كۆرۈش: 271|ئىنكاس: 2

ئۆمەرجان: ‹‹قاراقاشى›› تەخەللۇسلۇق كلاسسىك ئەدىبلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-20 12:43:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تورغا ‹‹‹قاراقاشى›تەخەللۇسلۇق ئالتە كلاسسىك ئەدىب›› ناملىق ماقالەمنى چىقارغاندىن كېيىن، تورداشلار ماڭا ئىنتايىن قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەردى. مەن بۇ پىكىرلەرگە ئاساسەن قايتا-قايتا ئىزدىنىپ، تولۇقلاشقا تىرىشتىم. شۇنداقلا بەزى جاي ناملىرى ھەمدە ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ توغۇلغان، ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىلىق زۈرۈر ئىزاھاتلارنى يازدىم.  ماۋزۇسىنى ‹‹قاراقاشى›› تەخەللۇسلۇق كلاسسىك ئەدىبلەر›› دەپ ئۆزگەرتتىم.بۇ تېما داۋاملىق ئىزدىنىشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم تېما بولۇپ قېلىشقا ئىشەنچىم كامىل.


‹‹قاراقاشى›› تەخەللۇسلۇق كلاسسىك ئەدىبلەر

ئۆمەرجان روزىھېيت

قاراقاش- تارىختىن بېرى كۆپلىگەن مول-ھۇسۇللۇق، ئىستىداتلىق ئەدىبلەرنى تەۋەللۇت قىلغان قەدىمكى مەدەنىيەت ئۇچاقلىرىنىڭ بېرى بولۇپ، بۇ كلاسسىك ئەدىبلەر ھەر بىر قەلىمىدە يۇرتى قاراقاشنى پاساھەتلىك تىللار بىلەن تەسۋىرلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ھەتتا بىر قىسىم ئەدىبلەر ئۆزىنىڭ قاراقاشلىق ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ ھەم پەخىرلىنىپ ئۆزىگە ‹‹قاراقاشى›› دەپ  تەخەللۇس قويدى. ئۇلارنىڭ بۇ ۋەتەنپەرۋەلىك، يۇرتنى سۆيۈش روھى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. تۈۋەندە ‹‹قاراقاشى›› تەخەللۇسلۇق كلاسسىك ئەدىبلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
1)        سەدىرىدىن قاراقاشى:17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراقاشنىڭ بۇدۇشۇق كەنتىگە ①قاراشلىق مۇغاللا مەھەللىسىدە ياشاپ، ئۆمرىنى ھەر قايسى پەنلەر بۇيىچە ئىلمىي ئىجتىھات ۋە ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالىم مەۋلانە سەدىرىدىن قاراقاشى ئۆز دەۋرىنىڭ يىتۈك مۇدەررىسلىرىدىن بولۇپ، كەڭرى نەزەر دائىرىسى، ئەل قايىل دىنى ئەخلاقىي تەلىماتلىرى بىلەن شۆھرەت تاپقانىدى. ئالىمنىڭ يەنە جاي- جايلاردىن ئىلىم تەلەپ قىلىپ كەلگەن شاگىرت- تالىپلىرى بولۇپ، بۇ ھال ئالىمنى ئەل ئىچىدە ‹‹مەۋلانە›› دېگەن ھۆرمەتلىك ئۈنۋانغا مۇشەررەپ قىلدى. بۇ ئالىم دىنى ئىلىمدە كامالەتكە يىتىپلا قالماستىن، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە يەر تەۋرەش ئىلمى ھەققىدە ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەردىن بىزگىچە يىتىپ كەلگىنى كۈن، ئاي، پەسىل، يەر تەۋرەش قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئومۇمىي ساۋاتلار ۋە پالچىلىققا ئائىت بەزى چۈشەنچىلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغان 126 بەتلىك ‹‹نورۇزنامە›› ناملىق قوليازمىدىن ئىبارەت.
2)        مۇھەممەت ئېۋەز قاراقاشى:شائىر، تارىخچى، ئاسترونوم ۋە ماتىماتىك مۇھەممەت ئېۋەز قاراقاشى تەخمىنەن 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراقاشنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىكى موغاللا كەنتىدە② تونۇلغان ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەت ئېۋەز ئىبىن مەۋلانە سەدىردىن قاراقاشى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئۆز دەۋرىنىڭ تونۇلغان مۇدەررىسلىرىدىن ئىدى. ئۇ كىشى ئاۋام ئىچىدە ‹‹مەۋلانە›› دېگەن پەخرىي نام بىلەن ئاتالغان ۋە ئۆزىگە ‹‹قاراقاشى›› دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان. مۇھەممەت ئېۋەزمۇ دادىسىنىڭ نىسبىگە ۋارسلىق قىلىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنى ‹‹مۇھەممەت ئېۋەز قاراقاشى››يەنى ‹‹قاراقاشلىق مۇھەممەت ئېۋەز›› دېگەن نام بىلەن يازغان.
مۇھەممەت ئېۋەزنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئىككى چوڭ ئەسىرى بار، ئۇنىڭ بېرى ‹‹مەخدۇم ئەزەم›› ناملىق كىتاب بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تارىخ ساھەسىدىكى مۇھىم ئەسىرىدۇر. بۇ ئەسەردە 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن زور ئىجتىمائىي، سىياسىي، تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي شەخسلەر توغرىسىدا مەلۇمات بىرىلگەن. شىنجاڭ تارىخىدىكى خۇجىلار ھەرىكىتى، ‹‹ئاق تاغلىق››، ‹‹قارا تاغلىق››لار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ‹‹مەخدۇم ئەزەم››ناملىق كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ 17-18-ئەسىرلىرىنى يۇرۇتۇپ بىرىشتە ۋە ئۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيەسىنى، پەلسەپە ئاساسلىرىنى تەتقىق قىلىشتا نوپۇزلۇق مەنبە ھېسابلىنىدۇ.
مۇھەممەت ئېۋەزنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەسىرى ‹‹مەجمۇئەتۇل ئەھكام›› (‹‹ھۆكۈملەر يىغىندىسى›› دېگەن مەنىدە) ناملىق ئەسەردۇر. ‹‹مەجمۇئەتۇل ئەھكام›› 14 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، خرونولوگىيە ۋە پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابنىڭ ئاخىرىدا مۇئەللىپ ئۆزى بىلەن زامانداش بولغان ۋە ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن بەزى ئالىملارنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى توغرىسىدىمۇ بەزى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. مۇئەلىپنىڭ ئەينى زامانغا خاس بەزى خۇراپىي كۆز قاراشلىرى ۋە دىنىي-سىخۇلاستىك نوقتىنەزەرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇھەممەت ئېۋەزنى 18-ئەسىرنىڭ ئېنسىكلوپېدىيىلىك ئالىمى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە توققۇز پىلانېت، يەر شەكلى، يۇلتۇزلار ھەرىكىتى، كالېندار تۈزۈش توغرىسىدا، گېئومېتىرىيە، ئالگېبرا توغرىسىدا، جوغراپىيە ۋە تارىخنى دەۋرلەرگە بۆلۈش توغرىسىدا، شۇنىڭدەك ئىنسان ئورگانىزىمدىكى پىسخىك ھالەتلەر توغرىسىدا ھازىرقى زامان ئىلمىي قائىدىلىرىگە خېلىلا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا كۆز قاراشلارنى بايان قىلغان. ‹‹مەجمۇئەتۇل ئەھكام›› 18-ئەسىر شارائىتىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، تەبىئىي پەن ھەققىدە دادىل پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ئىلغار كىتابتۇر. مۇھەممەت ئېۋەز قاراقاشى ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق تەبىئەتنى بىلىش جەھەتتە ئىسلام ئەقىدىلىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ ئۆتكەن. ‹‹مەجمۇئەتۇل ئەھكام›› ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنغان ئىلمىي كۆز قاراشلار مۇئەللىبنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىدىن خېلى ياخشى خەۋەردار ئىكەنلىكىدىن، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەرەب ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى ئەسەرلىرىنى پىششىق تەتقىق قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.‹‹يېڭى قاشتېشى›› ژۇرنىلىنىڭ 1980-يىلى `1-سانىدا ئەدىب بارات ئىمىننىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن مۇھەممەت ئېۋەز قاراقاشىنىڭ يەنە مەشھۇر خەتتات سۈپۈرگە موللام (1964-يىلى ۋاپات بولغان) كۆچۈرۈپ ساقلىغان ‹‹قۇچ›› (سەككىز كوبلېت)، ‹‹كاج پەلەك›› (بەش كوبلېت) ناملىق ئىككى پارچە مۇخەممىسى ۋە 33بېيتلىق تۆت پارچە غەزىلى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇلغان.
مۇھەممەت ئېۋەز قاراقاشى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەشھۇر تارىخىي شەخسلىرى قاتارىدا ‹‹بۈيۈك جۇڭگو قامۇسى›› غا كىرگۈزۈلگەن.
       تەتقىقاتچى مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىقنىڭ ‹‹قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرىسى›› دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ‹‹قاراقاشتا ئۆتكەن كلاسسىك ئەدىبلەر›› ناملىق ماقالىسىدا، ‹‹ سەدىرىدىن قاراقاشى بىلەن مۇھەممەت ئېۋەز قاراقاشى ئاتا-بالا بولۇپ، 17-18-ئەسىرلەر ئارىلىقىدا قاراقاشنىڭ ھازىرقى ماڭلاي يېزىسى تەۋەسىدىكى مۇغاللا كەنتىدە ياشاپ، ئۆمرىنى ھەر قايسى پەنلەر بۇيىچە ئىلمىي ئىجتىھات ۋە ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن›› دەيدۇ ھەمدە ‹‹مەۋلانە سەدرىدىن قاراقاشى ئىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان ھەم ئۆزىمۇ ئۆمرىنى ئىلمىي مەشغۇلات بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۆلىما بولغىنى ئۈچۈن، ئوغلى مۇھەممەت ئېۋەزنى تەربىيەلەشكىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۆز ئوغلىنى دىنىي ۋە پەننىي ئىلىمنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بۇيىچە كەڭرى بىلىمگە ئىگە قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بۇ مۇبارەك زات مۇھەممەت ئېۋەزنى ئۆزى بىۋاستە تەربىيەسىگە ئېلىپ، دىنى ئىسلامنىڭ مۇقەددەس ئەھكاملىرىدىن تارتىپ، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي ھېساب، ئىلمىي نۇجۇم، ‹‹يەتتە ئىقلىم، توققۇز ئەفلاك...››لارغىچە كۆيۈنۈپ پەرۋىش-تەربىيە قىلىشى نەتىجىسىدە ئۆزى ئۆگەنگەن ئىلىملەر بۇيىچە زېھنى ئۆتكۈر ئالىم بولۇپ يېتىلگەن مۇھەممەت ئېۋەز ئاتىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، ئاتا تەلىمىگە جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن، ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئىلمىي مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانغان ››دەپ يازىدۇ.
       بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ھايات پائالىيىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، زامان، ماكان جەھەتتە ئوخشاشلىق بار بولۇپلا قالماي، ئىجادىي پائالىيىتىدىمۇ ئوخشاشلىق بار. شۇڭا تەتقىقاتچى مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىقنىڭ بۇ ئىككى ئالىمنى ‹‹ئاتا-بالا›› دېگەن ھۆكۈمىگە تامامەم قوشۇلۇشقا ھەقلىقمىز.
3)ئەھمەدشاھ قاراقاشى:18—19-ئەسىرلەر ئارىلىقىدا ياشاپ، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئىجاد قىلىپ، كۆپلىگەن ساتېرىك ئەسەرلىرى بىلەن ساتېرا ژانىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تېما كەڭلىكى ۋە ژانىر كۆپ خىللىقى جەھەتتىن يېڭى بىر يۈزلىنىشكە ئىگە قىلغان نامدار ساتېرىك شائىر، ھۆرمەتلىك ئەدىب ئەھمەدشاھ قاراقاشى ئېتىبارلىق ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن شۆھرەتلەنگەن نامايەندىلەرنىڭ بىرى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەھمەدشاھ قاراقاشى مىلادىيە 1740- يىلللىرى ئەتراپىدا③ قاراقاشنىڭ قاپاقلا كەنتى④ ھالايلى مەھەللىسىدە مۇبارەكشاھ ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر مۇدەررىس ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. شائىرنىڭ ئاتىسىنىڭ كۆپلىگەن شاگىرتلىرى بولۇپ، ئۇلار مۇبارەكشاھتىن دىنى ئىلىم ئۆگەنگەندىن باشقا، ئەدەبىيات، تارىخ، ئىلمىي نۇجۇم پەنلىرىنىمۇ ئۆگىنىدىكەن. شائىر بالىلىق چاغلىرىنى ئاتىسىنىڭ ئەنە شۇنداق ئەۋزەل شارائىتىدا بېرىلىپ ئۆگىنىش، ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن. ئۇ 18ياشقا كىرگەندە، ئاتىسىنىڭ تاپشۇرىقى بۇيىچە قەشقەرگە بېرىپ، ئەينى زاماندىكى داڭلىق مەرىپەت ئۇچاقلىرىنىڭ بېرى بولغان ‹‹خانلىق مەدرىسە›› گە ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1764-يىللىرى ئوقۇشنى تۈگىتىپ، قاراقاش بازار ئىچىدىكى گۈزەر مەسچىتتە ئىماملىق قىلغاندىن باشقا ۋاقىتلىرىدا تېۋىپچىلىق قىلغاچ، نەزمىي ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. شائىرنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھازىر بىزگىچە ‹‹سالامنامە›› (‹‹نەزەر مۇپتىغا خەت›› ياكى ‹‹يامان ئات توغرىسىدا››، ‹‹ئات قىسسەسى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ‹‹مېۋىلەر مۇنازىرىسى››، ‹‹پۇلنىڭ نەزمىسى››، ‹‹شاھى سۇلتان پولو››، ‹‹دوڭغاق››، ‹‹ياپىلاق››، ‹‹قىچىشقاق›› قاتارلىق ساتىرالىرى يىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ساتىرالار ئەلنەغمىچىلەر تەرىپىدىن ئاھاڭغا سېلىنىپ ئېيتىلىپ كەلمەكتە. ‹‹سالامنامە›› نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئات ھەققىدىكى مۇخەممەسنى شائىر 47يېشىدا يازغان بولۇپ، بۇ مۇخەممەسنىڭ سەككىز خىل نۇسخىسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ مۇخەممەس تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ھەجۋىيلىك پۇرىقى ۋە قامچىلاش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن مەشھۇردۇر.
ئەھمەدشاھ قاراقاشى ئۆمرىنى ئوقۇتۇش، شەرىئەت ئىشلىرى، تىبابەتچىلىك ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ، مىلادىيە 1828-يىلى 88يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
4)مۇھەممەت تۆمۈر قاراقاشى: مەۋلانە مۇھەممەت تۆمۈر قاراقاشى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن تارىخچى ۋە شائىر. ئۇ قاراقاشتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ئۆمرىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، ئىلمىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن ھىجرىيەنىڭ 1234-يىلى قاراقاشتا يېزىلغان ‹‹تەزكىرەتۇلرىشات›› ناملىق ئەسىرى بىزگە قەدەر يىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭدا تۇغلۇق تۈمۈرخان ۋە مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادىدىن تارالغان خۇجىلارنىڭ نەسەبنامىسى (شەجەرىسى) ھەم ئۇلارنىڭ ۋەقەلىرى سۆزلىنىدۇ. ‹‹تەزكىرەتۇلرىشات››قا كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم شېئىرلارنى ئوقۇپ كۆرسەك، مۇھەممەت تۆمۈر قاراقاشىنىڭ يالغۇز تارىخچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك، ئادالەتپەرۋەر ھەم مەرىپەتپەرۋەر شائىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
5)شاھ مۇھەممەد خۇجا نىزامىدىن قاراقاشى:18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراقاشتا ياشاپ، ئۆمرىنى تەرجىمە ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن مەشھۇر ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىر شاھمۇھەممەد ئىبنى خوجا نىزامىدىن قاراقاشىدۇر. ئۇ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر ‹‹شاھنامە›نى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە ۋە پاساھەتلىك تىلدا ئىلمىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلغانلىقى مەشھۇردۇر. ‹‹شاھنامە›› 60مىڭ مېسرادىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىملىك داستان بولۇپ، ئۇنى مۇئەللىب ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى مىلادى 977-يىللار ئەتراپىدا پارس تىلىدا يېزىپ چىققان. بۇ داستان ھىجرىيە 1253-يىلى (مىلادى 1837-يىلى) خوجا نىزامىدىن تەرىپىدىن تۈركىي تىلىدا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن ‹‹ئەسلىدىكى پارس تىلى بىلەن بىزەلگەن داستانلىق لىباسىدىن چىقىرىلىپ، ئۇيغۇر تىلى (تۈرك تىلى) بىلەن تىكىلگەن نەسىرىيلىك تونى كىيدۈرۈلگەن...شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەرجىمىنى يېرىم ئىجادىيەت دېيىشكە بولىدۇ.››
شاھ مۇھەممەد خۇجا نىزامىدىن قاراقاشى تەرجىمە قىلغان ‹‹تۈركىي شاھنامە››نىڭ قوليازما نۇسخىلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ھەم خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەدىبنىڭ تەرجىمىسىدىكى ئۆزىگە خاس تىل ئالاھىدىلىكى ۋە بەدىئىي سۈپەتلەردىن ئۇنىڭ يىتىلگەن تىل ئۇستىسى، ئىقتىدارلىق ئەدىب ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
6)مۇھەممەد قاسىم قاراقاشى(ھەسرىتى): شائىر مۇھەممەد قاسىم قاراقاشى(ھەسرىتى) ھىجرىيىنىڭ 1325-يىلى (مىلادىيە 1907-يىلى) قاراقاشنىڭ قاياش كەنتىدىكى⑤ مۇھەممەتسىدىق ئاخۇنۇم ئىسىملىك مۇدەررىسنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىدىن دىننىي ئېلىمگە ئائىت ‹‹فەرىز ئەيىن (قىرىق پەرىز)›› دېگەن كىتابى؛ ئۆزىنىڭ مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىقىغا قارىتا قايغۇرۇشلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ‹‹تەرىقۇن-نەجات (نىجات يولى)›› دېگەن كىتابى بار. ئۇنىڭ بۇ كىتابى شېئىرىيەت ۋە تارىخ جەھەتتىكى ئەمەلىي قىممىتى، شۇنداقلا كۈچلۈك پەندى-نەسىھەت خاراكتىرىگە ئىگە بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يادىكارلىقلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
7)موللا سالىھ قاراقاشى: شائىر موللا سالىھ قاراقاشى 1742-يىلى قاراقاش تاخسا كەنتىدە ⑥دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.1855-يىلى موللا ئىمىن ۋە موللا ياقۇپ ئىسىملىك خەتتاتلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك بىر قوليازمىغا موللا ھەيدەر، موللا نىياز موللا سالىھ قاتارلىق ئۈچ نەپەر شائىرنىڭ ئىپىك داستانلىرى ۋە بىرقىسىم لېرىك شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ يېگانە قوليزمىدىكى موللا سالىھنىڭ غەزەل، مەسنەۋى، مۇرەببە، مۇخەممەس، مۇستەھزاد ۋە كىچىك تىپتىكى شېئىرلىرى 3مىڭ 500مېسراغا يېتىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ يارقىن، تاتلىق شېئىرلىرىدا، ئەزىز دوستلىرىنى، سۆيۈملۈك يۇرتىنى تىلغا ئالغان. يەنى:
ئەلچى يۇرتبان قاراقاش بىلەن شەھەر،
بارچە قاراقاش ئەھلىغە ئول كۈنى يەتتى خەۋەر.
ئۇ يەنە ‹‹دوستلار بايانى›› سەرلەۋھىيلىك شېئىرىدا:
بىر كۈنى ئىزدەپ سوراپ كەلدى ئۇلار تاخسارىغە،
بىر قونۇپ ئېلىتىپ مېنى باردى ئېلىپ ئۆز سارىغە.
دەپ يازىدۇ.
موللا سالىھ قاراقاشى شېئىرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى جەھەتتىكى ئالاھىدىلكى شۇكى، ئاپتۇر ئكز يۇرتىدا ۋە ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە، ھادىسىلەرنى ئۆزىنىڭ لېرىك شېئىرلىدا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەينى زامان رېياللىقىغا بولغان ئىدىيەۋىي ھېسسىياتى ۋە باھاسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى رېيالىستىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان. مەسىلەن، شائىرنىڭ مۇھەببەت تۇيغۇلىرى ۋە جۇدالىق ئازابلىرى ئىپادىلەنگەن شېئىرلىرىدا كۈپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە بېغىشلانغان. ‹‹موللا سالىھنىڭ چېچەكنى ھەجۋىي قىلغان›› سەرلەۋھىيلىك مۇخەممىسىدە شائىر ئۆز يۇرتىدا يۈز بەرگەن چېچەك ۋاباسى سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ مىسلىسىز كۆپ قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى، چېچەك ئەجدىھاسى بالىلارنىڭ ‹‹يۈزدىن بېرىنى قويۇپ، قالدىسىنى ئېلىپمۇ تويمىغان›› لىقىنى، يۇرتىغا يىغا-زارە، ئاھ-پەرياد، ماتەم ئېلىپ كەلگەنلىكىدەك ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىگەن. موللا سالىھ قاراقاشى شېئىرلىرىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك، ئەينى دەۋر ئىجتىمائىي شارائىتىنى، جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى مۇھىم تەپسىلاتلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى، شېئىرىي پىكىرىنىڭ رۇشەنلىكى، بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلگەنلىكى بىلەن مۇھىم بەدىئىي قىممەتكە ئىگە.
ئىزاھاتلار:
①ھازىرقى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزىسدىكى بۇدۇشۇغ كەنتىنى كۆرسىتىدۇ.
②‹‹ بۇدۇشۇغ كەنتە مۇغاللا مەھەللىسى›› دىيىلسە توغرا بولىدۇ. ئۇ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىكى بۇدۇشۇغ كەنتىنى كۆرسىتىدۇ.
③ ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ توغۇلغان ۋاقتى توغرىلىق ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ئابدۇللا سۇلايمان تۈزگەن: ‹‹دۇنيادا بىرلا خوتەن بار (ئەدەبىيات- سەنئەت قىسمى)، 5-توم›› ؛ مەمىتىمىن قۇربان، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن: ‹‹قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرىسى›› ؛ مەمىتىمىن قۇربان تۈزگەن (خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى، قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى تۈزۈپ باستۇرغان) : ‹‹قاراقاشنى چۈشىنەيلى›› ؛ ئىمىنجان ئەھمىدى قاتارلىقلار تۈزگەن: ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى››(3) ، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن: ‹‹ساتېرىك شائىر ئەھمەدشاھ قاراقاشى›› قاتارلىق كىتابلاردا ئوخشاشلا ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ توغۇلغان ۋاقتى ‹‹ مىلادىيە 1740-يىللىرى ئەتراپىدا›› دەپ يېزىلغان. ئابدۇسالام ئابباس باش تۈزگۈچىلىكىدىكى ‹‹ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە لۇغەت››، (مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 6-ئاي نەشىرى) ناملىق كىتاپنىڭ 1358- بېتىدە ئەھمەدشاھ قاراقاشىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى‹‹1740 ~1750-يىللىرى ››  دەپ يېزىلغان. لېكىن، يۇقارقى كىتابلارنىڭ ھەممىسدە شائىرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى ئوخشاشلا ‹‹ 1828-يىلى›› دەپ يېزىلغان.
④قاراقاش بازىرىنىڭ قاپاقلا كەنتىنى كۆرسىتىدۇ.
⑤ھازىرقى قاراقاش ناھىيەسنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىكى قاياش كەنتىنى كۆرسىتىدۇ.
⑥ھازىرقى قاراقاش ناھىيەسنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىكى تاخسا كەنتىنى كۆرسىتىدۇ.

        پايدىلانغان مەنبەلەر:
1)        ئابدۇللا سۇلايمان: ‹‹دۇنيادا بىرلا خوتەن بار (ئەدەبىيات- سەنئەت قىسمى)، 5-توم››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 8- ئاي نەشىرى.
2)مەمىتىمىن قۇربان، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن:‹‹قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرىسى››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 1-ئاي نەشىرى.
3)ئىمىنجان ئەھمىدى قاتارلىقلار تۈزگەن: ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى››(3)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىل 4-ئاي نەشىرى.
4)غۇلام ئەبەيدۇللا:‹‹ئۇيغۇر كۈلكە چولپانلىرى (1)››، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2000-يىل 8-ئاي نەشىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-20 18:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-21 11:31:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا سېنى كۆرمگىلى 20يڭلدڭن ئوشۇق ۋھقىت بولۇپتۇ ساۋاقتىشىم ئۆمەرجان رۇزاھېيىت ......ئەسرڭنى كۆرۈپ سېنڭ ئەھمىيەتلىك ياشاۋاتكانلىكەنڭ بىلدۇم .........چچ نومۇرڭنى  يوللاپ قوي ......بۇگۈن زادى خەت ئۇرغىلى بولماۋاتىدۇ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-21 21:23:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ساۋاقدىشىم، سەن زادى قايسى ساۋاقدىشىم بولۇرسەن؟
1181645803

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش