يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 14157|ئىنكاس: 8

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قانداق باھالاپ چىقىلىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-21 19:02:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى قانداق باھالاپ چىقىلىدۇ؟
ۋۇ يۆتيەن
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى


يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور غولغۇلا قوزغىلىدۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نەتىجىسىنىڭ ھەر يىلى 10- ئايدىكى مەلۇم بىر پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. بىراق، قايسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، پەقەت كۈز پەسلىنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ. مۇخبىرلار تەرەپ- تەرەپتىن شىۋېتسىيەگە كېلىپ خەۋەر تىڭتىڭلايدۇ، باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كەينىدىن زېرىكمەي- تېرىكمەي سوكۇلداپلا يۈرىدۇ. باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى ئۇلار ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىنىپ، خىلمۇ خىل پەرەزلەرنى قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، كىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇققان چېغىدا ھەيرانلىقىدىن داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالىدۇ. ئىشقىلىپ، ھەممەيلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تېپىشماقتەك بىر خىل سىرلىق تۈس ئاتا قىلىدۇ. كىشىلەر پەقەت كىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىنلا خەۋەر تاپالايدۇ، باھالاش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئەھۋالى قەتئىي سىر تۇتۇلىدۇ.
2007- يىلى فىرانسىيە يازغۇچىسى ئالبېرت كامۇسنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسى فىرانسىيەدە چىقىدىغان «كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىغا ئۇنىڭ ئارخىپىنى ئاشكارىلىغان. نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ دائىمىي باش كاتىپى، 58 ياشلىق خوراس ئېنگىداخىل مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە تۆت ھەيئەتنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. دۇنيادىكى جىمى يازغۇچىلار تونۇشۇۋېلىشنى ئويلايدىغان بۇ كىشى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى تولىمۇ ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ سىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
نوېبل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تەۋسىيە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. باھالاش كومىتېتى ھەر يىلى فىرانسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى قاتارلىق بەزى ئاكادېمىيە ۋە جەمئىيەتلەرنى، شۇنداقلا ھەيئەتلەر، پىروفېسسورلار، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر، بولۇپمۇ بۇرۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنى شۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات تەۋسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، تەۋسىيە قىلىنغان يازغۇچىلار ئادەتتە تەخمىنەن 300 دىن 400 گىچە بولىدۇ. تۆت كىشىلىك باھالاش ھەيئىتىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتلەر ئەنە شۇ ئاساستا دەسلەپكى تاللاشنى باشلايدۇ. 4- ئايدا بىرىنچى تۈركۈمدىكى جەمئىي 20 كىشىلىك نامزاتنىڭ تىزىملىكى بېكىتىلىدۇ. نامزات تەۋسىيە قىلىش جەريانىدا قەتئىي ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇنداق بىر پىرىنسىپ بار: يەنى ھەر قانداق يازغۇچى ئۆزىنى تەۋسىيە قىلماسلىقى كېرەك. بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنى بەك قالتىس چاغلاپ كېتىپ، بارلىق ئەسەرلىرىنى ئىمزا قويۇپ باھالىغۇچىلارغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. باھالىغۇچىلار بۇنداق يازغۇچىلارنى «ئۆز- ئۆزىنى قەتلى قىلىدىغان يازغۇچىلار» دەپ ئاتىشىدۇ، يەنى بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ باھالىنىش سالاھىيتىمۇ بولمايدۇ.
5- ئايدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىندا تۆت كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى پەقەت بەشلا كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر نۇسخا «قىسقا تىزىملىك» نى بېكىتىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەۋسىيە قىلىنغان نامزاتلارنىڭ ئارىسىدىن بەش كىشىنى تاللاپ چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ھەيئەتلەرنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىغان مۇتەخەسسسىلەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئىندىئان تىللىق ۋە ئەرەب تىللىق مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا كەمچىل بولغاچقا، بەزى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تەرجىمە نۇسخىسىمۇ بولمىسا، باھالاش كومىتېتى مەخپىيەتلىكنى مۇتلەق ساقلىغان ئاساستا ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مۇتەخەسسىسنى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. 1996- يىلى ئۇلار سىلاۋىيان تىللىق بىر كىشىنى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىگە تەكلىپ قىلىپ، پولشالىق شائىرە ۋىسلاۋا سىمبورىسكانىڭ شېئىرلىرىنى خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلدۇرغان. شۇ يىلى دەل مۇشۇ شائىرە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
يېزىقسىز بەلگىلىمىدە پەقەت بەش كىشىلىك تىزىملىك بېكىتىلىپ چىقىش بەلگىلەنگەن. 1938- يىلى پېئارل باك تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندە بەزى تالاش- تارتىشلار كۆرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇشۇ «قىسقا تىزىملىك» تە ئىسىمى كۆرۈلگەن يازغۇچىلارلا تاللىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. بۇ تىزىملىك بېكىتىلگەندىن كېيىن باشقا باھالاش ھەيئەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. 10- ئايدىكى بىلەت تاشلىنىشتىن بۇرۇن ھەيئەتلەر نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىلارنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىشى شەرت. خوراس ئېنگىداخىل ھەيئەتلىككە تەيىنلەنگەن تۇنجى يىلى فونتېيىنبلۇ (پارىژغا يېقىن جايدىكى بىر بازار) غا بېرىپ دەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 60 كىلوگىرام يۈك- تاقنى توشۇشقا ھاۋالە قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەم ئېلىش جەريانىدا ئوقۇپ چىقماقچى بولغان كىتابلار ئىدى. مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن باھالاش كومىتېتى ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىققان. خوراس ئېنگىداخىل بۇرۇن ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولغاچقا، بۇ جەھەتتە ناھايىتى تەجرىبىلىك ئىدى. باھالاش باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ كەسپداشلىرىنى ئۆز جورىلىرىغا ھەر قانداق خەۋەرنى ئاشكارىلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ ئايالىمۇ كىمنىڭ نامزاتلىققا تاللانغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەر قېتىم يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن ئۈستەلدىكى ھۆججەتلەر يىغىۋېلىنىپ، قەغەز توغراش ماشىنىسىغا سېلىنىپ كېسىپ تاشلىنىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىدا كەچلىك تاماق يېگەچ نامزاتلارنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالغاندا شەرتلىك بەلگە ئىشلىتىدۇ. ئالايلۇق، 2005- يىلى باھالىغۇچىلار پاراڭلىشىۋېتىپ ھاررى پوتتېرنى تىلغا ئالغان، ئەمەلىيەتتە شۇ يىلى خارولد پىنتېر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. باھالىغۇچى ھەيئەتلەر ئارىسىدا ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىش چەكلەنگەن. مۇشۇ ئارقىلىق باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ باھالاشقا تەۋسىيە قىلىش ۋە بىلەت تاشلاشقا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
9- ئاي كىرگەن ھامان خوراس ئېنگىداخىل «تىزىملىكتىكى ئىسىملار ئاشكارىلىنىپ كەتكەنمىدۇ؟» دېگەن ئەندىشىدە نوبېل مۇكاپاتى ئۈچۈن دو تىكىدىغان تور بېكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. لېكىن، تا ھازىرغىچە خارولد پىنتېرغا 30 ھەسسە دو تىكىلگەندىن باشقا، ھېچقانداق تاساددىپىيلىق كۆرۈلمىگەن. باھالىغۇچىلار ھەر يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر پەيشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىدۇ ۋە ھەر قايسىسى ئۆز دەلىل- ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىپ، تاكى مۇكاپات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى بېكىتىلگىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەرگىچە كەسكىن مۇنازىرىلىشىدۇ. 2007- يىلى باھالاش كومىتېتىدىكى بىر باھالىغۇچى ۋاپات بولغان، يەنە بىر باھالىغۇچىنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن. شۇڭا 14 كىشىلىك باھالاش ھەيئىتى بىلەت تاشلىيالىغان، يەنى سەككىز تال بىلەت چۈشكەندىلا ئاندىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى سايلاپ چىققىلى بولاتتى. باھالىغۇچىلارنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلگەندە خوراس ئېنگىداخىل سائەت 12 يېرىمدا ئاستاغىنە زالدىن چىقىپ، ئىشخانىسىغا كىرىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. سائەت بىردە ئىشخانىسىدىن چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارغا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىسىمىنى جاكارلايدۇ.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش تەرتىپى ناھايىتى قاتتىق. ئەمما باھالاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىللار تۈپەيلى، بەزىدە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدە باھالىغۇچىلار ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. باھالىغۇچىلار ئەلۋەتتە ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كۈچەيدۇ. ئەمما ھەدېسىلا دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شەخسىي قىزىقىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شىۋېتسىيە بىر كىچىك دۆلەت. بىراق، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان يازغۇچىلار بەكلا كۆپ. لېكىن، بۇنىڭ باھالىغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ ئەمەس. شىۋېتسىيەلىك شائىر ھاررى مارتىنسون 1974- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن بەك كۆپ تەنقىدكە دۇچ كەلگىنى ئۈچۈن 1978- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى قورسىقىغا قايچا تىقىپ ئۆلۈۋالغان. مۇشۇ ۋەجىدىن، باھالىغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدىكى يازغۇچى- شائىرلارنى باھالىغاندا ناھايىتى ئەندىشە ئىلىكىدە تەكرار- تەكرار ئويلىنىدىغان بولغان. بۇمۇ بەلكىم شۇنىڭدىن كېيىن شىۋېتسىيەلىك يازغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك.
ھەر بىر باھالىغۇچى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بىر مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار چەت ئەل ئەدەبىياتىغا ناھايىتى قىزىقىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىن بېرى ئەدەبىيات دۆلىتى فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئالاھىدە قويۇق بولغان كىشىلەردۇر. ئالايلۇق، خوراس ئېنگىداخىلنىڭ ئۆزىمۇ پەيلاسوپ دېررىدانىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. گۇنايىر ۋالكىست مارسىل پىرۇسىتنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. جېس بېل سۋېن بلو ئىلگىرى پارىژدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئايال باھالىغۇچى كاتارىنا فوروستىنسون نوقۇل مارگارت دۇراسنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭ يولدىشىمۇ فىرانسىيەلىك. بىز مۇشۇ ۋەجىدىنلا باھالىغۇچىلاردا فىرانسىيەگە يان بېسىش ئەنئەنىسى بار دېسەك بولمايدۇ. بىراق، ئالبېرت كامۇس 1957- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا فىرانسىيەدە ئالقىشلىنىۋاتقىنى يەنىلا ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى بىر ئەۋلاد پېشقەدەم يازغۇچىلار ئىدى. لېكىن، خيامارتا جىلبېگ بىلەن بىرگېر ئىكېبگ مارشالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى باھالىغۇچى 1949- يىلىدىن باشلاپلا كامۇسنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار سەككىز يىل ئىچىدە كامۇس ئۈچۈن مەخسۇس تۆت پارچە دوكلات يازغان، 1949- يىلى يېزىلغان دوكلاتنىڭ سەھىپىسى 30 بەتكە يەتكەن. باھالاش كومىتېتى ئىزچىل ئۇنىڭ بىرەر كاتتا ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىغا تەشنا بولغان. 1956- يىلى كامۇسنىڭ «چۈشكۈنلىشىش» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر باھالىغۇچىلارغا قالتىس ياراپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالبېرت كامۇس 1957- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كامۇس مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئالايىتەن ئاكادېمىك ئىكىبېگ ئەر- ئايالنى زىياپەت ئۈستىلىگە باشلاپ كېلىپ ئولتۇرغۇزغان. بۇ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئىكىبېگ مارشالغا بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقى ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، باھالاش نەتىجىسىگە تەۋسىيە قىلىنغۇچىنىڭ سالاھىيىتىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. باھالاش كومىتېتى باھالىغۇچىلارغا، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋە فىرانسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما شىۋېتسىيە خان ئوردىسىنىڭ تەۋسىيەسى تەبىئىيلا بەكرەك ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ. 1951- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى شىۋېتسىيە پادىشاھى گۇستاف Ⅵ نىڭ كىچىك ئىنىسى شاھزادە گىلليۇم ئۆز قولى بىلەن باھالاش كومىتېتىدىكىلەرگە بىر پارچە خەت يېزىپ، شۇ يىللىق مۇكاپاتنى فىرانسوۋا مورىياكقا بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇ خېتىدە: «مورىياك كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياش يازغۇچىلارنىڭ پېشىۋاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن فىرانسىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىم ۋە مەركەزلىك رول ئويناۋاتىدۇ» دەپ يازغان. شاھزادە گىلليۇمنىڭ قوللىشى ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. فولكىنېر دەل ئۇنىڭ قوللىشى بىلەن 1949- يىلى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا نوبېل مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان. مورىياك مۇشۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇدا ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان ئىدى. 1952- يىلىمۇ چېرچىل، ئالبېرت كامۇس ۋە مارلۇ قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن. لېكىن 1952- يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى يەنىلا تولۇق بىلەت بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك قارارى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ شىۋېتسىيەنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى دەرھال ماشىنا بىلەن مورىياكقا خۇشخەۋەر يەتكۈزگىلى چاپقان. سىدگارمودا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتتە مورىياك شىۋېتسىيە خانىشى، يەنى شاھزادە گىلليۇمنىڭ يەڭگىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان.
تەۋسىيە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى مىساللار بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئالايلۇق، 1946- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گېرمانىيە يازغۇچىسى ھېرمان ھېسسى 1931- يىلىدىن باشلاپلا 1929- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك يازغۇچى توماس ماننىڭ تەۋسىيەسىگە مۇيەسسەر بولغان. كېيىن يەنە باھالاش كومىتېتىدىكى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى شىۋېتچىگە تەرجىمە قىلغان باھالىغۇچىنىڭمۇ ياردىمىگە ئېرىشكەن.
1960- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك شائىر جون پېرس فىرانسىيەنىڭ پېشقەدەم دېپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنى مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلغان دوستى خاماشىر ھەم باھالىغۇچى، ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى! گاۋ شىڭجيەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى باھالىغۇچىلار ئارىسىدىكى خەنزۇ تىلىنى بىردىنبىر بىلىدىغان كىشى ما يۆرەندىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گاۋ شىڭجيەننىڭ «روھ تېغى» ناملىق رومانىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى تېخى نەشر قىلىنماستا ما يۆرەن ئەپەندى بۇ روماننى شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇكاپاتقا ئېرىشىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تاساددىپىي ئامىللارمۇ بار. ئالايلۇق، ئاندىرىي گىد 1946- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، كېيىنكى يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ بۇنچە تېز مۇكاپاتقا ئېرىشىشى يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. باھالاش كومىتېتى بۇ جەھەتتە چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە بولغان. فىرانسىيە شائىرى پاۋل ۋالېرىي نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئون قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. 1945- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشمەكچى بولغاندا، شۇ يىلى 7- ئايدا ۋاپات بولغان. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارىخىدا پەقەت بىرلا قېتىم ۋاپات بولۇپ كەتكەن يازغۇچىغا مۇكاپات بېرىلگەن، ئۇ بولسىمۇ شىۋېتسىيە شائىرى كارلفېلدىت بولۇپ، 1931- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. باھالاش كومىتېتى ئەسلىدە 1918- يىلىدىن باشلاپلا ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شىۋېتىسيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆمۈرلۈك كاتىپىلىق سالاھىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇكاپات ئېلىشنى قەتئىي رەت قىلغان. ئۇ 1931- يىلى پېنسىيەگە چىقىپ خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاكادېمىيە ئاخىرى ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمەكچى بولغان، كۈتمىگەندە ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن باھالاش كومىتېتى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ نوبېل مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغان. بۇنى ئەلۋەتتە ئالاھىدە بىر مىسال دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنداق ئىش كۆرۈلمىگەن. ئاندىرېي گىد 1947- يىلى 78 ياشقا كىرىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. باھالاش كومىتېتى ئۇنىڭ ھەر قاچان ۋاپات بولۇپ كېتىش خەۋپىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا شۇ يىلى مۇكاپات بەرگەن.
يازغۇچىلارنىڭ تەلىيىنىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى بىر ئامىل دېيىشكە بولىدۇ. 1953- يىلى ۋېنىستون چېرچىلنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى قاتتىق تالاش- تارتىش قوزغىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاساسلىقى ناتىقلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دائىمىي كاتىپى بىر قېتىملىق مەخپىي يىغىندا: «بۇ يىل ھېچكىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشەلمىدى، ئەمما ئاكادېمىيەرىمىز بۇ يىللىق ساننى كېلەر يىلىغا قالدۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا چېرچىلنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ باقساق دەيمەن» دېگەن. باھالىغۇچىلار بىلەت تاشلاشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شىۋېتسىيە تەرەپ ئاۋۋال دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشىنى خالايدىغان- خالىمايدىغانلىقىنى مەخپىي ئىگىلىگەن. چېرچىل بۇنىڭغا قارىتا: «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇڭا نوبېل مۇكاپاتى تارىخىدا چېرچىل ئالدىنئالا پىكىر ئېلىنغان نامزات بولۇپ قالغان.
1954- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېمىڭۋايمۇ شۇنداق بولغان. باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇنىڭغا بولغان باھادا ئىزچىل ئىختىلاپ ساقلانغان. 1947- يىلىدىكى بىر پارچە دوكلاتتا ھەتتا: «ئۇ بىر بۈيۈك شائىر ئەمەس، كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىر پارچە قالتىس ئەسىرىمۇ يوق» دەپ قارالغان. 1953- يىلى «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خىل قاراشتا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولغان. 1954- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ھېمىڭۋاي ھەققىدە بولۇنغان بىر قېتىملىق مۇنازىرىدە يېرىم سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇكاپاتقا سايلانغان. ئايروپىلان ئاۋارىيەسىدە يارىلانغان ھېمىڭۋاي سىدگارموغا مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغىلى بېرىشقا ئامالسىز قالغان، شىۋېتسىيەنىڭ ھاۋانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۇنىڭغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا مال توشۇيدىغان پاراخوتقا ئولتۇرۇپ شىۋېتسىيەگە بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ، نامزات تاللاش ئىشىدا نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويۇلغان. 1901- يىلى مۇكاپات تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان يىل بولۇپ، ئېمىل زۇلانىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى نەتىجىسىنى پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى درېيفۇس ۋەقەسىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئادالەتنى ياقلاشتا باشلامچىلىق رول ئوينىغانىدى. ئەسلىدە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۇنىڭغا بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ناتۇرالىزمغا بولغان خۇسۇمەت باھالىغۇچىلارنىڭ چىقارغان خاتا ھۆكۈملىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. ئۇلار: «ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھە دېسىلا ناھايىتى قوپال، رەڭ- بېزەكسىز، ئاددىي، سىدام تەسۋىرلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ ھال كىشىلەرنى ئىدىيالىزملىق خاھىشقا ئىگە يازغۇچىلارغا بېرىلىشى كېرەك بولغان مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ» دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرمىگەن.
يەنە شۇنداق سەۋەب تۈپەيلى، 1902- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئىتالىيەلىك تارىخشۇناس مومسېنغا بېرىلگەن. ئەمما نامى جاھانغا تارالغان ئۇستاز يازغۇچى تولىستويغا «ئەسەرلىرىدە قورقۇنچلۇق ناتۇرالىزملىق تەسۋىرلەرنى ئىشلەتكەن»، «مەدەنىيەتكە دۈشمەنلىك نەزەردە قارىغان»، «نەزەرىيە جەھەتتە ھۆكۈمەتسىزلىك خاھىشى كۆرۈلگەن» دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇكاپات بېرىش رەت قىلىنغان. 1936- يىلى سىگموند فىرىئۇد 1915- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى رومىن روللاندنىڭ تەۋسىيەسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىماتلىرى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. باھالىغۇچىلار ئۇنى «تەسەۋۋۇرنى بۇرمىلىغان»، «تىلنى ئەر- ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى قاتارىدا كۆرۈپ كەمسۇندۇرغان» دەپ تەنقىد قىلغان. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نامايەندىلەرنى چىرىتىۋەتكەن، دەپ قارىغان.
مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئەڭ ئەگرى- توقاي بولغىنى فىرانسىيەلىك شائىر مارلو. ئۇ دۈشمەنگە باتۇرلارچە قارشى تۇرۇشتەك شەرەپلىك كەچۈرمىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رىۋايەت تۈسىگە ئىگە كاتتا يازغۇچى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئۈچ قېتىم نائىل بولغان. ئەپسۇس، ھەر قېتىمدا ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتتا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاجىنى كىيىش باشقا يازغۇچىلارغا نېسىپ بولۇپ كەتكەن. 1947- يىلى ئۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇنجى قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندە ئاران 46 ياشتا ئىدى. لېكىن، بەك ياش بولغاچقا، بىر نەچچە يىل ساقلىسا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ قارالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ياشانغان ئاندىرېي گىد مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر يىلى دېگۈدەك نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. 1957- يىلى ئۇ «تەسەۋۋۇردىكى مۇزېي» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئالبېرت كامۇسنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن تۇنجى قىلغان گېپى «مۇكاپاتقا ئەسلى مارلو ئېرىشىشى كېرەك ئىدى» بولغان. سىياسىي جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئالبېرت كامۇس مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە تەنقىدكە ئۇچرىغان، مارلو بولسا ئۇنى تەبرىكلىگەن بىردىنبىر يازغۇچى بولۇپ قالغان. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى 1967- يىلى يۈز بەرگەن. شۇ يىلى مارلونىڭ «ئەسلىمىگە قايتىش» ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. بىراق، چېرچىلنىڭ 1953- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىختىلاپ قوزغىغانلىقى ئۈچۈن باھالىغۇچىلار ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا مۇكاپات بەرمەسلىككە قەسەم ئىچكەن ئىدى، ھەتتا مەدەنىيەت ئەمەلدارى بولغان تەقدىردىمۇ مۇكاپات بېرىشكە بولمايدۇ دەپ بېكىتىلگەنىدى. مارلو شۇ چاغدا دى گول ھاكىمىيىتىدە مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولغاچقا چەتتە قالدۇرۇلغانىدى. 1969- يىلى ئۇ ھۆكۈمەتتىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ساموئېل بېككىت ۋە سولژېنىتسىن قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد يازغۇچىلارنىڭ شۆھرىتى راسا ئەۋجىگە چىققان بولغاچقا، مارلو نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغان.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «كىتاب ئوقۇش» ژۇرنىلىنىڭ 359- سانى (2007- يىل 10- ئاي) دا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە خوراس ئېنگىداخىلنىڭ زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ سان ژۇرنالغا يەنە فىرانسىيە گونكۇرت ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىنىش مۇساپىسىمۇ ئېلان قىلىنغانىدى. مەسخىرە تۈسىنى ئالغىنى شۇكى، گونكۇرت ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا نەشرىياتلار بىلەن باھالىغۇچىلار مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماستىن ئۆزلىرىگە بىلەت توپلىغان. يەنى نەشرىيات سودىگەرلىرى باھالىغۇچى دوستلىرىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان رومانلارنى تەۋسىيە قىلغان. ھەر قايسى نەشرىياتلارغا قاراشلىق باھالىغۇچىلار ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللانغان. نەشرىيات سودىگەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنى سېتىش ياكى مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەپچىل نۇسخىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق زور پايدىغا ئېرىشكەن. باھالىغۇچىنىڭ ئۆزى ياكى باھالىغۇچلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن نەشر قىلىش توختاملىرىنى تۈزۈش، باھالىغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارلارنى تەشكىللىگەن. كىشىنى مەمنۇن قىلىدىغىنى شۇكى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ باھالىغۇچىلىرىدا بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن. باھالىغۇچىلاردىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئاساسلىقى شۇ چاغدىكى دەۋر شارائىتى پەيدا قىلغان.
دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى تېز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا ياۋروپادىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىگىچە كېڭەيگەن. خۇددى خوراس ئېنگىداخىلنىڭ ئېيتقىنىدەك، فىرانسىيەدە يېڭى پىروزىچىلار ئېقىمى ۋە قۇرۇلمىچىلىق قاتارلىق تەجرىبە خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر ھالدا كىلاسسىك بىر دەۋرنى ياراتتى. نۆۋەتتە فىرانسىيە ئەدەبىيات سەھىنىسىدە دەل شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. لېكىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەرگىزمۇ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى چەتتە قالدۇرۇپ قويمايدۇ. ئۇ يەنە: «ئەدەبىياتنى نوقۇل پىروزا ياكى شېئىرىيەت جەھەتتىلا چەكلەپ قويماسلىق كېرەك، چۈنكى 1950- يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بېرتىراند رۇسسېل، 1953- يىلى مۇكاپاتقا ئېرشىكەن ۋېنىستون چېرچىل قاتارلىقلار ئېچىپ بەرگەن يولنى بويلاپ ماڭساق، ناھايىتى مۇھىم بولغان ‹دەلىل- ئىسپات ئەدەبىياتى› نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ خىل ئەدەبىيات ژانېرىنىڭ ساياھەتنامە ۋە ئەركىن خاتىرە قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللىرى بار» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز يېڭى ئەسىردىكى ئەدەبىيات مەنزىرىسىگە قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمىز.(ئاپتور: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە)
خەنزۇچە «چەت ئەل ئەدەبىياتى» تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى

بۇ ماقالە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان
مەنبە: پاساھەت بىلوگى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-21 19:27  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-21 19:48:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار ئىكەن.بىلىۋالدىم.
رەھمەت،سىزگە.

ۋاقتى: 2015-10-22 10:21:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-10-22 10:27:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



    بىلىۋالدىم. رەھمەت، ئۇكام ئەھەدجان!

باھا سۆز

راست شۇنداق ئىكەن. سۈرەتكە قاراپ «ئەھەدجان» دەپتىمەن. رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-10-22 03:49 PM
بۇ باشقا كىشى ئىكەن.  ۋاقتى: 2015-10-22 02:54 PM
ۋاقتى: 2015-10-22 11:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوبىل مۇكاپاتى توغرىسىدا بەرگەن ئۇچۇر ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-10-22 11:26:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مۇرەككەپ ئىكەن. ئادىللىق بىلەن ئىنسانچىلىق ئارىلىشىپ كېلىش ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بەلگىلىسە كېرەك.

ۋاقتى: 2015-10-22 12:17:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بىزنىڭ مەشھۇرلىرىمىز ئىچىدىنمۇ بىرەر كىشىگە بېرىلىشىنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-22 12:32:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتنى شىۋىتسىيە خان جەمەتى تارقىتىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆز دۆلىتىدىكىلەرنىڭ ئېرىشىش نىسبىتى يوق دىيەرلىك ئىكەن. بولۇپمۇ 1974-يىلى شىۋىتسىيەدىن بىر يازغۇچى ئېرىشىپ قالغىنى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە قىلىپ، 1978-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشتەك قانلىق پاجىئەگە مۇشۇ ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ  قوشقان تۆھپىسى زور ئىكەن. ھەقىقەتەن ناھەتچىلىك ئۇۋال بوپتۇ ئۇ يازغۇچىغا. شۇنىڭلىق بىلەن  شىۋىتسىيە يازغۇچى، شائىرلىرىغىمۇ ئۇۋال بولغاندەك تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2015-10-22 15:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئاپتۇر، تەرجىمان ۋە تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش