپ،-مەن يالغۇز قاراڭغۇ ئۆيدە بۇرۇقتۇرۇم بولۇپ، قازاننى قۇچاقلاپ ئولتۇرغۇچى، جاڭگالنىڭ ئوغلاق-پاقلانلىرىنىڭ گۆش- كاۋاپلىرىدىن يىگەچ، يەل-يىمىش، سەي-كۆكتات ئالغاچ كەلمەيمىزمۇ!؟.
- بولىدۇ، ئىتتىكرەك تەييارلىق قىلىڭلار،-دېدىم مەنمۇ ئۇلارنى بازار ئايلاندۇرۇپ كىرمىگىلى خىلى ھەپتىلەر بولغانلىقىنى ئويلاپ.  
بىز ئۈچەيلەن ئۆيدىن چىقىپ بىرەر كىلومىتىر يولنى پىيادە مېڭىپ دېھقان بازىرىغا كەلدۇق. بالىلىرىمنىڭ تەلىپى بويىچە جاڭگال ئوغلىقى گۆشىنىڭ سۇدا پۇشۇرغىنىدىن بىر كىلو، ئامبار بېلىقىنىڭ ياغدا پۇشۇرغىنىدىن بىر كىلو ئېلىپ، قورساقنى توقلاپ، ئۇلاق بازىرى، توخۇ-كەپتەر بازىرىنى تۈگۈتۈپ، مىۋى-چىۋە بازىردىن يەرلىك ئالما، شاپتول، ئۈزۈملەردىن مەلۇم نىسبەتتىن ئېلىپ ئەمدىلا سەي بازىرىغا يىقىن كىلىشىمىزگە:
-ئوغرىنى تۇتۇڭلار، ئوغرى پۇلۇمنى ئېپ قاچتى!-دېگەن ئەنسىز، چىقىراق ئاۋاز قۇلاق-مىڭڭەمنى يىدى.
ئۇۋىسى چۇۋۇلغان چۈمۆلىلەردەك قىمىرلاپ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بۇ قايناق بازارغا قولىقى ئاڭلىمايدىغانلار كېلىپ قالغاندەك ھەممىسى ئۈن-تىنسىز ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنت ئىدى.
   -ئەي ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ئاۋۇ قاچقان ئادەم مېنىڭ 30مىڭ يۈەن پۇلۇمنى ئېلىپ قاچتى، سېلەردىن ئۆتىنەي تۇتۇشۇپ بىرىڭلار، مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانار...!
بۇ 40 ياشلاردىكى ئايالنىڭ ئەنسىز، بىچارىلەرچە  يېلىنىشلىرى بۇ كوچىدىكى ھىچقانداق بىر ئادەمنىڭ قولىقىغا   كىرىپ قويمايتى، ئەكسىنچە ئوغىرغا يان تاياق بولغاندەك ئۇنىڭ تۇتۇلۇپ قالماسلىقىنى تېلىگەندەك ئوغرىنىڭ قېچىشىغا يول بىكارلاپ بىرىۋاتاتتى.
بۇ ھالدىن ئېچىنىپ ئوغرىنى تۇتۇش ئۈچۈن، قولۇمدىكى مىۋە سېلىنغان خالتىلارنى يېنىمدىكى قىزىمغا تۇتقۇزۇپ تۇرشىمغا:
-ياش بۇ يەرگە بارغاندا تولا ئاق ساقاللىق قىلماي يوللىرىغا ماڭسىلا،-دەپ پىشىمنى تارتتى يېنىمدىكى ئايالىم،-جانلىرىدىن تويدىلىمۇ؟ ئوغرى-بۇلاڭچىلار جېنىدىن تويغان بىر نىمىلەر ياكى ئۇنىڭمۇ شىرىكى بار، سېلىنى تۇنىۋېلىپ، سېلىگە تۇيدۇرماي بىر ئىش بولۇپ قالسا بىز قانداق قىلىمىز؟-دېدى.
ئايالىمنىڭ «بىز» دېگەن بۇ سۆزىنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر مەنا سىڭگەن ئىدى، چۈنكى ئايالىم ئىش ئورنىدىن قالغان پېتىم ئائىلىدە، مېنىڭ مائاشىم بىلەن بىر بالىنى ئالى مەكتەپتە، بىرسىنى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇتۇپ، كۈنىمىز ئاران-ئاراندا ئۆتىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەندىكى بۇ جەسۇرلۇق قاتتىق بوراندا توزىغان توزغاقتەك ئۇچۇپ، ئەسلىمنى ئۇنتۇلدۇرۇپ جايىمدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، مەندىن بەش-ئالتە قەدەم يىراقلىقتا كىشلەر ئۆپۈر-تۆپۈر بولۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭلار كۆتىرىلدى. مەنمۇ ئوقتەك ئۇچۇپ شۇ يەرگە ئۈندۈم. قارىسام ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، 80 گە يېقىنلاشقان، كۆزلىرىدىن ھاياتلىق نۇرلىرى ئۈچەي دېگەن بىر بوۋاي 30 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ھېلىقى ئوغرىنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ، جانسىز تەنلىرى بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى. لېكىن كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئالىھىدە بولغاچقا بوۋاي ئېغىر ھالسىرايتى، ئەمما بوۋايمۇ بوش كەلمەي بۇ ھەق بىلەن ناھەق ئۈستىدە جان تىكىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىشۋاتاتتى. باشقىلار خۇددى توخۇ سوقاشتۇرۇش مايدانىدىكى تاماشىبىنلاردەك تاماشە كۆرۈپ تۇراتتى، مەنمۇ مۇشۇ كۆرىنىشتىن ھەقىقى ئىنسانغا ئايلانغاندەك كىشلەر توپىنى بۆسۈپ ئۈتۈپ ھېلىقى ئوغرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئامبۇردەك قوللۇرىم بىلەن قوللىرىنى قايرىپ كەينىگە قىلىپ، دائىم يېنىمدىن ئايرىمايدىغان كويزىنى ئېلىپ ئۇنىڭ قولىغا سالدىم. بوۋاي ئۇنىڭغىچە ئوغرىنىڭ يېنىدىكى ئۈچ كاللەك يۈز يۈەنلىك پۇلنى ئېلىپ:
-بۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىڭ ساقچى ئۇكام-دەپ مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزدى.
-رەخمەت بوۋا.-دېيەلىدەم مەن ئېغىر خىجىلچىلىقتا.
- ياق ساقچى بالام سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت، بۇ قارا نىيەت سىز بولمىغان بولسىڭىز ماڭا تەن بەرمەيتى، ھەي قېرىلىقتە، بولمىسا بۇنداق بۇرنىغا سېرىق سۇ كىرمىگەن گۇيلاردىن نەچچىسىگە تېتىيتۇق.
ئۇنىڭغىچە ھېلقى ئەنسىز ۋارقىرغان، پۇلىنى ئوغرىغا بىرىپ قويغان ئايالمۇ يېنىمىزدا پايدا بولدى. مەن بۇ ئۈچ كاللەك پۇلنى ئۇ ئايالغا تۇتقۇزدۇم. ئۇ ئايال چەكسىز مەمنۇنىيەتتىن بۇ بىر توتام پۇللاردىن بەش ۋاراق ئايرىپ، بۇ 500 يۈەننى ئېلىپ ماڭا سۇندى.
-ھەقىقى كۆڭلىڭىز بولسا بۇنى ماۋۇ دادىمىزغا بىرىڭ-دېدىم مەن بۇ ئايالنىڭ قۇلىنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ.
ئۇ ئايال بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ گەپ قىلىپ بولغىچە:
- ماڭا تېگىل بولدى قىزىم، رەخمەت، پۇلىڭىزنى چىڭ ساقلاڭ،-دېدى بوۋاي ئايالنىڭ قولىنى سەمىمىلىك بىلەن ئىتتىرىپ تۇرۇپ،- مېنىڭ ھاسام...-دەپ ئۇيان-بويانغا سەپ سېلىشقا باشلىدى.
- مانا،-دېدى بىرەيلەن بوۋاينىڭ ھاسىسىنى  قولىغا تۇتقۇزۇپ.
مەن ئوغرىنى بۇ بازارنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىغا بازارلىق ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بوۋاينىڭ كىيىم كېچىكىنى تۈزەشتۈرۈپ، توپىلىرىنى قېقىشتۇرۇپ يولغا سالدىم.
بوۋااي مەندىن يىراقلاشتى، مەن بوۋايننىڭ كەينىدىن قارايتىم، بوۋاينىڭ  پۇت-قوللىرى تىتىرەيتى، يول ماڭمىقىمۇ تەس ئىدى، لىكىن ئۇ يىراقلاشقانسىرى ماڭا گىگانىت ئادەمدەك، ئاجاياپ زور ئىشلارنى قىلغان نامسىز قەھرىمانلاردەك تۇيغۇمدىن نېرى كەتمەيتى.
-ئاجايىپ قەيسەر بوۋايكەن،-دېدى توپ ئىچىدىن بىرەيلەن،- ئۇ شۇ ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن ئوغرىنىڭ پۇت ئارلىقىغا قولىدىكى ھاسىسىنى تىقىپ پۇتلاشتۇرپ يىقىتىپ ئۆزىنى ئوغرىنىڭ ئۆستىگە ئاتتى...
مەن خىجىلچىلىقتىن كىشلەرگە تۇيدۇرماي توپتىن غىپپىدە ئايرىلىپ، ئايالىمنىڭ يېنىغا بېرىپ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كۆزىمنى چەكچەيتىپ بىر قارىدىم. ئايالىم مېنىڭ بۇ غەزەپلىك كۆزلىرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىمۇ شەلپەردەك ۋىللىدە قىزاردى. مەن 47 ياشلاردىكى، كۈچ-قۇۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان بىر ئەر يىراق يېزىدىكى خەلىقنىڭ ئامانلىقىنى ساقلايدىغان ساقچى تۇرسام، مەن زادى نىمە قىلىپ قويدۇم؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-27 23:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-28 10:52:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   ھېكايە بەك ياخشى ،مەزمونى ئېنىق ھەم چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ،جەمىيىتىمىزدە بۇنداق  ئادەملەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ،بارىكاللا سىزگە.

ۋاقتى: 2015-10-28 11:55:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنىڭ ئىبرىتى ھەممىمىزگە بولسۇن. ھازىر كوچىلاردا بىرسىنى بىرسى ناھەق بۈزەك قىلىۋاتسىمۇ، ھىچقايسىمىزنىڭ چاتىقى يوق ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىگىنى كۆزلەپ، بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ ئۆز يولىمىزغا كىتىۋاتىمىز. شەخسىيەتچىلىك شۇنچىلىك يامراپ كەتتى ھازىر.
ھىكايىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-28 16:05:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىخچام،تېتىملىق چېقىپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-28 16:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىنداشلىرىم...!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش