ئۇلۋىي يۈسۈپ ئوغلى بۇنيادزادە 1969–يىلى 23–سېنتەبىردە تۇغۇلغان.
1987–يىلى ئەزەربەيجان چەت ئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىنگلىز تىلى پاكۇلتېتىغا كىرگەن. 1990–يىلى 2-يانۋاردا ۋاپات بولغان.ئۇنىڭدىن 200دىن ئارتۇق شېئىر، بىر پوئىما، بىر قىسسە، بىر نەچچە ھېكايە، ئۈچ پىسىيە، كۆپلەپ ماقالىلار، ئىنگلز تىلدىن قىلىنغان تەرجىمىلەر مىراس بولۇپ قالغان.
مەن يانىمەن ئوتتا بىر كۈن
سەن ھەم چۇشىسەن ، ياناسەن.
ئايلىنىپ ئاق كەپتەرگە،
كېلىپ يەلكەمگە قونارسەن.
ياشلىق ئىدى باشتا تاجىم،
ئەندى ئاپپاق بولدى چېچىم،
سەن، ئەي، كۆزلىرى قىيغاچىم،
قولىمغا قويغان خېنەسەن.
دېدىم : ”گۈلۈم، كەتمە، زىنھار،
بەختىم، ياتما، بولغىن يۈگرەك.
بۇ دۇنيادىن كېتىشىم بار”
نەگە سەن يىغلاپ بارارسەن؟
بۇ سەۋدادا ئۇرغىدى قېنىم،
يۈرەكتە قاينار ئارمىنىم.
سەن ئۆزگىگە ئەمەس، جانىم،
بىر ئۇلۋىيگە جانانسەن.
خاتىرىلەر
ساھىبى ھىجران يەتكەن سېرى
قېچىپ بوزلار خاتىرىلەر.
ۋىسال ئۆمرى پۈتكەن سېرى،
يىغلاپ–مۇزلار خاتىرىلەر.
ئۆمۈرنىڭ گۈزەل چېغىدىن،
ھاياتنىڭ شاۋقۇن -سۈرەنىدىن،
يارنىڭ ھېجران ۋىسالىدىن،
نېمىلەر سۆزلەر خاتىرىلەر.
قايتار خىيال بالىلىق يىللارغا،
ئىلھام بېرەر كۆڭۈللەرگە،
ئۇزۇن -ئۇزۇن بۇ يوللارغا
سالار ئىزلار خاتىرىلەر.
تىترىگەن لەۋلىرىڭ شېئىرلار ئىستەيدۇ
تىترىگەن لەۋلىرىڭ شېئىرلار ئىستەيدۇ،
تەمەننارىڭغا بېقىپ ئاي ھەسەت ئەيلەر.
كۆزلىرىڭدىن ھەسەت قىلار يۇلتۇز،
قاشلىرىڭغا بېقىپ ياي ھەسەت ئەيلەر.
تەنىلىك كۆزلىرىڭ ئاچچىق باقار،
سېنى يىغلاتقانقا ھەركىم تاش ياغدۇرار.
چاچلىرىڭ يەلكەڭدە تال–تال ئاقار...
شاقىراتمىلار قۇرۇپ ، ساي ھەسەت ئەيلەر.
قەلبىمدە بىر گۈزەل شېئىرلار پەيدا-
ئېيتاي، يۈرەكلىرىڭ گۈل ئاچسۇن .
سەن ئۆزۈڭ شۇنداق بىر شېئىرسەن تەنھا،
شائىرلار ھالىغا ۋاي، ھەسەت ئەيلەر.
( ئوسمان قوچقار ئەزەر تىلىدىن تەرجىمە قىلغان.
مەسئۇد ئىسا ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-26 22:33