شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىلولوگىيە ئىنسىتىتۇتىدا «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى» ئۆتكۈزۈلدى
8 w) O6 H5 b( \
7 V3 r( q2 Q7 N ~/ M. Y& Y
8 V& G, \6 _7 a9 b' Hشىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈركۈملىگەن ياراملىق كىشىلەرنى تەربىيلەپ يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىدىئولوگيەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئىنىستىتۇتتىكى بۇ خىل گۈللىنىشنى مەكتەپتە دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان مۇنازىرە پائالىيەتلىرى، لىكسىيە ۋە تۈرلۈك كۇرژۇكلاردىن ۋە مۇشۇ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان پىداكار باغۋەنلەرنىڭ ئەجىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
7 v/ q0 O. I" f; g
يېقىندا مەكتىپىمىزنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا يەنە ئاسپىرانىتلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «ئاسپىرانتلار مۇنبىرى»دىن ئىبارەت بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت پىروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم مۇئەللىمنىڭ تەشەببۇسى، ئىنىستىتۇت رەھبەرلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر موللەك قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇتقا چىقتى.
7 O0 R: g7 l! C! h! L- F0 v G
«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى» دىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە ئىلىم سورۇنى مەكتىپىمىزنىڭ فىلولوگيە ئىنىستىتۇتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاسپىرانىتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئايدا بىر سان ئۆتكۈزلدىغان بولۇپ، 20گە يېقىن ئاسپىرانىت يېتەكچىسى نۆۋەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجلىىرىنى ئاسپىرانىتلارغا تۇنۇشتۇرۇپ، ئۆز تەتقىقاتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى يۇقىرى كۆتىرىش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىزىقىش ۋە تۇنۇشىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئايدا بىر سان كىتاب ئوقۇش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە كىشلىك ھاياتىغا نىسبەتەن مەلۇم ئەھمىيەتكەت ۋە نەزەرىيۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە كىتابلار ئوقۇپ كېلىشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈچتىن تۆتكىچە نامزات تاللىنىپ ئۆز تەسىراتنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. تەسىرات سۆزلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، تىل-ئەدەبىيات، فولىكلور ۋە تارىخىمىزغا ئائىت سوئاللار ئوتتورىغا قويۇلىدۇ ۋە جاۋاب بېرەلىگەنلەر كىتابخانىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن تۈرلۈك كىتابلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
2 G( F% [" g- X( H) r«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى» باشلانغاندىن بۇيان، ئىككى قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي دوكىلاتى ۋە بىر قېتىملىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى بولۇپ جەمئىي ئۈچ سان ئۆتكۈزۈلدى.
% @6 q6 ?% T T+ j; o2 p) A, ~
$ I$ `( S! N# x5 A" Q«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى» نىڭ 1-سانىدا:
% \3 s: z8 o# B& S" K- y5 B
+ g9 D$ V8 a- B1 { P% Vئامېرىكا ھاۋاي ئونىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «تەڭرىتاغ ئىلىمدارى» زۇلپىقار بارات ئۆزباش «ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە تەتقىقات سەنئىتى» تېمىسىدا دوكىلات بەردى. دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ دوكىلاتى سىستېمىلىق ئۆگىنىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنىڭ مۇھىم بىر قانچە تۈرى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي پەنلەردىكى تەتقىقات مىتۇدلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تەتقىقاتتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك تەرەپلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئومۇمەن، مول بولغان ئۆگىنىش، تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالدى. دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتلىرىدىكى دەلىل كەلتۈرۈش، ئىسپاتلاش، ماتىرىيال مەنبەسى تولۇق ۋە سىستېمىلىق بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنبەرگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ تەرەپلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ۋە بىلىمگە ئىگە بولىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكىلات ئاخىرىدا قاتناشقۇچىلار تەتقىقات جەھەتتە ئىلگىرى ئۆزلىرى ئۇچىرىغان ، دوكىلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەيدا بولغان مەسىلىلەر ۋە تەجىرىبە، ساۋاقلار ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى. مۇنبەرگە قاتناشقان ئىنىستىتۇت رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مۇنبەرنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنداقلا «ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى»نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۈلىدىغانلىقى بىلدۈردى.
& E, m! H# a6 i$ {9 k, S3 {. F# |1 i# C2 w' a A1 o% y
: X& |+ d, e8 u
( d3 x; x$ J3 ?) d1 Y, b8 L
, }; x2 x% s4 }
! x* c" N) z( I
& u: i; z! B, ]1 U4 q t5 y& {0 Y8 ~ \
«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى»نىڭ 2-سانىدا:
2 x4 O# H3 {+ E+ }4 @- L6 w- k0 B& _* N( L
. n. [1 h0 N( v. a- vفاكولتىتىمىزنىڭ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى، پروفسسور، ماگىستىر ئاسپىرانىتلار يېتەكچىسى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر مۇئەللىم «كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە» دېگەن تېمىدا بىر مەيدان ناھايىتى قىزىقارلىق، ئەتىراپلىق ئىلمىي دوكىلات بەردى. دوكىلاتتا غەيرەتجان مۇئەللىم دوكىلاتقا تەييارلىغان مول مەزمۇندىكى ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۇيغۇر كىلاسىسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت چىققان تۈرلۈك كىتاب-ماتېرىياللارنى پىرويىكسىيە ئاپپاراتى ئارقىلىق لىكسىيەگە كەلگەنلەرگە بىرمۇ بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئۇ ھەقتىكى ئۆزگىچە قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
" V8 A2 H% ?9 N: a% O; w+ `ئىلمىي دوكىلات بىر يېرىم سائەت ئەتىراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ، دوكلاتتىن كېيىن غەيرەتجان مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم دوكىلاتقا قاتناشقىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن چۈشكەن سوئاللارغا ناھايىتى قىزىقارلىق قىلىپ جاۋاب بېرىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
6 p$ H+ R, E: z: Q/ G4 h% |8 B
, h1 K {1 B. ` D) m8 L9 r1 g% J9 F
«ئاسپىرانىتلار مۇنبىرى» نىڭ 3-سانىدا:
8 j2 K( c4 U; v R; b7 O
" a/ l0 x! o& Z+ N% `4 v: Q* i; ?) ^' Z+ [# y+ G- ^" q3 A, s# M
فىلولوگيە ئىنىستىتۇتىنىڭ تۆھپىكار باغۋىنى، ئالىم، مۇتەپەككۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمن ۋاپاتنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش، ئۇنىڭ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىنى قايتىدىن ئەسلەپ چىقىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت» ناملىق كىتابىنى ئوقۇش ۋە ئۇ ھەقتە تەسىرات سۆزلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائاىيەتتە ئاينۇر روزى ۋە ئابدۇنىياز ئىمىن قاتارلىق ئاسپىرانىتلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ۋە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرلۈك كۆز-قاراشلىرىنىڭ بۈگۈنكى رېئال ئەھمىيتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۇ ھەقتە چۈشكەن بىر قىسىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، فولىكلورغا ئائىت سوئاللار سورىلىپ، سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىگەنلەرگە ئۈرۈمچى «ئىزچىلار كىتابخانىسى» تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن كىتابلار سوۋغا قىلىندى.
! R- M) {! e C
2 c1 Z$ S( y! @
, @) j% f; s( `& m4 d$ x6 O9 O
' o2 \* q/ D' P! |; \: M9 b; t
2 a j! y9 H! r
* p; f: d; O1 N- |
5 i9 k3 |5 w6 `/ _+ r3 x! j0 h6 y7 a5 U. C+ K$ y6 H# d
مەنبە: كىتاب ھىدى سالۇنى. ئىزدەش نومۇرى : kitab-hidi
( X2 l, v7 D6 B' B) ]% |0 Z
& J" o2 j# {* b% m* R1 y
/ q* h3 C5 H8 b: S; F2 D0 a1 f" B6 |; x4 ~4 C9 E) o
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-20 09:25 # l, }% K/ i E* L5 r
/ ]' C* j6 j3 e* w+ W