بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
غېرىپلىق باشلانغاچ كەچكۈزدە يەنە،
ياپراقتەك تۆكۈلدۈم، تۆكۈلۈپ كەتتىم.
باھارنىڭ زىننىتى _ گۈللەرگە قىيماي،
يىرتىلىپ، تىتىلىپ خەير-خوش ئەتتىم.
سوغۇغان چاڭگىغا قاناتىن يايغان،
ئاناقۇش دەردىنى كىملەرگە دەيتتىم.
ئۈمچىيىپ قارايدۇ چىغىر يوللارمۇ،
بۇلاقنىڭ كۆزىدە مۇزلاپتۇ قىياق.
شىۋىرغان يۇلۇپتۇ دەرەخ چېچىنى،
بۇلبۇلنىڭ باغرىدىن ئۆرلەيدۇ پىراق.
نازغىتىپ تەبەسسۇم ياغدۇرار يەنە،
ئۈششىگەن جىلۋىگەر ئوماق ئۈچقۇلاق.
تۈنۈگۈن ياپيېشىل تۇراتتى چىمەن،
بولۇپتۇ رەڭلىرى زەفىران بۈگۈن.
كىملەرنىڭ بېشىدا قامچا ئوينىتار،
گىدىيىپ، كىرىلىپ نويابىر ئۆگۈن.
ئەي مەۋسۇم كىملەرگە قىلدىڭ تەبەسسۇم،
كىملەرگە بەردىڭ ھەم يېشىلمەس تۈگۈن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-26 20:21