يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 1

مەسئۇد (ت): ئەزەربەيجان شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-22 12:27:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەزەربەيجان شېئىرلىرىدىن


كەل يېنىمغا، گۈزەل يارىم

نارىمان ھەسەنزادە
(ئەزەربەيجان)
(1931-)


كەل يېنىمغا، گۈزەل يارىم،
ئىزلە مېنى ،ئاختۇر مېنى.
يۈرىڭگىڭ ئىلە ئېلىپ بارغىن،
كۆزلىرىڭ ئىلە قايتۇر مېنى.

مەن نە مەستمەن،نە ئېيىقمەن،
مۇھەببەتكە لايىقمەن.
سەن دولقۇن، مەن قېيىق،
ئېقىتار مېنى، كۈتەر مېنى...
ئىچىمدىدۇر دادىم، كۆزۈم،
كۆز بولۇپتۇ سىرىم، سازىم.
ھېچ بىلمەيمەن ئېيتار سۆزىم؟
بۇ زارلىقتىن قۇتقاز مېنى.

سەن سەھەردە بىر سەھەرسەن،
چېچەك كەبى تاپ -تازاسەن،
ئاخىرى بىر كۈن كېچىكەرسەن،
كېيىن تۇپراق، يۇتار مېنى.

ئاھ، تىترىگەن لەۋلىرىڭ

ئىسمىخان مۇھەممەد

1

ئاھ،تىترىگەن لەۋلىرىڭ ،
ھەسرىتىگە قۇربان بولاي.
ھايات بەرگەن نەپەسىڭنىڭ
شەپقىتىگە قۇربان بولاي.
كۆزۈمگە سىزغىن سۈرىتىڭنى،
كۆرسىتەي چىدام –غەيرىتىمنى.
تىلى باغلىق مۇھەببەتنىڭ،
ھىممىتىچۈن قۇربان بولاي.

يۇلتۇز كەبى ئېقىشىڭنىڭ
چاقماق كەبى چېقىشىڭنىڭ،
بېقىشىمغا بىر قىيا بېقىشىڭنىڭ
سۆھبىتىگە قۇربان بولاي.
جەۋھەرىمسەن تىلىگىمنىڭ،
قۇۋۋىتىمسەن بىلىكىمنىڭ.
يۈرىگىمگە يۈرىگىڭنىڭ،
ۋەھدەتىگە قۇربان بولاي.
بىر قۇشىسەن بىزنىڭ كۆلنىڭ،
غۇنچىسىسەن بىزنىڭ گۈلنىڭ،
بۇ كۆڭۈلگە ئۇ كۆڭۈلنىڭ،
ئۈلپىتىگە قۇربان بولاي.
ئۇ بەختىمنىڭ ئەزەلىنىڭ،
ئۇ سۆھبىتى  شىرىنىمنىڭ،
ئۆزبېكىستان گۈزىلىنىڭ
پاكلىقىغا قۇربان بولاي.

2

بۇ سۈرەت يەڭلىغ بولماس پەرى،
رىۋايەتتۇر ،ئاللاھ -ئاللاھ!
ئۇندىن جاننى ئاۋايلىماق،
جىنايەتتۇر، ئاللا -ئاللا!

تىترىگەن بىر تاردۇر ئۇ،
سېھىرلەندىم، تىلسىمدۇر ئۇ،
بۇ ھۇسۈندە ھەركىمدۇر ئۇ-
قىيامەتتۇر ،ئاللا -ئاللا!
ئۇل كۆزلەردە سىڭىپ قالمىش،
بىر داستانغا سىغماي قالمىش،
مۇھەببەتتىن تېنىپ قالمىش،
ھېكايەتتۇر،ئاللا-ئاللا!

ئۇ سۆيۈملۈك،مەن ھەم سۆيۈملۈك،
باغرىم بولدى پارە -پارە.
بىر باقىشىدىن باغرىم كۆيۈك،
شىكايەت ساڭا، ئاللا-ئاللا!


كۆرسەت، قامىتىڭنى،ئەي سەرۋى راۋان

بايات ئابباس
كۆرسەت، قامىتىڭنى،ئەي سەرۋى راۋان،
دۇنيا كۆرسۈن ئۇنى، گۇمانلانمىسۇن،
كىر باققا،رۇخسارىڭ ئەرز ئەيلە گۈلگە،
بۇلبۇل ھەيران قالسۇن، شەيدا بولمىسۇن.
ئارىف بولۇپ بۇ ئىماغا يۇرمىسە،
جاناننىڭ يولىدا جاننى بەرمىسە،
تۆت تەرەپ باققاندا سېنى كۆرمىسە،
كۆزلىرى كور بولسۇن، نۇرلانمىسۇن.
سەھەردىن گۈلشەنگە ئەزمى* رۇھ ئەيلە،
زۇلفىڭنى سۇنبۇل روھىسىياھ ئەيلە،
بۇ چەشمى مەست ئىلە بىر نىگاھ ئەيلە،
نەرگىس خۇمارلىنىپ،شەھلابولمىسۇن.
چېھرى سۈزۈك  رۇھى سامان بەزگەك ئىلە.
باراۋۋەر ئەيلەمىش كۈننى تۈن ئىلە،
شىرىن سۆز ئىلە، شېكەر لەۋ ئىلە،
سۆزلىگىن، تۇتى تىلىدىن قالسۇن.
باق، بايات ئابباسىڭ يانسۇن ئوتۇڭدا،
زەرە بىر كەلتۈرسەڭ مېنى يادىڭغا،
ئەسلا يامان سۆزنى ئېيتما نامىمغا
تەنە تاشلىرى گاھ-گاھ ئېتىلمىسۇن.

كەرىم بەھرىيېۋ ئەزەر تىلىدىن ئاغدۇرغان.
ئەزمى -قارار، نىيەت، ئىرادە



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-22 16:34  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-24 01:57:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا يازمىلارنى سۇنغا شەخشىيەتسىز روھىڭىزغا ئاپرىن، چەكسىز تەشەككۈر
ئۆزلۈك ئېڭى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش