يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 415|ئىنكاس: 3

نۇرمۇھەممەت: بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-25 22:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك؟
نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت
{بۇ يازمىنى ئائىلىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئائىلە باشقۇرىۋاتقان، بالىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ بالا بېقىۋاتقان، قىسقىسى، خاتالىق ئۆزىدە تۇرۇپ، ئاشۇ بىچارە، سەبىي بالىلاردىن ئاغرىنىۋاتقان، شۇ بالا سەۋەبلىك كۆزى ياش، يۈرىكى خۇن بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانىلارغا بېغىشلايمەن. }


«بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش كېرەك؟» دېگەن بۇ سۇئالغا ھەر كىم ھەر خىل جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ بالا بېقىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن بەزىلەر، بالىلارنى بۇنداق تەربىيەلىگەن ياخشى دېسە، يەنە بەزىلەر ياق ئۇنداق تەربىيەلىگەن ياخشى دەپ يەكۈن چىقىرىشى مۇمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بۇ سۇئال ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدۇ ھەم سەل گاڭگىرىتىدۇ. مېنىڭچە، بىزنىڭ مەدەنىيەتتىن، تەرەققىياتتىن، يۈكسېلىشتىن، ئىلغارلىقتىن، تۈرلۈك يېڭىلىقلاردىن خېلىلا يىراقتا قالغان، بۇ جەھەتتە ئاران يەر چامداپ، ھالسىراپ مېڭىۋاتقان بۇ دىيارىمىزدا يۇقارقىدەك سۇئاللارغا ھەقىقىي چۈشەنچە، ئىنسانىي بۇرچ ۋە ئەقىل بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىدىغان كىشىلىرىمىز كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى تەلىم-تەربىيە ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشكىمۇ بەلگىلىك ساپا ۋە تەجرىبە كېتىدۇ. مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى بولمىغان، ئىلىم-مەرىپەت تەربىيەسى كۆرمىگەن، نەزەر دائىرىسى تار، كىشىلىك دۇنيا، ھايات، تۇرمۇش چۈشەنچىسى تۆۋەن، تەجرىبىسىز كىشىنىڭ سورالغان سۇئالغا تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ چاغلىق بولىدۇ. بۇنداق كىشىدىن بىرەر مەسىلىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشىمەن دېيىش تەس.
ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق بۇ سۇئالنىڭ ۋەزنىنىڭ ۋە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنە قاتلىمىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى بۇ سۇئالغا بېرىلىدىغان جاۋابنىڭ قانداق بولۇشى دۇنياغا كۆز ئاچقان ياكى كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىر بوۋاقنىڭ، ئەمدىلا تىلى چىقىپ ئاران-ئاران مېڭىشنى ئۆگىنىۋاتقان بىر بالىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش يولىنى، ھايات ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ سۇئالغا بېرىلىدىغان جاۋاب ئارقىلىق بېشىنى غەم-غۇسسە قاپلىغان ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۆزىنىڭ قايسى ئىشىكنى ئاچسا ئەقىللىق پەرزەنتىنىڭ بەخت ئىشىكى ئېچىلىدىغانلىقى، قايسى ئىشىكنى ياپسا ئازاب-ئوقۇبەت، بەختسىزلىكنىڭ ئىشىكى يېپىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. جۈملىدىن، مۇشۇ سۇئالغا بېرىلىدىغان جاۋاب ئارقىلىق ئادەملەر بىلەن گۈزەللىككە، مېھىر-مۇھەببەتكە تولۇپ تۇرغان ھاياتلىق تېخىمۇ گۈزەللىككە، مېھىر-مۇھەببەتكە تولىدۇ. ناۋادا بۇ سۇئالغا بېرىلىدىغان  جاۋاب توغرا بولمىسا، بالىلار تۇغۇلۇپلا ئۆزىنى بەختسىزلىك قوينىدا كۆرىدۇ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كېچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان شەپەرەڭگە، ھەتتا يامان يوللاردىن چىقالمايدىغان، باققان ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىنى سۆرۈن قىلىپ ھاياتىنى تۈگەشتۈرىدىغان بەچچىغەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بولسا قان-قان يىغلاپ «ھەممىنى قىلغان بالا» دەپلا خاتا چۈشەنچە ئىچىدە ئازاب دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ، ئېغىر ھالىسىراش بىلەن پۈتۈن ئۆمرى ئازاب-ئوقۇبەتتە ئۆتىدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۈچۈن ياشاشنىڭ مەنىسى يوقتەك، ھايات بىمەنە ۋە بىھۇدە ئىشتەك بىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاب بەرگەندە مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى يەشكىلى، بالىلارنى خۇشاللىققا، ھاياتلىقنى گۈزەللىككە چۆمدۈرگىلى، ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنت تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىققانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ خاتىرجەم قىلغىلى، ئۇلارنىڭ قەلبىنى يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ بىز بۇ ماقالىمىزدا مانا مۇشۇ سۇئال ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز ھەم بۇ توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
پەرزەنت تەربىيەلەش ھەقىقەتەن مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇن جەريان. ھازىرقى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە ئىلغار بولغان مائارىپنىڭ تەلىپى بويىچە ئېيتقاندا بالا تەربىيىلەشنىڭ ۋاقتى بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، يەنى بالا ئانىنىڭ قورسىقىدا ئاپىرىدە بولۇپ نەچچە ئايلىق بولغان مەزگىلدىن باشلىنىدۇ. بۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلى غەرب ئەللىرىدە ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئېلىپ بارىدۇ. ئانا ئۆزىنىڭ قورسىقىدا مۇقەددەس بىر جىسىمنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەندە، ئاتا ئۆزىنىڭ ئۇزاققا قالماي ئەزىز بىر بوۋاقنىڭ ئاتىسى، ھامىيسى، مەڭگۈلۈك تەربىيەلىگۈچىسى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا ئاتا-ئانا بولغۇچى تۈرلۈك نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ، بالىنىڭ ساغلام، نورمال ھالەتتە دۇنياغا كۆز ئېچىشىغا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئاتا بولغۇچى جاپاكەش ئايالىغا بولغان ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك، يېتىپ قوپۇش، ئارام ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىگە تەلەپنى چىڭ قويۇپ، ئايالىنى ياخشى كۈتىدۇ. ئانا بولغىچىمۇ بالىنى ئوبدان ئاسراپ، ئۇنىڭ يېتىلىشىگە ھەر جەھەتتىن دىققەت قىلىدۇ. نەتىجىدە ساغلام ۋە تېتىك بولغان بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.
غەرب ئەللىرىنىڭ بىز تىلغا ئېلىۋاتقان بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى يۇقارقىدەك بولۇپ، ئۇلاردا ھەتتا مەخسۇس «ئانا تەربىيەلەش كۇرسى» تەسىس قىلىنغان. بۇ كۇرسقا يېڭىدىن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئانىلار قاتنىشىدۇ. ئۇلار بۇ كۇرسقا قاتنىشىش ئارقىلىق ئانا بولغاندىن كېيىنكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا، پىرىنسىپلارنى، بالا تەربىيىلەشتىكى قانۇنىيەتلەرنى ئۆگىنىدۇ. بۇ كۇرسلاردا بالىنى ھامىلە ۋاقتىدا قانداق تەربىيىلەش، نۆل ياش ۋاقتىدا قانداق تەربىيىلەش، بىر ياشقا كىرگەندە قانداق تەربىيىلەش، ئىككى ياشقا كىرگەندە قانداق تەربىيىلەش، تىلى چىققاندا، مېڭىشقا تەمشەلگەندە قانداق تەربىيىلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىلمىي ئانالىز قىلىنىدۇ ھەمدە بۇ جەھەتتىكى قائىدە-پىرىنسىپلار، چۈشەنچىلەر سۆزلىنىدۇ. ئەمما بىزدە بالىنى يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا تەربىيەلەش تېخى تولىمۇ يىراقتىكى بىر ئارزۇ-ئارماندۇر. بۇ تەلەپكە يېتىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۆزىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىشى، مەنىۋىيىتىنى يېڭىلىشى لازىم.
ھەممىمىزگە ئايانكى، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئانىنىڭ قورسىقىدا يېتىلىۋاتقان بىر پارچە گۆش يەنى ھامىلىدىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ ھامىلە تەدرىجى ھالدا ئادەم سىياقىغا كىرىدۇ. ئانا ھامىلدار بولغان مەزگىلدىن باشلاپ قورساقتىكى ھامىلىدە بىر خىل ئاڭلاش سېزىمى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ خىل سىزىم ئارقىلىق ھامىلە سىرتقى دۇنيادىن مەلۇم ئىنكاسلارنى قوبۇل قىلىدۇ. نۆۋەتتە ھامىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بەزى مۇتەخەسىسلەر ھامىلىنىڭ ئاڭلاش سىزىمى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پاراسەت بۇلىقىنى ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى  ئىسپاتلىدى. مەشھۇر پىسخولوگ توماس بېرىننى ئۆزىنىڭ «ھامىلىلەر سىرلىق دۇنياسى» ناملىق كىتابىدا ھامىلىدە پەۋقۇلاددە يوشۇرۇن قابىلىيەت بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ھامىلە ئانىسىنىڭ پىكىر-ھېسسىياتىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەشھۇر رۇس باسچىسى لىئاندىر كوگىېن بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ، ياپونىيە ئالىمى شىزوىئورى دايسوغا مۇنداق دېگەن:
بىر كۈنى مەن بىر مۇزىكا كېچىلىكىدە رۇس كومپوزىتورلىرى ئىجاد قىلغان يېڭى كۈينى ئورۇنلىماقچى بولدۇم. بۇ كۈينى مەن خوتۇنۇمنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن قىسقا مۇددەت رېپېتىتسىيە قىلىۋالغانىدىم. بۇ چاغدا خوتۇنۇمنىڭ كۆزى يورۇشقا ئاز قالغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا خوتۇنۇمنىڭ كۆزى يورۇپ ئوغلىمىز بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئوغلۇم تۆت ياشقا كىرگەندىلا ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگىنىۋالدى. بىر كۈنى ئۇ توساتتىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ئۆگەتمىگەن بىر مۇزىكىلىق ئەسەرنىڭ كۈيلىرىنى چېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئۇ چالغان مۇزىكا دەل ئاشۇ چاغدا بىز مۇزىكا كېچىلىكىدە ئورۇندىغان مۇزىكا ئىدى. بۇ ئەسەرنى ئاشۇ كۈنىدىكى مۇزىكا كېىچلىكىدە ئورۇندىغاندىن باشقا كېچىلىكلەردە ئورۇندىمىغانىدۇق ھەم مۇزىكا لېنتىسىغىمۇ ئېلىپ قويمىغانىدۇق، ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن بۇيان بۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش بولدى. دېمەك، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا خوتۇنۇمنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ بۇ مۇزىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان».
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇخبىرى، پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەلىرىدە ئىزدىنىپ بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن گۈلنار تېيىپ خانىم ئۆزىنىڭ «مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئائىلە» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«پەرزەنت ئانىنىڭ قورسىقىغا تۆرەلگەندىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ كەيپىياتىنى، بىر-بىرىگە بولغان ھېسسىياتىنىڭ قىزغىن ياكى سوغۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىلىق بولغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ياكى پەرۋاسىز يۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە ياكى پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلالايدۇ. دېمەك، ئادەم ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپلا مېھىر-مۇھەببەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ ھەمدە مېھىر-مۇھەببەتنى ئوزۇق قىلىپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ مېھىر-مۇھەببەت تەسىراتى ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپلا يېتىلىشكە باشلايدۇ».  
ھامىلە تۇغۇلۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭدا جانلىق ئىنكاس پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئىنكاس ئارقىلىق بالا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك، ياكى ئۈنسىز تەربىيەنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھېچنېمە ئۇقمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلاردىمۇ سىزىم بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇپ 10 مىنۇتتىن كېيىنلا ئادەمنىڭ چىرايىنى كۆرەلەيدىغانلىقى تېببىي ئىلىمدە ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. شۇڭا بالا يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئۇنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلىش بەك مۇھىم.   
ھامىلىنىڭ يېتىلىش باسقۇچى، تۇغۇلۇش جەريانى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيە ئايرىم بىر چوڭ تېمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ھەقتە بىلىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار، چۈشىنىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار كۆپ بولۇپ، بىزنىڭ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقىنىمىز ھامىلە تەربىيەسى بولماستىن بەلكى بالا تەربىيەسى بولغاچقا بىز بۇ تېمىدىن مۇشۇ يەردىلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇرمىز. چۈنكى قۇشقاچ تىلىدا سايراشنى بىلەلمەيۋاتقان كىشىدىن بۇلبۇل تىلىدا ناخشا ئېيتىشنى تەلەپ قىلىش، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازالمايدىغان ئادەمگە بىر پارچە ئاق قەغەزگە چىرايلىق گۈلنىڭ رەسىمىنى سىزىشنى ئېيتىش ئەخمىقانە بىر تەلەپ بولغىنىغا ئوخشاش، ئالدىدىكى بالىنى قانداق بېقىشنى بىلەلمەيۋاتقان ئاتا-ئانىلاردىن تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان قورساقتىكى بالىنى تەربىيىلە دېسەك گېپىمىز ئاقمايدىغاندەكمۇ قىلىدۇ. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىلىم-پەننىڭ تەلىپى، مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك تەقەززاسى كېيىنكى كۈنلەردە چوقۇم بىزنىمۇ مۇشۇ بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئېتىراپ قىلىۋاتقان ۋە تېببى ئىلىمدە ئىسپاتلانغان ھەقىقەت شۇكى، تەربىيەنىڭ بېشىدىن ئەڭ بولغىنى بەك ئەۋزەلدۇر.
نۆۋەتتە، جەمئىيەتتە پاراڭنىڭ ئەڭ كۆپ تېمىسى بولىۋاتقان مەسىلە بالا مەسىلىسىدۇر. بالىنى قانداق تەربىيەلەش ئىشىدۇر. بەزىدە دوستلىرىڭىز ياكى قوشنىڭىز بىلەن ھال-ئەھۋاللىشىپ، مۇڭدىشىپ قالسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىرلىرىنىڭ بالىسىنىڭ مەكتەپكە بارىمەن دەپ ھەر كۈنى ئۆيدىن چىقىپ نەلەردىدۇر ئويناپ يۈرىدىغانلىقى، قايسى بىرلىرىنىڭ بالىسىنىڭ ساۋاقدىشىنى ئۇرۇپ قويۇپ يۈز-كۆزىنى قانغا بويىۋەتكەنلىكى، بىرسىنىڭ  پالانى ئىسىملىك بىر بالىسىنىڭ يامان خۇي ئۆگىنىپ قېلىپ ساقچىخانا تەرىپىدىن «ئوغۇرلۇق» جىنايىتى بىلەن تۇتۇلۇپ قېلىنغانلىقى، يەنە بىرلىرىنىڭ بالىسىنىڭ چوڭ كوچىدا ھاراق ئىچىپ، تەپتارتماستىن ئاللىكىملەرنى تىللاپ-ھاقارەتلەپ كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، قاقشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايسىز.
بۇ خىل ئەھۋاللار جەمئىيەتتە خېلىلا ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ تۈرلۈك بولمىغۇر قېلىقلارنى قىلىپ ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەمسىزلەندۈرۈشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تۈپەيلى كېچە-كۈندۈز ئاھ ئۇرۇپ نالە قىلىشى، پەرياد چېكىشى ئومۇمىي خاھىشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار نامرات ئائىلىلەردىمۇ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن باي ئائىلىلەردىمۇ ھەتتا مەدەنىيەتلىك سانالغان ئاتا-ئانىسى خىزمەتچى، زىيالىي دەپ قارالغان ئائىلىلەردىمۇ كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، كۆپ سانلىق ئاتا-ئانىلار بۇ ئەھۋالغا قاراپ مەسىلىنىڭ زادى قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. نامرات ئاتا-ئانىلار: پەرزەنتىمىز ئائىلىمىز نامرات بولغاچقىلا يارامسىز چىقىپ قالدى، مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەرنىڭ سەۋەبكارى بولدى، بىزمۇ باي بولغان بولساق ئۇنداق بولمايتتى، دەپ دەرد تۆكۈۋاتقان، تۇرمۇشى ياخشى، باي ئاتا-ئانىلار: بالا دېگەنگە راھەت تۇرمۇش ياراشمايدىكەن، ئەگەر بالىمىز نامرات ئائىلىدە چوڭ بولۇپ يېمەك-ئىچمەكنىڭ، كىيىم-كېچەكنىڭ قەدرىگە يەتكەن بولسا بۇ مەسىلە كېلىپ چىقمايتتى، دەپ ئاھ ئۇرىۋاتقان، ئۆزى مەدەنىيەتلىك، كادىر، زىيالىي سانالغان ئاتا-ئانىلار: ھەممە مەسىلە مەكتەپتە، ئوقۇتقۇچىلاردا، ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ساپالىق بولغان بولسا، ياخشى ئوقۇتقان بولسا بالىمىز ئۇنداق يارامسىز، ناچار خۇيلۇق بولۇپ قالمايتتى، دەپ ئۆزىنى ئاقلاپ دادلىنىۋاتقان. قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ تۆككەن دەردى، چەككەن ئاھۇ-پەريادى ئەقىلگە ئۇيغۇندەك، ھەممە مەسىلە راستىنلا راھەت تۇرمۇشقا، بايلىققا، مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىغا، شەرت-شارائىتقا باغلىقتەك، بەزى سەۋەنلىكنى راستىنلا بالىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. لېكىن يۈز بەرگەن مەسىلىنى ئىنچىكە، ئىلمىي يوسۇندا ئانالىز قىلسىڭىز ئەسلىي سەۋەنلىكنىڭ باشقىلاردا ئەمەس ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
بىز ھازىرقى ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىدىكى ئىلمىي چۈشەنچە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە قويىلۋاتقان يېڭى كۆز قاراش، خۇلاسىلەرگە ئاساسەن يۇقارقى باي، نامرات، كادىر، زىيالىي تەبىقىسىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ يۇقارقى بايانلىرىنى «پاكىتسىز»، «ئىلمىي ئاساسىي يوق» دەپ رەت قىلىمىز. گەرچە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەربىيە مۇھىتىدا ئائىلە شارائىتى، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ، بىز بۇلارنى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە ئىككىلەمچى ئامىل، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىدە، ئاتا-ئانىلار سەۋەنلىكنى باشقىلاردىن كۆرمەي ئۆزىدىن كۆرۈشى، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتماي ئۆزىدىن سورىشى، بالىلارنىڭ يامان يولغا كىرىپ قېلىشىدا، خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدە ئاللىكىملەرنى سوراققا تارتىپ يۈرمەي، ئۆزىنى سوراققا تارتىشى لازىم، دەپ قارايمىز. بالىلاردىن كېلىۋاتقان ئازاب، دەرد-ھەسرەتلەرنى ئەسلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇلار ئۆز قىلمىشىغا ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەك، دەپ خۇلاسە چىقىرىمىز.
ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان نەزىرە مۇھەممەد سالىھ خانىم يېقىندا «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ قارمىقىدا نەشىر قىلىنىدىغان «تەپەككۇر» ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا «پەرزەنت تەربىيىسى ۋە مەۋجۇتلىقىمىز» ناملىق بىر ماقالىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «كۆز ئالدىمىزدىكى ئېغىزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان سەبىيلەرنىڭ ئېغىزىدىكى بېزەپلىك، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇش، ياش-ئۆسمۈرلەردىكى غايىسىزلىك، بوشاڭلىق ۋە جان باقتىلىق، ئىچىملىك، چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ۋە ھەتتا ئەسەبىيلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالغۇچىلارنىڭ يېشىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەشكە قاراپ يۈزلىنىشىدەك بىنۇرمال ھادىسىلەرگە كىم سەۋەبچى؟ ھەقىقەتەن مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت ئاتموسفۇارسىدا بەزى كەمتۈكلەر بولسىمۇ، كۆڭلىمىزنى غەش قىلىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسنى مەكتەپ بىلەن جەمئىيەتكە ئارتىپ قويالمايمىز. چۈنكى مەيلى قايسى دەۋر، قايسى جەمئىيەتتە بولسۇن، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ سالمىقى يەنىلا ئائىلىگە-ئاتا-ئانا زىممىسىگە چۈشىدۇ. دۇنياغا ئاپىردە بولغان بالىنىڭ كۆز ئېچىپ كۆرىدىغىنى ئائىلە بولىدۇ، بالا تۇنجى سۆزنى ئائىلىدە ئۆگىنىدۇ، تۇنجى تەربىيەنى ئائىلىدە ئالىدۇ، مېھىر-مۇھەببەت، ئىنساب-دىيانەت، ئەدەب-ئەخلاقنى ئائىلىدە ئانا پەرۋىشى، ئاتا نەسىھىتىدىن ئالىدۇ. ئائىلىدىن ئالغان ئاشۇ خېمىرتۇرۇچ تەربىيە بىلەن ئادىمىيلىكنى قۇرۇپ، ھاياتقا، جەمئىيەتكە يۈزلىنىدۇ.»
بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك ھەممە ئائىلىنىڭ شارائىتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەرتىۋىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭغا قاراپلا شارائىتى ياخشى ئائىلىلەردە تەربىيىلەنگەن بالىلارنى ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىدۇ، شارائىتى ناچار ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارنى يارامسىز بولۇپ چىقىدۇ، دەپ ئېيتىشقىمۇ بولمايدۇ. ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسەتسىمۇ لېكىن بالىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئائىلە شارائىتى ناچار ئائىلىلەردىن كاتتا نەتىجىلەرنى قازانغان پەرزەنتلەرنى، ئائىلە شارائىتى ياخشى تۇرۇپ بۇنداق ئائىلىدىن ئەكسىچە ناچار، بەدخۇيلۇق پەرزەنتلەرنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقىنىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز. لېكىن مەيلى قانداق ئائىلە بولمىسۇن بىر پەرزەنتنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، ياخشى ياكى يامان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىگە باغلىق. بۇ جەھەتتە بىز پەرزەنت ئۈچۈن ئائىلىنى «تۇنجى مەكتەپ»، ئاتا-ئانىلارنى «تۇنجى مۇئەللىم» دەپ ئېيتساق تامامەن بولىدۇ. چۈنكى پەرزەنت بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئەڭ ئالدى بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسى بولىدۇ.
تونۇلغان ئوبزورچى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى ۋە ناتىق يالقۇن روزى بۇ توغرىسىدا :«بىر ئائىلە-بىر مەكتەپتۇر» دېگەن. ئۇ بۇ توغرىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭ بىر ئائىلە-بىر مەكتەپ دېگەن قاراشنى تەكتلەشتىكى مەقسىتىم ئائىلىنىڭ رولىنى، ئېنىقراق ئېيتقاندا ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ئارقىلىق ئائىلىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىش».
مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئائىلە» ناملىق كىتابىدا بۇ توغرىلىق :«ساغلام، ئىناق، مەدەنىي ئائىلە بىر مۇنەۋۋەر مەكتەپ» دېيىلگەن. تەتقىقاتچى، پىداگوك، ناتىق ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ ئۆزىنىڭ «ياخشى ئادەم: ئائىلە تەربىيەسىگە قايتىش» ناملىق ماقالىسىدا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ماكاننى تۇنجى مائارىپنىڭ بۆشۈكى، ئادىمىيەت، ئەخلاقى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ بىخەتەر ئورۇن، دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا كاڭ كېچىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئائىلە-پەرزەنتلەر ئۆسۈپ يېتىلىدىغان بۆشۈك، ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى. ئاتا-ئانىنىڭ ئىدىيەسى، سۆز-ھەرىكىتى بالىلارغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئائىلە تەربىيەسى تەلىم-تەربىيەنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە ئىجتىمائىي تەربىيە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس رولىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ».
قەشقەر ئۇيغۇر خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىلى نەشىر قىلىغان  «بالىلار تەربىيەسىگە دائىر سۇئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە بولغان تەربىيەسىدە ئوينىغان رولىنى مەكتەپ تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسى ئوينىيالمايدۇ».
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپتە رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان بىر قېتىملىق سۆھبەت يېغىنىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق دېگەن:«ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى دەرسخانىسى، ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى. ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، بالىلارنى توغرا ھەرىكەت، توغرا ئىدىيە، توغرا ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. بالىلارغا كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكتىن بەھرىلىنىشنى، ساختىلىق، يامانلىق، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇشنى ئۆگىتىشكە ماھىر بولۇش لازىم. بالىلارنىڭ ئىدىيىۋى ھالىتى ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيەلەش-يېتەكلەش خىزمىتىنى ھەر ۋاقىت ياخشى ئىشلەش كېرەك».
بىز يەنە بىر جەھەتتىن تۈرلۈك پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق قارايمىزكى، ئائىلە پەرزەنتنىڭ تۇنجى دەرسخانىسى بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇ دەرسخانىنىڭ شارائىتىنىڭ مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتنىئەنەزەر بۇ بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مەسىلەن ھازىرقى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى شۇنداق ياخشى، ھەممە نەرسە زامانىۋى، ئوقۇتۇش قۇراللىرىمۇ ئالاھىدە. بىراق مۇشۇنداق ياخشى دەرسخانىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئادەمنى ئېچىندۇرىۋاتمامدۇ؟ دېمەك، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە شارائىت ئىككىنچى ئامىلدۇر. بۇ جەھەتتە بىز پەرزەنتنىڭ تۇنجى دەرسخانىسى بولغان «ئائىلە» نىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە ئەمەس، قوشۇمچە ۋاسىتە دەپ قارايمىز.
ئۇنداقتا پەرزەنت تەربىيەسىدە بىرىنچى ئامىل نېمە؟ بۇ دەل ئاتا-ئانىلاردۇر. ئاتا-ئانىلار دەل پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھەم پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىدۇر. ئاتا-ئانىنىڭ قانداق بولۇشى پەرزەنتىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە باغلىق. لېكىن شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى بىز بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداقتۇر ئەمەل-مەرتىۋىسىنى، پۇل-بايلىقىنى ياكى نامراتلىق سۈپىتىنى كۆزدە تۇتىۋاتمايمىز. ئەمەل-مەرتىۋە، پۇل-بايلىق، نامراتلىق دېگەنلەرمۇ تاشقى ئامىللار، يەنە كېلىپ پەرزەنتىنىڭ تەربىيە مەسىلىسى بىلەن ئەسلا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان باشقا بىر ئامىلدۇر.
كونىلار بالىلار تۇغۇلۇشتىنلا بىر پارچە ئاق يەرگە ئوخشايدۇ، دەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ يەرگە نېمىنى تېرىش، نېمىنى تېرىماسلىق ياكى بۇ يەرنى ئاق پېتى قويۇپ قويۇش پەقەت يەرنىڭ ئىگىسىگە، يەنى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا باغلىقتۇر. بالا تۇغۇلۇشىدىغانلا يۇمران بىر كۆچەتكە ئوخشايدۇ، بۇ كۆچەتنى قانداق پەرۋىش قىلىش، قانداق مېۋىگە كىرگۈزۈش يەنىلا ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا باغلىقتۇر. بۇ ھەقتە قايسىدۇر بىر شائىر مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن:
مۇنبەت بىر ئېتىزغا ئوخشايدۇ بالا،
نېمىنى تېرىساڭ ئالارسەن شۇنى.
ئەگەر سەن شال تېرىپ بۇغداينى كۈتسەڭ،
ئەقىلگە سىغارمۇ، ئويلاپ باق بۇنى.

بالا ئۇ گوياكى يۇمران بىر كۆچەت،
بار  ئۇنىڭ جىسمىدا ئالەمچە قۇدرەت.
پەرۋىش قىل سەن ئۇنى، كۆيۈنگىن، ئاسرا،
پەرۋىشسىز قالسا ئۇ چېكەرسەن ھەسرەت.

كۆپ يىل مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان جۇڭگولۇق تاۋ شىڭجى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بالىلىق نوتىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغاندىلا، ئاندىن بىخ سۈرۈپ چوڭىيالايدۇ».
ئەلۋەتتە، بالا تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورنى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان ئىكەن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولى ۋە قىممىتىنى تېخىمۇ ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بالا تەربىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان چۈشەنچىلەرنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق مۈجمەل بولغان كۆز قاراشلارنى يېشىپ كۆرسىتىش لازىم. ئۇنداقتا بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارغا قويىلىدىغان تەلەپ قايسىلار؟

1. ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى
بالا تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار لاياقەتلىك، ئىقتىدارلىق، تالانتلىق بالىلارنى تەربىيىلەيمەن دەيدىكەن ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەربىيەلىشى لازىم. بولۇپمۇ يېڭىدىن بىر ئائىلىگە باش بولغان ياكى باش بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كىشىلىرىمىز بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بىلەن قاراپ، پەرزەنت تەربىىيەلەشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەربىيەلەشنى مۇھىم ئورۇندا قويۇشى، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆز ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ئۆزىدىكى، شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى لازىم.
ھازىرقى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلار ئەسلىدە بالىلار تەربىيەسىدە ئۆزىدە بەلگىلىك مەدەنىيەت ساپاسى ھازىرلىشى، بالا نېمىنى سورىسا شۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇشى، بۇ جەھەتتە ھەر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراش-چۈشەنچىلەرگە ۋە ئونۋېرسال بىلىمگە ئىگە بولۇشى شەرت قىلىدۇ. لېكىن نۆۋەتتىكى ئەمەلىي رېئاللىق بۇ تەلەپتىن خېلىلا يىراق. بىزدە تېخى بالا سورىغان سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىدە دۇنيا، ھايات توغرىلىق ياخشى چۈشەنچە تۇرغۇزالايدىغان ئاتا-ئانىلار يوقنىڭ ئورنىدا. بەزى ئاتا-ئانىلار تېخى بالىلار سورىغان ئادەتتىكى ھېساب ئەمەللىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. «ئاي نېمىشقا كېچىدە چىقىدۇ»، «كالا نېمە ئۈچۈن مۆرەيدۇ»، « توخۇ نېمىشقا تۇخۇم تۇغىدۇ»، «تېلېۋىزورنىڭ ئىچىدە ئادەم بارمۇ»، «بىز نېمىشقا ئۇخلايمىز» دېگەندەك سۇئاللارغىمۇ ئىلمىي يوسۇندا چۈشەنچە بېرەلەيدىغان ئاتا-ئانىلار ئاز. بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنداق سۇئاللارنى سورىغان بالىلارنى «ساراڭ بوپسەن»، «قالايمىقان گەپ قىلما» دەپ چالۋاقاپ، ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ. لېكىن مۇشۇ سۇئالنى سوراپ ئۆزى قىزىقىۋاتقان مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىش ئارزۇسىدىكى سەبى بىر قەلبنىڭ شۇ بىر قېتىملىق چالۋاقاش تۈپەيلى قانچىلىق ئازار يەيدىغانلىقى، بۇنداق مۇئامىلىنىڭ بالىنىڭ تالانتىنى، قابىلىيىتىنى قانچىلىق دەرىجىدە بۇغۇپ، ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا تۇنجۇقتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئەسلىدە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ خىل سۇئال سورىشىدىن ھاياجانلىنىشى «بالامنىڭ زېھنى ئېچىلىشقا، ئەقىل ئۇرۇقلىرى بىخلىنىشقا باشلاپتۇ» دەپ خۇشال بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار ئەكسىچە بالىلارنىڭ سۇئال سورىشىدىن زېرىكىش ھېس قىلىدۇ. كېيىن ئۆزلىرى نابۇت قىلىۋەتكەن بالىلاردىكى ئەقلى قابىلىيەتنى چۈشەنمەي، ئوقۇشتىكى نەتىجىسى تۆۋەن چىقسا ھەيران بولغان ھالدا «بالامنىڭ نەتىجىسى نېمانچە تۆۋەن» دەپ ئويلايدۇ ھەمدە «نەتىجەڭ بەكلا تۆۋەنكەنغۇ؟ سەن تىرىشىپ ئوقۇماي...» دەپ بالىغا چالۋاقايدۇ.
ھازىرقى ئاتا-ئانىلاردا يەنە مۇنداق بىر ئورتاق خاھىش مەۋجۇت. ئۇلار بالىلار مەكتەپكە قەدەم باسقاندىن كېيىنلا ئۇلارنى تەربىيەلەشنى «ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى» دەپ قاراپ بالىنىڭ تەربىيەلىنىش ئىشىنى تاشلاپ قويىدۇ. بىر پۈتۈن تەربىيە مەسىلىسىنى ئوقۇتقۇچىغىلا ئىتتىرىپ قويۇپ بالا بىلەن كارى بولمايدۇ. بالىنى مەكتەپكە ئوزىتىپ قويۇپلا خۇددى غەمدىن خالاس بولغاندەك بىر تۇيغۇدا خاتىرجەم بولۇپ، پەرۋاسىز يۈرىدۇ. بالا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۈستى-بېشىغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ، بالا ساق-سالامەت بولسىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك «كەلدىڭما» دەپ قويۇپلا ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ناۋادا بالىسىنىڭ كىيىمى يىرتىق، يۈز-كۆزلىرى توپا ھالەتتە بولسا چالۋاقاپ: «يەنە كىم بىلەن ئۇرۇشتۇڭ؟»، «سەنمۇ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن تازا ئۇرساڭ بولمامدۇ!؟ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق تاياق يەپ كەلسەڭ پۇتۇڭنى چېقىۋېتىمەن!» دەپ قاقشاپ كېتىدۇ. يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى سۆرەشتۈرۈپ «سېنى ئۇرغان شۇمتەكنىڭ ئەدىپىنى بەرمەيدىغان بولسام» دەپ بىر مۇنچە جەڭگى-جېدەلنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۆزىنىڭ شۇ بىر كۈن ئىچىدە قەيەردە يۈرگەنلىكى، كىملەر بىلەن ئىچىپ-ئويناپ كۈننى كەچ قىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. بۇنداق ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بالا مەكتەپكە ساق پېتى كەتسە، ساق پېتى قايتىپ كەلسە ھەممىدىن ئەۋزەل. ئۇلاردىن بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەرس نەتىجىسىنى سوراپ، قايسى جەھەتلەردە ئىلھام-مەدەت بېرىش، قايسى جەھەتتە يېتەكلەش دېگەندەكلەرنى كۈتۈش قۇرۇق خىيال، خالاس!
ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن كارى يوق ھەمىشە سەۋەنلىكنى بالىدىن كۆرۈش، بالىنى ئەيىبلەش، سورىغان سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەلىيەتتە نادانلىقنىڭ، پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت ھېچقانداق سالاھىيەت ھازىلىمىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن كارل ۋىتېرنىڭ بىنۇرمال تۇغۇلغان بالىنى تەربىيەلەپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۈرەلىشىدىكى سەۋەب، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بالىنى دەل جايىدا ۋە ئۈنۈملۈك تەربىيەلىگەنلىكىدە. ئۇنىڭدىكى ئەڭ قىممەتلىك روھ شۇكى، ئۇ پەرزەنتىنى ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىدە ئەتراپلىق ساپا يېتىلدۈرگەن، تەربىيەنىڭ ئىزچىللىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ھەممە ئىشنى مەقسەتلىك ھالدا ئالدىن پىلانلاپ، تەربىيەنىڭ مەزمۇنىنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق لايىھەلىگەن. تالاي كىشى سەل قاراپ ئۆتكۈزىۋېتىدىغان «كىچىك ئىشلار» غىمۇ ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارىغان. تەربىيەنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىدىن ساقلانغان، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن دادىل ئىزدىنىپ، ئەھمىيەتلىك سىناقلارنى ئېلىپ بارغان. بالىدا ئىجادىي تۇيغۇ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قازغان، ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى نامايان قىلغان، بالىغا نىسبەتەن ئۆگىنىشنى بىر خىل بېسىم-يۈككە ئايلاندۇرۇپ قويمىغان، زورلاپ تاڭمىغان. ھەر بىر ئىشنى قىلىشتا بالىنىڭ شۇنىڭغا نىسبەتەن مايىللىقى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىغان، بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئويۇن جەريانىغا سىڭدۈرگەن، جەمئىيەت ۋە تەبىئەتتىن ئىبارەت ھەقىقىي دەرسخانىدىن تولىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بولۇپمۇ ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولغان. قىسقىسى، ئۇ بارلىقىنى بالا تەربىيەلەشكە قارىتىپ، تالاي قۇربان بېرىش بەدىلىگە كىچىك كارلنى ئاشۇنداق بىر تالانت ئىگىسىگە ئايلاندۇرغان. كېيىن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن «كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب 200 يىل مابەينىدە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتماي كەلمەكتە. بىزدە مانا مۇشۇنداق پەرزەنت ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلەيدىغان، قۇربانلىقلارنى بېرەلەيدىغان روھ ھەقىقەتەن كەمچىل.
يەھۇدىيلار بالىسى مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن: «بۈگۈن ئوقۇتقۇچۇڭدىن نېمە سوئال سورىدىڭ؟» دەپ سورايدىكەن. ئامېرىكىدا بالىلار ئويۇن ئىچىدە ئۆگىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار: «بالام، بۈگۈن مەكتەپتىكى ۋاقتىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتتۈڭمۇ؟» دەپ سورايدىكەن. شۇنداقلا بالىنىڭ ئىشلارغا ئاكتىپ قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىغا، ئەستايىدىل بولغان-بولمىغانلىقىغا ئېتىبار بىلەن قارايدىكەن. بىراق بىزچۇ؟ سورايدىغىنىمىز: «مۇئەللىم بۈگۈن تاپشۇرۇق بەردىمۇ؟ قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟ ئىمتىھاندا نەچچە نومۇر ئالدىڭ؟ نەچچىنچى بولدۇڭ؟ قانداق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتىڭ؟» دەپ پەقەت ئىشنىڭ نەتىجىسىنىلا سوراپ، بالىلارنى زېرىكتۈرىۋېتىمىز. مېنىڭچە، ئەگەر ئائىلە تەربىيەسى مۇشۇنداق ناچار بولىدىغان بولسا ھەر قانچە مۇنەۋۋەر مائارىپچى ئەستايىدىل تەلىم بەرگەن تەقدىردىمۇ بالىنىڭ ھالىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
نەتىجىنىلا ئويلاپ جەريانغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ زور مەغلۇبىيىتىدۇر. ھەممە ئىشنىڭ مۇئەييەن بىر جەريانى بولىدۇ. پەرزەنت تەربىيەلەشتەك بۇ مۇقەددەس ئىشتىمۇ ئەلۋەتتە جەريان مەۋجۇت. بۇ جەريان شۇ پەرزەنتنىڭ ھاياتىغا، ئىستىقبالىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى بىر جەريان، بالىنىڭ تۇغۇلۇشى بىر جەريان، بالىنىڭ تىلى چىققۇدەك بولۇپ، مەكتەپكە كىرىشى بىر جەريان، مەكتەپتە مەلۇم بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى بىر جەرياندۇر. دېمەك، جەريانى يوق ھېچ ئىش بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەريانغا ئېتىبار بەرمەي نەتىجىنىلا كۈتسەك تۈپتىن خاتالاشقان بولىمىز ھەم بالا تەربىيەسىدە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاقىۋەت كۆزىمىز قان-ياشقا تولىدۇ. چۈنكى، جەرياننىڭ قانداق بولۇشى نەتىجىنىڭ ئاقىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ خۇددى يۈگرەش مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشكەن ماھىرنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇن چېنىقىشنى ياخشى قىلماي ئاخىرى ھەممىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىدەك بىر ئىش. يەنە كېلىپ جەريانغا چوقۇم سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىشى لازىم. بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەسىدە سالماق بولۇپ، مەسىلىنى بالىدىن ئەمەس ئۆزىدىن ئىزدەپ، ئىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە باشقا تەرەپلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئاندىن ھەرىكەت قوللىنىشى لازىم.
بالا تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ھەقىقەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بىراق تۈرلۈك تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ جەھەتتە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن ئىلگىرى دۇنياغا كۆز ئاچقان، مەدەنىيەتنىڭ، مائارىپنىڭ، جۈملىدىن بالا تەربىيىلەشنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئۇنچە بەك ھېس قىلىپ يەتمىگەن، بۇ جەھەتتە تېگىشلىك مەدەنىيەت ساپاسى ھازىرلىمىغان، ياشاشنى پەقەت تاماق يىيىش، پۇل-بايلىق تېپىش، ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ، بالىلىق بولۇش دېگەندەك ئاددىي، تار رامكا ئىچىدە چۈشىنىدىغان بەزى ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن بۇ ساپانى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ تەلەپنى بىز پەقەت ئاسايىشلىق دەۋرنىڭ ئالتۇن دەقىقىلىرىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، يېڭى ئەسىرنىڭ ئاۋانگارتلىرى ھېسابلىنىدىغان ياش ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن كۈتۈشكە مەجبۇرمىز. يەنە كېلىپ ھازىرقى مەدەنىيەت، تەرەققىيات، ئىلىم-پەندىكى يۈكسېلىشلەر شۇنداق تەلەپنى ئورۇندىمىسا بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەتنى ھېس قىلدۇردى. ئەپسۇسكى، سۆزىمىز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىز يەنە شۇنداق بىر ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. يۈرىكىمىز كۆز ئالدىمىزدا ئەينەن زاھىر بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇدھىش بىر مەنزىرىدىن ئاچچىق نالە قىلىدۇ. ئۇنداقتا بىزنى بىئارام قىلغان ھەم بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان بۇ مۇدھىش رېئاللىق زادى قايسى؟ بۇ دەل ھازىرقى يېڭى ئەۋلاد ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپا مەسىلىسىدۇر.
قارايدىغان بولساق گەرچە يېڭى ئەۋلاد ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۇچىسىغا يارىشىملىق كىيىم كىيىپ، ئۆيلىرىنى چىرايلىق بېزەپ، ماشىنىلارنىڭ ياخشىسىنى ھەيدەپ، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئالىيلىشىپ ياشاۋاتقان، ئۆيلىرىگە كومپيۇتېر قويۇپ، زامانىۋى تېلېفۇن ئىشلىتىپ، ئايىغىنى كۈندە مايلاپ، پاقىرتىپ يۈرىۋاتسىمۇ، بالىلىرىنىڭ يېنىنى توم، كىيىمىنى پۈتۈن قىلىپ، ئۇلارنى قانداقتۇر بىر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇۋاتقاندەك قىلىۋاتسىمۇ، گاھىدا قولىغا بىرەر پارچە گېزىت-ژۇرنال ئېلىپ ئوقۇپ قويىۋاتقاندەك، گاھىدا بىر-ئىككى زىيالىينىڭ قېشىدا تۇرۇپ، ئاللىقانداقتۇر يېڭىلىقلار ئۈستىدە ئېغىز-ئېغىزغا تەگمەي سۆزلەۋاتقاندەك، جاھان تاسقاۋاتقاندەك قىلسىمۇ، قىسقىسى، مۇشۇنداق بىر پەن-مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، بىلىم ئىگىلىكى دەۋردە ياشاۋاتقاندەك قىلسىمۇ لېكىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز، بۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ھەقىقىي ئانالىز قىلسىڭىز ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئۆتكۈر كۆزىڭىز بىلەن نەزەر سالسىڭىز ھازىرقى يېڭى ئەۋلاد ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يەنىلا 70-يىللاردىن بۇرۇن تۇغۇلغان ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇلار گەرچە بىلىم جەھەتتە ئۆزىگە ئاز-تولا بىر نەرسە يۇقتۇرىۋالغاندەك قىلسىمۇ لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، بۇ بىچارە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەقەت سىرتىنى بوياپ، مەنىۋىيىتى ئاچ ھالەتتە يۈرىۋاتقانلىقىنى، خۇددى كىنونى كىنوخانا ئىچىدە كۆرمەي، سىرتىدىن كۆرۈۋاتقان تاماشىبىن ئىكەنلىكىنى، كىنونىنىڭ ھەقىقىي ئىچىگە كىرەلمەيۋاتقانلىقىنى، بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا ئۆزى مەدەنىيەتلىك دەۋردە ياشاۋاتسىمۇ مەدەنىيەتنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتقان ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى ھەر قانچە بېزەپ، پەردازلاپ كۆرسەتكىنى بىلەن «پاختىنىڭ ئىچىدە چوغنى ساقلىغىلى بولمىغاندەك» ئاللىقانداق جايلاردا سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى، مەنىۋىيتىدىكى گادايلىقىنى، بىچارىلىقىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئورنىغا قانداقتۇر ئەمەل-مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ، پۇل-بايلىق توپلاشنىڭ، ماشىنا، ئۆي-جايىنى ئالىيلاشتۇرۇشنىڭ، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشنىڭ، باشقىلار بىلەن بەسلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ، مودا قوغلىشىشنىڭ، 10 يۈەنلىك بىر پارچە كىتاب سېتىۋېلىشقا ئىچى ئاغرىسىمۇ، يىراق جايلارغا بېرىپ بىر ۋاقلىق تاماق ئۈچۈن نەچچە يۈز يۈەن خەجلەشنىڭ، پۇل تاپسا خوتۇن يەڭگۈشلەشنىڭ كويىدا يۈرىدىغان بۇنداق چىركىن ئىدىيە، تۆۋەن ساپادىكى ئاتا-ئانىلاردىن بىز دەۋاتقان، ئۆزىگە ھەم بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كېرەك بولغان مەدەنىيەت ساپاسى تېپىلامدۇ؟  ئۇلارنىڭ بالىلارنى تەربىيىلىگۈدەك سالاھىيىتى ۋە ئوبرازى بارمۇ؟ بۇ ئەھۋاللاردىن يۈرىكىمىز ئېچىشماي تۇرالامدۇ؟
جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆزىتىدىغان بولساق روھى پۈچەك، مەنىۋىيىتى گاداي يېڭى ئەۋلاد ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقتا خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇلارنىڭ روھىدىكى بۇ خىل قاششاقلىق ۋە بېكىنمىچىلىك ئىددىيەسى پەرزەنت تەربىيەسىدە نۇرغۇن پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ خىل ھالەتتىكى ئاتا-ئانىلار مەسىلىنى ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ. بالا تەربىيەلەشنى ئۆزىنىڭ ئەمەس، مەكتەپنىڭ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ. بارلىق ئۈمىدنىمۇ، مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچىغا باغلايدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ دېگەنلەر بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە، تەربىيەلىنىشىدە ئىككىنچى ئامىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆز پەرزەنتى سەۋەبلىك يولۇققان باش ئاغرىقلىرىغا، چەككەن  ئاھۇ-پەريادلىرىغا قاراپ، ئەپسۇسلىنىش ئىلكىدە باش چايقىغان ھالدا «ئىشنىڭ جەريانى قانداق بولىدىكەن، نەتىجىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ئۆزى جاۋابكار» دېمەكتىن باشقا ئامال يوق.
مەشھۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە بۇ توغرىلىق مۇنداق ئۈگۈتلەرنى قالدۇرغان:
«بالىغا ئاتىنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن بولسا، ئوغلىنىڭ مىجەز خۇلقىمۇ ئوبدان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ».
«ئاتا-بالىنى كىچىكىدىنلا بوش قويىۋەتكەن بولسا، ئوغۇلدا گۇناھ يوق، ئەيىب ئاتىدا».
«ئوغۇل-قىزنىڭ مىجەز-خۇلقى يامان بولسا، بۇ يامانلىق قىلغان (ئوغلىنى) ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلغان ئاتىسى بولىدۇ».
«ئاز-ئازدىن ئۆگىنىپ دانا بولۇر» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «پەرزەنت ئالغان تەربىيەسىگە قاراپ ئاتا-ئانىسىغا راھەت ياكى ئازاب كەلتۈرىدۇ».
پروفىسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاتا-ئانا ساپاسى، ئائىلە كىرزىسى ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «نەزىرىمىزنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا ئاغدۇرساق كۆڭۈلسىز بولماي تۇرالمايمىز. بىز «ئوقۇ!» دېگەن بۇيرۇقنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن ياكى بۇنداق بۇيرۇقنى تېخىچە ئىشتمىگەن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى ئۇچرىتىمىز. ئۇلار پەرزەنتلرىىنىڭ ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى ئەقىدىۋى تونۇشنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان. ئۆزىنى قەدىرلەش، ئەتراپتىكى ئادەملەر ۋە باشقا شەيئىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلىش، قىزغىنلىق ۋە ئىنتىلىشكە ئىگە بولۇش ھەققىدىكى ئۇقۇملار قانچىلىك ئىپتىدائىي ۋە ساددا بولىشىدىن قەتئىنەزەر، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن نىشان ۋە ئېنىرگىيە بېرىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ بىلىم بېرىشتىنمۇ مۇھىم بولغان باسقۇچ.
لېكىن، بىزنىڭ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلىرىمىز يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇدىن ئىبارەت تۆۋەن قاتلاملىق تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا، پەرزەنتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مائاشىنى ئالالايدىغان كىشىلەردىن بولۇشىنى كۆزلەپ، ئۆزلىرى ئۆتەشكە تېگىشلىك تەربىيە مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ مەكتەپلەرگە ھاۋالە قىلىدۇ.»
ئاتاقلىق ئوبزورچى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى يالقۇن روزى ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە ھازىرقى يېڭى ئەۋلاد ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق توختىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قارايدىغان بولساق، ھازىر بىزنىڭ مىللىي ھاياتىمىزدا ئائىلە قۇرىۋاتقان قىز-يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئائىلىگە پەقەت بەھرىمەن بولۇشنى كۆزلەپ كىرىدىغان خاھىش ئېغىر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئائىلە پەقەت بەھرىمەن بولۇشنى كۆزلەپ كىرىدىغان ئىستىراھەت ئورنى ئەمەس! بەلكى بېغىشلاپ ياشاشنى ئەلا بىلىپ كىرىدىغان مۇقەددەس ماكان! ئائىلە قۇرۇشتا بېغىشلاپ ياشاشنى ئەلا بىلىدىغان ئىدىيەنى يېتەكچى قىلماستىن، بەھرىمەن بولۇشنى ئەلا بىلىدىغان مەقسەتنى يېتەكچى قىلغان قىز-يىگىتلەر ئائىلىسىنى ئەسلا بەختلىك، ئىللىق ئۇۋىغا ئايلاندۇرالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئەۋلاد تەربىيەلەشكە ماس كەلمەيدىغان مەجرۇھ ئائىلىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئاتا-ئانىلار گەرچە بالا بېقىش تىپىدىكى ئاتا-ئانا بولالىسىمۇ، ھەرگىزمۇ بالا تەربىيەلەش تىپىدىكى ئاتا-ئانا بولالمايدۇ. بالا تەربىيەلەش تىپىدىكى ئاتا-ئانا بولالمىغانلىق، تەبىئىي ھالدا ئائىلىنى «مەكتەپ» كە ئايلاندۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. روشەنكى بۇ يارامسىزلىقنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق مەجرۇھ ئائىلىلەرنىڭ ئەۋلاد تەربىيەسىدىكى پايدىسىز ئاقىۋىتىنى، مىللەتكە، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەۋپىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس. ئىلغار مىللەتلەر بىلەن كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئاجىز مەدەنىيەتلەرنى تىنىمسىز زەرەتلەپ تۇرغان ۋە ئۇلارغا يىمىرىش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان بۈگۈنكى دۇنيادا، بىز ئۈچۈن ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىزنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ خاسلىقىغا ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بىردىنبىر قورغان ئائىلە ھېسابلىنىدۇ».
پەرزەنت تەربىيەسى ئاتا-ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچ بولۇپ، پەرزەنت تەربىيەلەش جەريانىدا ئاتا-ئانىلار ھەم پەرزەنت تەربىيەلەيدۇ ھەم ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بىلىش كېرەككى، ئىنسان ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا پەقەت سىرتقى دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرىدىن ھوزۇرلىنىپلا ئۆتىدۇ، تاكى توي قىلىپ بالىلىق بولمىغۇچە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلالمايدۇ. توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ بىر ئائىلىنىڭ بېشى بولۇپ قالغانلىقىنى، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. بۇ خىل ھېسسىيات تەبىئىيكى بالىغا باغلىنىدۇ. ئىنسان توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن ياشىسا، توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلىسى، بالىسى ئۈچۈن ياشايدۇ. شەكسىزكى بۇ ھەقىقەتنى ئەقىللىق ئادەملەرلا بىلىدۇ.
بالا تۇغۇلغان ئىكەن، تەربىيەلەش، قاتارغا قوشۇش ئاتا-ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. بىز پەرزەنت تەربىيەسىدە بىرىنچى مۇھىم ئامىلنى ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى دەپ قارىدۇق، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ مۇئەييەنلەشتۇردۇق. بىراق كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ مەنىۋىيىتىدە بىز ئېيتقان، بىز تەلەپ قىلغان ھەقىقىي تالانتلىق، ئىقتىدارلىق پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مەنىۋى ساپانىڭ بولۇشى ناتايىن. نۆۋەتتىكى رېئاللىقمۇ بىزگە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاجىز ھالىتىنى ئەينەن كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بىز بۇنىڭدىن خۇرسىنماي تۇرالمايمىز. بىز پەقەت كەڭ ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتىڭلارنى ياخشى، ياراملىق تەربىيەلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ مەدەنىيەت ساپايىڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭلار، دېگەن چاقىرىقنىلا ئوتتۇرىغا قويالايمىز. ئەمەلىيەتتە، پەرزەنت تەربىيەسىدە زۆرۈر بولغان «ساپا» نى ھازىرلاش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئاتالمىش «ئالىي مەكتەپ» لەردە ئوقۇش، بىلىم ئاشۇرۇش شەرت ئەمەس، ھەم ئۇنداق قىلىشقا شارائىتمۇ يار بەرمەسلىكى مۇمكىن. بىز پەقەت پەرزەنت تەربىيەسىدە مەيلى ئۆزىمىزنىڭ بولسۇن ياكى چەتئەلنىڭ بولسۇن ھەممىگە باب كېلىدىغان، بىر قەدەر ئىلمىي چۈشەنچىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىساق، سەلبىي دەپ قارالغان  كونا ئادەتلەرنى تاشلاپ، يېڭىچە ئۇسۇلدا پەرزەنت تەربىيەلەش ئېلىپ بارساق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالا تەربىيەسىدە بىزمۇ ساپالىق ئاتا-ئانىلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىمىز. ھازىر بالا تەربىيەسىگە ئائىت نۇرغۇن ئېسىل قوللانمىلار نەشر قىلىنىۋاتىدۇ، بالا تەربىيەسىدە بۇ قوللانمىلاردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز لازىم.
بۇ دەۋر ھەرگىزمۇ غەپلەت، نادانلىق، قاششاقلىق بىخۇد ياتىدىغان دەۋر ئەمەس، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئەمدى ئويغىنىپ، كۆزىنى چوڭ ئېچىپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، مىللىتىنى ياخشى تونۇشى، ھاياتنىڭ قىممىتىنى يەپ-ئىچىش، يېتىپ-ئۇخلاش دەپ چۈشەنمەي، ھاياتلىق، تۇرمۇش، مەدەنىيەت ھەققىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىشى، ئەرزىمەس، ئەھمىيەتسىز گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئاز قىلىپ، ئۆزىگە ۋە بالىلارغا مەسئۇل بولۇشى، مەدەنىيەتكە ھەقىقىي يۈزلىنىشى، كىتاب ماتېرىيال كۆرۈشنى ئادەت قىلىشى لازىم. تامچە-تامچە دەريا بوپتۇ دېگەندەك «ساپا» جەھەتتە لاي سۇغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتى ياخشى ئادەت، ئەھمىيەتلىك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇزاققا قالماي يامغۇردىن كېيىنكى سۈزۈك ئاسماندەك «ۋاللىدە» ئېچىلىپ كېتىدۇ.

2. بالىلارنى كىچىكىدىن تەربىيەلەش لازىم
بالىلار ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا ئاتا-ئانىلاردىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تەربىيەگە ئېرىشىدۇ. تەربىيەنىڭ يەنە بىر خىلى ئۈنسىز تەربىيەدۇر. بىۋاسىتە تەربىيە مەقسەتلىك ۋە جانلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋاسىتىلىك تەربىيە ئەپچىللىك ۋە ناھايىتى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۈنسىز تەربىيەچۇ؟ ئۈنسىز تەربىيە كۆپىنچە ھاللاردا بىلىپ-بىلمەيلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈنسىز تەربىيەدە مەقسەت ياكى پىلان يوشۇرۇنغان ئەمەس. بۇ تەربىيەنى پەقەت بالىلارلا ھېس قىلىدۇ ۋە تەدرىجى ئۆزىگە قوبۇل قىلىدۇ، ئۆزلەشتۈرىدۇ. بالا تەربىيەسىدە ئەزەلدىن دىققەتكە ئېرىشەلمەيۋاتقان، ئاتا-ئانىلار سەل قاراپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تەربىيەنىڭ بىرى ئۈنسىز تەربىيەدۇر. چۈنكى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەربىيەنى قاملاشتۇرالمايۋاتقان، جانلىق، تەلەپكە لايىق ئېلىپ بارالمايۋاتقان يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈنسىز تەربىيەگە ئېتىبارسىز قارىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بىراق بىز پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلاردىن ھەم بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەربىيەگە ئېتىبار بىلەن قارىشىنى، ئۈنسىز تەربىيەگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.  
بالا تەربىيەسىدە كىچىك ۋاقتىدا بېرىلگەن تەربىيە بەك مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى تەربىيە ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۈيۈك ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالىنى كىچىكىدىن تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«ئوغۇل كىچىك ئىكەن، ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگەت، كىچىكلىكىدە بىلىم بىلسە، قولى ئۈستۈن بولىدۇ».
«ئوغۇل-قىز كىچىكلىكىدە نېمىنى بىلسە، قېرىپ-ئۆلگۈچە ئۇنى ئۇنتۇمايدۇ».
جالالىدىن رۇمى مۇنداق دېگەن: «بالىلارنى يىلىكىدىن تەربىيەلەش كېرەك».
كۇيل خاردىمان يازغان «بالىلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان سەككىز خىل ئىقتىدار» دېگەن كىتابتا بۇ توغرىلىق مۇنداق دېيىلگەن: «تەربىيەنى بالدۇر باشلاش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بالىلارنى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ زېھىنىنى توختىماي غىدىقلاپ تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى پايدىلىق».
مائارىپ تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنمۇھەممەت توختى يازغان «بالا تېپىش ۋە بېقىشتىن تەربىيىلەشكە ئۆتۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى» ناملىق ماقالىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق مەزمۇنلار بار:«غەرب مۇتەپەككۇرلىرى، مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا، تەربىيەنىڭ قانداق بولۇشى بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكى، بالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئادەم بولۇپ چىقىش-چىقالماسلىقى كۆڭۈلدىكىدەك تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ بولۇش-بولماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ كۆپ ساندىكى بالىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە تۇغما تالانتىنى جارى قىلدۇرالماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ دەسلەپكى تەربىيە باسقۇچىدا ئۈنۈملۈك ۋە ئەتراپلىق تەربىيەگە ئېرىشەلمەي، تالانتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ بىخ ھالىتىدىلا نابۇت بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى، بالىنى قورساقتىكى ۋاقىتتىلا تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئائىلىنىڭ ئەمدىكى رولى «ئەۋلاد قالدۇرۇشتىن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش» كە قارىتىلىشى كېرەكلىكى، بۇ دەۋردە بالا ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەربىيەگە ئېرىشەلمىسە، تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ قىممەتلىك پۇرسىتى ئۆتۈپ كەتسە، كېيىن ھەر قانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ بۇ خىل كەمتۈكلۈكنىڭ ئورنىنى ھەرگىز تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەردى».
بالىلارنى كىچىكىدىن تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بالا كىچىكلىكىدە ناھايىتى ئۆتكۈر، مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى تېز، قىزىقىشى يۇقىرى، ئۆزلەشتۈرۈش، تەقلىد قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تەربىيەلەنگەن بالا ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىدۇ. ئەگەر كىچىكلىكىدە سەل قارالسا كېيىن تۈزىمەك تەس بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئالىملار ئەمەلىي تەجرىبە ئىشلەپ قىممەتلىك يەكۈنلەرگە ئېرىشكەن. مەلۇم بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: بۆرە تەرىپىدىن يەتتە يىل بېقىۋېلىنغان بۆرە قىز كامالا بۆرىگە خاس تەبىئەتنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، كېيىن بۇ قىزنى ئادەملەر توپىغا قايتۇرۇپ كېلىپ مەخسۇس تەربىيەلىگەن بولسىمۇ، بىر يېرىم يىل مەشىق جەريانىدا تۆت پۇتلۇق ھالىتىدىن مىڭ تەسلىكتە ئۆرە تۇرالايدىغان ھالەتكە يەتكەن. تۆت يىل تەربىيەلىنىش جەريانىدا ئاران ئالتە سۆز ئۆگىنەلىگەن. ئۇ يەنە يەتتە يىل ئىچىدە ئاران 45 سۆزنى تەلەپپۇز قىلالايدىغان بولغان. بىراق بۇ خىل مۇھىتقا ماسلىشالماي 17 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن. كامالانىڭ تۆت پۇتلۇق بولۇپ مېڭىشى، خام گۆش يېيىشى، كېچىدە ھۇۋلىشى، قىز بولسىمۇ مۆرىسىگە، كۆكسىگە نۇرغۇن تۈك چىقىشى ھەرگىزمۇ تۇغما بولماستىن، بۆرىلەر توپى ئىچىدە ياشاش شارائىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللاردۇر. كۈرۈك توخۇغا ئۆردەك تۇخۇمىنى باستۇرۇپ بەرسە ئۆردەك چۈجىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن مېكياننى «ئانام» دەپ بىلىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىدا ئىرسىي ئامىللار ئاساس، مۇھىت ۋە تەلىم-تەربىيە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، يەنە كېلىپ ئادەم دەسلەپكى تەربىيە باسقۇچىدىن ئىبارەت تەربىيەنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ۋە يېتەرلىك تەلىم-تەربىيە پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالسا، كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارى مۆلچەرلىگۈسىز توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

3. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاقى ۋە تۇرمۇش ئادىتى
پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەخلاقى ۋە تۇرمۇش ئادىتى گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ سالاھىيىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، گەپ-سۆزى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى، باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.
بالىلار ئادەتتە ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن، نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىز، ھەرىكىتىڭىز مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز قىلىنغان بولسۇن  بالىلار ھەر بىر ھەرىكەت، گەپ-سۆزىڭىزدىن مەلۇم تەسىرلەرنى يۇقتۇرىۋالىدۇ. مەسىلەن: ئانا بولغۇچى كۈن بويى قاتار چاي، ئولتۇرۇشلاردىن كەلمەيدىغان، ھەر خىل، ھەر ياڭزا كىيىنىپ يۈرىدىغان، ھە دېسە ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى پەردازلايدىغان، تېتىقسىز پاراڭلارنى قىلىدىغان، غەيۋەتخور   ناچار خۇيلۇق بولسا بۇنداق ئانىنىڭ قىزىغا «ياخشى ئۆگەن»، «ئەخلاقلىق بول»، «بىكار قالساڭ كىتاب ئوقۇ»، «يامان گەپلەرنى قىلما» دەپ نەسىھەت قىلىشى، چالۋاقىشى ئارتۇقچە. بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان قىز بالا ئاقىۋەت نېمە بولماقچى؟
ئاتا بولغۇچى ئۆزى ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چىكىدىغان، قىمار ئوينايدىغان، ھە دېسە باشقىلارغا ئازار بېرىدىغان، لالما ئىتتەك كۈن ئۆتكۈزىدىغان، گېپىدە تۇرمايدىغان، يالغانچى، كۈندە دېگۈدەك جېدەل چىقىرىپلا يۈرىدىغان پەزىلەتسىز كىشى بولسا بۇنداق ئاتىنىڭ ئوغلىغا «ۋىجدانلىق بول»، «باشقىلارغا ياردەم قىل»، «تاماكا چەكمە»، «جېدەل چىقارما» دەپ قىلغان تەربىيەلىرى كۈچىنى كۆرسىتەرمۇ؟ بۇنداق ناچار مۇھىتتا چوڭ بولغان ئوغۇل بالا ئاخىرى قانداق خۇيلارنى ئۆگىنىپ يېتىشىپ چىقماقچى؟ شەكسىزكى، «ئالا ئېنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» دېگەندەك ناچار شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالا ئاقىۋەتتە يەنىلا ئاشۇ ناچار خۇيلۇق ئاتا-ئانىنىڭ تەبىئىتى بىلەن چوڭ بولىدۇ.
بالىنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى زوردۇر. ئەگەر بالىنىڭ قېشىدا ساغلام، گەۋدىلىك، توغرا پىكىرلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق، ئىرادىلىك، جۇشقۇن ئاتا-ئانا بولسا ئۇلارنىڭ تەسىرى بالىغا ئۆتمەي قالمايدۇ. بالا ھەر جەھەتتىن شۇلارغا ئوخشاش يېتىلىدۇ. گەرچە بالىنىڭ كاللىسىدا: «ئۇلارغا ئوخشاش يېتىلىمەن» دەيدىغان بىر ئوي پەيدا بولمىسىمۇ ۋە ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشقا ئۇرۇنمىسىمۇ، بەرىبىر ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكرىدىن، ئەخلاقىدىن ئۆلۈش ئالماي قالمايدۇ. بۇ تەبىئي ئەھۋال.
بالىلار ئۆزلىرىدىن چوڭلارنى كۆزىتىپ، ھە دېسىلا ئۇلارنى دورايدۇ. مەسىلەن: ياغاچچىنىڭ بالىسى قولىغا كەكە ئېلىپ ياغاچنى يونۇشقا، گويا ئاتىسىغا ئوخشاش ئىش قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بالىلار دورامچىلىققا بولغا ھەۋەسلىرى تۈپەيلى، كىچىكىدىن باشلاپلا بىر مۇنچە ئادەتلەرنى ئۆگىنىدۇ. دېمەك، ئاتا-ئانا ئۆزلىرىنى قانداق تۇتسا بالىلىرى شۇلارنى دوراپ ئۆسىدۇ.
سىز بىر ئاتا بولغۇچى، ئەگەر سىز بالىڭىزغا سەمىمىيلىك، راستچىل بولۇش توغرىلىق سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز تېلېفۇن كەلسە قارشى تەرەپكە پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالدىدىلا «ھە، مەن ھازىر باشقا بىر يەردە، ياكى مەن ئاللىقانداقتۇر بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان» دەپ يالغان سۆزلىسىڭىز بۇ مۇھىتتا سىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەربىيىڭىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولماقچى؟ گەرچە بۇ ۋاقىتتا بالا سىزگە «سىزمۇ يالغان سۆزلەيدىكەنسىزغۇ» دەپ يۈزىڭىزگە ئېيتمىغىنى بىلەن ئەمما شۇ قېتىملىق تەسىر تۈپەيلى بۇ بالا كېيىنكى كۈنلەردە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلەيدىغان، ھەتتا «مەكتەپكە كەتتىم» دەپ باشقا يەرلەردە ئويناپ يۈرىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ. سىز يەنە دۇرۇس ئادەم بولۇش توغرىلىق سۆزلەپ قويۇپ، ئەتىسى ئۆيگە ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە كىرسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئالدىنقى كۈنى سۆزلىگەن «دۇرۇس ئادەم بولۇش» توغرىسىدىكى تەربىيىڭىزنڭ بالا تەربىيەسىگە ئۈنۈمى بولارمۇ؟ ئېنىقكى، بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە پەرزەنتىڭىزمۇ كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بۇ ناچار خۇينى ئۆگىنىپ قېلىپ، سىزگە ئوخشاش ئىچەرمەن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.  
سىز بىر ئانا بولغۇچى، ئەگەر سىز قىزىڭىزغا ئەخلاقلىق، تىلى تاتلىق قىز بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋېتىپ، ھويلىڭىزغا دان ئىزدەپ كىرىپ قالغان قوشنىڭىزنىڭ توخۇسىنى شۇ قوشنىڭىز بىلەن قوشۇپ سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ يۈرسىڭىز ئۇنداقتا سىزنىڭ بايام قىلغان «ئەخلاقلىق، تىلى تاتلىق قىز بولۇش» توغرىسىدىكى نەسىھەتىڭىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولماقچى؟ ئېنىقكى، قىزىڭىزمۇ بۇنداق ناچار مۇھىتتا ياشاۋەرسە سىزگە ئوخشاش ئېغىزى پالاكەت بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. سىز يەنە قىزىڭىزغا ھايالىق-ئىپپەتلىك بولۇش توغرىلىق نەسىھەت قىلىۋېتىپ، ئۆزىڭىز كۆكسى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ، يۈز-كۆزلىرىڭىزنى ئارتىسلاردەك بوياپ، باشقىلار بىلەن تېتىقسىز چاقچاقلارنى قىلىشىپ يۈرسىڭىز بۇنداق ھالەتتە قىزىڭىز سىزدىن قايسى تەربىيەنى قوبۇل قىلىدۇ؟ شەكسىزكى، بۇنداق مۇھىت داۋاملىشىۋەرسە قىزىڭىزمۇ بىر كۈنى چوقۇم سىزدىن ئاشۇرۇپ كىيىدىغان، سىزدىن ئۇپا-ئەينەك تالىشىدىغان، ھەتتا كىچىك تۇرۇپ كوچا-كويلاردا قىڭغىر دەسسەپ يۈرىدىغان يامان خۇينى ئۆگىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەسىدە چوقۇم گەپ-سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىم.

4. بالا تەربىيەسىدە ئۆزى ئۈلگە بولۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك تەربىيەدۇر
مۇنداق بىر ھېكايەت بار. بىر ئادەم ھەر كۈنى ئىشقا كىرىشىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن بازاردىكى قاۋاقخانىغا بېرىپ بىرەر رومكا ئىچىۋېلىشقا ئادەتلەنگەنىكەن. قاتتىق قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئۇ جۇۋىسىنى كىيىپ، پەلىيىنى ئېلىپ، ئايالى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئادىتى بويىچە ئىسقىرتقىنىچە قاۋاقخانىغا مېڭىپتۇ. ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا ئۇ بىرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۆرۈلۈپ قارىغانىكەن، ئۆزىنىڭ كىچىك ئوغلى ئىكەن.
ئوغلى دادىسىنىڭ قاردىكى ئاياغ ئىزىغا دەسسەپ يۈگۈرگىنىچە دادىسىغا:
-دادا، قارىڭە، مەن سىزنىڭ ئاياغ ئىزىڭىزغا دەسسەۋاتىمەن،-دەپتۇ.
ئوغلىنىڭ گېپى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە «ئەگەر مەن قاۋاقخانىغا بارسام، كەلگۈسىدە ئوغلۇممۇ مېنىڭ ئىزىمنى بېسىپ قاۋاقخانىغا بارارمۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ دادا قاۋاقخانىغا قاترىمايدىغان بوپتۇ.
ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىش سۆز بىلەن تەربىيە بەرگەنگە قارىغاندا كۆپ ئۈنۈملۈك. بىز دائىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۈلگىسى، دەيمىز. ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، بالىلار ئاڭسىز ھالدا شۇنى دورايدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، ياخشى ئىشنى دورىسا ئەلۋەتتە ياخشى، ئەمما يامان ئىشنى دوراپ قالسا، ئۇنى ئۆزگەرتمەك ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ.
ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بېرىدىغان سەمىمىيلىك تەربىيەسى داۋامىدا ھەر بىر قەدەمنى ياخشى بېسىشى، بالىنىڭ ئەخلاق ھەرىكىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەم ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىگە، ھەم ھەرىكەت جەريانىنىڭ مۇۋاپىقلىقىغا دىققەت قىلىشى، ئۇلارغا سەمىمىي، ئىلھامغا باي، ئۈمىدۋار، ئالغا ئىنتىلىشچان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، تۇرمۇش جەريانىدا ئىجتىمائىي ئەخلاق رېلىسىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، ئۈلگە بولغۇچى ئاتا-ئانىلاردا سەۋەنلىك كۆرۈلسە، بالىنىڭ ئىدىيىۋى ھەرىكىتىدە سەۋەنلىك كۆرۈلىدۇ، چۈنكى بالا بىزنىڭ ئىزىمىزدىن ماڭىدۇ.
دۇنياغا مەشھۇر چۆچەك يازغۇچىسى ئاندېرسىننىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: «بالىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇش-ئاتا-ئانىلارنىڭ غالىپ پەرزەنتلەرنى تەربىيەلىشىدىكى ئەڭ ئەپلىك ئۇسۇلىدۇر».
ھىندىستاننىڭ بۇرۇنقى زۇڭلىسى گەندى خانىم پەرزەنت تەربىيەسىدە بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ئېسىدە تۇتقان ھەم پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆزى ئۈلگە ياراتقان ئېسىل ئايالدۇر، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جاھاندا ئۆزى ئۈلگە بولۇشتىن ياخشى تەربىيە يوق. بالىلار يالغانچىلىققا، ساختىپەزلىككە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر ۋە ھوشيار كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىزنى ھۆرمەتلىسە، ئىشەنسە، مەيلى ئۇلار كىچىك بولسىمۇ، سىزگە ھەمكارلىشىدۇ».
كوممۇنىستىك جەڭچى، ئاتاقلىق دېموكرات، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇڭ چىڭلىڭ خانىم گەرچە ھاياتىدا ئۆزى بالىلىق بولالمىغان بولسىمۇ لېكىن بالىلار ئۈچۈن ھاياتىنى ئاتىغان، بۇ جەھەتتە كۆپ ئەمگەكلەرنى قىلغان، تۇنجى بولۇپ بالىلار ئۈچۈن مۇھىم ئوقۇشلۇقلارنى تۈزگەن قەيسەر ئايالدۇر. ئۇ بالا تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىنىڭ تەسىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاتا-ئانا بالىنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى، بالا بالىلار باغچىسىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى چاغلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئائىلىدە ئۆتكۈزىدۇ، ھالبۇكى بۇ دەل ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈۋاتقان، بىلىم ئىگىلىۋاتقان، مىجەز-خاراكتېر، ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرىۋاتقان، دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس يارىتىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتى ئۇلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ».
ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر كارخانىچىسى توماس ۋاتسون كىچىك ۋاقتىدا دادىسىنىڭ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىچىدۇر. ئۇنىڭ دادىسى چوڭ كارخانىچى بولۇپ، بالىسى ۋاتسوننى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇشتا ئۆزى بىۋاسىتە ئۈلگىلىك رول ئوينىغان، ھەمىشە ئۇنى كەينىگە سېلىپ يۈرۈپ شىركەتنى ئايلاندۇرغان، ئۆزىدەك بىر كارخانىچى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئارزۇسىدا كىچىك ۋاتسوننىڭ يۇمران قەلبىگە ئۆز ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈنسىز تەسىر كۆرسەتكەن. ۋاتسون 1991-يىلى يازغان «ئاتا. بالا. شىركەت» ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاتام مېنىڭ ئىشىمغا ۋارىسلىق قىل، دېگەن گەپنى ھەرگىز ئېغىزىدىن چىقىرىپ باقمىغان. لېكىن ئۇنىڭ مېنى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بار IBM شىركىتىگە قاتناشتۇرۇپ، ئاخىرى شىركەتنىڭ پۈتۈن ئىشىنى مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزۇش ئارزۇسى بارلىقىنى مەن كىچىكىمدىنلا ھېس قىلغان. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بەش ياش چېغىمدا ئاتام مېنى شىركەت قارمىقىدىكى بىر زاۋۇتقا ئاپارغان. قاچىلاش سېخىدىكى مىتاللارنىڭ دىماغنى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراقلىرى، قۇيمىچلىق سېخىدا پۇرقىراپ تۇرغان ئىس-تۈتەكلەر، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازلىرى تاكى بۈگۈنگىچە خىيالىمدىن كەتمەيدۇ. ئاتام ئۆزىنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن ھەم مېنى تەربىيەلىگەن. شۇڭا مەن ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزلەردە چوڭ سۈپەت ئادەم بولۇپ يېتىشكەن».
كۇيل خاردىمان ئۆزىنىڭ «بالىلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان سەككىز خىل ئىقتىدار» ناملىق كىتابىدا مۇنداق كۆرسەتكەن: «بالىلارغا مىڭ پەند-نەسىھەت قىلغاندىن كۆرە، ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن بىرەر قېتىم ئۈلگە بولغىنىمىز ئەۋزەل». بۇ كىتابتا يەنە مۇنداق بايانلار بار: «ئۈلگە-ئەڭ ياخشى ئۇستاز. گەرچە ئۇ تىلسىز بولسىمۇ، لېكىن كىتابتىن ئەسلا ئۆگەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە قادىر. ئۈلگىنىڭ كۈچى ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ھەرىكەت گەپكە قارىغاندا كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدۇ، تەربىيەلەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھەرىكەت-كۈچ دېمەكتۇر. قۇرۇق گەپ بىلەن تەربىيەلىگەنگە قارىغاندا، ئۈلگە كىشىگە ھەر ۋاقىت تەسىر قىلىپ، غەيرەت بېغىشلاپ، ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. سىزمۇ ھېس قىلغانسىز، پەرزەنتىڭىزگە تۈرلۈك تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، بۇنداق ئەتسەڭ يامان بولىدۇ، دەپ قويۇپ، ئۆزىڭىزگە كەلگەندە پەرزەنتىڭىزگە ئۈلگە بولالمىسىڭىز، تەربىيىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ ياكى مەغلۇب بولىدۇ. بۇ پەرزەنتىڭىزنىڭ سىز بىلەن قەستەن چىقىشالمىغانلىقى بولماستىن، بەلكى ئۆزىگە ئۈلگە بولغۇدەك بىرەر ئوبېيتكقا ئىگە بولالمىغانلىقىدىن بولىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، سۆز-ھەرىكەت ئىنسان روھىنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى بالىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ پەرزەنتلەر ئىستىخىيەلىك دوراش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئاتا-ئانىسىنىڭكى بىلەن بىردەكلىشىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى پەرزەنتلەرنىڭ قىلمىشى، خىسلىتى ۋە ئەخلاق سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدۇ. بالام ئېسىل ئادەم بولسۇن دېسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىز ئاۋۋال ياخشى ئۈلگە بولۇڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز بىلىم تەلەپكارى بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ بىلىمخۇمار بولۇشى، سىز قەيسەر بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ بېلى بوشلاردىن بولماسلىقى، سىز ئىجتىھاتلىق بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ ھورۇن بولماسلىقى، سىز تىرىشچان بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ بوشاڭ بولماسلىقى، سىز غايىلىك بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ ئۇلۇغۋار غايىنىڭ ساھىبى بولۇشى، سىز مەردانە، ئوچۇق قول بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ ئىچى تار، بېخىل بولماسلىقى، سىز تېجەشلىك بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ ئىسراپخور بولماسلىقى، سىز مۇلايىم بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ قوپال بولماسلىقى، سۆز-ھەرىكىتىڭىز جايىدا بولسا، پەرزەنتىڭىزمۇ تەكەببۇر بولماسلىقى، سىز يۈزى تۆۋەن بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ پەردىشەپلىك بولۇشى، سىز قائىدە-يوسۇنلۇق بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزمۇ ئەدەب-قائىدىلىك بولۇشى...مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ ئىرسىيەتنىڭ كارامىتى بولماستىن، بەلكى ئۈلگىنىڭ كۈچ قۇدرىتىدۇر!».
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ خانىم ئالدىنقى بابتا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ماقالىسىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:«ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك رولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. دادا بىلەن ئانا بالىنىڭ تۇنجى تەربىيەچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچكىم ئورنىنى ئالالمايدىغان مۇقەددەس ئۈلگە. بالا تۇغما تەبىئىيتىدىكى دوراشقا، تەقلىد قىلىشقا مايىللىقى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى دورايدۇ، يەنە كېلىپ بالىلارغا ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئېغىزدىكى گەپ ئەمەس، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۈلگە قىلىدۇ. پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ نازۇك بۇ ھالقىدا ئاتا-ئانا مىسالى بىر ئەينەككى، قاچانلا قارىسا، ئۇنىڭدا پەرزەنتلەرنىڭ سېيماسى كۆرۈنىدۇ، ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۈلگە قوبۇل قىلىدىغان ئەڭ چوڭ نەمۇنە»
دېمەك، بالىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدىغان ئەينەك. بالىلارنى ياخشى ئادەم بولسۇن دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىز نەمۇنىلىك رول ئوينىشىمىز كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈندىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرى بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشتە كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە.

5. ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى
دۇنيادا ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بولمىسا كېرەك. ئىنسان ئانىنىڭ قورسىقىدا تۆرەلگەندىن باشلاپ مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يېتىلىشكە باشلايدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مېھىر مۇھەببىتى، پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان مېھىر مۇھەببىتى ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر تېما. قەدىمدىن ھازىرغىچە تالاي يازغۇچى، ئالىملار ئاتا-ئانا مېھىر-مۇھەببىتى، پەرزەنت مېھىر-مۇھەببىتى ھەققىدە تالاي قىسسەلەرنى يازدى، نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى قالدۇردى. ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ:
ئاتا مېھرى-چىراغ،
ئانا مېھرى-بۇلاق.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئەجدادلىرىمىز بۇ ماقال-تەمسىلدە ئاتا مېھرىنى نۇرلۇق چىراغقا، ئانا مېھرىنى پۈتمەس بۇلاققا ئوخشاتقان. مەشھۇر يازغۇچى بېلىنسكىي بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئانا مۇھەببىتىدىن مۇقەددەسرەك ۋە خالىسراق ھېچ نەرسە يوقتۇر». دېمەك، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كۈچى بۈيۈكتۇر. شۇنداق ئىكەن ئاتا-ئانىلىرىمىز مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق پەرزەنت تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشى زۆرۈر.
پەرزەنت تۇغۇلۇشدىنلا ھەرگىزمۇ گەپ ئاڭلىماس، بىشەم، قائىدە چۈشەنمەيدىغان، ئەخلاقسىز، ناچار تەبىئەتلىك بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. بىز پەقەت بالىنى مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق كۆيۈنۈپ تەربىيەلىمىگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا بالىدا ناچار خۇي يېتىلىپ قالغان. سىز زېھنىڭىزنى بەش مىنۇت جەم قىلىپ چوڭقۇرراق ئويلاپ باقسىڭىز دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە مېھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئىنساننىڭ يۈرىكى گۆش بىلەن پۈتۈلگەن بولغاچقا كىچىككىنە بۇ يۈرەك ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپلا مۇھەببەتنىڭ ماكانى بولۇپ قالغان. بىز ئاڭ-پىكىرگە ئىگە ئەقىللىق سانالغان ئىنسانلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئەقىلسىز ۋە ئاڭسىز دەپ قارالغان ھايۋانلارنى مىسال ئېلىپ سۆزلىسەكمۇ، مېھىر-مۇھەببەتننىڭ ئۇلۇغلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.
ئەلۋەتتە، ھايۋانلاردىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا مۇھەببەت بېغىشلاشنى بىلىدۇ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىدۇ. سىز مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە.
بىر ئوۋچى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئوۋغا چىقىپتۇ. ئۇ ھېچقانداق بىر ئوۋ نىشانىنى تاپالماي قايتاي دەپ تۇرىشىغا بىر شەپە ئاڭلىنىپتۇ. دىققەت بىلەن قارىسا ئۆزىدىن خېلىلا يىراق بىر جايدا بىر كىيىك ئوتلاپ يۈرگۈدەك. ئوۋچى تۇيدۇرماستىن مىلتىقىنى قولىغا ئاپتۇ-دە، كىيىككە توغرىلاپتۇ. بىراق ئويلىمىغان يەردىن كىيىك ئوۋچىنى سىزىپ قاپتۇ. لېكىن ئۇ قېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە تۇرغان جايىدا مىدىرلىماي جىم تۇرۇپتۇ. ئوۋچى كۆڭلىدە: «ئوۋچىلىق قىلىۋاتقىنىمغا تالاي زامان بولدى، ئوۋچىنى كۆرۈپ قېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ جىم تۇرغان بۇنداق كىيىكنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ھەقىقەتەن ھاماقەت كىيىككەن» دەپ ئويلاپتۇ. بىراق شۇ دەقىقىدە يەنە ئويلىمغان بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ. ھېلىقى كىيىك تۇيۇقسىز ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ. ئوۋچى بۇ ئىشقا ھەيران بوپتۇ-يۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىكى ئوۋ خۇمارى غالىپ كېلىپ مىلتىقنىڭ تەپكىسىنى بېسىپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئېچىنىشلىق بىر ئىڭراش بىلەن كىيىك يەرگە يېقىلىپتۇ. ئوۋچى كېلىپ قارىسا كىيىك ئاللىبۇرۇن جان ئۈزۈپ بولغان ئىكەن. بىراق شۇ دەقىقىدە ئوۋچىنىڭ كۆزى كىيىكنىڭ قورسىقىغا چۈشۈپتۇ. كىيىكنىڭ قورسىقى خېلى تومپايغان بولۇپ، ئەسلى بۇ تۇغۇشقا ئاز قالغان كىيىك ئىكەن. ئوۋچى خۇددى بىر خىل كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالغاندەك چاققانلىق بىلەن كىيىكنىڭ قورسىقىنى يېرىپتۇ. كىيىكنىڭ قورسىقىدىن قوشكېزەك بىر جۈپ كىيىك بالىسى چىقىپتۇ. ئەپسۇسكى، يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشقا ئازلا قالغان بۇ گۇناھسىز كىيىك بالىلىرىمۇ ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغان ئىكەن. ئوۋچى بايام بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئاپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئانا كىيىك ئۆز بالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھامىلدار، قېچىپ كېتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلىپ ئۆزىگە تەڭلەنگەن ئوۋ مىلتىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ قېچىپ كەتمەي جىم تۇرغان ئىكەن. بايا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈشى ئوۋچىدىن «ماڭا ئەمەس، قورسىقىمدىكى بالىلىرىمغا بولسىمۇ رەھىم-شەپقەت قىل» دەپ قىلغان ئىلتىجاسى ئىكەن. ئوۋچى بۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ بەكلا ئازابلىنىپتۇ. تەڭرىدىن ئۆزىنىڭ بۇ گۇناھىنى كەچۈرۈشنى ئېيتىپ نالە قىپتۇ. كېيىن ئوۋچى بۇ ئانا كىيىكنى بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، يەرگە كۆمۈپ قەبرە ياساپتۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن بۇ ئوۋچى قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارتىپتۇ. ئاقىۋەت ئەقلىدىن ئادىشىپ قاپتۇ ھەمدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋاپتۇ.
بىز بۇ ھېكايە ئارقىلىق نېمىنى چۈشىنىمىز؟! ئېنىقكى، بۇ ھېكايە بىزگە ئاتا-ئانا مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يۈكسەكلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ھەمدە بىزنى بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
قارايدىغان بولساق، نۆۋەتتە جەمئىيەتتە ئۆيىدىن قيىداپ چىقىپ كېتىۋاتقان، مەكتەپكە بارىمەن، دەپ ئەملىيەتتە ئۆزى باشقا جايلاردا ئويناپ يۈرگەن، پۇرسەت تاپسىلا كۆزنى غەلەت قىلىپ ھېلى تورخانا، ھېلى بىليارتخانا، ئويۇنچۇق زالى دېگەندەك جايلارغا قېچىۋاتقان بالىلار كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. يەنە قارىسىڭىز بەزى پەرزەنتلەر ھېلى جەمئىيەتتىكى ئەسكى بالىلارغا ئارىلىشىپ جېدەل-ماجىرا چىقىرىۋاتقان، ھېلى ئەسكى ئىش قىلىپ يۈزىمىزنى تۆكۈۋاتقان قىلىقسىز ئەھۋاللارمۇ كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بەزىلىرىمىز ھەتتا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن پەرزەنتلىرىمىزنى بىر-نەچچە ئايدىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن، قانداقتۇر بىر ناچار ئادەملەرنىڭ قولىدىن تېپىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىكى خۇن، كۆزى ياش بولۇپ كەتتى. ئۇنداقتا ھازىرقى ئاتا-ئانىلار بۇ مەسىلىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتىۋاتىدۇ؟ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىۋاتىدۇ؟
بىز شۇنىڭغا ئىقرار بولىشىمىز كېرەككى، ھازىرقى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، يامان خۇي ئۆگىنىپ قېلىشتەك مەسىلىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن تۆۋەندىكىچە ئىپادىلىنىدۇ:
ئەگەر پەرزەنتىمىز يۇقارقىدەك ناچار خۇي-مىجەزلەرنى يېتىلدۈرۈۋالسا مۇنداق ئۇسۇللارنى قوللىنىمىز:
ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئالدىمىزدا تىك تۇرغۇزىمىز، بۇ ۋاقىتتا ئاچچىقىمىزدىن تىترەپ كېتىمىز، كۆزىمىزدىن ئوت، ئېغىزىمىزدىن زەھەر چىقىدۇ. بەزىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ياكى ئۇلارنى قورقىتىش ئۈچۈن قولىمىزغا ئۇزۇن تاياقلارنى كۆتۈرىۋالىمىز ھەمدە ھەيۋە قىلىپ چالۋاقاشقا باشلايمىز «ئەقلىڭ نەگە كەتتى؟ سېنىڭ نېمەڭ كەم؟ توققۇزۇڭ تەل، يېمەك-ئىچمەكتىن، كىيىم-كېچەكتىن قىسىپ باقمىدۇق، پۇل دېسەڭ بېرىۋاتىمىز، نېمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىلىسەن، شۇنداق ئارزۇلاپ بېقىۋاتىمىز، سەندىكى ئەقىل قېنى؟ دۆت-كالۋا، ھاماقەت، نېمە دېسەڭ قىلىپ بەردۇق، بىزنى يەنە نېمە قىل دەيسەن؟» دەپ بىر مۇنچە قاقشاپ كېتىمىز. ھەتتا ئاچچىقىمىزغا پايلىماي ئالدىمىزدا شۈمشىيىپ تۇرغان كىچىككىنە نارەسىدە بالىنى ئۇرۇپمۇ كېتىمىز. بىراق مانا مۇشۇنداق پەرزەنتىمىزنى تەنقىدلەۋاتقان، ئۇرۇپ-چالۋاقاۋاتقان ۋاقىتتا بىز مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز. پەرزەنتىمىز نېمە ئۈچۈن ئۆينى تاشلاپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى شارائىتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ؟ بىز بالىلارنى زادى قانداق تەربىيەلىدۇق؟ ئۇلارغا نېمە بېرەلىدۇق؟ ئۇلارنىڭ ئېتىياجلىق بولىۋاتقىنى زادى نېمە؟  دېگەن سۇئاللارنى ئۆزىمىزگە قويۇپ باقمايمىز.
گەرچە بىزدىن ئازار يەپ، تىل ئىشتىۋاتقان بۇ بىچارە بالىلار شۇ دەقىقىدە بىزگە تىكىلىپ تۇرۇپ، يىغلامسىرىغان ھالدا: «نېمىشقا مېنىمۇ ئويلاپ قويمايسىلەر؟ مېنى داۋاملىق ئۇنى قىلدىڭ، بۇنى قىلدىڭ دەپ ئەيىبلەيسىلەر، بىرەر قېتىممۇ مېنى چىن يۈرىكىڭلاردىن ماختاپ باققىنىڭلارنى بىلمەيمەن، مەكتەپتىن كەلسەم دەرسىڭ قانداق؟ مۇئەللىم بۈگۈن نېمىلەرنى ئۆتتى؟ سەن قانداق جاۋاب بەردىڭ؟ دېگەنلەرنى سوراپمۇ قويمايسىلەر، ھە دېسە «خىزمەت، قاتار چاي، يىغىن...» دەپ ئالدىراشلا يۈرىسىلەر، مەن بىلەن كارىڭلار بولمايدۇ، بىكار قالساملا تاپشۇرۇق ئىشلە دەيسىلەر، بىرەر دەم ئوينىشىمغا يول قويمايسىلەر، سىلەرنىڭ مەن بىلەن مۇڭدىشىشقا، نېمىنى خالايدىغانلىقىمنى، نېمىلەرنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى سوراشقا ۋاقتىڭلار چىقمايدۇ، ھەر قېتىم سىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىغىنىمدا، سىلەر: نېمە بولدى؟ مىجەزىڭ يوقما؟ دەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ سەبى قەلبىمنىڭ زادى نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، ماڭا يېگىلى نان، كىيگىلى كىيىم بەرسەڭلارلا بولامدۇ؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، سىلەر ماڭا ئەڭ مۇھىم نەرسىنى يەنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئىللىق مېھىر-مۇھەببىتىنى بېرەلىدىڭلارمۇ؟» دەپ ئېيتالمىغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبى شۇنداق بىر تۇيغۇ، شۇنداق بىر ئېچىرقاش، شۇنداق بىر مۇھتاجلىق ئىلكىدە ئاچچىق ئىڭرايدۇ. ئەمما، كۈنلىرىنى قانداقتۇر بىر ئىشلار بىلەن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، يۈرىكى تاشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان، ئائىلە مېھرى، بالا مېھرىدىن تولىمۇ يىراقلىشىپ  كېتىۋاتقان، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ چەكسىزلىكىنى، ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، قەلبى بولسا قاراڭغۇ گۆرگە ئوخشاپ قېلىۋاتقان بۇ نىمجان ئاتا-ئانىلىرىمىز بالىلارنىڭ مۇھەببەتكە تەشنا بۇ سەبىي قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارغا داۋاملىق ئازار بېرىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، ھەممە ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەسلىدە بالىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ياخشى يەتكۈزەلمىگەنلىكىمىزدە.
بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس قەلبى بولىدۇ، ئۇلار بىزدىن كاتتا نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ، بىزدىن پەقەت ئاددىيغىنا قەلب، سەممىي مۇھەببەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ قانداقتۇر بىر مۇرەككەپ، ئالدىراش ئىشلىرىمىزنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارغا كىچىككىنە ئىللىق بىر ماكان بولسىلا بولدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ سەبى قەلبى ئارقىلىق ئائىلىنى، ئەتراپىدىكىلەرنى، دۇنيانى گۈزەل دەپ قارايدۇ. ھەممە نەرسىنى ئۆزىنىڭ قەلبىدەك ساپ دەپ چۈشىنىدۇ. شۇڭا ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە كۈلۈپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ سەبى قەلبىگە سىڭىپ كىرىشىمىز، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، چۈچۈك ناخشىلىرىغا جۆر بولۇپ ھاياتلىقنى كۈيلىشىمىز لازىم.
بىر ئاتاقلىق شەخس مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىر دادا يۈز مەكتەپ مۇدىرىدىن ياخشى».
دادىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەڭ ئۇلۇغ. ئەمما بىز بالىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلەلىدۇق؟ كەينىمىزگە بۇرۇلۇپ قاراپ باقايلى، ئۇلارنىڭ بالىلىقىمۇ خۇددى بىزنىڭ ياشلىقىمىزغا ئوخشاش پۈتۈن ھاياتىدا پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ. تۈگىمەس خىزمەت ۋە تۈرلۈك ئادىمىگەرچىلىكلەر سەۋەبىدىن بالىلار بىلەن ئارىلىقىمىزدا توسۇق پەيدا بولمىسۇن. بالىلار بىلەن ۋاقىتتىن تەڭ بەھرىمەن بولايلى، بالىلىرىمىزنى پەخىرلەندۈرەيلى. ئۇلار بىزنىڭ مېھىرلىك بېقىشىمىزغا، كۆيۈنۈشىمىزگە، ئىلھام-مەدەت بېرىشىمىزگە، سىردىشىشىمىزغا مۇھتاج. ئەگەر بىز ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى تولۇق يەتكۈزەلمىسەك، ئۆزىمىز بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇلارنىڭ قەلب تىۋىشىغا قۇلاق سالمىساق تەبىئىيكى ئۇلار بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ، ئائىلىدىن كۆڭلى سوۋۇيدۇ، بىزدىن، ئائىلىدىن ئالالمىغان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلاردىن، سىرتقى دۇنيادىن، ئاللىقانداقتۇر نەرسىلەردىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئامېرىكىلىق دۇنياغا مەشھۇر دەرىجىدىن تاشقىرى ناخشا چولپىنى مېككېل جېكسون ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ئەسلەپ يازغان بىر پارچە خېتىدە مۇنداق دېگەنىكەن :«بالىلار بەزىدە مۇنداق ئەھۋالغىمۇ دۇچ كېلىدۇ، يەنى ئۇلار ئاتا-ئانىسىدىن تېگىشلىك مېھرىبانلىققا ئېرىشەلمىسە، ئۇ مېھىرنى باشقىلاردىن ئېلىشقا، بوۋا-مومىلىرىغا ياكى باشقىلارغا تەلمۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىز بولساق ئانا مېھرىدە چوڭ بولغاچقا باشقىلارغىمۇ تەلمۈرۈپ يۈرمىدۇق». جېكسون بۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ توققۇز پەرزەنت ئىكەنلىكىنى، ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، لېكىن ئانىسىنىڭ توققۇز پەرزەنتكە ئايرىم-ئايرىم ھالدا خۇددى يالغۇز پەرزەنتكە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنۈپ، مېھىر-مۇھەببەت بېرىپ چوڭ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ناخشا چولپىنى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا ئانىسىنىڭ كۆپ مېھىر-مۇھەببىتى سىڭگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا-ئانا مۇھەببىتىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە رولى ھەقىقەتەن چوڭ. ئەگەر ئوماق پەرزەنتىمىزنىڭ قەلب دۇنياسىغا سىڭىپ كىرەلىسەكلا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.

6. بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش، تالانتىنى بايقاش
ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەپ چىقىشتا بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا دىققەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھەرىكەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىش تالانتلىق بالىلارنى يېتىشتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم. بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا قانچە بۇرۇن دىققەت قىلىنسا ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تالانت ئۇرۇقىمۇ شۇنچە بۇرۇن بىخلىنىدۇ. ئادەمدە بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا سىرتقى دۇنياغا، ھەر خىل شەيئىلەرگە نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولىدۇ. قىزىقىشنىڭ باشلىنىشى دەل بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تالانت ھۈجەيرىلىرىنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدۇر. دۇنيادا تۇغۇلۇشىدىنلا دۆت بالا بولمايدۇ، پەقەت شۇ بالىلارنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەيدىغان دۆت ئاتا-ئانىلار بولىدۇ. بۇ سۆز بەلكىم كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭ زىتىغا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق، ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق. تارىختا ئۆتكەن تالاي ئالىملار، مەشھۇر مۇتەخەسىس، تەتقىقاتچىلار، ئىنژىنىرلار، كەشپىياتچىلارمۇ تۇغۇلۇشتىنلا باشقىلارغا ئوخشاش ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىدى. بىراق ئۇلار قىزىقىش ئارقىلىق، ئاتا-ئانىسىنىڭ رىغبىتى ئارقىلىق شۇنداق كاتتا ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
بالىلار قەلبى سۈزۈك ئاسمانغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بۇ سۈزۈك ئاسماندا كۆپ يۇلتۇز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. تۆت پەسىلنىڭ بېشى باھار بولغىنىدەك ئىنساننىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بالىلىق مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باھار پەسلىدە ھەر تەرەپتە قۇشلار سايراپ، يېڭى ئۇرۇقلار بىخلانغىنىدەك بالىلىق مەزگىلدىكى سەبى يۈرەكتىمۇ ھاياتقا، شەيئىلەرگە نىسبەتەن يېڭىدىن-يېڭى قىزىقىش پەيدا بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار مانا مۇشۇ مەزگىلدىكى بالىلارنىڭ يەنى ئايىغى چىقىپ مېڭىشنى ئۆگىنىۋالغان، تىلى چىقىپ، سايراشنى بىلىۋالغان ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ قەلب ئېتىزىدا ئويغىنىشقا باشلىغان قىزىقىش ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا ۋە توغرا بايقاپ بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تالانت ھۈجەيرىسىنىڭ جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى زۆرۈر. بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ بالىلارغا خالىغانچە رامكىلارنى بېكىتىپ بېرىشكە، ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر چوڭ ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىسىلا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنى ئەركىن قويىۋېتىشى، قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئاددى، ئەرزىمەس بولسىمۇ مازاق قىلماستىن ئۇلارنى قوللىشى ۋە ئىلھام، مەدەت بېرىشى لازىم.
بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىزدە پەرزەنتلىرىمىز بىرەر نەرسىگە قىزىقسا ياكى بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا ئەنسرەپ: «قىلالمايسەن»، «بۇزىۋېتىسەن»، «قىلما، ئەتمە»، «چېقىلما» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇپ، يۇمران دىلىغا ئازار بېرىپ، قىزىقىش ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈپلا قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇنداق مۇھىتقا كۆنەلمىگەن، ئاتا-ئانىسىدىن، باشقىلاردىن، ئەتراپىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىگە ئېرىشەلمىگەن بالا ئاقىۋەتتە ئۆزىگە ئىشەنمەس بولۇپ قېلىپ، ھېچنىمىگە قىزىقمايدىغان، تىرىشمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىز ئۇزاقتىن بىرى بالىلىرىمىزغا مانا مۇشۇنداق قاتمال ھالەتتە تەربىيە بېرىپ ئۇلارنىڭ زېھنىنى بۇغۇپ كەلدۇق. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش، ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپ، ھەرىكىتىنى چەكلەپ كەلدۇق. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ بىز يەنە بالىلاردىن قاقشايمىز.
ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى جەھەتتىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيىتىمىزنىڭ بىرى دەل مۇشۇ خىل شەكىلدىكى بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى چەكلەش، ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىك مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان.
بىر قېتىملىق ئائىلە تەربىيەسىدە جۇڭگولۇق ئانا يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن ئوغلىغا بىر دانە تاۋۇزنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى ئېيتىپتۇ. بالا بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن رەسىم سىزىشقا باشلاپتۇ. رەسىم سىزىلىپ بولغاندىن كېيىن بالا بىر خىل ئۈمىد بىلەن ئانىنىڭ چىرايىغا تىكىلىپتۇ. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئانا: «ۋاي دۆت، سەن نېمانچە ئەقىلسىز، سىزغىنىڭ نېمە بۇ؟ تاۋۇزمۇ مۇشۇنداق تۆت چاسا بولامدۇ؟ تېخى تۇتقۇچىمۇ باركەن، كاللاڭ ئىشلەمدۇ سېنىڭ؟» دەپ كايىپ كېتىپتۇ. لېكىن بالىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ سورىماپتۇ، بالا بولسا ئېغىزىنى ئۆمەللىتىپتۇ-يۇ، گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي ئانىسىدىن قورقۇپ يىغلاپ تاشلاپتۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئائىلە تەربىيەسىدە ياپونىيەلىك ئانا ئوغلىغا يۇقارقىدەك تاۋۇزنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى ئېيتىپتۇ. بالا رەسىمنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن بىر خىل ئۈمىد بىلەن ئانىسىغا تىكىلىپتۇ. ئانا رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن چېھرىدە تەبەسسۈم جىلۋىلىنىپتۇ. ئۇ بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
-ئوماق قوزام، سەن تاۋۇز سىزدىڭمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
-ھەئە، مەن تاۋۇز سىزدىم،- دەپتۇ بالا. ئانا يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ:
-قوزام، تاۋۇز دېگەن يومىلاق بولمامدۇ؟ بۇ رەسىمدىكى تاۋۇز سەل غەلىتە تۇرامدۇ نېمە؟- دەپتۇ. بالا:
-شۇنداق ئانا، ئۇنى بىلىمەن. لېكىن ئويلاپ باقسام مۇشۇنداق سىزسام ياخشى بولغۇدەك، قايسى كۈنى دادام تاۋۇز سېتىۋالغانتى، بەك تەس كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدى. مېنىڭچە تاۋۇزنىڭ تۇتقۇچى بولسا كۆتۈرۈش ئاسان بولغۇدەك، يەنە تاۋۇز تۆت چاسا بولسا يەرگە قويغاندا دومىلاپ كەتمىگۈدەك،-دەپتۇ چۈچۈك تىللىرى بىلەن چاڭىلداپ سۆزلەپ. ئانا ئەقىللىق ئوغلىنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى ماختاپ سۆيۈپ قويۇپتۇ ۋە تاۋۇز توغرىلىق چۈشەنچە بېرىپتۇ.
بىر قېتىملىق دالا سەپىرىدە بىر جۇڭگولۇق ئاتا بەش ياشقا كىرگەن كىچىك ئوغلىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە:
-بالام، بىر دۆۋە قۇمغا يەنە بىر دۆۋە قۇمنى قوشسا قانچە بولىدۇ-، دەپ سوراپتۇ. بالا:
-بىر دۆۋە قۇم بولىدۇ،- دەپتۇ بالا بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاتىنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپتۇ ۋە بالىغا سۆزلەش پۇرسىتىمۇ بەرمەي:
-قاپاقباش! شۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ ئىككى دۆۋە قۇم بولىدۇ،- دەپ چالۋاقاپتۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قېتىملىق دالا سەپىرىدە بىر ئامېرىكىلىق ئاتا بەش ياشلىق كىچىك بالىسىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:
-كىچىك شاھزادە، بىر دۆۋە قۇمغا يەنە بىر دۆۋە قۇمنى قوشسا قانچە بولىدۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
-بىر دۆۋە قۇم بولىدۇ،- دەپتۇ بالا ئازراق ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاتا قىزىقىپ سوراپتۇ:
-شۇنداقمۇ؟ يەنە ئازراق ئويلىنىپ باق، قوزام،- دەپتۇ.
-ياق، ياق، بىر دۆۋە قۇم بولىدۇ،- دەپ گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ بالا. ئاتا يەنە سوراپتۇ:
-نېمىشقا ئەمدى؟
-ئىككى دۆۋە قۇم ئارىلاشسا ئەسلىدىكىدىن چوڭراق بىر دۆۋە قۇم بولمامدۇ؟- دەپتۇ بالا چۈشەندۈرۈپ. ئاتا بالىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «بارىكاللا» دەپتۇ ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىنى ماختاپتۇ.
بىر ئانا ئولتۇرسا-قوپسا بالىسىنىڭ بىر ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ بەش ياشلىق بالىسىنى ئېلىپ، بىر داڭلىق خىمىيە ئالىمىدىن تەلىم ئالغىلى بېرىپتۇ. ئۇ بۇ كاتتا شەخسنىڭ قانداق قىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنى بىلمەكچى ئىكەن. ئايالنىڭ كېلىش مەقسىتىنى بىلگەن خىمىيە ئالىمى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، كۈرەش قىلىش تارىخىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ ئولتۇرماپتۇ. بەلكى ئۇنى ئۆزى بىلەن تەجرىبىخانىغا كىرىشكە تەكلىپ قىپتۇ. تەجرىبىخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئالىم بىر بوتۇلكا سېرىق رەڭلىك ئېرىتمىنى بالىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.
بالا بۇ سېرىق رەڭلىك بوتۇلكىغا ھەم قىزىقىپتۇ، ھەم نېمە قىلىشنى بىلمەي قاپتۇ، بىر دەمدىن كېيىن، سىناپ باقماقچى بولغاندەك قولىنى سۇزۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ جىددى ھالدا قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، بالىنىڭ ئانىسى دەرھال بالىنىڭ يېنىغا كەپتۇ، قورقۇپ كەتكەن بالا دەرھال قولىنى تارتىۋاپتۇ.
ئالىم قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ، بالىنىڭ ئانىسىغا:
-مەن سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بېرىپ بولدۇم،-دەپتۇ.
ئايال بۇنى چۈشەنمەي ئالىمغا قاراپلا قاپتۇ. ئالىم پەرۋاسىز ھالدا قولىنى ئېرىتمىگە چىلاپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بۇ پەقەت رەڭلەنگەن سۇ، خالاس! سىزنىڭ قورقۇپ ۋارقىرىشىڭىز بىر تالانت ئىگىسىنى يوق قىلىدۇ،- دەپتۇ.
بالىلار پائالىيەتچان ۋە جانلىق ھەرىكەت قىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلاردا دۇنياغا نىسبەتەن غايەت زور قىزىقىش بولىدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار دائىم تۈرلۈك قائىدىلەر بىلەن بالىلىرىنى چەكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كىرېسلونىڭ ئۈستىدە سەكرىشىگە، گىلەمنىڭ ئۈستىگە ئېغىناپ ئوينىشىغا، ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا تاماق يېيىشىگە، كەپسىزلىك قىلىشغا يول قويمايدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارغا بەزى قائىدىلەرنى تۈزۈپ بېرىشنى خاتا دەپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئەمما، ئويلاپ باقتۇقمۇ-يوق، ئۇلارنى زىيادە چەكلەش ئۇلارنىڭ ئىجاد قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويىدۇ ۋە چېكىندۈرۈۋېتىدۇ. بالىغا ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشتە نىشاننى ئېنىق بېكىتىپ بېرىپ، شۇنىڭغا رېئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىش، ئىنچىكە ھالقىلاردا بەك قاتتىق تەلەپ قويماسلىق، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك كۆرسىتىپ بېرىپ، ئازراق تەنقىدلەش كېرەك. ئۇلارنىڭ تۇغما قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يول قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بەزى بىلىم ۋە تېخنىكىلىق ئىقتىدارلارنى ئىگىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنىڭ خۇشال بالىلىقى بولۇش بىلەن بىللە ئىزدىنىش، دۇنيانىڭ سىرلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنىڭمۇ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بالىنى قانداق تەربىيەلەش، قانداق ئادەم قىلىپ چىقىش باشقىلارغا ئەمەس پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە باغلىقتۇر. بالىغا ئۆزىمىز كۆڭۈل بۆلمەي، ئۆزىمىز تەربىيەلىمەي، ئۆزىمىز مۇھەببەت بەرمەي باشقىلارغا تاشلاپ بېرىش ھاماقەتلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. بالىنىڭ روھى ئۆزىمىزنىڭ ئەينىكىدۇر، بالا چوڭ بولغانسېرى بىز ئۇنىڭدىن باشقىلارنى ئەمەس ئۆزىمىزنى كۆرىمىز. بالا بىر كۆچەتتۇر، ئۇنى قانداق مېۋىگە كىرگۈزۈش ئۆز ئىقتىدارىمىزغا مۇناسىۋەتلىك. ياخشى تەربىيەلەنگەن بالا ئائىلىمىزنى، يۇرتىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى، مىللىتىمىزنى گۈل-چېچەككە ئورايدۇ، پەخىرلىك ھېسلارغا چۆمدۈرىدۇ. ناچار خۇلق بىلەن تەربىيەلەنگەن بالا ئاقىۋەت ئۆزىمىزگە، ھەممىمىزگە پالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇلار كەڭ ئاتا-ئانىلار ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.
.....................
داۋامى بار.

«بۇ يازمىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە، ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ»

2015-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قايتماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 02:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-26 01:24:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى تەرەپتىكى خاتالىق بىلمىدىم، بۇ ماقالىنى بىر-نەچچە قېتىم قايتا-قايتا يوللىغان بولساممۇ بەزى جايلىرىدىكى خەتلەر بىرسى-بىرسىگە چاپلىشىپ قاپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-26 01:26:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئوڭشالدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قايتماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 02:21  


ۋاقتى: 2015-10-26 12:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى لېكسىيە ئاڭلىغاندەك بولدۇم. ئەمدى داۋامىنىمۇ يوللىۋەتكەيسىز ياخشىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش