يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 4

بۈۋىنىسا: سەھرادا پورەكلىگەن گۈل (تەپسىلى خەۋەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-20 22:29:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
سەھرادا پورەكلىگەن گۈل
(‹‹ راھەت گىلەمچىلىك كارخانىسى ›› نىڭ قۇرغۇچىسى ياش كارخانىچى گۈلنىساخان سۇلايمان توغرىسىدا )

بۈۋىنىسا ئابدۇغېنى
(كېرىيە ناھىيە قاراقىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)

1970-يىلى، نەۋ باھارنىڭ قۇتلۇق قەدىمى يەتكەن گۈزەل سەھرا باغرىدا  قۇياش كۈلگەن‹‹ 6-ماي ›› كۈنى  ئاقكۆڭۈل، ئەمگەكسۆيەر سۇلايمان ئاتا ئائىلىسى خۇشاللىققا چۆمگەن بىر كۈن بولدى.
بۇ كۈنى چېھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، گۈل يۈزلۈك بۇدرۇققىنە بىر پەرىشتە بۇ ئائىلىدە كۆز ئاچقان كۈن ئىدى. مېھرىبان ھەنىپە ئانىنىڭ قەلبى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدى...كۆيۈمچان ئاتا ئوماق قىزىغا ‹‹ گۈلنىساخان ›› دەپ بىر چىرايلىق ئىسىم قويدى. بۇ كۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن  خۇددى توي بولدى!...
مانا، كۆزنى يۇمۇپ –ئاچقۇچە بۇ ئەقىللىق، ئوماق قىز مەكتەپ يېشىغا توشتى. ھەنىپە ئانا ئۆزقولى بىلەن تىككەن بوخچىنى دەپتەر، قەلەم ، يەنە چۈشلۈكى يەيدىغان نان، گۈلە-قاق بىلەن لىق تولدۇرۇپ، مۈرىسىگە ئېسىپ قويدى،-دە،‹‹ تاتلىق قىزىم، ياخشى ئوقۇڭ!...›› دەپ، پىشانىسىگە سۆيدى. سۇلايمان ئاتا قىزىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ، ئۇنى( مەرىپەت كانى ) مەكتەپكە ئەكەلدى... بىلىمگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بۇ قىز بىلەلمىگەنلىرىنى مۇئەللىملەردىن سوراپ ئۆگىنىپ،  ‹‹ئىلغار پىئونېر››،  ‹‹ ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى ››،  ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹ئىلغار ئىتتىپاق ئەزاسى›› دېگەن شەرەپلىك ناملارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنى، ئاتا-ئانىسىنى قەۋەتلا سۆيۈندۈردى...
گۈلنىساخان ھەر قايسى پەن دەرسلىرىدە، بولۇپمۇ رەسىم دەرسىدە ئالاھىدە ياخشى ئىدى. ئۇ ھەدىسى ئىززەتخاننىڭ توقوغان گىلەملىرىنى كۈندە كۆرۈپ تۇرغان بولغاچقا، كۆپىنچە ھاللاردا گىلەم توقۇۋاتقان ئاياللارنىڭ رەسىمىنى، ئۆزگىچە نۇسخىدىكى گىلەمنىڭ رەسىملىرىنى سىزاتتى. ئۇنىڭ سىزىپ چىققان تەسەۋۋۇرغا باي رەسىملىرى  ئادەمنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز تارتاتتى...   ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ سەبىي قەلبىگە گىلەمچىلىكتىن ئىبارەت گۈل ھۆنەرنىڭ ‹‹ يامان ئوتى›› تۇتاشقان ئىدى.
ۋاقىت- ئاتقان ئوق. ‹‹كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس››  دېگەندەك كۈنلەر-كۈنلەرنى، ئايلار-ئايلارنى، يىللار-يىللارنى  قوغلاپ، گۈلنىساخان  باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سەككىز يىللىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈردى. گۈلنىساخان قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى جاپاكەش دېھقان ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بولغاچقا، شۇ جاپالىق يىللاردا بۇ ئائىلىدىكى سەككىز بىر تۇغقاندىن پەقەت بىرىلا داۋاملىق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى- سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچى بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن بۇ ئەلاچى قىز گۈلنىساخانغا ئۇنداق تەلەي نېسىپ بولمىدى... قانداق قىلىش كېرەك؟!... ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ،نەتىجىدە ئۇ ھەدىسى ئىززەتخانغا گىلەمچىلىككە شاگىرتلىققا كىردى. ئۇ ناھايىتى زېرەك بولغاچقا، گىلەم توقۇشقا قولى تېزلا پىشىپ قالدى. ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىگە تۇتاشقان گىلەمچىلىكتىن ئىبارەت ھۆنەرنىڭ ‹‹ يامان ئوتى ›› ئۆز كۈچىنى كۆرسۈتۈپ، ئۇنى ناھايىتى تېزلا ئۇستا ھۆنەرۋەن قىلىپ تاۋلىدى...ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق لايىھلەپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە توقۇپ چىققان، ئۆزگىچە نۇسخىلاردىكى بىر قانچە گىلەم بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئىنتايىن بەك بازار تېپىپ، ئېھتىياجنى قامدىيالماي قالدى...
ئۆزى بىر گۈل، قولى ھەم  گۈل ئىشچان قىز گۈلنىساخاننىڭ نامى بىردەمدىلا يىراق-يېقىنغا تارىلىپ، ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن ئەلچىلەر كېلىشكە باشلايدۇ...ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن گۈلنىساخان ( ئەينى يىللاردىكى ھەرخىل قاراش  ۋە شارائىتنىڭ بەلگىلىشى بەلكىم ) ئىككى تەرەپ چوڭلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ‹‹بىر ئۆينىڭ مۇرىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش›› تىن ئىبارەت ئېغىر بۇرچنى ئۆزئۈستىگە ئالدى. ئىنسان نېمىگە كۆنمەيدۇ دەيسىز؟... گەرچە جاپالىق، تاغ-داۋانلىق بولسىمۇ، ئۇ بۇ تۇرمۇشقىمۇ كۆندى. كۆندىلا ئەمەس، مەسئۇلىيەت بىلەن، خۇش تەبەسسۇم بىلەن  مېھىرلىك باقتى. ئاياللىق، كېلىنلىك، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزى يۈرىكىدىن خالاپ تاللىغان ھۆنىرىنىمۇ  تەڭ ئېلىپ مېڭىپ، گىلەم توقۇشنى ئۆگىنىش ئارزۇسى بار، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىزلارنى؛ دېھقانچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان ئائىلە ئاياللىرىنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.
دەر ھەقىقەت، ئىنسان ھاياتىدا بەزىلەر بۇ ئۆمرىدە ھېچقانداق جاپا-مۇشەققەتسىز ھالدا راھەت-پاراغەتتە ئۆتۈشنى نىشان، ئارمان قىلسا، يەنە  بەزىلەر گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، خۇخا-تىكەنلىك بولسىمۇ، بوران-چاپقۇنلۇق بولسىمۇ كىچىككىنە ئۈمىد نۇرى بولسىلا شۇنى ئۆزىگە يىمىرىلمەس كۈچ قىلىپ، مۇستەھكەم ئىرادىسىنى قانات قىلىپ، توختاۋسىز ئىلگىرىلەپ، بۇ قىممەتلىك، قىسقىغىنە ئۆمرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى مەڭگۈلۈك نىشان ، ئارمان قىلىدۇ. شۇ نىشانى، ئارزۇ-ئارمانى بويىچە تىرىشىدۇ، تىركىشىدۇ...توقۇمىچىلىق كەسپى-ھەرخىل رەڭلىك يىپلاردىن رەڭگارەڭ گۈللەرنى توقۇپ چىقىرىدىغان گۈل كەسىپ بولغاچقىمىكىن، بۇ ئەمگەكچان ئۇيغۇر قىزى گۈلنىساخان بىر ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكى ئالدىدىمۇ ھۆنىرىنى تاشلاپ قويمىدى، تاشلىۋەتمىدى. ئۇ‹‹ ھۆنەر-مېنىڭ ھاياتىم ...›› دەيتتى. ئۇ ھەتتا 1990-يىلى ‹‹ئىيۇل›› دا (7-ئاينىڭ 5-كۈنى) بۇددرۇققىنە ئوغلىغا ئانا بولغان شۇ بەختلىك مىنۇتلاردىمۇ:‹‹تېزرەك ئەسلىمگە كېلىپ گىلەم توقۇيدىغان دۇكىنىمنىڭ ئالدىغا بارسام ...چالا گىلەملىرىمنى تېزرەك پۈتكۈزسەم...›› دېگەننىلا ئويلاپ، يەڭگىگىلى 50كۈن بولار-بولماستا گىلەم توقۇيمەن دەپ ئورنىدىن تۇرۇۋالغاچقا، يولدىشىدىن تاياق يېگىلى تاس قالىدۇ...
1993-يىلى توقۇمىچىلىققا بولغان ئوتتەك قىزغىن ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە  ئەمدىلا (3 ياش ) ئۈچ ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان يۈرەك پارىسىنى ئانىسىنىڭ ھەم يولدىشىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ، يۈرىكىگە تاشنى قويۇپ، ‹‹ۋىلايەتلىك گىلەم كارخانىسى ›› غا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا كىردى. ئۇ دەرس ۋاقتىدا ئەستايىدىل ئۆگەندى. دەرستىن سىرتقى چاغلاردىمۇ، باشقىلار كۆڭۈللۈك، خاتىرجەم دەم ئالغان چاغلاردىمۇ  مىنۇت-سىكۇنېتنى قولدىن بەرمەي، بېرىلىپ ئۆگەندى. ھەتتا بىرەر ۋاخ تاماق يېيىشنىمۇ ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن  ئەسلا ئايرىپ قويمىدى. ئۇ مىڭ تەسلىكتە كەلگەن بۇ ئوقۇش پۇرسىتىنى ھەسسە-ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولغاچقا، ‹‹ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن›› دېگەندەك، ئىلغار تېخنىكىلارنى ناھايىتى تېزلىكتە پۇختا ئۆگىنىۋالدى ھەمدە ‹‹مۇنەۋۋەر كۇرسانت››دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجىدە تاماملىدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كۆڭلىدە ئۇزۇندىن بېرى يېلىنجاپ ئارام بەرمەيۋايتقان ‹‹گىلەم كارخانىسى ›› قۇرۇش ئارزۇسىنى يولدىشىغا ئېيتتى.يولدىشى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم بولسىمۇ ، ئۇنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالمىدى، يۈرەك تىۋىشىنى تىڭشىمىدى، ھەتتا ‹‹قاچانلا بولسا گىلەم، گىلەم...لا دېگەن. سېنىڭ كۆڭلۈڭدە بالا، ئەر، ئۆي... دېگەنلەر بارمۇ زادى؟...ھۇ،گىلەم سارىڭى... گىلەمنى ئەر بىلىپ ئۆي تۇتۇپ ئۆتەمتىڭ-يا ؟!؟...›› دېگەندەك  جاندىن ئۆتىدىغان قوپال  گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ نازۇك دىلىغا قاتتىق ئازار بەردى . ئۇ يېلىندى، يالۋۇردى، كار قىلمىدى. يامغۇر كەبى تۆكۈلدى، يەنە كار قىلمىدى. ئەكسىچە، تاشتەك قاتتى، قېتىۋالدى...كۆڭۈل نازۇك نەرسە، سەللا دىققەت قىلمىساڭ ئاغرىتىپ قويىدىغان گەپ. ‹‹سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى›› دېگەندەك، نازۇك كۆڭۈلگە دەز كەتسە، قاچا-قۇچىغا قاداغ سالسا تۇتقان بىلەن، كۆڭۈلنى قاداغ سېلىپ تۇتقۇزغىلى ئەسلا بولمايتتى...ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟...گۈلنىساخاننىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتتى...  قىقاسلاپ يىغلاۋاتقان ئوغلىنى پەپىلىگەن شۇ دەقىقىدە ‹‹ توغرا، ئانا پەرزەنتىنىڭ ھىماتچىسى... ئاقكۆڭۈل قېيىن ئانامغا دەپ باقايچۇ، ئۇ چوقۇم ماڭا ياردەم قىلىدۇ...››دېگەنلەر خىيالىدىن‹‹ لىپ ›› قىلىپ كېچىپ، ئۇنىڭ تۇمانلاشقان قەلبى بۇلۇتلۇق ئاسماندا تۇساتتىن 15 كۈنلۈك تولۇن ئاي ئۇز جامالىنى كۆرسەتكەندەك ۋاللىدە يورۇپ كەتتى... راست دېگەندەك بۇ سۆيۈملۈك قېيىن ئانىسى ناھايىتى مېغىزلىق ، پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن بۇ تاش چىشلىگەن ئوغلىنى ئاپتاپتا ئېرىگەن  ئۆچكە يېغىدەك بىردەمدىلا ئېرىتىۋەتتى. بىراق ياخشى نىيەتلەر ئۇنچىۋالا تېز ئەمەلگە ئاشمىسا كېرەك. ئەمدىلىكتە گىلەم كارخانىسىنى قۇرۇشقا كېتىدىغان مەبلەغ غېمى گۈلنىساخاننى قىيناپ، ھالسىراتماقتا ئىدى. باشقىلاردىن ئۆتنە –يېرىم قىلاي دېسە، دېھقان خەق دېگەننىڭمۇ (شۇ 1995-يىللىرى) ھال-كۈنى چاغلىق، يا ئۆيىدە ئارتۇق-تۈشۈك پۇل-پېچەك يوق.‹‹ ھەئە، ‹ جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس...› دەپتىكەن، گۈلنىساخان! كۈلمىسەڭمۇ تىرىشىپ-تىرمىشىپ مۇشۇ يەرگە كەلدىڭ، ئەمدى ئۆمىلىسەڭمۇ، بەل قويۇۋەتسەڭ بولمايدۇ...گىلەم كارخانىسى قۇرۇش ئارزۇيۇڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشقاندا ئېلىپ سېلىۋالارسەن شۇ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭنى؛ تازا جىق ئېلىپ بېقىۋالارسەن قۇزا-تايچاق، قوي-كالىلىرىڭنى...›› دەپ ئۆز-ئۆزىگە خىتاب قىلىپ، بىردىنبىر قوللىغۇچىسى- ئېرىگە مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ، يېلىنىپ،  يۈرىكىنى كۈرمىڭ قۇرت ئۆمىلىگەندەك ئارام بەرمەي قىينىغان نەق گەپنى دەپ، بىر تالاي شىرىن ۋەدە-قەسەملەرنى يېنىش- يېنىشلاپ دەپ، ئاخىرى ماقۇل كەلتۈردى، -دە، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە-كېرەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ، ھويلىسىدىكى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىنى قايتىدىن رېمۇنت قىلىپ،  دەسلەپكى قەدەمدە ئىككى دانە گىلەم دۇكىنى بار بولغان كىچىك تىپتىكى گىلەم كارخانىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قۇرۇپ چىقىپ، يۈرىكىدىن ئېچىلىپ تۇرۇپ ‹‹ ئۇھ!... ›› دېدى...
ئۆزى ئارزۇ قىلغان كارخانا، ياخشى كۆرگەن كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق بېسىۋالغىنىدىن قەلبى ئالەمچە شادلىققا چۆمگەن  گۈلنىساخان ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بۇ كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ  ئىشلەشكە، يېڭى-يېڭى گىلەم نۇسخىلرىنى ئىجاد قىلىشقا، شاگىرتلىرىنى قاتتىق تەلەپ  بىلەن ئەستايىدىل تەربىيەلەشكە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى...
خەلقنى توغرا يولغا باشلاپ، بىخەتەر، باي-باياشاد تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن پارتىيىنى، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومېتىت بىلەن ھەر ۋاقىت بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ، جەمىئەت ئامانلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ؛ پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ‹‹ پەن –تېخنىكا بىلىملىرىگە ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ  ئىگىلىك يارىتىش ›› تىن ئىبارەت چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى، يۈكسەك غەيرەت- شىجائىتى، كەسپىگە بولغان ساپ مېھىر- مۇھەببىتى بىلەن يېڭىپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلىگەن، بېيىش يولىغا ماڭغان، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى  چېھرىدىن نۇر، ۋۇجۇدىدىن غورۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تالاي سەھرا ئاياللىرىنىڭ كۆزى، تىپىك ۋەكىلى  بولغان گۈلنىساخان  ئۆزى بېيىغاندا ئەتراپىدىكى نامرات يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ياردەمگە مۆھتاج بولۇپ تەلمۈرگەن كۆزلەرنى، تەڭلەنگەن قوللارنى ھەرگىزمۇ نائۈمىدتە قويمىدى. تۇرمۇشتا يۆلەنچۈكسىز قالغان مەزلۇم ئاياللارغا، ئىگە-چاقىسىز  نارەسىدىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋىي جەھەتتىنمۇ بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك مېھىر-مۇھەببىتى، ئالىيجاناپ ئىنسانىي-پەزىلىتى  بىلەن ئايىماي، ئايانماي ياردەم بېرىپ، مېھىرسرىغان قەلبلەرگە قوياش كەبى ئىللىقلىق يەتكۈزدى. جاسارىتى بىلەن، پاراسىتى بىلەن پۇلمۇ تاپقان، ئىگىلىك تىكلەشتىكى دۇرۇس يولنىمۇ تاپقان، ئەڭ مۇھىمى ئەل-يۇرت، ۋەتەن-خەلق ئالدىدا يۈز تاپقان ئىشچان گۈلنىساخاننىڭ  ئاتا-ئاتا، قېيىن ئاتا-ئانىلىرى، ئىلگىرى ئۇنى قوللىمىغان‹‹ باغرى تاش ›› يولدىشى  ئاخىر ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى...شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشەنچ، قوللاش ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىگە بولغان قىزغىن مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسىدە ‹‹تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخنى قاقار ›› دېگەن ھېكمەتنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە 2000-يىلى ئانا يۇرتى –قاراقىر يېزىسى بولمىش  ساپ ھاۋالىق، خۇش ناۋالىق سۆيۈملۈك سەھرانىڭ كەڭ باغرىدا كۆلەملەشكەن، ئەنگە ئېلىنغان، ھەم  مەبلىغى، ھەم  مۇقىم ئىشچىسى بار بولغان ‹‹ راھەت گىلەمچىلىك كارخانىسى ›› نى قۇرۇپ چىقىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان 50 كە يېقىن ياشنى تەربىيەلەپ، ئۆز كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ  200 دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. گىلەمچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، مەبلىغى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كەسپىنى قىلالمىغان شاگىرتلارغا ئۆزى باش بولۇپ مەبلەغ سېلىپ بەردى... تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ،  قەدىرلىنىدۇ. راست، پارتىيە-ھۆكۈمەت بۇ تىرىشچان قىزىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭغا تەھسىن-ئاپىرىنلار ئوقۇدى. خەلق بۇ  تۆھپىكار قىزىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، ئىپتىخارلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاسايىشلىق، سالامەتلىك تىلىدى... شۇنداق ‹‹ ئەجىر قىلساڭ چۆلگە، پۈركىنىسەن گۈلگە ›› دېگەندەك، پەن-تېخنىكا كېڭەيتىش ۋە مەنىۋىي-مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈلگىسى  بولغان پەخىرلىك قىز گۈلنىساخان 2004-يىلى 1-ئايدا ج ك پ كېرىيە ناھىيىلىك كومىتېتى، كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹يېڭى ئەسىردىكى قۇربان تۇلۇم ›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، تەقدىرلەندى. 3-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹ پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، بېيىشتىكى ئايال ماھىر ›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، تەقدىرلەندى. يەنە شۇيىلى 9-ئايدا ش ئۇ ئا ر لۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ش ئۇ ئا ر لۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ش ئۇ ئا ر لۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ‹‹مەھسۇلاتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹ ئاپتونۇم رايۇن ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە يىغىنى› ››غا قاتناشتۇرۇلغانلىق گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. شەرەپنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئاياللار خىزمىتىگە  يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا بۈگۈنكىدەك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن گۈلنىساخان ئەمىلىيىتى ئارقىلىق، ئەمگەك مېۋىسى ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن100 كۈندىن ئارتۇق قان-تەر ئاققۇزۇش نەتىجىسىدە دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ ۋە خاتىرىلەپ، دۆلەت بايرىقى، شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇن بەلگىسى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇن بەلگىسى ۋە تۆت ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە نەپىس گىلەم توقۇپ، بېيجىڭغا سوۋغا قىلىپ، ئاقكۆڭۈل، قولى گۈل كېرىيە ئاياللىرىنىڭ ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پارتىيە- ھۆكۈمەتكە بولغان سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى. 2005-يىلى ش ئۇ ئا ر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن پەرىجە كىيىپ، ئاق ياغلىقى ئۈستىگە كىچىك تەلپەكنى بىر چىرايلىق قوندۇرۇپ كىيىنگەن  كېرىيە ئاياللىرىنىڭ  سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە گىلەمنى توقۇپ، سوۋغا قىلدى.    2006-يىلى 3-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ‹‹ ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچتە بەسلىشىش ››،‹‹ ئاياللار تۆھپە قوشۇش ›› مۇسابىقە پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ‹‹ خوتەن ۋىلايەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ‹ ئون دېھقان ئايال ئەليۇلئەلا › لىق ئىسمىنى ئاتاش ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تەقدىرلەندى. يەنە شۇيىلى  ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹ئاياللارنىڭ قول-ھۈنەر بويۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش مۇسابىقىسى›› دا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، تەقدىرلەندى.
ئىشلىگەننىڭ يۈزى راستىنلا يورۇق بولىدىكەن. بۇ تىرىشچان سەھرا قىزى 2007-يىلى شەرەپ بىلەن  جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزالىققا قۇبۇل قىلىندى.‹‹ ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ ›› دېگەندەك، يەنە شۇ يىلى كېرىيە ناھىيىلىك كەسپىي مەكتەپنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن كەسپىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا  قوبۇل قىلىندى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن تۇقۇمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئۆزلۈكسىز ئىزدەندى. ئۇنىڭ  تەلەپ-تەكلىپى بىلەن 2008-يىلى 10-ئايدا قاراقىر يېزىسىدا گىلەم توقۇش سىنىپىنى ئېچىش بىردىنبىر سىناق نۇقتىسى بولدى. سىناق قىلىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاچقا، 2009-يىلى 10-ئايدا ناھىيىمىزنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدا گىلەم توقۇش سىنىپلىرى تەسىس قىلىنىپ، تۇقۇمىچىلىق ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىت يارىتىلدى.  شۇنىڭ بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە توقۇمىچىلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم 450 كە يەتتى.  يەنە تېخى ئويتوغراق، شەنبە بازار، لايسۇ، شىۋول قاتارلىق يېزا-بازارلاردا؛ يەنە قوشنا ناھىيەلەردە گىلەمچىلىك كارخانىلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ زور يۈكسىلىش بولدى.
غەلىبە، مۇۋەپپىقىيەت ھەقىقەتەن بوشاشماي تىرىشقانلارغا مەنسۇپ. ئۆزى چىن يۈرىكىدىن كۆيۈپ تاللىغان گىلەمچىلىك كەسپىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن شۇ پەقەت بىر پەرزەنتلىكلا بولۇشنى  پىلانلاپ، توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ كېلىۋاتقان ئەمگەكسۆيەر، مېھنەتكەش سەھرا قىزى 2009-يىلى ج ك پ كېرىيە ناھىيىلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹باشلامچىلىق بىلەن بېيىشتىكى مۇنەۋۋەر دېھقان پارتىيە ئەزاسى ›› دېگەن شەرەپكە، 2010-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يىتەكلەش، تىرىشچانلىق بىلەن بېيىشتىكى‹ 10 ئايال بېيىش باشلامچىسى› ›› دېگەن شەرەپكە، 2011-يىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە تەرىپىدىن ‹‹ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى –تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە شەخس ›› دېگەن شەرەپكە، ناھىيىلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن‹‹ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى باشلامچى ›› دېگەن شەرەپكە، 2013-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايۇنى ئاياللىرىنىڭ ‹‹ ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچتە بەسلىشىش›› شەھەر- يېزا ئاياللىرىنىڭ ‹‹ ئاياللار تۆھپە يارىتىش ›› پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ‹‹ ئىلغار شەخس ›› دېگەن شەرەپكە، 2013-يىلى  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹ ئايال ماھىر ›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشىپ ، تەقدىرلەندى. 2012-يىلى مەملىكەتلىك تۇقۇمىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
ئۇ كاتتا شان-شەرەپلەر ئالدىدا قىلچە مەغرۇرلانمىدى، جاپا-مۇشەققەت ئالدىدا قىلچىمۇ ۋايسىمىدى. ئەكسىچە ئىرادىدىن سېپىل ياساپ ئىزچىل تىرىشتى.
ئۇ ئۆزىمۇ، يولدىشىمۇ ئوخشاشلا 8 بىر تۇغقان بولغانلىقتىن  ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولغاچقا، يۈرەك پارىسى-تىكەندەك بىر تاللا ئوغلىنى قانچىلىك جاپا تارتىشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇشنى ، ياراملىق ئادەم قىلىشنى بۈيۈك ئارمان قىلىپ، تۇقۇمىچىلىق كەسپىنى تېخىمۇ بېرىلىپ ئىشلەش بىلەن بىرگە ، ئوغلىغا بولغان تەلەپنى يەنىمۇ بەك كۈچەيتتى. ئوغلىنىڭ سىنىپ مۇدىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ياخشى ئوقۇشىدىكى شەرت-شارائىتنى تولۇق ھازىرلاپ بەردى. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئوغلى ‹‹شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى›› ( شىنجاڭ سىفەن داشۆ) نىڭ تارىخ كەسپىدە بەش يىل ئوقۇش شەرىپىگە ئېرىشتى. ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتىدۇ-ھە!.. مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنىڭ بەش يىللىق ئوقۇشى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتۈپ، ناھىيىلىك 2- تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچى بولغىنىغىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى.
مانا، ئارزۇ- ئارمىنى  چېچەك ئېچىپ، ۋۇجۇدىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىرخىل ئىللىق ھاياجان قاپلىغان بۇ مېھرىبان ئانىغا ‹‹قايغۇ بىلەن شادلىق قوشكېزەك ›› دېگەن راست ئوخشايدۇ، ھاياتىنىڭ 45-باھارىنى ئەمدىلا كۈتۈۋالغان  شۇ ھاياجانلىق دەقىقىلەردە كۆز تەگدى...‹‹بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى چىرىش، ئەمچەك راكى››  دېگەن رەھىمسىز كېسەل ئۇنىڭ بەختكە چۆمۈلگەن قەلبىنى ئامبۇردا قىسقاندەك ئۆز ئىسكەنجىگە ئېلىپ قىينىدى...
ھېلىمۇ كۆپ شۈكرى، پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە داۋالاش- سەھىيە ئىشلىرى  ھەقىقەتەن ئىلغارلاشقان بولغاچقا، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۆيۈنۈپ داۋالىشى نەتىجىسىدە گەرچە 250مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم كەتكەن بولسىمۇ، يېڭى ھاياتلىق ئۇنىڭغا قايتا نېسىپ بولدى. ھازىر كېلىن قىزى  قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى بەختلىك ياشىماقتا...
ئانا سەھرادا يىلتىز تارتقان ، ھاياتنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق –سوغۇقلىرىنى ، بوران- چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ گۈل ئاخىرى  پورەكلىدى.
مەن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر نەچچە رەت باردىم. ئۇنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بارغىنىمدا دېگەن مۇنۇ بىر ئېغىز سۆزى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىپ، يۈرەك-باغرىمنى لەرزىگە سالدى :
‹‹- سىڭلىم، مەن ئاشۇ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئەگەر مۇشۇ گۈلدەك ھۆنىرىم بولمىغان، بۇ كەسپىمنىڭ كۈچلۈك ئوتى مېنى ئۈمىدلەندۈرمىگەن بولسا، مەن بەلكىم ھازىرقىدەك ساقىيالىشىم بەلكىم مۇمكىن ئىدى...جېنىم تېنىمدىلا بولۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىم يار بەرسىلا  ئۆزىمۇ گۈل، قولىمۇ گۈل ، ئىشچان، تۆھپىكار ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتۈن  دۇنياغا تونۇتىدىغان بۇ ئۇلۇغ كەسپىمدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن!...››.
مانا بۇ بىر كەسپىي خادىمنىڭ يۈرەك سۆزى، كەسپىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى...ئادەمدە مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ روھ بولسىلا، مېنىڭچە دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىككە تولىدۇ.
مەن سەھرادا پورەكلىگەن بۇ گۈلنىڭ مەڭگۈ سۇلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، گۈل كەسپىگە بەرىكەت ۋە زور ئۇتۇقلارنى تىلەپ،  مۇنداق   نىدا  قىلدىم:
ئەي، سەھرا گۈلى، ئىزىڭىزدىن تۈمەنمىڭ گۈل ئۈنۈپ، مەڭگۈ خۇشپۇراق چاچقۇسى!...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-22 00:08  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-21 13:38:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ، ماس كېلىدىغان بىرەر ژۇرنالغا بەرسىڭىز بولغىدەك.
ۋاقتى: 2015-10-21 15:23:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق «شىنجاڭ گېزىتى» ياكى «شىنجاڭ ئاياللىرى »ژۇرنىلىغا ماس كەلگۈدەك ئەسەرئىكەن. قايتا بىر پىششىقلاپ ئىشلەپ مەتبۇئاتقا ئەۋەتىپ كۆرۈڭ بۈۋىنىسا.

ماقالىنىڭ باش قەھرىمانى گۈلنىساخان ئاچىمىز ھەقىقەتەن قەيسەر ئايالكەن. تىرىشچانلىق ۋە قەيسەرلىك ئايال كىشىنىڭ بىباھا بايلىقى. بۇ بايلىقلا بولىدىكەن ھامان قىممەتكە ئېگە بولىدۇ...
ۋاقتى: 2015-10-21 21:09:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئەدەبىي ئاخبارات قىلىپ ئىشلەپ،تېگىشلىك ئۇرۇنغا يوللىسا بولار ئىكەنغۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-21 21:24:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش