يىراق يېزا مەكتىپىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىشلار
10-ئاينىڭ 22-كۈنى قەشقەر «تەجەللى كىتابخانىسى »نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇغەنى ئابدۇللا،شىنجاڭ ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ دېرىكتۇرى (قەشقەر ئىسكەندەر قايماقلىق مارۇژنىخانىسىنىڭ خوجايىنى)تۇرسۇن ئابدۇرېھىم قاتارلىق ساخاۋەتچىلەر قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئەسقەر ئەھمىدى، يوپۇرغا ناھىيەلىك «ئاۋام كۈتۈپخانىسى، كىتابخانىسى»نىڭ قۇرغۇچىسى ھامۇتجان ھۇشۇر قاتارلىق يولداشلارنىڭ ھەمراھلىقىدا يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزا غوجاۋات باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈچ مىڭ يۈئەنلىكتىن ئارتۇق كىتاپ، 1000يۈئەن پۇل بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئاتاغلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى نەخمەيداندا ھۆسىن خەت يېزىپ ماھارەت كۆرسەتتى ھەمدە يېزىلغان ھۆسىن خەت ئەسىرىنى مەكتەپكە تەقدىم قىلدى،داڭلىق دۇتارچى قۇربانجان ئابدۇرۇسۇل دۇتار بىلەن «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ بەردى.پائالىيەت ئارقىلىق مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار چۇڭقۇر تەسىراتقا، تەربىيەگە ۋە مەنىۋىي زوققا ئېرىشتى.
تۇرسۇن ئەكرەم خەۋىرى ،فوتۇسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-23 01:34