يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 322|ئىنكاس: 5

مەرىيەم:بازاردا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-25 01:26:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
             بازاردا
ئاپتۇرى: مەريەمگۇل ئېزىز
قاتناشقۇچىلار:
     زىۋەر-بېشىدىن ئايىغىغىچە ساپسېرىق كىيىنگەن، قولىدا ياغلىققا چىگىلگەن بىر نەچچە تاۋاق قېتىق كوتۈرگەن ھالدا.
   ئەمەت- ئاپپاق خالات-پوسما كىيگەن، لەڭپۇڭ غالتىكى ھەيدىۋالغان.
راخمان-بېشىغا شاپاق دوپپا كىيگەن،ئىشتانلىرىنىڭ ئايىغى تۈرۈگلۈك.
زىۋەر سىرىتتىن ئاۋازى كىلىدۇ) ھۇيت ئەدەم، ئىشەكلىرىنى نېرى تاتسىلا دەيمە، ناۋايغا پۇل بىرىپ قاساپقا قالايتىكىنا. ما قېتىقىم تاس قالدى ئۆرۈلگىلى. ھۇيت ئۇكام، كۆزلىرى قۇشۇغلۇقتا قاغانما؟ لۇكىسى بوشاپ قالغان تۆگىدەك يولنىڭ ھەممە يېرىگە چامداپ ماڭىدىكىنا. بىز با مەدە قېتىقىمىز بىلەن.يا بۇ قېتىقنى قىزىل چىراغدا ساتقىلى بولمىسا ھىچنىمىگە پۇتلاشماي. ئو ئۇش! بۇ خەختىن يەر تالاشقىچە سەل چەتكىرەك چىقاييا.  چاڭقىسا بۇراپ تېپىپ ئىچە.(سىرىتتىن ئىگىز پاشنىلىق ئايىغىنى سۆرەپ ئاران مېڭىپ كىرىدۇ، سەھنىنىڭ ئوتتۇرىغا كىلىپلا ئايىغىنى سىلىپ قولىغا ئالىدۇ)ۋاي پۇتۇم، ھەجەپ ئاغرىدىيا. چوكانلىق قىمماقنىڭ تەسلىكىنى . ئۇھ، مىشەدە ساتاييا، ما  ئۈژمە سايىسىمۇ بەلەنكەن مانا.سەل ئارىسال بوغاندىكىن خاتىرجەم ئولتۇرامە.(قولىدىكى قېتىقنى يەرگە قۇيىدۇ) (كۆينىكىنىڭ ئىتىكىدە يۈزىدىكى تەرىنى سۈرتۈپ يەلپۈيدۇ) ۋاھ، ھەجەپ راھەت. ۋىيەي، يۈزۈمگە سۈركىگەن مايلىرىم يادىمدا يوق ئېيتىۋىپتىمەنا.(يانچۇقىدىن ئەينەك ئېلىپ قارايدۇ، ئاندىن ئەتراپقا قاراپ) بىر قېشىمغا قاشلىق ئىتىپ بىرسىنى  ئۇنتۇپ قاپتىمەن، نىمە دەپ قاغاندۇ ما خەخ بىر قىژ تاراشلاغلىق، بىر قىژ تاراشلاقسىز تۇسا. ھىچكىم يوقكەن، ئىتىۋالاييا ئەمدى بوسىمۇ.( يانچۇقىدىن سەرەڭگە ئېلىپ بىر تال چېقىپ پۈدەپ ئۈچۈرۈپ قېشىغا سۈركەيدۇ)
  ئەمەت: (قارشى تەرەپتىن غالتىكىنى غىچىرلىتىپ كىرىدۇ) يەۋ! يەۋ! لىغىلدىما لەڭپۇڭ، يەۋ! لازىسى تاتلىق،   ئاچچىقسۈيى قاپلىق ، مانا لەڭپۇڭ ئاتلىق ، يەۋ،يەۋ!!! (زىۋەرنى كۆرۈپ توختايدۇ) (ئۆز-ئۆزىگە) مىشەنىڭ سايىسى خېلى بەلەن تۇرىدۇ ، ئۆتە يولدا يەپ ماڭا يەيدىغانلا. (غالتىكىنى زىۋەرنىڭ قېتىقىنىڭ تۈۋىگە توختىتىدۇ)
زىۋەرقولىدىكى ئەينەكنى كەينىگە تىقىۋالىدۇ) ئو ئۇش، ما ئەدەمنى،ھەجەپ قوقاتتىيا. ئېشىكى ژۈتكەن ئابدالدەك كاكىراپ. ئەتىگەن ساغان ھەرە كۆنىكىنىڭ ئىسرىقى قېتىقىمغا تەگمەي ماڭا تىگىپتىكەنمۇ دەيمە، نەگە باسام شۇ يە ئاۋات بۇلاپ كىتىپارىدۇ خۇدى.
ئەمەت: چىژلىق تۇدىلىمۇ زىۋەرىخان؟ بازاغا چىققانما؟
زىۋەرسۇسلا) چىژلىق.
ئەمەت؛ مەنمۇ مىشەدە ئوتتۇراي دىگەن. بۇلامۇ-يا؟
زىۋەر: ئوتتۇرىۋەسىلە، مەندىن سۇراش كەتمەيدا مىنىڭ قۇچۇقۇمدا ئولتۇمىغاندىكىن.
ئەمەت:ناخشىۋەننىڭ يولى بىر رىسقى باشقا دەپتىكەن.سېتىۋىرىلى ھە؟!. يەۋ! يەۋ! يەرلىك لەڭپۇڭ..
زىۋەر؛ «زىۋەر» ماركىلىق قېتىق! بىزنىڭ ئىچكىرى ئېغىلدىكى چالا قۇيرۇق ئالا كالىنىڭ قېتىقى! ھە، ئىچىلى. چاڭقىساڭ ژۈرەككە پايدا، ئۇسسىساڭ بۆرەككە پايدا. قېتىق ئىچسەڭ چىشىڭنى كولىمايسە، قان بېسىمنى يېنىڭغا تولىمايسە، ۋاي بېشىم دەپ كۈندە جورىمايسە.
ئەمەت زىۋەرگە قاراپ قۇيۇپ) يەۋ! قان بېسىمىڭ پەسلەيدۇ، قۇسقۇڭنى ئەسمەيدۇ، قوقۇقۇڭنى كەسلەيدۇ ، يەۋ!
زىۋەر: قېتىق، قېتىق! قاندىكى ماينى سىرىيدۇ، سوغاق سۇدا ئىرىيدۇ، ئۈچىيىڭنى كىرىيدۇ، قېتىق ئىچمىگەنلە(ئەمەتنى ئىما قىلىپ ) ئىشتىك قېرىيدۇ...
ئەمەت: ۋوي زىۋەرىخان،سىلىنىڭ بۇ قېتىق لوقمان ھېكىم ئەمەستۇ، باياتىننىڭ ياقىم قالاپ تۇسام ھەممە كىسەلنى داۋالىۋەتتىلە.
زىۋەر: ۋىيەي نىمە كارىللىرى؟ سىلىمۇ قېلىشمىدىلا، ئى لىغىلدىمىلىرىنى ساتسىلا بى، مىنىڭ ئىلانلىرىمغا تۆرۈز چىقىرىپ ساقال تارىماي. ( ئايىغىنىڭ پاشنىسىنى لىڭشىتىپ) لىكىلداپ قاپتۇ- يا ماۋۇ،(پاشنىنى يەرگە ئۇرۇپ چىڭىتىدۇ)
ئەمەت؛ ئەمدى مەنمۇ بى خاسىيەتلىك قېتىقلىرىدىن ئىچىپ باقايمىكى ، ھىچ ئەدەممۇ يوق بۈگەن بازادا. مەمەنجىكام ئۆلەپتۇ، ئۆزىنى ئۆزى كۆمەپتۇ، ژىغلىغىلى ئەدەم يوق، ئۆزى قوپاپ ژىغلاپتۇ دىگەندەك بىسى-بىسىمىزنىڭكىنىمۇ بوسا يەيلى. كەسىلە.
زىۋەرچىرايىغا كۈلكە يۈگۈرىدۇ، ئايىغىنى قۇيۇپ) ۋىيەي بى ئىچىپ قالسىلا بۈلەك قېتىقلا تېتىمايدۇ دەيمە.(گەپ قىلغاچ قېتىقتىن بىر چىنە ئېلىپ ئەمەتكە سۇنىدۇ) مەن خەختەك قېتىقىمغا دارا قاتمايمە. جىڭ يەرلىك. قايمىقىنىمۇ سۈزىۋاممايمە، قايماق تېتىيدۇ قايماق!
ئەمەت: (قېتىقتىن بىر ئوتلاپ) راسكەن ،راسكەن، ئەلىرى قانچە ئامراقتۇ قېتىقلىرىغا ھە؟
زىۋەرقولىدىن قاس چىقىرىپ) ئامراق بومماي ئەمسە.
ئەمەت:ئەندىمۇ چەندىمۇ با ئەمەسمۇ زىۋەرىخان ئۆزلىرى، سىلىدەك خوتۇنۇم بولىدىغان بولسا ھەرگىزمۇ قېتىق سات دەپ كوچىغا چىقىرىپ قويمايتىممەن.
زىۋەر: نىمە دەيدىغاندۇ ما ئەدەم، قېتىقنى ئىچىپ بولالمايدىكەنمىز دەپ ئېچىقىپ قالدىم . بوممىسا بىزنىڭ ئەدەم ئارام ئېلىڭلا دەپ تۇرىدۇ. بىزمۇ بى تىرىك جان بولغاندىكىن مىدىلاپ قويساق ھىچنىمە بولماس. كۈندە ئېتىزدا 100 كويغا شوگۇڭ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئىرىگە يانتاياق بولىۋاتقان ئاياللىمۇ ماڭا ئوخشايدۇ جۇما. بىزنىڭ چا 55 تىراكتۇردىن ئىككىسى، پىكىپىمىزدىن بىرسى با تازا.
ئەمەت؛ چاخچاق قىلىپ قويدۇم دەيمە. ئۆھۆ دەپ قويسام دۇمبا چوگۇندەك قايناپ كەتتىلىيا.
زىۋەر: شامال چىقسا لىڭشىيدۇ ئۆستەڭ بۇيىدا ئۇرايىم دەپ، جاپاغا مەن مەيلى دىسەم.. ئى لەڭپۇلىرىدىن ئەتمەملا  مەنمۇ بى تېتىپاقاي.
ئەمەت: ( چاققانلىق بىلەن بىر قاچا لەڭپۇڭنى تەييارلاپ زىۋەرگە ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ.) ئاسىلا، تېتېپ ئۆتەپ كەتمىسە مانا مەن.
زىۋەر : ( قولىغا ئېلىپلا سۇيىنى ئىچىدۇ) پاھ-پاھ-پاھ، ھەجەپ ئوخشاپتۇ بۇ لىغىلدىمىللىرى، لازىللىرى ۋىلدى-ۋىلدى قىلىپ تۇرىدۇ ئاينا.
راخمان : (سىرىتتىن كىرىدۇ)
ئەمەت؛ كەسە مىمان كەسە. چاچتەك قىژىپ بىر قاچا تەييالايمۇ لەڭپۇڭدىن ؟
زىۋەرئۆزىگە) زاغرا بىلەن يەيمىكى يا. قوقاقنى كىسىدۇ، راس. ئۇسقانلىرىم ئېغى تۇرىتى. يەڭگىللەپ قالامدىم..
راخمان: تۇرۇپى  بامۇ ئۇستام؟
ئەمەت؛ با، با. پۇت-قوللىرىنى سۇنۇپ، قاپاقلىرىنى سۈزۈپ تۇرىدۇ مانا لازا غۇجىكام نەدە سەن دەپ.
راخمان: مۇزدەك سۇ بوسا بۇلىتى.
زىۋەربېشىنىمۇ كۆتۈرمەي) قېتىق، قېتىق! قايماقتەك قېتىق، «زىۋەر» ماركىلىق قېتىق!
راخمان؛ ۋوجو زىۋەر سەنمۇ بامىتىڭ؟ سۇپىسۇپىياڭدەك ساغىرىپ ئوتتۇساڭ كۆمەپتىمە. نىمىش قىلىسە  بۇ يەدە؟
زىۋەر بىر پۇتىدا ئاياغ بار بىر پۇتىدا ئاياغ يوق، بىر قاچا لەڭپۇڭنى كۆتۈرگەن ھالدا سەھنىنىڭ ئوتتۇرىغا كىلىدۇ) ۋىيەي راخمانمۇ سەن؟ تام تۈۋىدىن ھوشۇۋاي قوپقاندەكلام پەيدا بولاپ قالدىڭيا؟
ئەمەت: خوتۇن كىشى با يەدە ئىششەك ھارام دەپ، ما خوتۇن مىنى دەسلاپمۇ قىلدۇرمايدىغان بولدى شالىنى ئېقىتىپ خېرىدالىغا. ماڭىمۇ خوپ بولدى مۇشۇ خوتۇننىڭ قېشىغا قالاپ ئوتتۇغاندىكىن.
راخمان:ۋاي گەپ قىمما، ئىچىمگە ئوت كەتتى شۇ تاپتا.  نەدە سايا باكى دەپ
زىۋەر: ياز دىگەندە شۇنداق  بولىدۇ شۇ.
راخمان: ئا ئاخشام ھاراقنىڭ چىشىسىنى ئىچىپ قاپتىكانمە. چىشى ھازىرغىچە چېقىلماي ئىچىمدە بىر ئوت چېپىپ ژۈرىدۇ قالا.
زىۋەر: بىر چىنە قېتىق ئىچە چىشىڭنى چېقىۋىتەر.
راخمان: ماقا، مۇزدەك بى دوغ ئىتە زىۋەر، ئېچىق بېشىدا ئىچكەندەك بى ئىچەي.
زىۋەر:پەقەت ئۇنتۇپ قالمىدىڭ ھە راخمان.
راخمان: ئاجايىپتۇق ھە زىۋەر؟...
ئەمەت: «ئاياغنى بۇزغان پېتىق، ئە كىشىنى بۇزغان قېتىق» دەتىتى،ما خوتۇننىڭ قېتىقىدىن بەكرەك ئۆزى بۇزامدۇ نىمە ئە كىشىنى؟
زىۋەر: ياغلىقتا زاغرا باتى،بىر توغرام ئۇۋاپ بىرەيما راخمان؟  
راخمان: يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى جۇما زىۋەر، ئەتىگەننىڭياقى قارا ناشتىتىم. ياغدەك گەپ قىلدىڭ زادى.ھەم قۇيۇشلۇق ھەم تۇيۇشلۇق ، ماقا! سالە بى.
زىۋەر؛( قېتىققا نان ئۇۋايدۇ، قاچىنى زىۋەرگە سۇنۇپ تۇرغان راخمان زىۋەرنىڭ قېتىق يايمىسى ئالدىدىلا چازا قۇرۇپ ئولتۇرىدۇ) ھە ، ئىچە مانا، ئۆيەڭدىمۇ بۇندا راھەت يوق ھەقچان.
ئەمەت: ئۇكام ئوغال بالا دىگەن قېتىقنى تولا ئىچمەيدىغان دەيمە سۇغى ئېشىپ كىتىدۇ. ( راخماننىڭ قۇلىقىغا) ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دىگەن يا ئىشەك قېتىقى، يا ئۆچكە قېتىقى. يا تېخى بازادىكى خالتىلىق سۈتلىدە ئۇيۇتتىمۇ  بىلگىلى بولمايدۇ دەيمە.
زىۋەر؛ ھۇيىت! ئىچسە ئۆزىنىڭ قوسقىغا ئىچتى . نىمە كارىللىرى؟ بىقىنىمدىن ئۇرۇن بەگەنگە خوش بۇلاپ ئۇماچلىرىنى قاينىتىپ ئوتتۇسىلا كۇسۇلداپ غەۋەت قىمماي.
ئەمەت: ماقا خېنىم، ماڭا ئۇرۇن بەگەندىكىن چىۋىنلىرىنى قورۇپ ئولتۇراي.
زىۋەر: ئوئۇش، ئى تۇسسىز ، بەتتام لەڭپۇلىرىنى ساتسىلا ماڭا گەپ ئاتماي.
ئەمەت؛ خېرىدارىمنى تاتىۋاسا چىمگە ساتىتىمكى، مىنىڭ سىلىنىڭكىدەك قېشىم يوقكەن لىككىدە ئېتىپلا ساتىدىغان.
زىۋەر؛ ھۇيت غوجام، چىم قېشىنى ئېتىپتۇ؟ ئاغزىللىرىنى ئېقىن سۇدا ئۈچ قېتىم چاقىۋىتىپ ئاندىن گەپ قىلالا، مىنىڭچۇ ھەقاسىلىرىدەكتىن  ئونغا تىگىشمەيدىغان ئىرىم با جۇما!
ئەمەت: توڭلۇك ياپقۇچ ئوخشايدۇ ئۇ ئاداشمۇ بى. 55 تىراكتۇرىدىن بىسسى، پىكىپىدىن بىسسى با دەيدۇ، خوتنىنى قاش ئېتىپ قېتىق سات دەپ كوچىغا چىقىرىپ قويىدۇ...
زىۋەر:  نىمە دەيدۇ ما لەڭپۇڭچى قاسماق! چىم كوچىغا چىقىپ قاپتۇ؟
ئەمەت: مىماخانا ئۆي بوغىيدى مىيە.
زىۋەر: تولا مەن بىلەن قالماي ئۆستەڭ بۇيىدا تۇرۇپ قىژغاچ يولاچىلىغا قېشىغا قېتىپ تېشىنى ئېتىۋاتقان خوتۇنىڭنى باشقۇرە سەن.
ئەمەت: گۈلە-قاقچىدىن ئاشقان قېتىقىڭنى سۇچىغا سېتىپ نىمە مىنىڭ خوتنۇمنى چىشلەپ تاتىسە ھەۋە جىن قوچىقى ! سەندەكتىن 100 نى بەسىمۇ تەڭ قىممايمە جۇما مەن خوتنۇمنى.
زىۋەر: مىنىڭ ئىرىممۇچۇ تازا دادۇيجاڭ! 4 شۆدۈيسى با يوغون دادۈينى ئالقىنىدا چۆرۈيدا.
ئەمەت: چىم بىلمەيدۇ ئۇ يەللە غەجەك تازنى..
زىۋەر:«دان تاپساڭ غازغا بە، قىز تاپساڭ تازغا» دىگەننى ئاڭلىمىغانما؟ تازا ئاشتا نوچى. چىدا!  مەن بى 3 كويغا قېتىق سېتىپ قويسام نىمە ئولتۇرامماي  داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەپ كىتىسە! ئۈچىيىگە قىل پاتمايدىغان پەس چىدىماس!
ئەمەت: ھەي، چىم چىدىماپتۇ؟ ئى قېتىقىڭغا ئۆزەڭنى قوشاپ ساتساڭمۇ نىمە كارىم مىنىڭ، ئا خېرىدا دەسلەپ مىنىڭ ئالدىمغا كەلدىمۇ سىنىڭ ئالدىڭغا كەلدىمۇ؟ مەن دەسلاپ قىلاي دەپپوغىچە قاش-كۆزلىرىڭنى ئوينىتىپ، نايناقشىپ  ئەكەتتىڭغۇ ھەۋە ئالدامچى نايناق!.
زىۋەر: بازا كۈتەسە سەنمۇ نايناقشى . بوممىسا چىداپ ئولتا ۋاختى ئۆتكەن كۆك چامغۇدەك ژىپلاشماي.
ئەمەت: بىر قۇيىمەن باكا  ما كاس- كاسنى!
زىۋەر؛ ھۇيت چىمنى بىر قۇيىسەن؟ بىر قەدەم مېڭىپاقە قېنى، ئەدەم بوغىنىڭغا تويىسە.
ئەمەت: چىشڭنى پۈتۈن تۆكۈۋىتىمە جۇما ۋە!
زىۋەر:خۇتنۇڭ ژىغىپ قويغان ژۇندىنى بى تۆكە پو ئاتماي، خاناچاڭنىڭ ۋاختى يوق ھازىر سەن بىلەن دىيىشىدىغانغا. ئەكەك تۈكىنىڭ تايىنى يوق...
ئەمەت:ھىلى باكا... (بارغانچە بېرىپ زىۋەرنىڭ چېچىنى قاماللايدۇ)
زىۋەر: ۋاي  ئەدەم بامۇ!!! ئەدەم ئۆلدى!
ئەمەت: چىڭراق ۋاقىرا،
راخمان: ۋوجو باللا ، تېخى ئۇرۇشىۋاتامسىلە؟ (قېتىقنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ) مەن تېخى چاخچاقمىكى دەپتىمەن. ما لەڭپۇڭچىنى، ئەكىشىنىڭ خۈۋەينىسىكەنسىلە جۇما خۇتۇنكىشىگە كۈچۈڭلا يەتكەندىكىن.
ئەمەت: (قويىۋىتىدۇ) ئىشىڭنى قىلەۋە سۇچى!
زىۋەرچاچلىرىنى ئوڭشايدۇ، غوتۇلداپ يۈرۈپ يەردە چۈپ قالغان بىر پاي ئاياغنى ئالىدۇ)
راخمان : بىر قۇيايمۇ زىۋەر؟
زىۋەرئەمەتنىڭ خىيالىي تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئايىغى بىلەن ئەمەتنىڭ دۈمبىسىگە بىرنى ئۇرىدۇ)
ئۆلەسە كۆك ئۇششۇق!
ئەمەت: نىمدا قىلىدۇ ما ئە سارىڭى، ھىلى باكا...(زىۋەرنى قوغلاپ مەيداننى بىر ئايلاندۇرىدۇ.ئەمەتنىڭ پۇتى غالتىكىگە پۇتلۇشۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ)
راخمان: قېچى ژۈرۈپ ھېرىپ كەتتىڭ ھەقاچان، قېتىقىمنىڭ سۈيىدىن بىر ئوتلىۋالامسە؟
زىۋەر: ئەكىلەۋە قېتىقىمنى، مىنى خەخ ساڭسالاپ ژۈسە گەپ قىممايسىنا تۇسسىز!؟ يوغون ئەمىتىم با، سۇ باشلىقى دەپ ژۈرۈپتىمە، ئىسىت، سەندەك بىژمىگە قېتىق بەگىچە ئاشۇ ...
ئەمەت: (تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ) بولدىلا بازارغا چىرەييا بۇ قېتىقچىدىن بازا تالاشقىچە.( غالتىكىنى ھەيدەپ ماڭىدۇ) يەۋ، يەۋ! تاتلىق لازىنىڭ، تۇرۇپى سايىنىڭ...(سەھنە چېتىگە بېرىپلا غالتەككە ئېسىلىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.)
راخمان؛ ۋوجو ، ئا لەڭپۇڭچى..
زىۋەر: كەتسە كىتە نىمە كارىڭ،
راخمان: نىمە بوغاندۇ ما ئاداشقا ؟ (ژۈگرەپ  ئەمەتنىڭ قېشىغا بارىدۇ، ئەمەتنى يۈلىگەچ )
زىۋەر: ۋىيەي، ئۆل دەپ قويسام راس ئۆلدىمۇ نىمە بۇ؟
ئەمەت: ھەي، نىمە بىدىڭگىتتەك تۇرىسە؟ دوختۇرخانىغا تىلپۇن قىلە.(نۇمۇرنى دەيدۇ)
زىۋەر: (تىلفۇننى قۇلاققا تۇتۇپ سەھنىدە چېپىپ يۇرىيدۇ) ۋەي، دوختۇر! چاتاق چىقتى. نەدە؟ ۋاي بازادا. مەدە بى لەڭپۇڭچى ئۈلەپ قالدى، ۋاي ياق ئۆلمىدى. يېتىپ قالدى. جىددى كىلىڭلا. ئى بازانىڭ مىيان تەرىپىدە.( تىلفۇننى قويىدۇ)
راخمان؛ ھەي ساراڭ! بازانىڭ مىيان تەرىپى نە؟
زىۋەر: مىشە شۇ.
راخمان: ئاللا ئاللا، ئامما سەرادىن خوتۇن، ئولتۇسا كۇلۇڭنى ئۆرىيدۇ، قوپسا مورىنى . كىلە، ماڭا ژۈتتۈرۈپ قويە، مەن ئاپپىراي دوختۇرخانىغا.
بايان: (بايان جەريانىدا زىۋەر ئەمەتنى راخماننىڭ دۈمبىسىگە ئېلىشقا يارىدەملىشىپ تەستە ئالىدۇ) مانا ئىنسان دىگەن!!!مانا مېھرى – مۇھەببەت دىگەن! بايا تېخى سودا تالىشىپ چۆجە خۇرازدەك ھۆرپىيىشكەنلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر ئائىلە كىشىلىرىگە  ئايلاندى. ئىنسانى مىھرى –مۇھەببەت، ئادىمىيلىك ھەممە ئاداۋەتنى پاك-پاكىز يۇيۇپ ئۇلارنىڭ قەلبىدە نۇرلۇق قوياش بولۇپ چاقنىدى.
زىۋەر؛ ۋاي بولە راخمان! قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دىگەن سەندىنمۇ ياخشى بولامدا، ماڭە. (زىۋەر ئەمەتنىڭ ساڭگىلاپ قالغان پۇتىنى قاڭتۇرۇپ كۆتۈرۈپ سەھنىدىن چىقىدۇ.)     


تۈگىدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-25 20:00  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-25 21:09:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېتوت ياخشى يېزىلىپتۇ، جەنۇبنىڭ بازار مۇھىتى ياخشى گەۋدىلىنىپتۇ، ئەمدى بۇنى راسا قاملاشتۇرۇپ ئوينايدىغانلار بولسا ئىدى، ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك، خاسىيەت قۇرباندەك... قويۇق قەشقەر تەلەپپۇزى بىلەن...

ۋاقتى: 2015-10-26 00:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژانېرىنى يېزىۋەتمەمدۇق!؟

ۋاقتى: 2015-10-26 00:35:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتوتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ياخشى چىقىپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-26 15:24:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2015-10-26 00:31
ژانېرىنى يېزىۋەتمەمدۇق!؟

ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ھازىر يازسام بۇلارمۇ؟

باھا سۆز

شۇنداق قىلىڭە!  ۋاقتى: 2015-10-27 10:48 AM
ۋاقتى: 2015-10-26 18:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! ياخشى يىزىپسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش