يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 317|ئىنكاس: 0

مەسئۇت ئىسا(ت): ئەكبەر قوشەلى شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-24 21:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەكبەر قوشەلى شېئىرلىرىدىن

(ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى)


بۇ ئاخشام تاغلاردا يامغۇر ياغار

بۇلۇتلار ئۆزىنى ئاتتى دېڭىزغا،
بۇ ئاخشام تاغلاردا يامغۇر ياغار.
نىمە دۇئا قىلساڭ يېتەر مەنزىلگە،
تەڭرى ئىشىكلەرنى كەڭرەك ئاچار.
بۇ ئاخشام... بۇ ئاخشام يامغۇر ياغار
ئىنسانلار كۆچەر پەلەك تامان.
بىر تەلبە كۆكسىنى ئېچىپ قاچار،
قاچار ئۇ ئەڭ يېقىن يۈرەك تامان.
قاچ ئاخىرى، قاچ ئاخىرى،  ئويلارسېرى،
ياخشلىق، گۈزەللىك باردۇر تاغلاردا.
كەتكەن ھەم : ” تەڭرى“، -دەر
كەلگەن دەر:”تەڭرى“ !
دېۋانە يوللارنى سالار تاغلارغا.
بۇ ئاخشام لەمپىگە يامغۇر ياغار،
دېڭىزغا باش قويۇپ ياتار بۇلۇتلار.
تەڭرى ئىشىكلەرنى كەڭرەك ئاچار،
گوياكى دېڭىزدىن تاشار سۇتلەر.

***

ياخشى كۈنلەر ساڭا يار بولسۇن،
يامان كۈنلەر ماڭا.
ھېچقىسى يوق مۇڭدىشايلى
كەل،
ئەي كەل،
سەن.
كەل،
ئەي كەل،
سەن.


شائىرلار يانار، ئۇلغۇيار


شائىرلار يانار، ئۇلغۇيار،
ياندى شام، كۆيەر پەرۋانە...
سۇبھى ئۆلەر، تۇن تۇغۇلار،
شامنىڭ تۆت يېنى پەرۋانە.
بارار گويا سۆيگۈ يېنىپ،
بارار مىڭ سۆزگە ئايلىنىپ،
قىيامەتنى ئېنىق تونۇپ،
مەستانە بولارمۇ پەرۋانە.
مۇئەمما كۆپ ھەقىقەتتىن،
دەردىم سىغماس كەڭ جاھانغا.
پەرۋانىنى كۆيدۇردى شام،
كۆيدۇردى شامنى پەرۋانە.


دۇنياغا بىز نە قىلدۇق


يىللار كېلەر تاش ئالماققا،
قىسمەت كېلەر ياش ئالماققا.
نىچۈن يول بەرمەس ياشاشقا،
دۇنياغا بىز نە قىلدۇق؟
سېغىنىش كېلەر- يۆلەك بولۇر،
مەلەك كېلەر- پەلەك بولۇر.
بىزدىن كىملەر ئۆرمەك بولۇر،
دۇنيا بىزدىن نىمە ئىستەيدۇ؟
نە كۆزى، نە سۆزى بىلەر،
نە ئىستىسەڭ -ئۆزى بىلەر.
دېدىم : <<شەيتان سۆزنى بىلەر،
دېمىدىم : ئەر نېمە ئىستىمەس.>>


( ئەزەر تىلىدىن سېۋنچ نارقابىلىوۋا تەرجىمە قىلغان .

ئۆزبېكچىدىن  ئۆزلەشتۈرگۈچى : مەسئۇد ئىسا  )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-24 21:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش