يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 6

مەرىيەم: قۇرۇق تاغار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-25 00:26:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قۇرۇق تاغار

   ئاپتۇرى: مەريەمگۇل ئېزىز
   قاتناشقۇچىلار:
   قادىر  - قارا شىم- كاستىيۇمنى قاتۇرۇپ كىيگەن، گىلاستۇك تاقىغان، كۆزىگە قارا كۆزەينەك، قولىدا ھۆججەت سومكىسى كۆتۈرگەن.
   ئەنىۋەر: پادىچىلار كىيمى كىيگەن، مۆرىسىگە ماتىريال سومكىسى ئاسقان.
   قادىر: (سىرىتتىن ماتىريال سومكىسىنى قولتۇقىغا قىسقانچە غادىيىپ كىرىپ كىلىدۇ، چاپان تېگىدىن ساڭگىلاپ قالغان تاسما پۇلاڭشىپ تۇرىدۇ) يائاللا!   ماھىتىمنى، ھازىرغىچە دۇكىنىنى ئاچماي نەدە ئۆدەپ قالدىكى، تاڭ ئاتقىنىنى كۈن كاسسىنى قىزىتقاندا بىلىدىغان ئەدەم نىمە قىلا بۇغىيتى دۇكان ئېچىپ، مەندىن يول تالاشقانلىنىڭ ئالدىغا ئىرىغايدەك چىرەي دەپتىكەنمە (قۇيون يانچۇقىدىن ناھايىتى تەسلىكتە تېلفۇنىنى ئېلىپ كۆزىگە يېقىن ئەكىلىپ قارايدۇ) يىغىنغا تېخى تاغدەك قىرىق مىنۇت باركەن، ساقلاپ باقاي، قېرى خوتۇن شاپتۇل يەپ بولغۇچە (چاچلىرى شالاڭشىغان باشلىرىنى كەينىگە سىلكىيدۇ) ياساپ بولا بۇ سۇمبۇل چاچلىنى.
   ئەنىۋەر:   (ئالدىراش سەھنىدىن ئۆتىدۇ)
   قادىر: ھوي- ھوي: قالاپ ماڭايلى، كەچ قالغان بازارچىدەك بېشىمىزنى تاشلاپ سوكۇلدىماي.
   ئەنىۋەر: (توختاپ كەينىگە يانىدۇ) ۋوي! قادىخان تىشلىقما؟
   قادىر: ئاللا، ئاللا، ئەنىۋەرجان ! قادىخان دىمەڭلا دەپ يەتتە قېتىم نەزرە بېرىپ بولدۇم، يەنە شۇ ئاتام ئېيىتقان بايىقى.
   ئەنىۋەر: ۋاي قادىجان! قادىجان دەي ماقۇل، تاسماڭلىنى ئوڭشاپ گەپ قىلىڭلا.
   قادىر: خوڭچىڭ تېڭ جىما ماۋۇ.(تاسمىسىنى ئوڭشايدۇ) مىنى ھازىر ئىچكىرلىك لوبەنلەر لوبەن، كاجىڭلى دەيدۇ. قادىخاندىن چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن ھە.
   ئەنىۋەر: ماقۇلە كاجىڭلى، دوقمۇش قوزىقىدەك تۇرۇپ قاپسەنغۇ ئەتىگەندە؟ قاتناش ساقچىسى بولدىمىكى دەپتىمەن تېخى.
   قادىر: بىزنىڭ بۇ يەردە قاتناش ساقچىللىرى پىيادىلەرنىڭ پىراۋىسىنى كۆرمەيدۇ (سىرىتقا قاراپ) ھوي- ھوي! ئا ماشىنىنى تۇتما! سەندەك سوقۇندىلىدىن بەش- ئالتىسى كىلىدۇ جۇما ئا ماشىنىنىڭ پۇلىغا!
   ئەنىۋەر: (سىرىتقا بويۇنداپ) خېلى نوچى ماشىنا ئاپسە- ھە؟!
   قادىر: توپقا ئۈچ يۈز مىڭ ئاداش، قالىسا كا لوبەن دەپ قالپاقنىڭ چوڭىنى كىيىۋىلىپ، ئەسكى ۋىلسىپىتنى غىچىلدىتىپ مىنىپ يۈرسەك سەت تۇرىدىكەن، شۇڭا كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئەڭ نوچىسىنى مىنەي دىدىم. ھەر ئىككى خوتۇننى مىندۈردۇم دىگىنە بۇ تۆمۈر كالىغا.
   ئەنىۋەر: ئىككى خوتۇن؟
   قادىر: (كۆرەڭلەپ تۇرۇپ) ھە، ھازىر دىگەن قالا، 10 مىڭ كويى ئارتۇق ئەدەمنىڭ خوتۇنىنى ئىككى قىلىشى مودا، مىنىڭ بى شىركىتىم بولغاندىكىن شەرىئەت بويىچە يەتتە خوتۇن ئالسام ھالالتى ئەسلى، ئىنساپ بىلەن ھازىرلىقچە بىرنى كۆپەيتىپ تۇردۇم.
   ئەنىۋەر: توۋا جاھان نىمە بولۇپ كەتتى ئەمدى!
   قادىر: ھەي ئاداش، سىنى ئۈرۈمچىدىن جىددى ئىش بىلەن كەپتۇ دەپتى، يۇرىتنىڭ گۈزەللىرىدىن بىرەنى ئالدىراش ئەكىتىدىغان چېغى دەپتىمەن تېخى.
   ئەنىۋەر: (سەل ئاچچىقلاپ) مەن يۇرىتنىڭ گۈزەللىرىدىن بىرنى 18 يىل بۇرۇن ئەكەتكەن ئاداش!سىنى...
   قادىر: ئاداش بىر گەپ بارغۇ، «سىلىق يەردە ئوتۇن تۇرماپتۇ، ئەرتىسنىڭ قولىدا خوتۇن تۇرماپتۇ» دەپ، بىز ھازىر ئۇ گەپنى «پۇلدارنىڭ قولىدا خوتۇن تۇرماپتۇ» دەپ ئىسلاھ قىلدۇق دەيمەن. ھازىر بىر قىسىم پۇلدارلار ھاجەتخانىغىمۇ رەڭلىك كىرىدۇ.
   ئەنىۋەر: نىمە دەيسە؟
   قادىر: ھازىر بىر قىسىملار «يېڭى كوزىنىڭ سۈيى تاتلىق» دەپ ھەپتىدە بىر ماروشا يەڭگۈشلەيدۇ دەيمەن. پۇلنى نىمە قىلىدۇ خەجلىمەي! ئۆلەپ كەتسەڭ خوتۇنۇڭ خەققە خەجلەيدۇ ھەۋە پۇلۇڭنى.
   ئەنىۋەر: پۇل دىگەننى تەستە تاپقاندىكىن ئەھمىيەتلىك خەجلەش كىرەكتە.
   قادىر: ئا بولدى قويە ئۇ سەپسەتەڭنى، ھە راس! سىنى مىنى بىكەت قۇردى دەتىتى، نەگە قۇردۇڭ ئۇ بىكەتنى؟
   ئەنىۋەر: تورغا.
   قادىر: تورغا؟ نەدىن نەگە ماڭىدۇ ماشىنىللىرىڭ؟
   ئەنىۋەر: كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە.
   قادىر: ئاۋالۇكسىۋارا بۇتساتۋادەك گەپ قىلىۋاتىتىڭ، سەنمۇ ياق- ياق دەپ تۇرۇپ موك- موك سالىدىكەنسەنغۇ ئاينا. بۇرنۇڭنىڭ ئۈستىگە ئەپ قويماي.
   ئەنىۋەر: (كۈلۈپ كىتىدۇ) مىنىڭ شىركىتىم پەن- تېخنىكا شىركىتى.
   قادىر: ئىشقىلىپ قاندا شىركەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر سەنمۇ بوش ئەمەس، شىركىتىڭدە نەچچە ئادەم بار؟
   ئەنىۋەر: ئون ئىككى.
   قادىر: (مەنسىتمىگەن تەلەپپۇزدا) ئاران 12 ئادەمنىڭ كاتتىۋېشى مەن دىگىن.
   ئەنىۋەر: ھەئە، ھەممىسى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى.
   قادىر: سەنزە شاپائەتچى جىگوڭ بوپسەندە.
   ئەنىۋەر: سىنىڭ شىركىتىڭمۇ خېلى تەرەققى قىلغاندۇ؟
   قادىر: ھە، مەنمۇ شۇ ئەل قاتارى مىدىرلاپ قويدۇم ئاداش. مىنىڭ بىر بىرە يۈزدىن ئارتۇق ئادىمىم بار.
   ئەنىۋەر: خېلى چوڭ شىركەت بوپتىغۇ ئەمسە.
   قادىر: يامان ئەمەس، ھەراس، شوپۇردىن ئىككىنى قوبۇل قىلايمىكى دەيمە قالا.
   ئەنىۋەر: شوپۇرۇڭ يوقمىدى؟
   قادىر: با ئاداش، مىنىڭ بىر ماشىنامغا ئىككى شوپۇر بار. ئا خانىشلىرىمغا، لوبەننىڭ خوتۇنلىرى تۇرۇپ ئۆزى ماشىنا ھەيدىسە سەت تۇرىدىكەن قالا.
   ئەنىۋەر: ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراشمىدى؟
   قادىر: ئاداش مەن خىزمەت قىلىمە دەپ كۈنبويى تالادا سەكىلەيدىغان خوتۇننى خوتۇن قىلمايمە.
   ئەنىۋەر: توۋا سەن پەقەت ئۆزگەرمەپسە!
   قادىر: باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدىكى ھىلقى كۆركەم ھويلاملا ئۆزگەردى.
   ئەنىۋەر ھە، ھىلىقى داچا سىنىڭما؟
   قادىر: (گىدىيىپ) شۇنچىلىك قىلىپ تۇردۇق. ئەمدى.
   ئەنىۋەر: ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدىكى مەكتەپكە كىرىپ باقمىدىڭما؟
   قادىر: نەدە چول ئاداش ئۇنىڭغا، ئىشىكمنىڭ ئالدىدا مەكتەپ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
   ئەنىۋەر: مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەسكەن، سەن باي بولغان بىلەن باللىرىنى ئوقۇتقۇدەك قۇربىتى يوق نۇرغۇن ئادەملەر ئەتىراپىڭدا چۆرگىلەپ يۈرسە كۆزۈڭنى يۇمۇپلا ياشاپسەندە.
   قادىر: مەن ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئەپ- بەرسەم ھۆكۈمەت نىمە ئىش قىلىدۇ ئاداش؟ خەخمۇ مەندەك ئىشلىسۇن!   بىيىيدۇ، مەن بى خەخنىڭ چوڭ دادىسى ئەمەس مەكتەپتە ئوقۇتىدىغان.
   ئەنىۋەر: ئاداش، ئالىم خالىقمۇ...
   قادىر: دەۋەرمىگىنە، مەن بى ئالىم خالىقتەك گۆشنى ئەرزان ئېلىپ كاۋىپىنى قىممەت سىتىپ تاپمىغان بۇ پۇلنى.
   ئەنىۋەر: ھەي، ئادەم بولساڭ ئۇنداق دىمە، بىر پۇڭ تېپىپ 2 پۇڭلۇق ياردەم قىلىدىغان ساخاۋەتچىلەرگە ئاھانەت قىلىما، مەيلىغۇ يارىدەم قىلمىساڭ.
   قادىر: ھەممە ئەدەم شۇندا دەيدۇ، مەن بى سېخى سەيدىۋاققاس ئەمەس، تاپقىنىنى تالاغا چاچىدىغان.
   ئەنىۋەر: ئاداش پەقەت چاچماي يىغىدىكەنسەن شىركىتىڭنىڭ ئايلانما مەتبلىغى نەچچە ئون مىليونغا يېتىدىغۇ دەيمە.
   قادىر: ياقەي تېخى بىر مىليوندىن ئازراق ئاشتى، سىنىڭچۇ؟
   ئەنىۋەر: ئۈچ مىليونغا يىتىدۇ.
   قادىر ئوھ! ماشىناڭدىن نەچچىسى بار؟
   ئەنىۋەر: شىركەتنىڭ خىزمەت ماشىنىسىدىن بىرسى بار. شەخسى ماشىنام يوق.
   قادىر: نىمە دەيسە؟ بۇرنىدىن چىكەتكە تىنقىغىمۇ چىدىماي كۆز ئالايتىدىغان تاش- تۆمۈر قارىكەنغۇ بۇ؟
   ئەنىۋەر: (كۈلۈپ كىتىدۇ) شىركەت ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا، خىزمەت ئۈچۈن ماڭسام شىركەتنىڭ ماشىنىسىدا ماڭىمەن. سىرىتقا چىقسام ئاممىۋى قاتناشلار قۇلايلىق، نىمە قىلىمە ئارتۇق ھەشەمەتنى.
   قادىر: توۋا، ماندا پىخسىق ئادەملىمۇ بار جاھاندا.
   ئەنىۋەر: (سائىتىگە قارايدۇ) ۋۇي يىغىنغا ئاز قاپتۇ، ماڭامدۇق- يا؟
   قادىر: سەمۇ بارامسەن ئۇ يىغىنغا؟
   ئەنىۋەر: ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىكى مەكتەپكە بىر يۈز ئوتتۇز مىڭ يۇەن قىممىتىدە ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىللىرىنى تەقدىم قىلماقچىدىم. ئانا مەكتىۋىم ئەمەسمۇ، شۇڭا تىجارەتچىلەرنىمۇ، يەككە كارخانىچىلارنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ئاچقان يىغىن ئۇ.
   قادىر: مەن ... ما سەتىراچ ئاداش مىنى ساتىراشخانىسىنىڭ بوۋەنى دەپ قالدىمۇ، مىنى ئىشىك باقتۇرۇپ كەلمەيدۇ ھىچ.
   ئەنىۋەر: ھە راس ئاداش، قۇناجىمنىڭ ئاچقان بىنام يېرىنى سەن ئالىمەن دەپتىكەنسەن. بۈگۈن يىغىنغا كەلگەنلىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئەلا سورىت يىتىشتۈردىغان بازا قۇرايلىمىكى دىگەن...
   قادىر: ھەممە ئەدەمنىڭ خوتۇنلۇرۇمغا، ئارلاشقان ماروشالىرىمغا كۆزى قىزىرىتى، ئەمدى سىنىڭ كۆزۈڭ تىجارىتىمگە، كىۋەز تىرىيدىغان يېرىمگە چۈشتىما؟ سەن ئەلا سورىت يىتىشتۈرسەڭ مىنىڭ سورىتلىرىمنى كىم ئالىدۇ؟.
   ئەنىۋەر: بىز قاچانغىچە باشقىلارنىڭكىنى سېتىۋالىمىز، ئۆزىمىزنىڭمۇ باشقىلارغا ساتىدىغان سورىت ئىشلەپچىقارغىدەك ئەقلىمىز بارغۇ؟
   قادىر: ھە مەن باشقىلارنىڭكىنى ساتىمەن قانداق قىلىتىڭ؟ مىشەدە خەققە يالۋۇرۇپ، خاپا بولماي سورىتنى تەكشۈرسىلىيەي، تېخنىكىلىقىنى قىلسىلىيەي دەپ ياشىمايمە مەن. مىنىڭ زوۋلام ئاشتا چوڭ ئۈزلۈپتىكەن. خەققە يالۋۇرۇشنى خالىمايمەن.
   ئەنىۋەر: ئۆزەڭ يىتىشتۈرسەڭ تېخىمۇ ئىشەنىچلىك بولمامدۇ؟ئاداش سەن نەچچە يىل بولدى مۇشۇ ئۇرۇق سېتىش بىلەن شۇغۇللانغىلى؟
قادىر:   15 يىلدىن ئاشقاندۇ.
ئەنۋەر:  ھە راس بىز تېخى تىجارەتنىڭ پىشىنى تۇتماستا سەن بازا كۈنلىكى بازادا تەنزە بىلەن چامغۇر ئۇرۇقى، ئوسما ئۇرۇقلىرىنى ساتىتىڭ.
قادىر: ئاشۇ تەنزەم مىنى بۈگۈنكىدەك ئۇچۇرما قىلغان ئاداش.
ئەنۋەر:    سەن مىنى بىكەت قۇردى دەپ قاچان ئاڭلىغانتىڭ؟
قادىر:  (بېشىنى قاشلايدۇ) 2يىل بولغانمىدۇ، 3 ژىل بولغانمىدۇ، ئىشقىلىپ ئۈزمە پىششىقىدا ئاڭلىغان.
ئەنۋەر: مەن ئىككى يىلدا 3 مىليۇنلۇق مىليونېر بۇلاپ قالدىم.
قادىر:  نىمە دەيسە؟ ھېلىقىنى ساتمىغانسە؟
ئەنۋەر:   نىمىنى؟
قادىر:  نەشىنىڭ بوۋىسىنىچۇ؟
ئەنۋەر:  توۋا دە...
قادىر:  شە-شەلىگە ماڭىدىغان ماشىناڭ تېخى بولمسا قاندا تاپتىڭ ئەمسە ئۇ پۇلنى؟تام تەشمىگەنسە؟
ئەنۋەر:  ھازىر مەن تىشەلىگۈدەك چامما تام قالمىدى ئاداش! ئەقىل ساتتىم ئەقىل!!!
قادىر:  ھە؟
ئەنۋەر؛  مەن تور بىكىتى قۇرۇپ خەلق ئاممىسىغا جاھاندىكى بارلىق يېڭىلىق، خۇشاللىق، ساغلاملىق، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ساتتىم.
قادىر؛  ھەجەپ جىق سېتىپسە.
ئەنۋەر: ئاداش، ئۇرۇقچىلىق دىگەن دىھقان بىلەن يەر بارلىكى يەردە ئاقىدىغان كەسىپ. لىكىن ئەقىل ئىشلەتسەڭ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى بېيىتالايسە.
قادىر؛   قانداق دەيسە؟
ئەنۋەر:   ئەگەر تېرىيدىغان ئۇرۇقنى ئۆزۈڭ يىتىشتۈرسەڭ  تەننەرخى تېخىمۇ ئەرزان توختايدۇ، ئەرزان ساتىسەن،جىق ساتىسەن. ساڭىمۇ، باشقىلارغىمۇ پايدا. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇق يىتىشتۈرۈش بازىسى قۇرساڭ،  يۇرتىمىزدا مەخسۇس باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق كەسىپلىرىدە ئوقۇپ خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرغان نۇرغۇن ياشلار بار. ئۇلارنىڭ خىزمەت مەسلىسىمۇ ھەل بولىدۇ، بىر نەچچە پاختەكنى بىر چالمىدا تەڭ سۇقىسەن.
قادىر: بولدى سەنلا سوقە ئۇ پەختەكنى.مەن بۇلبۇلگويا سۇقۇپ كۈنۈپ قاپتىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بى ناھىيىنىڭ ھاكىمى ئەمەس خەخنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردىغان. تۆت تەڭگىنى بەش قىلسام بولدى. ئەرزان ئۇرۇقنى ئەكىلىپ ساتە دىسەم بازار- بازارلىدا خەخنى يىلىمدەك ئىرتىپ قىممەت ساتىدىغان نى ۋايىزلىرىم بار.
ئەنۋەر: ئاداش مەبلەغنى گەپ سېتىپ پۇل تېپىشقا سالساڭ ھامان بىر كۈن يىقىلىسە،ئەقىل پاراسەت بىلەن ھۈنەر كەسىپكە سالساڭ مەڭگۈ خار بولمايسە.
قادىر:  ھىلىمۇ ئەزىزلىنىپ ھەممە نىمىمىز تالاشقا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ مانا.
ئەنۋەر: ما گەپنى ئەمدى.قاچانغىچە بۇنۇڭنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ ئۆتەسە ئاداش؟
قادىر: بەك ژىراقنى كۆرىۋاتىمە دەيمە شۇ تاپتا. ئىشەنمىسەڭ سىناپ باقە.
ئەنۋەر:ماقۇلە ئەمسە. سۇئال كەتتى. ئاداش ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە نىمىنى ئەپ قاچىسە؟
قادىر:  ئۆيەمنىڭ ھەممە يېرى نورمال ، ئوت كەتمەيتى.
ئەنۋەر:  ئۇرۇقچىلىق ئامبىرىڭغا ئوت كەتسىچۇ؟
قادىر:  (ئالاقىزادە بۇلۇپ) ئاغزىڭنى ئۈششۈتمە! ئۇندا بۇلاپ قالسا خوتۇنلىرىم ئۇقمايدىغان 100 مىڭ يۈەن نەق پۇل با شۇنى ئەپقىچىمە.
ئەنۋەر:  ئۆزەڭنىچۇ؟
قادىر:  ۋىيەي، پۇلۇمنى كويسۇن دەتامسە؟ ئىچى يامانلىق قىمما جۇما مىنىڭ مەبلىغىم سىنىڭكىگە يەتمەيدۇ.
ئەنۋەر: ئەگەر پۇلۇڭنى ئالىمەن دەپ تامنىڭ تېگىدا قېلىپ مېيىپ بولساڭ ئارزۇلۇق خانىشلىرىڭ 100 مىڭ كوي تۈككىچە باقىدۇ. ئۈلەپ قالساڭ تۈلەپ بىرىدىغان ئەدەم يوق. شۇڭا ئەقىللىق كاللاڭنىلا قۇتقۇز.
قادىر: مىنى ئۆلتۈرىۋىتىپ نىمە مەخسىتىڭ با؟. ئۈرۈمچىدە ئادىشىم با دەپ ئاغزىمنى تاتلىق ئىتىپ يۈرۈپتىمە ، ئىسىت!  ئاڭلاپ قال ! نىمە دىسەڭ دە، مەن يەنى ھەرگىز بەمەيمە.
   ئەنىۋەر: بوپتۇ ئەمسە زىيانلىرىڭنى تۆلىگەن ئاساستا قۇناجىم ئارقىلىق ئالاي يەرنى.
   قادىر: (بۆرە تىرىسىنى كىيدۇ) ھەي قىزىلكۆز بۇلاڭچى ھىلى بىكا كۆزەڭگە قولامنى تىقىۋەتمەي. يەنى بەمەيمەن دىسەم بۇلاپ ئالامتىڭ؟
   ئەنىۋەر: بوشراق قاينا بويۇڭغا تاشمىغىن يەنە.
   قادىر: تاشىمە قانداق قىلىتىڭ؟ پۇلغا چىدىساڭ سەنمۇ تاش! پىت ئۈچەي سويما!
   ئەنىۋەر: بولدىلا،  ئەسكىدىن گەپ تاشلاشقىچە ئىتتىن گۆش تالاش دەپتىكىن. ئۆزۈمنىڭ ئىششىنى قىلاي. (سىرىتقا ماڭىدۇ)
   قادىر: (سەھنىدىن چىقىپ كىتىپ بارغان ئەنىۋەرگە يەردىن بىر نەرسە ئىلىپ ئاتىدۇ، قولىنى شىلتىشىغا چاپاننىڭ قولتۇقى تارىتتىدە يىرتىلىدۇ) تۇففى دومىلى ناكەس! ساڭا يەر بەگىچە يانتاق تىرىيمەن يانتاق. ماڭاي دەپ كەتكىنىنى، خۇدايىمغا ئامانەت. كەممەسكە كەت! سەپەرۋەر قىلىمىش. بىز بۇ پۇلنى دۇم يىتىپ- دۇم قوپۇپ ئاران تاپىمىز. سەپەرۋەر دەپ قويغانغا بىرىدىغان پۇل نەدە! «يەتتە مۇماي بىر بولسا ئۆزلىرىنى قىز دەيدۇ» دەپ خۇجاكاڭ يوق يەدە ئىككى تەڭگەڭ ئارتۇقلىرىڭ ئۇچىشىۋالە بى.ئۇندا پايدىسى يوق يىغىنغا قاتنىشىپ كاللامنىڭ دەدى يوق مىنىڭ . نى-نى مۇتەخەسىسلە كىلىپ ماندا پۇل تاپىسە دىگەن يىغىنلىغىمۇ قاتناشمىغان مەن. پۇل بىرىڭ دىگەن يىغىنغا ئەسىلى قاتناشمايمە.(ئۇياق – بۇياققا ماڭىدۇ) خوتۇندىن ئونى كىلىدىغان پۇلغا دىيەنشى ئالدىم دەمدا نىمە بۇ ئەخمەق! ماشىنىنىڭ مىيىغا چىدىمىغان ئەدەمغۇ خوتۇننى كۆپەيتەممەيدۇ. خوتۇن دىگەننى خوتۇننىڭ گېلىغا، خەجىگە چىدىغان ئەدەم ئالىدۇ. (تېلىفۇنى سايرايدۇ) ۋەي ھە مەن شۇ سۆزلە! نىمە، كونا ئۇرۇقلار كۆيەپ كىتىپتۇ؟... پەقەت ئۇنمەپتىما؟كونا ئۇرۇقنى يېڭى ئۇرۇققا ئارلاشتۇرما دېسەم ، دىخان بىلمەيدۇ دەپ ئۇنىمىدى ھېلىقى ئاداش، دىخان بىلمىگەن بىلەن يەر بىلىپتۇ ئەينا!خەپ!  مانا مەن ھازىر باراي! (قولىدىن تېلىفۇنى چۇشىدۇ، ئالغۇچە كۆزەينىكى چۈشىدۇ. تىرىپ سەھنىدىن چىقىپ كىتىۋىتىپ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىغا پۇتلىشۇپ دۇم چۇشىدۇ. ئۆمىلەپ سەھنىدىن چىقىپ كىتىدۇ.
                                                                   تۈگىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 15:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-25 21:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قۇرۇق تاغار» مۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، ئەمدى سەھنىلىشىشلا قاپتۇ شۇ...

ۋاقتى: 2015-10-25 21:26:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومىدىيلىك تۈسكە تويۇنغان ئېتوتلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن ، ناۋادا بۇ ئېتۇتلار تونۇلغان ئاكتىيورلىرىمىز تەرىپىدىن سەھنىدە ئوينىلىدىغان بولسا خەلقىمىزگە زور بەدئىي زوق بېغىشلاركەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-26 15:27:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2015-10-25 21:10
«قۇرۇق تاغار» مۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، ئەمدى سەھنىلىشىشلا  ...

ھەر ئىككى ئىتوتنى خاسىيەت قۇربانغىمۇ يوللاپ بەردىم. ھەر قايسىڭلاردىن تەلىم ئالاي دەپ شۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-26 15:29:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكنۇر يوللىغان ۋاقتى  2015-10-25 21:26
كومىدىيلىك تۈسكە تويۇنغان ئېتوتلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئ ...

ئەسەرلىرىمگە نەزەر سالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. قىممەتلىك تەكلىۋىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

ۋاقتى: 2015-10-26 17:59:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ قاتناشقۇچىلار دىگەن يەرنى قايتا بىر پىشىقلىسىڭىز تىلىغا ئازراق ئىشلىسىڭىز يەنىمۇ ياخشى چىقاركەن كىچىككىنە خاتالىق بار دەپ قارىدىم لكىن سەھنىلەشتۇرۇشكە ماس كەلگۇدەك.

ۋاقتى: 2015-10-27 23:35:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومىدىيلىك تۈسكە تويۇنغان ئېتوتلىرىڭىزنى قىزىقىپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن .سىزگە تەشەككۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش