كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 5

يورۇق(ت)بىېھزاد فەزلىددىن شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-22 19:01:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
bihzat.jpg
بىھزاد فەزىلددىن شېئىرلىرىدىن

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى

  بېھزاد فەزىلىددىن 1983-يىلى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامانگان ۋىلايىتى چۇسىت رايوندىكى دەمئاۋات قىشلىقىدا تۇغۇلغان. 2005 -يىلى ئۆزبېكىستان دۆلەت جاھان تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارالىق ژۇرنالىسىتلىق فاكۇلتېتىنى،2007 -يىلى جاھان ئىقتىسادى ۋە  دىپلوماتىيە فاكۇلتېتىنىڭ  خەلقئارالىق ژۇرنالسىتلىق بۆلۈمنى  پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ « مۇقەددەس زېمىن» (1999-يىلى) «باغلىرىڭدىن كەتمىسۇن باھار» (2000-يىلى) «ئانامنىڭ كۆڭلىگە كېتىمىز»(2003-يىلى)« سەن قاچان گۈللەيسەن» (2008-يىلى) « كۈتمىگەن كۈنلىرىم، كۈتكەن كۈنلىرىم» (2012-يىلى) قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى ۋە كۆپلىگەن بەدىئىي، پوبلىسىتىك، ئىلمى ئەدەبىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەلشىر نەۋائى نامىدىكى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئىلمى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

مەنسىزلىك

يۇلتۇزلىرى ئىچىكىپ قالدى ،
مەھزۇن ئىدى ئايسىز ئاسمىنىم .
سەنسىزلىككە كۆنۈپمۇ قالدىم ،
قانداق ئىكەن، مەنسىزلىك جېنىم .

ئەنە كۆزۈم كۆزۈڭدىن ئۆتتى ،
قوي، يوشۇرما تىترەكلىرىڭنى .
خاتا قىلدىڭ ئۆزۈڭدىن ئۆتتى ،
چىشلەپسەنغۇ بارماقلىرىڭنى .

ئەمدى نۇرغا بىگانە يۈزۈڭ ،
قۇياشىڭنىڭ رەڭلىرى قېنى ؟
سىغىماپسەنغۇ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ ،
ھاياتىڭنىڭ تاڭلىرى قېنى ؟

يۈرىكىڭنىڭ يېرىمى يوق ئەمدى ،
مېنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىكەنسەن .
كېيىن بىلدىڭ، دېمىغىڭ سۇندى،
يانغان غەمگە، ئوتۇن ئىكەنسەن .

كېچىلىرىڭ ئۆزۈڭدىن غېرىپ ،
ئارمانلىرىڭ ئاسماندىن كاتتا .
يۈرىكىمگە تەمشىلىپ تۇرۇپ ،
يىغلايسەنغۇ بىرىنچى مەرتە .

ئۇخلاپ قالغان تۈنلەرنىڭ ھەققى ،
مېنىڭ ئورنۇم باشقا، بۆلەكمەن .
يىغلاپ قالغان تۈنلەرنىڭ ھەققى،
مەن بەرىبىر ساڭا كېرەكمەن .

ئايغا تەگمەڭ

نېمە قىلسام ئاينى مۇنچە يىغلاتمايسىز ،
نېمە قىلسام تىنچ قويسىز ئاسمانلارنى ؟
نېمە قىلسام يۇلتۇزلارغا تاش ئاتمايسىز ،
نېمە قىلسام ئۆلتۇرمەيسىز رەيھانلارنى ؟

بىرگە ھەقنىڭ ئايۋانغا بارىدۇ دەپ ،
قارلىغاچلار قوللىرىمدىن تۇتۇۋالغان.
ھېچ بولمىسا پاناھ سوراپ بېرىدۇ دەپ ،
ئايغىمدا كىيكچاقلار يېتىۋالغان

يامانلارغا پەسلىگىم يوق، ئەسلا لېكىن ،
گىياھلارنىڭ نەملىرىدىن قول سورايمەن .
ھېلى كەچمەس، ھېلى يەنە سۆيۈش مۇمكىن ،
مەن گۈللەرنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن يول سورايمەن .

نۇرغا قايتىڭ چۈشلەرنىمۇ  كەتكۈزسىز ،
يەنە كۆكنىڭ تېچلىقىچۈن باشلاندى جەڭ .
بۇ كېتىشتە ئۆمرىڭىزنى ئۆتكۈزىسىز،
ئۆزىڭىزگە شەپقەت قىلىڭ، ئايغا تەگمەڭ .

مېنىڭ ئۆمرۈم

بىر لەھزىدە ئاسمان مېنىڭكى ،
بىر لەھزىدە ياشاپ قالارمەن .
بىر لەھزىدە باسار غەم يۈكى ،
بىر لەھزىدە بوشاپ قالارمەن .

سۆز

مەن ئۇندىن ئۇيالدىم، ئۇندىن قورقتىم ،
كۆڭلۈمنى تەرجىمە قىلالمىدى ئۇ .
ئايىغىدىن قىرقىدىم، بېشىدىن قىرقىدىم ،
بەرىبىر مېنىڭكى بولالمىدى ئۇ .

ئۇندىن كېتەلمەيمەن،  ئۇندا قالمايمەن ،
تەقدىرىم ئۇنىڭ بىلەن شېرىكقۇ ئانا .
ئاڭا يېتەلمەيمەن، لېكىن ھارمايمەن ،
بۇ دۇنيا سۆز بىلەن تىرىكقۇ ئانا .

قايغا بارارمەن

خىيالنىڭ ئوتىدا ئايغا بارارمەن ،
قۇشلار يېتەلمىگەن جايغا بارارمەن .
سەل ئۆتمەي بەرىبىر تۈگەيمەن غۇلاپ  ،
ئاشۇ چاغ دەرد بىلەن قايغا بارارمەن.

ياشاشقا جاي بارمۇ ؟

لەھزىگە تەڭمۇ-تەڭ ئۇچۇپ بارىمەن ،
ئۆزۈمدىن، سۆزۈمدىن چۆچۈپ بارىمەن .
زاۋال بىلمەيدىغان مەنزىلنى كۆرسەت ،
تومۇرلىرىم بىلەن كۆچۈپ بارىمەن .

شائىر

ھەممە سۆزلەر سېنىڭكى ئىدى،
چېچىۋەتتىڭ، ئۈن-تىنسىز تەردىم.
بۇ ئالتۇنلار مېنىڭكى ئەمدى،
مەن ئەڭ بەختلىك ئوغرىمەن تەڭرىم !

ماۋزۇسىز

بەك مەككار ئادەمسىز «غېمىم»نى يەيسىز،
زەھەردىن ئۆتكۈررەك قۇيۇپ بېرىپ چاي .
تارتىنماي، بىمالال ئولتۇرۇڭ دەيسىز،
يىڭنىنىڭ ئۇچىدىن ماڭا بېرىپ جاي .

يالۋۇرماي يۈرگىنىم، كېبىرمىكەن بۇ؟

يالۋۇرماي يۈرگىنىم، كېبىرمىكەن بۇ؟
ئۆزۈمگە مەن سالغان جەۋىرىمىكەن بۇ؟
ياشىشىم مۈمكىنغۇ جېنىمنى ئاسراپ،
تاش چىشلەپ يۈرگىنىم، سەۋىرمىكەن بۇ؟!

دۇئا

ياشاشنى بىلمىسەم، ھاۋا بەرمىگىن،
كۆڭلۈمگە بىگانە ناۋا بەرمىگىن.
ئازابلار ئىچىدە تۇغۇلدۇم، ئۆستۈم،
ئىلاھىم دەردىمگە داۋا بەرمىگىن.

جاۋاب

مېنى چۈشەنمىدى، چۈشەنگەنلىرىم،
ئۇلارنى چۈشەندىم، سۈكۈتتە تۇردۇم.
ئىشەنمەي قىيىنىدى، ئىشەنگەنلىرىم،
بارچە ئازابلارنى كەچۈردۈم، قويدۇم.

يات سۆزگە مەن ئەتتىم قۇلاقلىرىمنى،
ھەققانى كۆزۈمنى دۈشمەن ئاتىدىم.
شاماللار ئۆچۈردى چىراقلىرىمنى،
مېنى تاشلاپ كەتتى كەچمىگەنلىرىم.

دوستلار، «دوستلىرىم»غا ئېيتىڭ ئالدىرىماي،
مېنى ئەرزان ساتمىسۇن، ساتماقچى بولسا.
خىيانەت قىلىپ مەيدە ئۇرمىسۇن،
يوغانراق تاش ئاتسۇن، ئاتماقچى بولسا!


شېئىرلار شائىرنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى«مېھىردەريا» نەشرىياتى 2008-يىلى نەشىر قىلغان « سەن قاچان گۈللەيسەن» ، « ئاكادىم نەشىر» نەشرىياتى 2012-يىلى نەشر قىلغان « كۈتمىگەن كۈنلىرىم، كۈتكەن كۈنلىرىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

مەنبە: «تارىم» ژۇرنىلى 2014-يىلى 5-سان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 00:48  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-23 13:28:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل يازىدىكەن! دوستۇم يالقۇننىڭ سەمەرىلىك ئەمگىكىگە مەستلىكىم كەلدى...

ۋاقتى: 2015-10-23 17:47:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ياشتا توختالغان شائىر. دەپ ئويلىغان ئىدىم. بۇ يەردە تەرجىمھالىنى ئوقۇپ ياشلا بىر بالىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ئىسىل ئىكەن كۆپراق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرۇڭ ئاكا.

ۋاقتى: 2015-10-24 01:48:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەخسىيەتسىز روھىڭىزغا سەكسىز تەشەككۈر،
«شېئىر دېگەن نېمە؟
ئىجتىمائىي تۇمۇشنى ئۆتكۈر تىللار بىلەن ئەڭ ئىخچام ئىپادە قىلغان ئەدەبىي ژىيانىر .»
مانا تىرىك شېئىر دېگەن


ۋاقتى: 2015-10-24 11:50:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بەكمۇ ياققىنى «شائىر»بىكەن «ماۋزۇسىز»...

ۋاقتى: 2015-10-24 23:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تېماڭغا مۇبارەك بولسۇن دوستۇم، ئىزدىنىشلىرىڭ تېخىمۇ مول بولغاي...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش