كۆرۈش: 1060|ئىنكاس: 0

مۇھەممەدئىمىن ھەسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-21 23:25:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

مۇھەممەدئىمىن ھەسەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
d18b313064a8f7bbcbb11aac7b45f855d1452102f322d8f19fc59efb61ddc0c12eefeb3a38fe0d03.jpg

مۇھەممەدئىمىن ھەسەن 1967- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.  1973- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان يەنى  ناھىيلىك مىللى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تاماملىغان. 1985- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە دىنى بىلىم ئالغان. 1999- يىلىدىن ھازىرغىچە چاسىمىچىت يىزىسىنىڭ ياۋاغ  كەنت مەسچىتىدە دىنى ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ دىنى ۋەزىپە ئۆتىگەن جەرياندا يىزا، ناھىيە ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرۇسلىرىدا ۋە ۋەز ئەيتىش مۇسابىقىلىرىدا ئۇدا ‹بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە  مۇنەۋۋەر كۇرسانت› بولۇش شەرىپىگە ئىرىشىپ كۆپ قىتىم مۇكاپاتلاندى ، ئۇ يەنە 2004- يىلىدىن ھازىرغىچە قاغىلىق ناھىيسىدىكى پۇخراۋى دوختۇرخانا ‹ شادلىق دوختۇرخانىسىدا› ئىشلەپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا باشلانغان بولۇپ، بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ يەنە قايتا تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 2007- يىلى يەنى ئۇ دەل قىرىق ياشقا تولغان كۈنى ‹‹ئىلتىجا›› ناملىق شېئىرىنىڭ شىنجاڭ گېزىتىدە ئىلان قىلىنىشى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى رەسمى باشلاندى، ئۇنىڭ يىڭى يىل، خوتۇنىڭنى خورلىما،بىر قىتىم ، سالام ئۈرۈمچى ،گۈزەل قاغىلىق،شانلىق 60 يىل،قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،ئانا ئەجرى،ناملىق داستانى(بۇ داستان ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلىنىپ كۆپلىگەن پەرزەنتىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ  تەربىيەگە ئىگە قىلدى)،  ئەرلەرنىڭ كۆز يېشى،قىين ئانىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز،بىر تۇققان تېپىلمايدۇ، سىزنىڭ خوتۇنىڭىزمۇ چىرايلىق، مېھرى- مۇھەببەتنىڭ  باھاسى ئۆسۈپ كەتمىسۇن، قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايىلىرى ،مېھرى-مۇھەببەت ،ھاياتلىق  ،ياخشىلىق قىلىش ،دوستلۇق ھەققىدە قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ھىكمەت ئۈنچىلىرى ‹شىنجاڭ مەدەنىيتى›، ‹شىنجاڭ ياشلىرى›، ‹يىڭى قاشتېشى›، ‹شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى›، ‹شىنجاڭ ئاياللىرى›،‹جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى› قاتارلىق ژورناللاردا ۋە‹ شىنجاڭ گېزىتى›،‹ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى›،‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›،‹ئاسىيا كىندىكى گېزىتى›،‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى›،‹قەشقەر گېزىتى›،‹قاغىلىق ۋاقىت گېزىتى› قاتارلىق گېزىتلەردە ئىلان قىلىنغاندىن باشقا  تەڭرىتاغ تورى مۇنبىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى مۇنبىرى، مىسرانىم تورى مۇنبىرى قاتارلىق داڭلىق تور بەتلەردە ئىلان قىلىندى ، ئۇنىڭ ‹قىيىن ئانىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز› قاتارلىق بىر نەچچە پارچە ھىكايىلىرى شىنجاڭ خەلق رادىيئو ئىستانسىنىڭ خەيرىلىك سەھەر پىرىگىراممىسىدا ئاڭلىتىلدى.      2015- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان( شانلىق 60 يىل شىنجاڭ قەسىدىسى شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىش كىچىلىكىدە) ئۇنىڭ يازغان‹ شانلىق 60 يىل› ناملىق شېئىرى ئاپتونۇم رايۇن بويىنچە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشىپ شەرەپ قۇچتى، ئۇ 2013- يىلى قاغىلىق ناھىيلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋە يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2015- يىلى4- ئايدا  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 14:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش