كۆرۈش: 1245|ئىنكاس: 28

«خوتەن گېزىتى» 21-ئۆكتەبىر«قاشتېشى»بېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-26 16:54:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«خوتەن گېزىتى» 21-ئۆكتەبىر«قاشتېشى»بېتى

مەسئۇل مۇھەررىر:مەتتۇرسۇن ئوسمان

مۇھەررىر: بۈخەلچەم مەمتىمىن

شېئىرىيەت:

بېقىۋال ........................... ئىدىرىس مەتسىيت قەدىناس

مەكتەپ بىلىم باغچىسى ............ تۇرسۇنجان ئابلەت(ئوقۇغۇچى)

ئۆستەڭ بويىدا.................................. ئۈمىدجان قادىرى

ئۆلۈمنامە ...........................گۈلباھار ئابدۇقادىر تاشقىن

ئۆگىنەيلى ئىلىم-پەن ............زۇردۇن جالالىدىن(دىنىي زات)

توغراق ................................. مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

نەسىرى ئەسەر

ئالماشتۇرۇش (ھېكايە) ....................... ئابلەت سالىم

گۈزەل سەنئەت:

بىر پارچە سۈرەت ................ ھۈسەنجان قاسىم فوتوسى

بىر پارچە سۈرەت ...................... ئېلىجان ئىسمائىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 16:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-26 17:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇنبىرىمىز ئەزاسى ئۈمىدجان قادىرى، گۈلباھار ئابدۇقادىر تاشقىن قاتارلىقلارنىڭ «خوتەن گېزىتى»نىڭ «قاشتېشى» ئەدەبىيات بېتىدە جۇلالانغان ئىجادىيەت مېۋىسىگە مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-26 17:02:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى سان،يېڭى بەتكە مۇبارەك بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-26 17:02:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆستەڭ بويىدا

ئۈمىدجان قادىرى

ماڭماقتىمەن ئۆستەڭ بويىدا؛
ئۆزۈم تەنھا خىيالغا پېتىپ.
شۇ سۆيۈملۈك يارنىڭ خۇيىدا،
ئاستا-ئاستا سۇغا تاش ئېتىپ.

سۇ كۈيىدىن كېلىدۇ ئەينەن،
خۇش ئاۋازلىق جاناننىڭ ئۈنى.
بۈگۈن قانداق ئۆتكەندۇ دەيمەن،
مەھبۇبەمنىڭ يىراقتا كۈنى.

ھەركۈنلىكى شۇ خىيال-ئويدا،
تۆكمەكتىمەن ھېجران يېشىنى.
تاپىنىمدا مىڭ قاداق پەيدا،
چىڭداۋىرىپ ئۆستەڭ قېشىنى.

لەۋ يېقىشقان ئۆستەڭ ھەم سۇدەك،
چىن ۋىسالغا يېتەرمەن قاچان؟
ئاچسا ئېدى باغلىرىم چىچەك،
باسماي تۇرۇپ ئۆمرۈمنى تۇمان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 17:06  


باھا سۆز

رەھمەت ، بىلۋالدىم !  ۋاقتى: 2015-10-27 10:50 AM
بىزدە خۇي-پەيلى دەيدىغان گەپ بار، شۇ سۆزنىڭ تۈرلىنىشى شۇنداق بولىدۇ!  ۋاقتى: 2015-10-26 05:33 PM
خۇيىدا دىگەن سۆزنىڭ مەنسى نىمە ؟ ياكى كۇيىدا سۆزى خاتا يېزىلىپ قالغانمۇ ؟  ۋاقتى: 2015-10-26 05:26 PM
ۋاقتى: 2015-10-26 17:27:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرى ئىلان قىنغان بارىلىق ئاپتۇرلارغا مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-10-26 17:38:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! گىزت يوللاشنىڭ يىڭىچە ئۇسۇلى ئكەندە (چاقچاق)  گزىتنىڭ ئۆزىنى يوللىغان بولسىڭىز چۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-26 18:13:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-10-26 17:38
مۇبارەك بولسۇن! گىزت يوللاشنىڭ يىڭىچە ئۇسۇلى ئكەندە  ...


مەنمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلىغان.بىراق،تېخنىكام يېتىشمەيدىكەن.ياش بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا،مۇشۇنىمۇ خېلى قىلىۋاتىمەن سىڭلىم،ئۆزرىلىكمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 18:15  


ۋاقتى: 2015-10-26 18:22:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرى ئىلان قىلىنغان دوستلارنى تەبرىكلەيمەن

ۋاقتى: 2015-10-26 18:49:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-10-26 19:10:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگىنەيلى ئىلىم-پەن ............زۇردۇن جالالىدىن(دىنىي زات)

ئاپتورنىڭ تەخەللۇسى شۇنداقمۇ ياكى دىنىي ساھەدە خىزمەت قىلامدۇ؟ چۈشىنەلمىدىم...

باھا سۆز

مەسچىتنىڭ خاتىپى.  ۋاقتى: 2015-10-26 07:56 PM
ۋاقتى: 2015-10-26 20:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« خوتەن گېزىتى » نىڭ  « قاشتېشى » بېتىگە  ۋە ئۈمىدجان قادىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان ئەسىرىگە مۇبارەك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-10-26 21:53:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىناس،ئۈمىدجان ...قاتارلىق ئۇستازلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-26 22:13:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدجان قادىرىنىڭ «ئۆستەڭ بويىدا» ناملىق شىئېرى تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
«لەۋ يېقىشقان ئۆستەڭ ھەم سۇدەك،»----------مۇشۇ مىسرادىكى پىكىرنى باشقىچە ئىپادىلىگىلى بولماسمىدى. ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭلار.

ۋاقتى: 2015-10-26 22:51:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كورشات بىلەن ئ‍وخشاش قاراشتا، ئ‍ۆستەڭ بىلەن سۇ لەۋ يېقىشمايدۇ، بەلكى سۇ ئ‍ۆستەڭنىڭ باغرىنى بويلاپ ئ‍اقىدۇ، قىرغاق بىلەن لەۋ يېقىشسا قانداق بولاركى! ؟

ۋاقتى: 2015-10-26 22:52:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كورشات بىلەن ئ‍وخشاش قاراشتا، ئ‍ۆستەڭ بىلەن سۇ لەۋ يېقىشمايدۇ، بەلكى سۇ ئ‍ۆستەڭنىڭ باغرىنى بويلاپ ئ‍اقىدۇ، قىرغاق بىلەن لەۋ يېقىشسا قانداق بولاركى! ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش