كۆرۈش: 767|ئىنكاس: 0

خۇدابەردى ئابىخان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-20 11:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   5  1 副本.JPG

    خۇدابەردى ئابىخان 1956-يىلى قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىنىڭ  تازغۇن يېزىسىدا بىر ھۆنەرۋەن ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن .1973 -يېلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتكۇزۇپ 77-يىلى تازغۇن يېزلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. 1982-يىدىن1984-يىلغىچە يەكەن دارىلمۇئەللىمىندە ئۇقۇغان. ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ كىلىپ يەنىلا شۇ تازغۇن يېزىلىق ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن. 1988-يىلى يېزلىق مائارىپ ئىشخانىسقا مائارىپ كادىرى قىلپ يۇتكەپ چىقىلغان. 1988-يىلى ئالى مائارىپ  بۇيچە ئۆزلىگىدىن ئۇگەنگۇچىلەردىن ئىېلىنغان ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ، ئۇيغۇر تىل- ئەدىبىياتى مەخسۇس كۇرۇسنى ، 1993-يىلى تولۇق كۇرۇسنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،شىنجاڭ داشۆسىنىڭ لاياقەتلىك ئوقۇش پۇتۇرۇش گۇۋانامىسقا ئىرىشكەن. 2000يېلى 7- ئايدا ناھىيلىك سەنئەت ئۆمىكنىڭ كەسپى يازغۇچىلقىغا يۆتكەپ  كىلىنگەن.2006يىلى  ۋەزىپە بىلەن ناھيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا يۆتكەپ كىلىنگەن.
    خۇدابەردى ئابىخاننىڭ ئەدىبى ھاياتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلانغان بولسىمۇ،لىكىن ھەقىقى ئەدىبى ھاياتىنى 1987-يىلى« قەشقەر گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان«بور بىلەن دوسكا»ناملىق شېئىرى مەسەل بىلەن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن خېلى بىر قىسىم ياخشى شېئىرلارنى ئىلان قىلىپ شېئىريەت ساھاسىدە كۆزگە كورلىۋاتقان بولسىمۇ كىيىنچە ئىجادىيەت مەۋقەسىنى پىرۇزا ئىجادىيتى بىلەن تەتقىقاتقا قارتىپ،ئارقا -ئارقىدىن رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق گېزىت-ژورناللاردا«يەڭگۇش خوتون»«يورۇپ تۇرغان دەرىزە» «تەۋەرۇك» «ئۇلپەت» «دىسەكچى» ھورۇننىڭ تىلكى»«ئاھ ،دەريا ئانا»«قامۇس» «يۇمىلاق تاۋۇز»قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،پوۋۇستلارنى،«ئەدىبىياتتىكى چىنلىقنى قانداق چۇشنىش كىرەك»»«مىكرۇ ھىكايە ئىجادىيتى ھەققىدە بەزى-بىر قاراشلىرىم،»«بۇگۇننىڭ دەردىنى ئېيتايمۇ ئەتە ئۇچۇن يېغلايمۇ» «مەدەنىيەت بازىردىكى ئەخلەتلەر »« ئىتۇت ھەققىدە ئۇيلىغانلىرىم» «ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ھەققىدە»»«ئەدىبى تەنقىتچىلكىمىزدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىستا» «تىلۋىزىيە تىياتىر ئىجادىيىتى ھەققىدە»«تىلۋىزىيە سەنئىتىمىزگە بىر نەزەر»«مۇھەببەتمۇ ياكى سەدىقىمۇ» «تىلمىزدىكى ئېغىش ۋە ئۇنى تۇزتىش توغرىستا»«ۋەقە بايانىدىن چىقىش»«رۇماننى مۇنداق يازسىمۇ بولدىكەن»«ئەپلاتۇننىڭ گۇرجىكىدىكى يېڭلىق نەدە؟»«ئىككى خىل چىنلىق چۇشەنجىسى توغرىسىدا»قاتارلىق ئوبزۇر، ئەدىبى ئوبزۇر ۋە بىر قىسىم تەتقىقات خاراكتىردىكى ئىلمى ماقاللارنى يېزىپ ئىلان قىلىپ،ئەدىبياتىمىز ۋە ئەدىبى ئىجادىيەت ئىشلىرمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۇچۇن تىگىشلىك تۆھپسىنى قۇشۇپ كىلۋاتدۇ. 1993-يىلى تەڭرىتاغ ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان ئەدىبى ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا «مىھراپتىكى ماجرا» ناملىق ھىكايسى 1-دەرجلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا،«قەشقەر ئەدىبىياتى»نىڭ 1994-يىللىق  3-سانىدا ئىلان قىىنغان«ئەدىبىياتتىكى چىنلىقنى قانداق چۇشنىش كىرەك» ماۋزۇلۇق ماقالسى شۇ يىللىق ماقالە مۇسابىقىستە 2-دەرجىلىك مۇكاپاتىقا،«شىنجاڭ گېزىتى »نىڭ 1996-يىللىق8- ئاينىڭ 24-كۇندىكى ساندا ئىلان قىلىنغان «قامۇس» ناملىق ھىكايسى شۇ يىللىق گېزىت ئەدىبى بەتلىرىدىكى ئەدەبى ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرجىلىك ھىكايە ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا،«تارىم» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق7-سانىدا ئىلان قىلىنغان«ئاھ دەريا ئانا» ناملىق پۇۋۇستى4-قىتىملىق تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ۋە شۇيىللىق (10 قىتىملىق)«خانتەڭرى ئەدىبىيات مۇكاپاتى» غا،2004- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويچە ئۆتكۇزۇلگەن كەسپى سەنئەت ئۆمەكلىرنىڭ ئىتۇت مۇسابىقىسدە،قەشقەر ۋىلايىتىگە ۋاكالىتەن قاتناشتۇرۇلغان،ئۇ يازغان ۋە رىجىسۇرلۇق قىلغان،«ھۇرۇننىڭ چۇشى» ناملىق ئىتۇت مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، 2011-يىلى بىيجڭدە ئۆتكۇزۇلگەن «جۇڭگۇ ئۇيغۇر مەدەنىيتى ،تارىخ تەتقىقاتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى» دا «شەيىخلار ۋە ئۇلارنىڭ تىلى توغرىسدا»ناملىق ئىلمى ماقالسى،3- دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىىشكەن.2006- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن تەرپىدىن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام»نى  «دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۇزۇشكە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە تۆھپە كۆرسەتكەن مۇتخەسسسىلەر نىڭ بىر بولۇپ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 2005 يىلى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرنى تەكشۇرۇپ، تەتقىق قىلىش، قېزىش ۋە «ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ تۇزلىشى ئۇچۇن قەشقەر رايۇنىدا ئوينىلۋاتقان مەشرەپلەرنى يېزىپ بىرىش ۋەزىپىسنى ئۇستۇگە ئېلىپ، بۇ خىزمەتنى يۇقىرى سەۋيىدە تاماملاپ، كىتاپ تۇزگۇچىلەرنىڭ يۇقرى باھاسىغا ئىرىشكەن.ئوننەچچە پارچە ئەسىرى  مەرگىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستاسىسى،ئۇرۇمچى خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى تەرپىدىن ئاڭلىتىلغان.ئۇنىدىن باشقا ناھيىلىك سەنئەت ئۆمگىنىڭ ئىجادىيەت ۋەزىپىسنى ئۇستۇگە ئالغاندىن بۇيان،50پارچىدىن ئارتۇق دىرامما، تىياتىر،كۆلدۇرگە، ئىتۇت،60 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تىكىستى،لەپەر ئېيتىشىش يېزىپ سەنىلەشتۇرۇپ،تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشكەن.« دەريا ئانا » ناملىق پوۋۇسىتلار توپلۇمى «ئاتا ئارزۇسى» ناملىق ھىكايىلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان. «قاچقۇن »ناملىق ئۇچ قىسىملىق رۇمانى مىللەتلەر نەشىرياتىدا قىلنىشنى كۇتۇپ تۇرۇپتۇ. «ئەدىبىياتىىكى بوزلۇقلار» ناملىق ئەدىبى ئوبزۇرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىغا سۇنۇلدى.
    ئۇ،ھازىر جۇڭگۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتى ئىلمى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.شىنجاڭ يازغۇچىلا رجەمئىيتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.


         

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش