ئاننا ئاخماتوۋا شېئىرلىرىدىن
باھار كېلىشتىن ئاۋۋال، روي بېرىدۇ مۇنداق كۈنلەر
باھار كېلىشتىن ئاۋۋال، روي بېرىدۇ مۇنداق كۈنلەر:
قېلىن قار دۆۋىلىرى ئاستىدا،چىملىق تىن ئالار،
سەرخۇش قاقشال دەرەخ، ھۇشقىرىتار،
ئىللىق باھار شامىلى مۇلايىملىشار,كۈچكە تولار.
تەن- ھەيرانلىقتا داڭقاتار ئۇزلىقىدىن بۈگۈن،
تونۇيالماي قالدىڭ ئۆز ئۆيۈڭنى شۇدەقىق،
ئىلگىركى ئۇيقۇچان، ھارغىن شۇ ناخشىنىڭ،
قاچتى ئۇيقۇسى ، سەنمۇ ئېيتقىن بېرىلىپ شۇقەدەر.
ئاخىرىقى قەدەھ سۆزى
خاراپ بولغان يۇتۇم ئۈچۈن ئىچتىم،
گۇناھقا پاتقان تۇرمۇشۇم ئۈچۈن،
ئىككىمىزنىڭ ئورتاق غېرىپلىقى
شىرىن كېلەچىكى ئۈچۈن،
ماڭا خائىنلىق قىلغان يالغانچى لەۋلىرىم ئۈچۈن
ئۆلۈم كەبى سوغۇق كۆزلەر ئۈچۈن،
بەختسىز دۇنيا ئۈچۈن ئېچتىم؛
تەلمۇرمەيمىز تەڭرىگە بىزنى قۇتقۇزارمىكىن دەپ.
كەچكى نۇرلارئۇزاقتا ھەم ئالتۇنرەڭ
كەچكى نۇرلارئۇزاقتا ھەم ئالتۇنرەڭ ،
ئاپرېل سالقىنى شۇقەدەر مۇلايىم.
كېچىككەن بولساڭمۇ بەكمۇ كۆپ زامان،
ئاقىبەت،يەنىلا كەلدىڭ، ياشاردى قەلبىم
.
كەل، ئولتۇرغىن قېشىمدا يانمۇ -يان،
شاتلىققا ئەسىر كۆزلىرىڭ ئىلە سالغىن زەڭ:
بۇ كۆكتاشلىق مەشق دەپتىرىم-
تولغاندۇر ياشلىقىمدا يازغان شېئىرلىرىم بىلەن .
كەچۈرگىن،بەختسىز تۇرمۇشۇم،
يورۇق كۈنلەر بولىمدى ماڭا كۆپ نېسىپ .
كەچۈرگىن، كەچۈرگىن مېنى، سەن ئۇچۈن
ش ۇقەدەر كۆپتۈر قوبول قىلغان نەرسىلىرىم .
ھەسرەت ناخشىسى
لېنىنگىرادنىڭ ئازابىنى،
قوللىرىم ئېرىغدىيالماس ،
كۆز ياشلىرىم يۇيۇپ چىقارالماس
تۇپراققا كۆمسەم، تۇپراق يوشۇرالماس.
كېتەي باش ئېلىپ يىراقلارغا،
نەقەدەر چوڭقۇر ئازاپ –ھە،
لېنىنگىرادىنىڭ بەختسىزلىكى.
نەزەر سالماسمەن، قىلماسمەن ھەم ئىشارەت،
سۆزلەش ئەسقاتماس،زارلىنىش ھەم بىھاجەت.
ئولتۇراپ تىنچ، پەقەت پىنھاندا
ئۆلگەنلەر روھىغا قىلاي تىلاۋەت.
لېنىنگراد
قەلبىم كەتكەن ئۆزگىرىپ، قاتقان مۇزلار ،
قەدىم ئېلىشلىرىم ئەمما شۇقەدەر يېنىك.
كىيىۋاپتىمەن ئالماشتۇرۇپ پەلىيىمنى،
پەلەيلەر تۇرسىمۇ شۇنچە ئېنىق.
قارىماققا پەلەمپەيلەر شۇنچە كۆپ،
بىراق، سانىساڭ ئۈچلا باسقۇچ!
ئېرەن يوپۇرماقلىرى سىپاپ ئۆتكەن كۈز
يالۋۇرىدۇ: بىز بىلەن ئۆلگىن تېز!
قورقۇنچلۇق تەغدىر كىردى باشلاپ ئاچا يولغا،
ئۇ، شۇقەدەر قاراڭغۇ ۋە ساختا.
شىۋىرلايمەن: ئاھ، يۈرەك پارەم،
مەنمۇ سەن بىللە كۆمۈلەي قارا تۇپراققا...
ئېيتىم تۈگەتتىم ئاداققى ئۇچىرىشىش ناخشىسىنى،
تىكىلدىم ئۇزاق ئۆينىڭ قاراڭغۇلىقىغا،
شام كۆيەر ۋىلىلداپ خانەمدە
چاچقىنىچە سوغۇق ساغۇچ نۇرلارنى.
خەنزۇ تىلىدىكى تور بەتلەردىن ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى : مەسئۇد ئىسا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-26 13:01