سۆي مېنى بۈگۈن
يۈز يىلدىن كېيىن،
تۇپراقنىڭ قېنىنى شۈمۈرۈپ
مازارىم ئۈزرە ئۈنۈپ چىقىدىغان بىر
بىنەپشىگە
ھەسرەت ياماشمىسۇن دەپ
كۆزلىرىڭ
يەرنىڭ
ئاسماننىڭ
ھەققى ئۈچۈن
سۆي مېنى بۈگۈن!...
تىز چۆكۈپ تۇپراققا تىككەن دەرەخىم،
نەچچە يىل ئازابىن چەككەن دەرىخىم،
ياپ –يېشىل،
ئاپپاق،
پۇتاقلارغا ئورىنغا
جۇدالىق گۈللىرى ئېچىلدى
شاخىدا بۇ ياز...
كىرپىكلىرىڭ ھەرچاغ
كىرپىكلىرىڭ ھەر چاغ
سېنىڭ كۆزلىرىڭنى سۆيىدۇ پەقەت...
ئۆلۈم قاش ۋە كىرپىك ئارىسىدا
قاش ۋە كىرپىك ئارىسىدا تۈنەيدۇ
بىر چۈش كەبى بۇ ھايات...
***
ئۆزلىرى شېئىرلىرىدىن ئاۋۋال،
مەشھۇر بولغان شائىرلارنىڭ
قارا پەرىشتىلىرى كۈلمەكتە-
شېئىرلىرى ئۆزلىرىدىن ئاۋۋال ئۆلمەكتە...
كۆزلىرىم زەيىپلەشتى
كۆزلىرىم زەيىپلەشتى خويما بەلەن
كۆزلىرىم دۇنيانى
كۆرمەكتە ئاران
ياغماقتىدۇر قاپ –قارا قار
چەكسىز قاراڭغۇلۇققا...
قايغۇلۇق قىش چۆچىكى
قىش كېچىسى
شام يورۇقىدا
ھەقىقەت ۋە خىيال قورشاۋىدا
پىچتە كۆيىۋاتقان قاراياغاچنىڭ
زۇلمەتنى ھۇركىتكەن نەپىسى.
ئاق كۆپۈكلۈك شامپان قەدەھتە
شەرق گۈزىلىنىڭ نۇرى
مەسۈم چېھرىسى
ئەزدى توساتتىن قەلبىمنى
كونا بىر مۇھەببەت خاتىرىسى...
كونا بىر مۇھەببەت خاتىرىسى
يالقۇنلاپ ياندى شۇ ئان
پىچتە قاراياغاچىم ئىلە.
ئەينەكتىكى شام يورۇقىدىكى
روشەنلىكتە ساڭا
ئوخشاش بىر شارپا
ۋە كۆزگۈدە شام يورۇقى.
ئۇچىدۇ شام نۇرىدا
سبىل جاننىڭ ياڭراق ئاۋازى.
ھىجراننىڭ بارماقلىرىدا
كۆڭلۈمنىڭ پارە -پارە بولغان
سۇنۇق شىشىسى...
قىش كېچىسى شام يورۇقى
ھەقىقەت ۋە خىيالنىڭ قورشاۋى.