ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ -سەنئەت سۈپىتىدە ھامان چاقنايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. دېمەك، بۇ ساھەمۇ ۋارىسلىق قىلىشقا، ئۇنتۇپ قېلىنماسلىققا ۋە راۋاجلاندۇرلۇشقا مۇھتاج. شۇ نۇقتىدىن خاتتات تۇرسۇنجان سابىرنىڭ ئەمگەكلىرىگە تەشەككۇر ئېيتىمەن.
يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر كىتابخانىدىن بىرنەچچە كىتاب سېتىۋالدىم، كىتابخانا ئىگىسى بولغان يىگىت «سىزگە بۇ كىتابنى سوغا قىلاي...» دەپ «ئۇيغۇر خەتتالىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى»دەپ ناملانغان بىر نىپىز كىتابى بەردى. ۋاراقلاپ كۆردۈم. كىتاب مارالبېشى ناھىيە يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى ئوقۇتقۇچى خاتتاتلاردىن سۇلايمان ئىسمايىل خالى، ئۇبۇل سىدىق، ئېلى تۇرسۇن ئەلتۇغ ۋە مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەت قاتارلىقلارنىڭ ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان توپلام ئىكەن. مەن تپلامدىكى ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسىگە، يەنى خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ گۈزەل بالاغىتىگە شۇنداق قايىل بولدۇم. دېمەك، بىزدە مۇشۇنداق گۈزەل ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىمۇ ئېلان قىلىنىپ، جامائەت بىلەن يۈزكۆرۈشۈپ تۇرسا...ئەلۋەتتە ياخشى بولىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-23 15:55
|