ئىستىداتلىق ئەزەربەيجان شائىرى قۇلۇ ئاقسەس( زېينەلوۋ قۇلۇ ئاقسەس ئوغلى) 1969 –يىلى 20 –ئاپرېلدائاغدامدا تۇغۇلغان. بىر نەچچە شېئىر توپلاملىرى ( ‹‹سەنسەن ھەر يەر››، ‹‹ تامچىلار››) ۋە ھىكايىلەر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى. ‹‹يۇلتۇز›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررى. ئۇ ئىجادىيەتتە ئۆزىگە خاس تۇتقان شائىرلارنىڭ بىرى.
مەن ۋە ئۇ
مەن
ئۇنىڭ باغرىنى سېغىنمىدىم
ئۇ
ماڭا ئاتىلىق بەختىنى بەرمىدى.
تەڭرى كۆردى
بىزنى ئايىدى...
ئازابلار ھالقىسىن
بىزگە سالمىدى.
مەن
ئۇنى سۆيدۈم پۈتۈن يۈرىگىم بىلەن.
ئۇ
مېنى سۆيدى ئىستىگى قەدەر.
ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا گاھ
پارتلار ئېدى پىشاڭ –مىشەكلەر.
مەن
ئۇنى تاشلاپ كېتىشىم مۈمكىن،
ئۇ
مېنىڭ پەيلىمنى ياخشى بىلىدۇ.
-سەنچۇ؟ -دېسەم كۆزىگە بېقىپ،
كۆزەينىگىمنى يۇيار
كۆز ياشلىرى ئېقىپ.
سائادەت مۇھەمىدوۋا ئازەر تىلىدىن تەرجىمە قىلغان.
ئۆزبېك تىلىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : مەسئۇد ئىسا.